يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 735|ئىنكاس: 4

ياردەم سورايمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماڭا « كەلىلە ۋە دېمىنە» ناملىق ئەسەرگە ئائىت مەلۇماتلار  لازىم ئىدى. بىلىدىغانلىرىڭلارنى تەمىنلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .رەھمەت سىلەرگە .

ۋاقتى: 2012-4-1 12:50:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ناملىق كىتابنى ئوقۇڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-1 17:57:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى ئوقۇدۇم .ياش -ئۆسمۈرلەر نۇسخىسىمۇ بار . «كەلىلە  ۋە دېمىنە ئەسلى ئىككى بۆرىنىڭ ئىسمى ئىكەن » دېگەندەك ئەسلى كىتابتا يوق بىر قىسىم مەلۇماتلار بولسا بولاتتى. بۇنىڭغا ئائىت ماقالىنى «شىنجاڭ ئاياللىرى »ژورنىلىنىڭ خېلى بۇرۇنقى  سانلىرىدا كۆرگەندەك قىلغانىدىم ،تولۇق ئەسلىيەلمەي قالدىم.

ۋاقتى: 2012-4-1 19:25:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىملاردەك «جىددى ياردەم سورايمەن» دەپ داۋراڭ سالماپسىز. كەمتەرلىك بىلەن ئۆتۈنگىنىڭىز ئۈچۈن مەن دەپ بېرەي. بۇ كىتاب مېنىڭ كىتابخۇمارلىقىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك  قىزىقارلىق بىر ھېكايە بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتاب ھەققىدە خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىمەن. مەن بۇ كىتابنىڭ نامىنى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «ئىز» مۇ ياكى «ئويغانغان زېمىن» مۇ، تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ بىر باپنىڭ بېشىدا مۇشۇ كىتابتىن نەقىل ئالغان يېرىنى كۆرۈپ، بۇ كىتابقا قىزىققان ئىدىم.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1994-يىلى ئۈرۈمچىدىكى يەنئەن يولىغا جايلاشقان «شىنخۇا كىتابخانىسى» دىن بۇ كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. يېنىمدا مۇشۇ كىتابقا ئارانلا چىقۇشقۇدەك پۇل بار ئىكەن. كىتابنى ئالسام كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقالمايتتىم. ئەتىسى كېلەي دىسەم كىتابنىڭ سېتىلىپ كېتىشىدىن قورقتۇم. چۈنكى بۇ كىتابتىن بىر تاللا قالغان ئىكەن. ئاخىرى كىتابنى سېتىۋېلىپ، سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتىغا (موزىيخانا يېنىدىكى) پىيادە كەتكەن ئىدىم...
بۇ بەك ئېسىل كىتاب.  بۇ كىتابتا «مىڭبىر كېچە»، «چىھار دەرۋىش»، «تۇتىنامە» قاتارلىق نادىر كىتابلارغا ئوخشاش ھېكمەت ۋە پەندى-نەسھەتلەر ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ كىتابلارنىڭ تىلىمۇ ناھايتى پاساھەتلىك بولۇپ، ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن  تىل سەنئىتىنى ئۈگىنىشىگە زور پايدىسى بار.
سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى:
...شىر پادىشانىڭ قېشىدا ئىككى چىلبۆرە  بار بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسىمى كەلىلە ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسىمى دېمىنە ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى زېرەكلىك ۋە ھۇشيارلىقتا مەشھۇر ئىكەن...(شۇ ناملىق كىتاب،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىلى نەشىرى، 112-بەت)
بۇ ئىككى بۆرىنىڭ سۆھبىتى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن. ئەمما بۇ كىتاب شۇ ئىككى بۆرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. (كەچۇرۇڭ، ۋاقتىم قىس بولغاچقا مۇشۇنچىلىكلا ئۇچۇر بېرەلىدىم).

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-5 11:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمىنلىگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت .كىتابنىڭ 112-بېتىنى كۆردۈم . كىتاب ئوقۇشتا تازا ئەستايىدىل ئەمەسكەنمەن . سىزنىڭ ياردىمىڭىز ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقاندەك بولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش