ئالەش شتېگېر شېئىرلىردىن تاللانما
سەمەندەر تەرجىمىسى
ئالەش شتېگېر (1973-)،سلوۋېنىيىنىڭ ھازىرقى زامان ھاياتىي كۈچكە ئىگە ياش شائىرى،نامى ياۋرۇپاغا
تارقالغان.ئالەش سلوۋېنىيەنىڭ پىتۇيىدا تۇغۇلغان(ئەينى ۋاقىتتا بۇرۇنقى يۇگوسلاۋىيەگە قارايدىغان بىر شەھەر)لۇبۇريانا ئۇنۋېرسىتىتىدا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە نېمىس تىل- ئەدەبىياتى ئۈگەنگەن،كېيىن ئەدەبىيات تەھرىرلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان،ئۇ قۇرغان ئەدەبىيات نەشىرىياتى ۋە خەلىقئارالىق شېئىرىيەت بايرىمى ياۋرۇپاغا تارالغان،ھازىر بۇلارنى باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىغا قويۇپ بېرىپ ،ئۆزى مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ
ئالەش 22يېشىدا تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى چىقىرىپ ياخشى باھالارغا ئىرىشكەن.ھازىرغىچە ئالتە پارچە شېئىر توپلام،بىر ھېكايە توپلام ۋە ئىككى نەسىر توپلىمى چىقارغان.1998-يىلى ۋېرونىكا پرىز(سلوۋېنىيىنىڭ يىللىق شېئىرىيەت مۇكاپاتى)مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،1999-يىلى ياۋرۇپا ياش يازغۇچىلرى مۇكاپاتىغا نائىل بولغان،نەسىرلەر توپلىمى«بېرلىن»(2007)،2008-يىلى روجانىس ئاۋارد (سلوۋېنىيە تىلىدىكى ئەڭ ئېسىل نەسىرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات)مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 15تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.«شەيئى كىتاب»(2005)ناملىق شېئىر توپلىمىنى ئامېرىكىلىق شائىر برىئان ھېنرى ئىنگىلىز تىلغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ،2010-يىلى كىتابنىڭ نەشىر قىلىشىنى ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغىغان،2011-يىلى ئەڭ ياخشى تەرجىمە كىتاب مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن
تۇخۇم
تۆمۈر قازان قىرىدا بىر تال تۇخۇمنى چاققىنىڭدا
دېققەت قىلمىدىڭ ،ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن ئۆسۈپ چىققان كۆزلىرىگە
ئۇ شۇنچىلىك كىچىك،ھەتتا قاندۇرالمايدۇ
ئەتتىگەنلىك ناشتىلىقنىڭ ئەڭ ئاددىي نەپسىنىمۇ
بىراق ئۇ قاراۋاتقان،تىلكىلگەن سېنىڭ دۇنيارىڭغا
ئۇنىڭ ئەينەك كۆزىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن ئۆتسەڭ،ئۇپۇق قەيەردە؟
ئۇ ئاۋۇ يەردىكى بوشلۇقتا خالىغانچە مېڭىپ يۈرگەن ۋاقىتنى كۆرەلەمدۇ؟
كۆز ئالمىسى،چېقىلغان تۇخۇم شاكىلى قالايمىقانمۇ ياكى تەرتىپلىكمۇ؟
شۇنچە ئەتتىگە،كىچىككىنە كۆز،شۇ قەدەر زور مەسىلە
ھالبۇكى سەن راستىنلا جاۋابقا ئىرىشىشنى ئويلامسەن؟
يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرئۈستەلنىڭ كەينىدە
