يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 389|ئىنكاس: 1

پاي سودىسىدىكى ئۇششاق ماھارەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پاي سودىسىدىكى ئۇششاق ماھارەتلەر


ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان

   پاي سودىسى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقت ئىچىدىلا ئاستىن-ئۈستىن قىلۋىتىدۇ. ئۇنىڭ خەتىرى زور بولغاچقا پايدىسىمۇ زور. 2006، 2007-يىللىرى دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشى زور پايدىنى كۆزلەپ پاي ۋە فوند بازىرىغا قارغۇلارچە مەبلەغ سالغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن باي ۋە فوند بازىرى زىيادە قىزىپ، ئاخىرى كۈپۈك ھالەت شەكىللەندى. ئەپسوس، 2007-يىلىنىڭ ئاخىردىكى پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى بىلەن بىر كېچىدە بېيىپ كېتىشنى ئويلىغان تالاي ئادەملەرنىڭ شېرىن خىياللىرى كۆپۈككە ئايلىنىپ، جىسمىنى تىترەك باستى. بۇ كىشىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىڭ تەستە توپلىغان ئامانەت پۇلىنى قارغۇلارچە دوغا تىككەن، ھەتتا بازىلىرى يوقۇرى ئۆسۈمدە قەرز ئېلىپ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىشنى ئويلىغان ئىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ شېرىن خىياللىرى خۇددى ئۆزلىرى كۆپۈكلەشتۈرگەن پاي بازىرىغا ئوخشاش كېلەڭسىز كۆپۈككە ئايلىنىپ، «ۋاققىدە» قىلىپ ياڭراق سادا بىلەن يېرىلدى، بۇنداق يېرىلىش پۇرسەتپەرەسلەرنىلا ئەدەبلەپ، يۈرەكلىرىنى جىغىلدىتىپلا قالماي، ئۇزۇندىن بېرى ساغلام، چىن مەقسەتلەر بىلەن پاي سودىسى قىلۋاتقان كىشىلەرنىمۇ بەلگىلىك زىيانغا ئۇچراتتى. جاھاندا مىننەتسىز، بىكارلىق نەپ بولمايدۇ، پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پاينىڭ  پايدىسى ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئەمەلىي ئىشلەپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتىن كېلىدۇ، تىرىشچان روھ ۋە ئەمگەكچان قول بولمىسا پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۆسكەن تەقدىردىمۇ ئۇ بىر قىسقا مەزگىللىك ساختا كۆرۈنۈش خالاس. پاي كۆرسەتكۈچى بىلەنلا بىيىپ كېتىدىغان ئىش بولسا ھېچكىم زاۋۇتقا، كانغا بارماي، ئىشلىمەي پۇللىرىنى پايغا سېلۋىتىپ، ئۆيىدە كومپۇتېرغا قاراپ ئولتۇرسا بولىدۇ.
شۇ يىلقى چوڭ چۈشۈش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئۈشۈتۈپ، قەلبىدە جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇردى. كۆپلىگەن ئادەم پايدىن قورقىدىغان، ئىككىنچى يېقىن يوللىمايدىغان، ئويلىمايدىغان بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى پۇل بىلەن پۇل تېپىشنى ئويلايدىكەنمىز، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان جۈرئەت ھەم بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىك ھالەت، شۇنىڭغا يارىشا جاسارەت بولىشى كېرەك. پاي كۆرسەتكۈچى چوڭ چۈشكەن نەچچە يىلدىن بېرى چىڭدىلىش، خاڭدىلىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزدى. بەئەينى سوقما سوققاندەك ئۇرۇپ-سوقۇپ، بەرداشلىق بېرەلىگەنلىرىنى قالدۇردى، بوشاڭ، پۇرسەتپەرەسلەرنى قىستاپ-شاللاپ چىقىرۋەتتى. بۇنداق پۇختىلىنىش جەريانى پاي بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق.
مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن داۋالغۇشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ پاي كۆرسەتكۈچى ئاستا-ئاستا ئۆرلىدى. ئەمدىكى ئەھۋالدا، بوران-چاپقۇنلار بىلەن تولغان بۇ بازارغا بىز يەنە مەبلەغ سالامدۇق-يوق، سالساق قانداق سالىمىز، بۇ پاي چېكى سودىسىغا ئىنتىلىپ تۇرۋاتقان تالاي كىشىلەر دۈچ كېلۋاتقان مەسلىلەر. تۆۋەندە مەن نەچچە يىللىق پاي سودىسى جەرياندا يەكۈنلىگەن بىر قىسىم تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى كەڭ ئۇششاق پايچىكلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەلۋەتتە، بۇ تەكلىپلەرنىڭ چوڭ مىليادىر پايچىكلەر بىلەن كۆپ ئالاقىسى يوق.
    بىرىنچى. شېنجىن ۋە شاڭخەي ئىككى پاي سودا بازىرىدا ئىككى مىڭ خىلدىن ئارتۇق پاي بار. قاراشتىن ھەممىسىلا پايدىغا ماڭىدىغاندەك، يەنە بىر قارىسا ھەممىسىلا زىيانغا ماڭىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنى تاللاپ سېتۋىلىش باش ئاغرىتىدىغان مەسلە. مۇشۇنداق باش ئاغرىغاچقا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. مېنىڭ تەكلىپىم، ھەممە پايغا دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزگە ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان پەقەت 3-5 خىلغىچە پاي بولسىلا يىتەرلىك. سىز مەخسوس مۇشۇ پايلار بىلەن ھەپلىشىڭ، ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگەنلەڭ، ئاندىن مۇۋاپىق پەيتنى تۇتۇپ سودىنى باشلىۋىتىڭ. مۇشۇنداق ئاز ساندىكى پاي بىلەن مۇقۇم ھەپلەشكەندە مۇنداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار. بىرسى، شۇ پايلارنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقت بىلىپ تۇرغىلى، مۇۋاپىق ۋاقتنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىر قەدەر توغرا پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. «ئاينى ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا، يەنە ئون بەشى يورۇق» دەيدىغان گەپ بار. مەلۇم پاينىڭ ھەر ۋاقت چۈشۈۋىرىشى، زىيانغىلا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇنى داۋاملىق كۆزەتكەندە ئۆسۈش پەيتىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، پۈتكۈل پاي بازىرىدا لەيلەپ يۈرسىڭىز، بىرەرمۇ پاينىڭ  پەيتىنى توغرا تۇتالماي، ئاخىرى قۇمدەك چېچىلىپ، يۇڭدەك توزۇپ كېتىسىز. يەنە بىر نۇقتا زىيادە قىممەت پايلارنى ئىمكان بار تاللىماڭ، چۈنكى بۇنداق پايلارنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى تۇيۇنۇپ قالغاچقا، مەبلەغ سالغان بىلەنمۇ كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بولىشى ناتايىن. ئۇنى مىليونىرلار، مىليادىرلار تاللاپ ئوينىسا بولىدۇ. ئىككىنچى تەرەپتىن، زېھىننى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر پاينىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشنى ۋە بۇلارنىڭ پاي باھاسىغا تەسىر كۆرسۈتۈش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، بىر نۇقتىنى تۇنۋىلىشىمىز كېرەككى، پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە چۈشكەن 2007-يىلىدىن باشلاپ تا پاي كۆرسەتكۈچى مۇقۇملاشقۇچە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى، مىللىي دارامىتى ئۆزلىكسىز ئېشىپ باردى، ئەمما پاي ئۆزلىكسىز چۈشتى، ھەتتا ئەينى يىلى 1700 نۇقتىنىمۇ بۇزۋەتتى. دېمەك، نۆۋەتتىكى پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا پاي تارقاتقان كارخانىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئاجراپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا پاي بازار ئارقىلىق تەڭشىلدىغان، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا تولا بەك بويسۇنمايدىغان ھالەت كۆرۈلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ماتىرياللار ئارسىغا غەرق بولۇپ زېھىننى ئىسراپ قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. پاي ئەسلىدىمۇ بىر تەۋەككۈلچىلىك، ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا ھېچكىم كېسىپ بىر نېمە دىيەلمەيدۇ. نى-نى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمە، چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ تولا بېرىلمەي، ئۆز سەزگۈڭىزگە ئىشىنىپ سودا قىلىڭ، يا بايرامدىن چىقار، يا سايرامدىن.
