يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 391|ئىنكاس: 4

جىگدە: سەۋدايى خاتىرىسى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                       
  سەۋدايى خاتىرىسى
(ھېكايە)
نىجات ئابدۇرېشىت جىگدە

  
   كېسىلىمنىڭ ئېغىرلىقى ئۆزۈمگە ئايان. ساقىيىپ كېتىدىغىنىمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل دوستلىرىممۇ مەندىن بارا-بارا زېرىكىشكە باشلىدى. بۇنى تامامەن ھېس قىلالايمەن. قىززىتمامنىڭ يۇقىرىلىقىدىن سۈيى تامامەن قۇرۇپ،تاراقشىپ كەتكەن لۆڭگىنى بىرىنجى نۇمۇرلۇق دوستۇم 20قىتىم،ئىككىنجى نۇمۇرلۇق دوستۇم 20قېتىم، سوغۇق سۇدا يۆلدەپ،ئېلىپ كىردى.ئۇلار مەندىن زېرىكىشكەن كەيپىياتىنى ماڭا، ھەتتا بىر-بىرىگە بىلىندۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشماقتا.
__ ئىتنىڭ باللىلىرى، نېمىگە ياسالمىلىق قىلىشىسەن؟  زېرىككەن بولۇشساڭ چىقىپ،كېتىش، مەن سەندەك نېمىلەرنىڭ ئاغىنىسى ئەمەس!__ ئۇلار تۇيۇقسىز ۋارقىرىشىمدىن چۆچۈپ ماڭا قاراشتى. يېنىمغا كېلىپ،كۆزۈمنىڭ يۇمۇقلىقىنى كۆرۈپ، پىشانەمنى مەڭزىمنى تۇتۇپ بېقىپ،يەنە ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشىۋالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنى يەنە تىللىدىم.بۇقېتىم بىرى يەنە بىرىگە:
__ بىزنى تىللاۋاتامدۇ نېمە؟ __ دېدى.
__ جىق ئويلاپ كەتمىگىن ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىر...  __ شۇندىن ئېتىبارەن ئۇلار مېنىڭ ھەرقانداق گېپىمگە ئېرەن قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرىنجى قېتىم ئۆلگەن بولدۇم.  

                                

   سائەت ئۈچ يېرىم ئەتراپىدا بىر چۈش كۆردۈم.ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەن ياخشى كۆرۈپ قالغان قىز ماڭا تەلمۈرۈپ قاراۋاتاتتى. (ئەمەلىيەتتە ئۇئاللىبۇرۇن توي قىلىپ، بالىلىق بولغان ئىدى.) مەن بىنانىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدە تۇرۇپ،ئۇنىڭغا ئېڭىشىپ قاراۋاتاتتىم.ئاق بولغاندىمۇ ئاجايىپ،ئاق يوپكىسى ۋە بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرغان ئاق كۆڭلىكى،قاپقارا قاشلىرى،قايرىلىپ تۇرغان كىرپىگى بىلەن كۆزلرىدىن بالقىپ تۇرغان تەشنالىق بىرلىشىپ ئۈستىگە قارىغاندىكى ئېغىزىنىڭ يىرىمغىنە ئېچىلىشى مېنى ئۆزىگە تامامەن ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى. ئۇماڭا قارايىتتى. ئۇنى سۆيىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. ئۇماڭا قارايىتى. ئۇنى ھىدلىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. ئىلگىرى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكىمدىنمۇ، ۋەياكى بۈگۈن ئۇ بۆلەكچىلا چىرايلىق بولۇپ، كەتكەچكىمۇ بىلمىدىم.
   ئۇماڭا قاراۋاتاتتى. بىرخىلدىكى تەبەسسۇم بىلەن ماڭا تويماي قاراۋاتاتتى. ھاجانلىنىشقا باشلىدىم . ئۇنىڭ ئاپئاق بوينىدىكى ياراشقان مەڭگە قارىدىم. مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى شۇ مەڭنىڭ ئاپئاق بويۇندا تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت گۈزەل تەسۋىرگە ئوخشاش تەسۋىر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈم كەلدى. يۈرىكىمدە ئۇنىڭ مېڭى بار. ئۇنىڭ مېڭى ،بوينىغا ياراشقان چىرايلىق ئۆسمە. ئۇنىڭ بوينىدىكى مەڭ يوغىناشقا باشلىدى.ئۇنىڭ تەبەسسۇمى كۆز ئالدىمدىلا.مېڭى داۋاملىق يوغىناپ،يەرگە تېگىپ قالدى.پورەكلەپ ئېچىلىپ،قان چىقتى . زىلۋا بەدىنى، بىلەكلىرى. كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسى سېسىپ،كەتتى. خىيالىم يۈرىكىمدىكى مەڭدە قالدى. بالكۇندىن قايتىپ ، ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم.مەن بېقىۋاتقان ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردا بىرلا قېتىم ئېچىلىدىغان گۈلۈم پورەكلەپ،ئېچىلىپ،كېتىپتۇ.ھەممە بەرگىلىرىدە ساپلا ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى تۇراتتى.كارىۋاتقا چىقىپ ياتتىم . مەنمۇ گۈلگە ئوخشايمەن. مەنمۇ تەستە ئېچىلىدىغان گۈل.
يۈرىكىم بارغانچە ئاستىلاپ،بېرىۋاتاتتى. بامداتقا ئەزان چىققاندا ئىككىنجى قېتىم جان بەردىم.

