كۆرۈش: 959|ئىنكاس: 0

تۇرسۇن كېرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
QQ图片20150513115132.jpg

   تۇرسۇن كېرىم قارچۇق  1970-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى  قورغاس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان .باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ناھىيەسىدە تاماملاپ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ نېفىت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان .1990-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مايتاغ نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا تەقسىم قىلىنغان .ھازىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە .
    تۇرسۇن كېرىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1981-يىلى ‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى›دە ئېلان قىلىنغان ‹گالاستۇگۇم›ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان .ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى ›,‹تارىم  ›,« ،‹ئىلى دەرياسى›،‹شىنجاڭ ياشلىرى ›،‹مايبۇلاق›،‹مايتاغ ئەدەبىياتى› ،‹شىنجاڭ گېزىتى ›،‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ›،‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى ›،‹ئىقتىساد گېزىتى ›...قاتارلىق گېزىت -ژۇرناللاردا 9پارچە پوۋېست ،31 پارچە ھىكايە 200 پارچىغا يېقىن خەۋەر-ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .
      ‹مەڭگۈلۈك ئازاپ›،‹ئۈزۈلگەن ياپراق›قاتارلىق ھىكايە-نەسىرلىرى خەنزۇچە تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى ›ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان .‹كۆيۈشكەن قول›ناملىق ھىكايىسى 2013-يىلى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .2010-يىل ،2012-يىل ،2013-يىلى قاراماي شەھىرى مايتاغ ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹ئەخلاق-ئىجادىيەت›نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن  .‹تەشتەكتىكى گۈل ›قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ئەسىرى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .‹بوسۇغا ›،‹چوغ ›قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان .
تۇرسۇن كېرىم قارچۇق  2015-يىلى 2-ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش