نەتىجە جەدىۋىلىگە قىستۇرۇلغان خەت
تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى
ئەنگىليەدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇش پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە قەغىزىگە ھەر بىر ئادەمدە ئۆزىگىلا خاس بولغان تۇغما قابىليەت بولدىغانلىقى ، كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بۇ خىل قابىليەتنىڭ بايقاش ۋە ئۈزلۈكسىز تىرشىپ قېزىپ چىقىش داۋامىدا يەنىمۇ ۋايىغا يىتىپ،داڭلىق كىشىلەردىن بۇلۇپ چىقىش نىشانىغا يەتكىلى بولدىغانلىقى يىزىلغان بىر پارچە خەت قىستۇرۇلغان.
قەدىرلىك ⅹⅹⅹساۋاقداش:
بۇ قېتىملىق ئۇقۇش پۇتتۇرۇش نەتىجىڭىز بۇ پارچە خەتكە قىستۇرۇلدى، سىزنىڭ بۇ نەتىجىگە ئېرشىش ئۈچۈن ئەڭ يۇقرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلدۇق ۋە چەكسىز پەخىرلەندۇق.
لىكىن شۇنى بىلشىڭىز كېرەككى، بۇ نەتىجە ھەرگىزمۇ سىزنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۇرمەيدۇ.
ئىمتىھان سۇئالىنى چىقارغان تاغا -ھەدىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارنى ئۇقۇتقۇچىڭلاردەك، ئاتا-ئاناڭلاردەك ئىنچىكە چۈشنىشى ناتايىن.
ئىمتىھان- بەزى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچتىلا ئىككى خىل تىلنى سۆزلەشنى بىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان- ئۆزەڭلەر چالغان مۇزىكا ساداسىغا جۆر بۇلۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قايناق كەيپىيات يارتالايدىغانلىقىڭلارنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان- ھەمراھلىرىڭىزغا خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغانلىقىڭىزنى، باشقىلارنىڭ ئىشنىشىگە ئەرزىيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان- شېئىر يازالايدىغانلىقىڭىزنى، توپنى ناھايتى ياخشى ئوينايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان- ئىنى-سىڭىللىرىڭىزنىڭ ھالىدىن ناھايتى ئەتىراپلىق خەۋەر ئالالايدىغانلىقىڭزنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان-قانچىلىك گۈزەل جايلارغا بارغانلىقىڭىزنى، قانچىلىغان ئىسىل ھىكايە ۋە سەزگۇرەشتىلىرىڭىز بارلىقىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان-سىزنىڭ نەقەدەر ئاقكۆڭۈل، تەپەككۈرگە باي،ئىشنىشكە ئەرزىيدىغان بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان-سىزنىڭ ھەر بىر كۈندە ئۆزىڭىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشۋاتقانلىقىڭزنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ.
ئىمتىھان -پەقەت سىزنىڭ مەلۇم تەرپىڭىزنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ، ھەرگىز بارلىقىڭىزنى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئىمتىھان نۇمۇرى پەقەتلا نۇمۇردىن ئىبارەت، بىز نۇمۇرىمىزدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ،ئەمما مەڭگۇ ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، ھاياتلىقتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نۇرغۇن يوللار بىلەن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ، بىراق ئىمتىھان ھەرگىز بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس.
تۇرپان گېزىتىنىڭ 20-ئاپىرىلدىكى «ئارامگاھ»سەھپىسىدە ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-11 18:24