ئاندىن بولكا پارچىسىنى مىلەپ ئىلەشتۈر
كۆزۈڭنى دالدىغا ئېلىپ
تاش
تاشنىڭ ئۆزى ئۆزىگە سۆزلىگىننى ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ
ئاغرىققا ئوخشاش
ئۇنىڭ پەقەتلا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق
ئاياغ خۇرۇمى بىلەن چەمى ئارىسىغا قىسىلغىنى
پۇتۇڭ تىيىلسا،يۇپۇرماق يالىڭاچ كوچىدا پىرقىرايدۇ
ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكىنى،قايتا يۈز بەرمەيدۇ
دۆۋلەنگەن باشقا شەرتلىك بەلگىلەر خارابلاشقان
ئەتراپتىكى شىپاخانىنىڭ پۇرىقى.جىمجىتلىق
ئاندىن داۋاملىق قەدەم باسىسەن
ئۆز-ئۆزۈڭگە سۆزلەۋاتقىنىڭنى ھېچ كىشى ئاڭلىمايدۇ
سەن ـــ تاشتىكى بىردىنبىر ئاھالە
ھالبۇكى سەن بايىلا ئۇنى تاشلىۋەتتىڭ
گۈرجەك
ئىشچىلار كەتتى،يېقىن دوستۇڭ
يېرىم كولانغان مۇھىت ئىچىدە يالغۇزغىنە قالدى
ئۇ توختىماي كولايدىغاندەك
ئۇلار شۇنچە كۆپ دۇنيانى كولاپ،كۆرمىدى
تۇپراقنىڭ تۇپراق ئاستىدا توختىمايدىغانلىقىنى
كولىغانسېرى گۈرجەك كىچىك كېلىپ قالدى
ئۇ كولاپ نېمىنى بايقايدۇ؟
كېپىنەك سۆڭىكى،شۆلگەي تەڭگە،گاچىنىڭ تىلى؟
ئۇنىڭ تەلىپى بىردىنبىر مەقسىتىمۇ؟
تىنىچ ئاخشامدا پىكىرىنى چېچىشقا باشلايدۇ
گويا بىر ئادەم دېرىزدىن قويۇق كېچىگە قارىغاندەك
بىراق كېچە دېرىزىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئىچىگە
نەزەر سېلىۋاتقاندەك
ئاسپىرىن
بولدى بەس!يا بولمىسا ھاجەتسىز،سەن ئويلاپ
باقمىغان،ھازىرلا خوشلىشىمىز،بۇ شەكىل بىلەن
ھالبۇكى يېتەرلىك بولدى
ئەسلىمە ئارىسىدا ئېرىيسەن،ئۇلار رەھىمسىزلەرچە
ساڭا تىكىلىدۇ
سۆزلەر ئارا ئېرىيسەن،ئۇلار ھەر قانداق كىشىنىڭ
سۈكۈتىنى يۇشۇرمايدۇ
بۇ ئەجەللىك ئەمەس.جىمجىتقىنا
ئايرىلىسەن،باشقىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىماي
خوراز ئۇخمايدۇ،كەينىڭدىن ھېچكىم ئۈشكۈرمەيدۇ
ئۇ پەقەت يۇچۇن بۇرجەكتە شىرىلدايدۇ،خۇددى
سۇ ئاسپىرىنغا يولۇققاندەك
بىر تال تەڭگە نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسىدىن
ئەينەك ئىستاكانغا تاشلانغان
ئۇنىڭ يولۇچىسى ۋە پوچتا يوللانمىسى ئۇزۇنغا
بارمايدۇ
تابلېتكا دانىچىسى ئارچىدەك ئېرىيدۇ
ھاياتلىق سىرى ئۆز پىتى ساقلاشتا
ئەمەس.ئۆزگەرمەس،ئۆزگەرمەس،ئۆزگەرمەس
ھاياتلىق سىرى سادا ئىچىدە.ھۇشىت!ــــــ
بولدى.بۇ يېتەرلىك بولدى.نامراتلىقنى ئىچىش
قۇرۇقدالغۇچە
سەن زەھەرلىك تۆمۈر قارىغاي ياكى باشقا
ھىيلە-مىكىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن
ھېچكىم سەندىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.ھېچكىم
قۇتقۇزمايدۇ
پەقەت ئۇسسۇزلۇقۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ
ھېچ بولمىغاندا ھازىر مۇشۇنداق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-8 17:10