يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 12

ئۈمىدۋار(ت): يۈرىمەن يوللاردا، قولۇمدا بىر گۈل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرىمەن يوللاردا،قولۇمدا بىر گۈل

ئىلمى دىككېنسون(ئامېرىكا)   

  
جېك ھانسوننىڭ«ھەممىگە جاۋابتۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت»ناملىق كىتابىدىن مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار تەرجىمىسى

يۈرىمەن يوللاردا،قولۇمدا بىر گۈل،   
شۇ گۈلدىن ھۆسنۈمدە گۈزەللىك ئايان.   
يار مېنى كۆرمىدى بۇ قەدەر دىلبەر،   
بىر نەزەر سالسا گەر، قالىدۇ ھەيران.
  
تەمتىرەپ كەلدىم مەن قەسىر ئالدىغا،
كىردىم ھەم جىممىدە ئىشىكنى چەكمەي.   
باقساممۇ ھەممىگە، لېكىن يار چېھرى   
قىينايدۇ نىگاھىم ئالدىدىن كەتمەي.

  
我边走边拿着一支花朵  


  我边走边拿着一支花朵   
衬托我脸的美丽   
他从没看到我这种生活
也许乍一见会惊异
   
  
我时快时慢地走过门厅   
悄悄的推门进房间
我瞧着世界包容的一切
而这仅仅是他的脸   


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-15 12:36  


باھا سۆز

ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسىمىنى خاتا يېزىپ قويۇپسىز لۇغەت. ئوڭشىۋېتىڭ! ئاپتور ئىسىمى خاتا يېزىشقا قەتئىي بولمايدۇ.  ۋاقتى: 2015-5-15 12:38 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-14 01:15:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىمەن يوللاردا، قولۇمدا بىر گۈل،
شۇ گۈلدىن ھۆسنۈمدە گۈزەللىك ئايان.
كۆرمىدى ئۇ بەلكىم بۇنداق تۇرمۇشنى،
كۆرسە گەر بىر قېتىم قالىدۇ ھەيران.

گاھى تىز گاھ ئاستا ئۆتتۈم ئىشىكتىن،
ئۈن-تۈنسىز كىردىم مەن ئۆينىڭ ئىچىگە.
قارىسام ھەممىنى سىغدۇردى دۇنيا،
سىغمىغان پەقەتلا ئۇنىڭ يۈزىگە.


ئاتىكاچىلىق بولسىمۇ ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا يەنە بىر قېتىم تەرجىمە قىلىپ باقتىم. ئۈمىدىم شۇكى ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ، كەمچىلىكلەرنى تۈزەتسەك!!

ۋاقتى: 2015-5-14 10:21:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرىمەن قۇلۇمدا ئ‍ېلىپ غۇنچىنى
غۇنچىدا جاناننىڭ ھۆسنى نامايان
،...........

ۋاقتى: 2015-5-14 10:31:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ گۈلدەك ياشىدىم ،ياشىدىم گۈلدەك،
ئ‍ۇ كۆرسە بۇ ھالنى قالىدۇ ھەيران،

ۋاقتى: 2015-5-14 11:23:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە -بىر سەنئەت .ئۇ -ھىسسىياتتىكى موللۇق ، تەپەككۇردىكى ئۆتكۈرلۈك، ،تىلدىكى بايلىققا ئىنتىزار .....ئۈمۈدۋار ئىنىمنىڭ نۇرغۇن تەرجىمە ئەسىرىنى ھاياجان بىلەن كۆرىمەن.

ۋاقتى: 2015-5-14 11:45:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ايۋاندا مۇڭ بىلەن مېڭىپ بىر تالاي
چەكمەيلا ئ‍ىشىكنى خانىە كىرسەم.
كۆرۈندى ھەممىنى سىغدۇرغان دۇنيا
كۆرۈندى ئ‍اھ ئ‍ۇنىڭ سىماسىمۇ ھەم.


   تەرجىمىڭىزگە ئ‍ەگىشىپ باقتىم ،ئ‍ىشلىرىڭىزغا ئ‍ۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2015-5-15 12:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسىمىنى خاتا يېزىپ قويۇپسىز لۇغەت. ئوڭشىۋېتىڭ! ئاپتور ئىسىمى خاتا يېزىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-15 12:38  


ۋاقتى: 2015-5-16 01:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-5-15 12:37
ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسىمىنى خاتا يېزىپ قويۇپسىز لۇغەت. ئو ...

ئەسلى ئىسمى نىمە بولغىيتى بۇ كىشىنىڭ؟ ئەرچىن ئەپەندى بىلسىڭىز دەپ بەرسىڭىز، بىزلەرمۇ بىلىپ قالساق؟

ۋاقتى: 2015-5-16 11:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر. م يوللىغان ۋاقتى  2015-5-16 01:31
ئەسلى ئىسمى نىمە بولغىيتى بۇ كىشىنىڭ؟ ئەرچىن ئەپەندى  ...

ئېمىلى دېككىنسون

ۋاقتى: 2015-5-16 11:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر. م يوللىغان ۋاقتى  2015-5-16 01:31
ئەسلى ئىسمى نىمە بولغىيتى بۇ كىشىنىڭ؟ ئەرچىن ئەپەندى  ...

ئىلمى ئەمەس، ئىمىلى. يەنى، ئېمىلى دېككىنسون. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-16 11:52  


ۋاقتى: 2015-5-16 15:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-5-16 11:42
ئىلمى ئەمەس، ئىمىلى. يەنى، ئېمىلى دېككىنسون.

رەھمەت بىلىۋالدىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش