ئۇنتۇلغان كۈنلەر
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
ھال رەڭلىك تون كىيگەن چېچەك پەسلىدە،
كەلگەنتىڭ ئالدىمغا گۈلدەك ئېچىلىپ.
غۇبارسىز كۆڭۈلنىڭ گۈلزارلىقىدا،
سۆيگۈمنى بەرگەنتىم نۇردەك چېچىلىپ.
ئىككىمىز تەڭ ئېيتقان يالقۇنلۇق كۈيلەر،
قۇشلارنى، گۈللەرنى قىلغان ئىدى مەست.
ئاشىق ۋە مەشۇقنىڭ يېڭى داستانى،
يۈرەكتىن يۈرەككە يېزىلغان پەۋەس.
كەلگۈسى ئىقبالنىڭ يولىنى كۆزلەپ،
ئاتلاندىڭ سەپەرگە ھىجران قالدۇرۇپ.
مۇھەببەت بەرگىگە قوندۇرماستىن چاڭ،
زەينەپتەك يۈردۈممەن كۈندە ئاھ ئۇرۇپ.
ھېلىمۇ ئېسىمدە كۆز يېشىم بىلەن،
ئۇزاتقان ئىدىم مەن ئاۋات شەھەرگە،
شاھىدى بولغانتى چوغلانغان قۇياش،
ۋەدىلەر كۆكلىگەن سۈزۈك سەھەرگە.
شەبنەمدە يۇيۇنغان بىر تال قىزىلگۈل،
يادىكار بولغانتى بېغىمدىن ساڭا.
لېۋىڭدىن لېۋىمگە تامدۇرۇپ شەربەت،
تەسەللى بەرگەنتىڭ ئىشقىڭدىن ماڭا.
كۈتۈشلەر ئىلكىدە تۈكۈلدى ياپراق،
نەچچە رەت ئېچىلىپ توزىدى گۈللەر.
تاش شەھەر ئىشقىدا يېنىپ گۈلخاندەك،
ئۇنتۇلدى ئېھتىمال شۇ گۈزەل كۈنلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-5 20:26