2015-4-17-كۈنى


                                        داۋامى بار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 20:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-5 20:15:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرەە يوللاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەي، داۋامىنى يېزىپ بولغاندا يوللىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟ مۇشۇ «داۋامى بار» لار قاچان تۈگەر!؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 20:15  


ۋاقتى: 2015-5-5 20:29:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبادا، ئوخشاش ماۋزۇدا ئەسەر يېزىش ھەقىقەتەن زۆرۈر  بولۇپ قالسا،  بۇرۇن يېزىلغاندىكىدىن ئاشۇرۇپراق يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ ماۋزۇدا لۇشۇنمۇ قەلەم تەۋرەتكەنىدى...

ۋاقتى: 2015-5-5 21:36:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2015-5-5 20:29
مۇبادا، ئوخشاش ماۋزۇدا ئەسەر يېزىش ھەقىقەتەن زۆرۈر  بو ...

پىكىرىڭىزنى قوللايمەن،قېنى داۋامىنى كۆرۈپ باقىلى.جىگدە ئ‍ەپەندىممۇ بىزنى ئ‍ۈمۈدسىزلەندۈرمەس

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-9 16:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭلىرىمىزنىڭ باھالىرىغا تەشەككۈر . مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەسلى ماۋزۇ سەۋدايى خاتىرىسىگە ئالمىشىپ كەتتى.   بۇمېنىڭ مۇھەببەت ۋە دوسىتقا ھەم تەنھالىققا بولغان قاراشلىرىم. بۇ ئەسلى ئىككى ماۋزۇ ئىدى. مەن ئەسەر ئەۋەتىشكە ئالدىرمىدىم. ماڭا قويۇپ بەرسە يازغانلىرىمنى ھىكايە دېگۈم كەلمەيدۇ.لىكىن مۇشۇنداق يېزىپ كۆنۈپ قاپتىمەن. سەۋدايى خاتىرىسىگە كەلسەك ،بۇ سەۋدايى خاتىرىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ.ئوخشايدۇ دېسەك بەلكىم ھىسيات ئورتاقلىقى ئازتولا باردۇ. ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئۆلۈپ كىتىشكە قانداق قارايدىغىنىڭلارنى بىلمىدىم.مەن ئۇنى ئەڭ چوڭ قارشىلىق ۋە ئېتىراز دەپ چۈشىنىمەن. مەن قارشى تۇرىدىغان ئىشلار كۆپ شۇڭا داۋامىنى يېزىشنى ئويلىدىم. ئالدىراپ،ئەسەر ئەۋەتىشىم بولسا،راستىمنى دېسەم بەكلا زېرىكتىم. مەن بىلەن ئورتاقلىشىدىغان كىشىلەر بولمىغاچقا دە ئەمدى. شۇڭا سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئوپراتسىيە قىلغۇم بار. ئاخىرىدا يۇقىرى تەلەپلەرنى قويغىنىڭلاردىن مەمنۇنمەن. ئەلۋەتتە تىرىشىمەن.بىركۈنلەردە مەندىمۇ سەۋدايى خاتىرىسىدىن ئۇستۈنرەك ئەسەرلەر چىقىدىغانلىقىغا  ئىششىنىمەن.چۈنكى باشقىلار ماڭا ئىششەنگەن يەردە مەنمۇ ئىششەنمىسەم سەت بولار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش