ماختانچاق ھۆپۆپ
ئەخمەتجان مەمەت
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ھۆپۆپۆپ، ھۆپۆپۆپ،
مېنىڭ ھىيلەم كۆپ.
شاھدەك تاجىم بار،
ياشايمەن كۈلۈپ.
ھۆپۆپۆپ، ھۆپۆپۆپ،
يۈرمەيمەن مۈكۈپ.
ھەممىسى مەندىن،
قورقىدۇ چۈچۈپ.
ھۆپۆپۆپ، ھۆپۆپۆپ،
ئىگىز ئۇچىمەن.
ھاشارەت كۆرسەم،
دەررۇ تۇتىمەن.
جاپاكەش ئانا
قەدىريە ئەخمەت
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
بەللىرىڭ مۈكچەيدى جاپاكەش ئانا،
قۇندۇزدەك چاچلىرىڭ ئاقاردى ئانا.
بىر ئۆمۈر تەر تۆكۈپ تارتساڭمۇ جاپا،
يەنىلا بالام دەپ ھارمىدىڭ ئانا.
ھېرىپمۇ قالغانسەن جاپاكەش ئانا،
قاتارغا قوشۇلدى پەرزەتنىڭ مانا.
بىر ئۆمۈر نۇر چاچتىڭ زېرىكمەي ئانا،
ئەمدى مەن نۇر چاچاي توختىماي ئانا.
بەرگەن ئاق سۈتلىرىڭ كۇپايە ئانا،
نە قىلسام ئەرزىيدۇ ئېيتقىنە ماڭا.
خوش بولساڭ يۆتكەيمەن تاغنىمۇ ھەتتا،
جىسمىمدا كۈچۈم بار سەن بەرگەن ئانا
ئاتا
ئەكبەر قەھرىمان
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
بىلسەڭكى ئۇلۇغ،
ھەممىدىن ئاتا.
كۆرەلمەي ئۇنى،
خارلىساڭ خاتا.
ئىشلەپ ھەر كۈنى،
چوڭ قىلدى سېنى.
شۇڭا سەن دائىم،
ھۆرمەتلە ئۇنى.
ئۇ سېنى دەپلا،
جاپالار تارتتى.
ئېغىر يۈكۈڭنى،
ئۈستىگە ئارتتى.
ناھايتى چوڭقۇر،
ئاتاڭ ھىممىتى.
ھۆرمەتلە ئۇنى،
چەكسىز قىممىتى.
بىزنىڭ مەكتەپ
ئەكبەر قەھرىمان
(ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
بىزنىڭ مەكتەپ بەك گۈزەل،
باغچىغىلا ئوخشايدۇ.
خوشاللىقتا بالىلار،
سەكرەپ-تاقلاپ ئوينايدۇ.
بىزنىڭ مەكتەپ بىر باغچە،
ھەقىقەتەن چىرايلىق.
بەك ساپ بولغاچ ھاۋاسى،
ساۋاقداشلار ئەقىللىق.
بىزنىڭ مەكتەپ بىر باغچە،
كۈندە بىلىم ئالىمىز.
بىلىم ئېلىپ ھەر كۈنى،
دادىل ئالغا چامدايمىز.
بىزنىڭ مەكتەپ باللىرى،
سېخىيلىقتا بەك ئۇچۇق.
سۆزلەشلىرى دائىما،
باغلاردىكى تۇمۇچۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-12 19:16
|