      ئىككىنچى. چوڭ پايلارنى تالاشتىن ساقلىنىڭ. چوڭ پاي دېگىنىمىز پاي كۆلۈمى بەش مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان پايلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، پولات-تۆمۈر، ئېنىرگىيە، بانكىچىلىق، سوغۇرتا دېگەندەك پايلار. بۇ پايلار خۇددى دېڭىزغا ئوخشاش چوڭ. دېڭىزغا ھەرقانچە چوڭ دەريا قويۇلسىمۇ سۇ يۈزىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئاسان سەزگىلى بولمايدۇ، ئەمما كىچىكرەك كۆلگە بىرەر ئېقىن قويۇلسىمۇ سۇ يۈزىنىڭ ئۆرلىشى خېلىلا كۆرىنەرلىك بولىدۇ. زور كۈلەمدىكى ئۇششاق پايچىلار خۇددى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن قولۋاققا ئوخشايدۇ. سۇ يۈزى ئۆرلىمىسە قولۋاقمۇ ئۆرلىمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ پايلارغا كىرۋاتقان مەبلەغ زىيادە كۆپ بولسىمۇ، ئۆرلەش-چۈشۈش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ئەمەس. مۇبادا سىز ئۇزۇن يىلنى كۆزلەپ مەبلەغ سېلىشنى ئويلاپ چوڭ پايلارنى تاللىسىڭىز ئىختىيارىڭىز.
     ئۈچۈنچى. پاي باھاسى چۈشۈپ كەتسە ھودۇقماڭ. بىر قىسىم كىشىلەر بار، ئالغان پېيى چۈشۈپ كەتسە ھودۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ھاپىلا-شاپىلا سېتۋىتىپ قاچىدۇ، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق زىياندىن ساقلانماقچى بولىدۇ. ئەپسوس، بۇ خاتا ئۇسول. چۈشكەن ھامان مەبلەغنى قايتۇرۋالسىڭىز، زىيان تارتقان مەبلىغىڭىز يوق بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ قۇتقۇزدىغىنىڭىز پۇل ئەمەس، بەلكى پاي سانى بولىشى كېرەك. چۈنكى يوقۇرىدا دېگەندەك چۈشىۋېرىدىغان پاي مەۋجۈت ئەمەس. پاي تۇيۇقسىز چوڭ چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا سالماق بولۇپ، داۋاملىق كۆزۈتۈڭ. پاي كۆرسەتكۈچى پەۋقۇلاددە زور چۈشۈپ كەتمىسىلا قولىڭىزدىكى پاينىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈشى كۆپۈنچە ھاللاردا ۋاقتلىق بولىدۇ. يەنە بىر ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى، قولىڭىزدىكى پاي چۈشسە دەرھال سېتۋىتىپ، ئۆسۋاتقان يەنە بىر پاينى سېتۋىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئىشىنىمەنكى، كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئۆسۋاتقان پاينى ئالغان ھامان چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، پاي ئۆسۋاتقاندا ئالسىڭىز، باشقىلار ئۇنى ساتماي قالامدۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇنى ساتىدىغان ئادەم ئازمۇ؟ شۇڭا، چۈشكەن پاينى سېتىپ، شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە يەنە بىر مۇۋاپىق پايغا قايتا مەبلەغ سېلىپ زىياننى تولدۇرۋىلىشتەك مۇنداق تەلەي ئىنتايىن ئاز. 2007-يىلىدىن بۇيانقى نەچچە يىلغا سوزۇلغان پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبلىك، تالايلىغان كىشىلەر بىرنى سېتىپ يەنە بىرنى ئېلىپ يۈردى، ئاقىۋەتتە تارتقان زىيىنى ئىلگىركى پاي بىلەن كەتتى، يېڭى ئالغان پايدىن زىيان تۇلۇقلانمايلا قالماستىن، داۋاملىق زىيان كۆرىلىۋەردى، نەتىجىدە نۇرغۇن مەبلەغتىن ئايرىلدى. ئەكسىچە، زىيان چىقۋاتسىمۇ تەمكىنلىك بىلەن ساقلاپ تۇرغانلار ئاخىرىدا يېرىم مەبلىغىنى بولسىمۇ ساقلاپ قالدى ھەم قايتا ئۆسۈش دولقۇنىنى كۈتۋالدى. پاي بازىرى مانا مۇشۇنداق خەتىرى چوڭ بازار، ئۇ جاسارەتلىك، تەمكىن، سالماق كىشىلەرگە قوينىنى ئاچىدۇ.
