ئانا
بۇغدا ئابدۇللا
توقسانغا ئۇلاشتى،
كۆزى خىرەلەشتى،
تونۇمايدۇ گاھىدا سېنى،
سېنى چاقىرماقچى بولۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى.
باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.
توقسان ياز،
توقسان كۈز،
توقسان قىش،
توقسان ئەتىياز ،
ئۆتۈپ كەتتى
ماڭلىيىڭغا ئىز سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك.
ئەمدى،
تېتىكلىكى يوق
بۇرۇنقىدەك.
كۆرپىدە ياتار،
ئىشىككە قارار.
سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
كۆڭلى يېرىم بولار،
كۆزىگە ياش ئالار،
كىچىك بالىدەك.
ھەي!
جاھاننى ياشاپ تۈگىتىپ قويدى،
ئەمدى مېھماندەك!
كۆڭۈل نازۇك نەرسە،
كۆتۈرەلمەس گەپنى
سۇ مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
شۇڭا
تاشلىما ئۇنى،
ئۇنۇتما ئۇنى.
يوقلا!
تاتلىق بىلەن!
ئاچچىق-چۈچۈك بىلەن،
ھالداش،
مۇڭداش،
ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول!
قىزى بولمىسا قىزى بول!
يۇيۇپ قوي!
چاچلىرىنى تاراپ قوي
دۈمبىسىنى سىلاپ قوي.
پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
شۇنداق قىلساڭمۇ
بىر كېچە بەرگەن سۇتى ھەققىنى
تۆلىيەلمەيسەن،
بولۇپ پايپېتەك!
ئۇ بولمىسا
سەن قېنى؟!
مەن قېنى؟!
توققۇز ئاي
توققۇز كۈن
توققۇز سائەت
توققۇز دەقىقە
كۆتۈرگەن بىزنى قورسىقىدا،
ئاش ئېتىپ،
نان يېقىپ،
كىر يۇيۇپ....
يول يۈرۈپ،
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا....
چاقماق چاققاندەك،بوران گۈكىرىگەندەك.
ئارزۇسى ئىدۇق،
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدۇق.
بىز!
ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلىشى ئىدۇق.
ئوغۇل بولۇپ،
قىز بولۇپ،
بىز!
ئۇنىڭغا ئوخشىدۇق:
كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ئاغزىمىز ئوخشار،
گۈل گۈلگە ئوخشىغاندەك.
كۆز نۇرىمىز،
قارا چېچىمىز،
قېنىمىز
ئۇنىڭ ئىدى،ئۇنىڭ....
خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغىنىدەك.
ئىنسان
ھەي ئەقىللىق بولار،
ھەم نادان.
كۆيەر بالىسىغا كۆيمەس ئانىسىغا،
ئانا كۆيەر بالىسىغا:
سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
دېڭىزغا شۇڭغىسا دەيدۇ.
تۆھپەڭنى كۆرۈشنى تىلەيدۇ
شەيخ جاينىمازدا تىلىگەندەك.
تاپسا بىر تال كەمپۇت،
بىر تال ئالما،
گېلىدىن ئۆتمەس،
يالغۇز يىگىسى كەلمەس
سېنى يەۋالسۇن دەيدۇ،
سېنى ئورۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.
توقسانغا ئۇلاشتى،
قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
چىشى چۈشكەن،
بېلى ئىگىلگەن،
بېشى ئاغرىيدۇ
پۇتى سىقىرايدۇ...
لېكىن،
تۇرغۇسى كېلەر،
يۈرگىسى كېلەر،
ھاسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
يۈرگىسى كېلەر ياش-قىزلاردەك.
يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار.
بۇگىننىڭ بوسۇغىسىدا
ئەتە ساقلاپ تۇرار،
شۇنداق
قېرىيدۇ بارچە:
ئادەممۇ،
دەرەخمۇ،
قۇشلارمۇ....
( مەنبە:8-يىللىقلار ئۈچۈن 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-10 11:24