ئاتا ئىزلىرىنى ئەسلەپ
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
(ئابدۇكېرىم غوجا غەزىلىگە تەخمىس)
ھەممە يەر نۇرغا چۆمۈلگەن ئەتىگەن،
شۇ قەدەر كۆڭلۈم ئوچۇق، روھىم تىمەن،
جان ئاتام ماڭغان قەدىم يوللار بىلەن
شاتۆمۈرنىڭ دۆڭىگە چىققاندا مەن،
تاش كۆرۈندى ئاندا چۆككەن تۆگىدەك.
نۇرلىنىپ ھەرتاڭدا ئاسمان گۈمبىزى،
كۆكلىگەندەك خەلقىمىزنىڭ يىلتىزى،
شۇنچە نۇرلۇق كېچە-كۈندۈز، قىش-يېزى،
ئالدىدا تاشنىڭ تۇراتتى ئوق ئىزى،
كەينىدە قاندىن قىزىل بىر توپ چېچەك.
ۋاھ، قىزىل گۈلنى يۇيۇپ كۆز يېشىدا،
ئوت يېنىپ دائىم ئىچى ھەم تېشىدا،
كۈيچى بۇلبۇل تۇرغىنىدەك قېشىدا،
سايرىشار تورغاي قونۇپ تاش بېشىدا،
ئۇچۇشار ئەگىپ چېچەكنى كېپىنەك.
كەلدى يەرنىڭ تەكتىدىن شاۋقۇن-سۈرەن،
دەسلىپىدە قىلمىدىم ئانچە ئېرەن،
ئارقىدىنلا ئويلىنىپ قالدىم تېرەن،
شۇندا كەتتىم بەك ئۇزاق تارىخقا مەن،
ھەر قەدەمنى باسمىقىم تەس بولدى بەك.
بولمىدى ھەر نەرسە پىكرىمدىن نېرى،
قالمىدى ئۇشبۇ ۋەتەننىڭ ھىچ يېرى،
كۈلدى ئالدىمدا شېھىتلەر ـــ ياش-قېرى،
ئارىلاپ ماڭدىم گويا جەڭگاھسېرى،
سۈمۈرۈپ يۇتتۇم ئىچىمگە ئىس-تۈتەك.
ياندى ئۇ چاغ خەلقىمىز مەشئەل بولۇپ،
بەزىلەر قانخور رەقىبكە ئەل بولۇپ،
ھەقنى توستى، ئاھ، قارا چۈمبەل بولۇپ،
ئاقىدۇ ئالدىمدا قانلار سەل بولۇپ،
ياتىدۇ باشلار بولۇپ تەندىن بۆلەك.
ھەق ئۈچۈن قانلار كېچىپ نۇرغۇن ئەرەن،
نۇرغا چۆمكۈلگەن چېغىدا پاك ۋەتەن،
نى ئەجەب ئەل يولىغا ئۈندى تىكەن؟...
كۆرگىنىمدە بۇ رەھىمسىز ھالنى مەن،
خۇن بولۇپ ھەم ئۆرتىلىپ كەتتى يۈرەك.
خەلقىمىزنىڭ جەڭدە پىشقان ماھىرى ــ
نوزۇگۈم، مەختۇمسۇلا ھەم سادىرى،...
بولدى ئوي-پىكرىمدە بىر-بىر زاھىرى،
تەركى ئوي كەلسەم ئۆزۈمگە ئاخىرى
كۆز يېشىمدىن نەملىشىپ قاپتۇ ئېتەك.
ئوق ئىزى ئەۋلادقا مەڭگۈلۈك گۇۋاھ،
بەرگۈسى ئەجدادقا دائىم چىن ئىزاھ،
مەن بۈگۈن ئۆتمۈشكە تاشلاپ بىر نىگاھ،
سۆڭرە باقسام بۇرۇلۇپ ئالدىمغا، ئاھ،
زەپ گۈزەل گۈلدەك كۆرۈندى كېلەچەك.
مەن شۇڭا ياندىم كېلەچەك ئىشقىدا،
ھەرقاچان قەلبىمدە بىر ئاتەش نىدا،
ھەق ئۈچۈن قىلماقچى بولسام جان پىدا،
پارلىدى ھەم بۇ كۆڭۈل ئاسمىنىدا،
ئىستىكىم ئوبرازى تاڭ قۇياشىدەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-6 13:49