ئۈستىمۇ-ئۈسىت چۈشكەن ئىككى پارچە نۇر ئاستا-ئاستا سۇنۇپ كەتمەكتە
مەن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتمەكتىمەن
ئايلانماقتا ئۇ يەردە
مۇخۇركا ئىسلىرى چاچ بوشلۇقلىرىدا قارا تۇمانغا
پاتقاققا چۈشۈپ كەتكەن گېزىتتىن ياسالغان لەگلەك بىر قاغىغا
ئىككىمىزنىڭ قولى-يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا
گۈللەر-تۈگمىلەرگە
ئايلانماقتا ئۇ يەردە
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر سانسىز كىچىك چېكىتكە
شۇنداقلا سۇئال بەلگىسىگە
ئېھ ئاشۇ يەردە
ئۈستىمۇ-ئۈسىت چۈشكەن ئىككى پارچە نۇر ئاستا-ئاستا سۇنۇپ كەتمەكتە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-6 01:41