    تۆتىنچى. زىيادا ئاچكۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ. پاينىڭ ھەر ۋاقت خەتىرى بار، شۇڭا مۇۋاپىق پايدا ياراتقان ھامان سودىنى پۈتتۈرۈڭ. مېنىڭ تەكلىپىم بىر ھەپتىلىك سودا قەرەلىدە پايدا نىسبىتى 10 پىرسەنت ئىچىدە، ئېشىپ كەتسە 20 پىرسەنت ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىڭ. داۋاملىق ئاغزىڭىزنى ھەپسىگىيدەك يوغان ئاچسىڭىز لوق گۆش قۇرۇپ لەشكە ئايلانغاندا ئاپلا دېگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. ئون مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغاندا پايدا نىسبىتىنى 10 پىرسەنت دەپ ھېسابلىغاندىمۇ ھەپتىدە تەخمىنەن مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن گەپ. مۇشىنىڭغىمۇ رازى بولماي تېخىمۇ چوڭ بېلىق تۇتماقچى بولسىڭىز، ئاخىرىدا قارماق سۇنۇپ، يىپ ئۈزۈلدىغان ئىش چىقىدۇ. «ئاچكۆزنىڭ ئېشى ئارتىدۇ، دەردىنى كېچىسى تارتىدۇ» دېگەن بىكار ئەمەس، ئىنساب بىلەن ئىش تۇتۇڭ. يەنە بىر تەكىتلەشكە تېگىشلىك نۇقتا، پاي سودىسى بۇلۋاتقان ۋاقت ئىچىدە نەدىلا بولۇڭ، چوقۇم ھەر ۋاقت پاي ئەھۋالىنى ئىگەنلەپ تۇرىدىغان شارائىتىڭىز بولسۇن. يان تېلېفونىڭىزنىڭ تور ئىقتىدارى بىلەن تېلېفوندا پاي سودىسى قىلىدىغان دىتاللىرى تولۇق بولسۇن ھەم پۇختا ئۆگۈنۋىلىڭ، شۇنداق بولغاندا ھەر قانداق يەردە بىمالال-ئېلىپ ساتالايسىز. يان تېلېفون بىلەن پاي سودىسى قىلىشنى ئۇقمىسىڭىز ئۆيىڭىزگە قايتىپ ياكى مۇقۇم كومپيۇتېر تېپىپ سودىنى پۈتتۈرگىچە ئالتۇندەك پۇرسەت ساقلاپ تۇرمايدۇ.
    بەشىنچى. شارائىتىڭىز يار بەرسە چەتئەلدىكى پاي بازىرىغا كۆز-قۇلاق بولۇڭ. چۈنكى چەتئەل پايلىرىنىڭ چوڭ-ئۆسۈپ چۈشۈشى دۆلەت ئىچىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىنى مىسال ئالساق، ۋاقت پەرقى سەۋەبلىك دۆلىتىمىزدە پاي سودىسى توختىغاندا، ئامېرىكىدا باشلىنىدۇ. شۇڭا، كەچلىكى تور ئارقىلىق كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ چوڭ چۈشۈش-ئۆسۈش ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيانىڭ پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بازارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغاندا ئەتىسى دۆلىتىمىز پاي بازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆڭلىمىزدە مەلۇم سان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق تاكتىكىنى جانلىق تەڭشەپ، زىياندىن ساقلانغىلى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-11 01:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-11 09:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسىدا ئ‍قتىسادى ئ‍اڭ بار ئادەمگە نىسبەتەن ناھايىتى ئ‍ەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  پاي سودىسىغا مەبلەخ سالىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن  مۇشۇنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز يەنە ياخشى تېمىدىن بىرسى بارلىققا كەلگۈدەك!

باھا سۆز

مۇنبەرنى خاتا تاللاپ يوللاپتۇ.  ۋاقتى: 2015-5-11 10:02 AM
يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ماس كەلمەيدىغان تېما ئىكەن.  ۋاقتى: 2015-5-11 10:02 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش