يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 5

ئايىمنىسا (ت): يولۇچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                يولۇچى

بىر كارۋان يولغا چىقىش ئۈچۈن ھازىرلىنىپتۇ،ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى بىر سەھرادا كېتىۋاتقان ئىكەن. كارۋاننىڭ ئىگىسى بايلارنىڭ بېيى ئالىھان باي ئىكەن. ئالىھان باينىڭ يولغا چىقىش تەييارلىقلىرى پۈتۈپ، ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن-كۆمۈشلەر، جاۋاھىراتلار، يىپەكلەر، بىر-بىرىدىن قىممەت ماللار، ئەشيالارنى ئەڭ چىرايلىق ھەم پۇختا چامدان، سومكىلارغا، ساندۇقلارغا قاچىلاپتۇ. مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە نۇرغۇن كىشىلىرى بىلەن تۆگە ۋە ئاتلارنى تەييارلاپتۇ.
     ئۇلار يولغا چىقىشىغىلا كۆرۈمسىز بىر ھۇرۇن ئادەم ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇ دەپتۇ:
-ئالىھان باي، مېنىڭ ئىسمىم ۋەلى، مېنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز.
ئالىھان باي: -سېنى ئېلىپ ماڭسام سېنىڭ نېمە ھۈنىرىڭ بار؟ قورال ئېتىشنى بىلەمسەن؟ سېنى مۇھاپىزەتچى قىلاي، دەپتۇ.
-قورال ئىشلىتىشنى بىلمەيمەن.
-سېنى يول باشلىغۇچى قىلاي، ئات-تۆگە يىتىلىيەلەمسەن؟
-ۋەللاھى ئەلەم، ھېچ ئىش بىلمەيمەن.
-ئاشپەز قىلسام تاماق ئېتەلەمسەن؟
-تاماقنى يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما ئېتىشنى بىلمەيمەن.
-يۇلتۇزلارنىڭ سىرىنى بىلەمسەن؟ يوللارنى پەرقلەندۈرگۈچى قىلاي.
-قاراڭغۇ كىچىلەردە يوللاردا يېتىپ، يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئەمما، قايسى يۇلتۇزنىڭ قايسى يولنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
-ھەم قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمىسە، ھەم كارۋانلارغا قوشۇلماقچى بولساڭ، بۇ قانداق ئىش، دەپتۇ ئالىھان باي ئاچچىقلىنىپ.
ۋەلى دەپتۇ: مەن مال باققۇچى ئەمەس، مۇھاپىزەتچى ئەمەس، ئاشپەزمۇ ئەمەس، يول باشلىغۇچىمۇ ئەمەس،تىجارەتچى ۋە ياكى مۇناسىۋەتچىمۇ ئەمەس. مەن يول بويىدا يىگەن-ئىچكەن، ماڭغان-تۇرغان، كەلگەن-كەتكەننى كۆرۈپ ئولتۇرغان بىر ئاجىزمەن. يىمەكلىكىڭىزنى يىسەم ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بېرىمەن. ئەمما، مەندىن بىرەر ماھارەت تەلەپ قىلماڭ، كارۋانغا قوشۇۋالسىڭىز پۇشايمان قىلمايسىز.
بۇ ئىشقا ئالىھان باينىڭ ئەقلى يەتمەپتۇ. ئۇ شۇنداق ئويلاپتۇ: بۇ ئادەمنى ئالسام ياخشى بولغۇدەك، كۆڭلىنى ئاغرىتماي، يا ئەسكىدۇ، يا ياخشىدۇ، كارۋانغا قوشۇۋالاي، بىر گەپ بولار.
نەرسە-كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ كارۋان يولغا چىقىپتۇ. دەسلەپتە ھەر نەرسە ئۆز يولىدا، كۈندۈز-كىچە ھېچ ئىش بولماپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بوران چىقىپ، چۆلدە كېتىۋاتقاندا، بىر خىل كىسەللىك تارقىلىپ، كارۋان پەقەت ئىلگىرىيەلمەپتۇ. ئادەملەر ئات-تۆگىلەرنى ئېلىپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىپتۇ.
نە يۈكتىن خەۋەر بولماپتۇ، نە ئادەمدىن. چۆلدىن چىققاندا ئالىھان باي يالغۇز قاپتۇ. بارلىق ئادەملىرىنى، يۈك-تاقلىرىنى، مال-دۇنيالىرىنى، ئات-تۆگىلىرىنى... ھەممىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇ. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا يېنىدا ۋەلى يالغۇز ئولتۇرغۇدەك. پەقەت شۇلا ئالىھان باينىڭ يېنىدىن كەتمەپتۇ.
ئالىھان باي: ھەممە ئادەم مېنى تەرك ئېتىپ كەتتى، نىمە ئۈچۈن سەن كەتمىدىڭ؟ دەپ سوراپتۇ ۋەلىدىن.
ۋەلى: ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر ئىشى بار. ئۇلار شۇ ئىشىنى قىلىش ئۈچۈن كەتتى. مېنىڭ ھېچ ئىشىم يوق، كېتىشىمنىڭمۇ زۈرۈرىيىتى يوق، دەپتۇ.
ئالىھان باي: مەن ئەمدى نىمە قىلىمەن؟ مال-مۈلكۈممۇ يوق، ئەمدى ياشىشىمنىڭ نىمە ھاجىتى؟ دەپ قاتتىق ئېچىنىپتۇ.
ۋەلى دەپتۇ: سەن قىلالايدىغان بىر ئىش بار.
ئالىھان باي: مەن قىلالايدىغان ھېچ ئىش يوق.ئات-تۆگىلىرىمنىمۇ باقالمايمەن. ماللىرىمنىمۇ ساتالمايمەن، ئەمدى نۇرغۇن مال-دۇنيالارغىمۇ ئېرىشەلمەيمەن، دەپ يەنە قايغۇرۇپتۇ.
ۋەلى: قىلالايدىغان ئىشلار بار. بىر مەزگىل مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، مېنىڭ دېگىنىمدەك قىل. مەن سېنىڭ بارلىقىڭ. مەن كۆرۈنۈشتە ھېچ ئىشقا يارىمايمەن، ئەمما سېنى ئۆزۈڭگە يەتكۈزگەنمەن، دەپتۇ.
ئالىھان باي: نېمە دىمەكچىسەن؟ دەپ سوراپتۇ ۋەلىدىن.
ۋەلى : ئالدىمىزدىكى ئورمانلىقتىن يىمەكلىك تېپىپ يەيلى. يېزىغا بېرىپ سۇ ئىچەيلى. بۈگۈنگە قەدەر كىسەل بولماسلىق ئۈچۈن، مال-مۈلكۈڭنىڭ ئىگىسى بولماقچى ئۈچۈن يىدىڭ، بۈگۈن يالغۇز ئۆزۈڭ ئۈچۈن يىگىن. بۈگۈنگە قەدەر كىيىنكى مەنزىلگە ساق-سالامەت يەتمەك ئۈچۈن سۇ ئىچتىڭ، بۈگۈن يالغۇز ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىچكىن. كىچە دالالاردا يېتىپ يۇلتۇزلارغا باقتىڭ، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر يوللارنى بىلمەكچى بولۇپ، يۇلتۇزلارنى كۆزەتتىڭ، بۈگۈن ئۆزۈڭ ئۈچۈن يۇلتۇزلارنى قانغۇچە تاماشا قىل. بۈگۈنگە قەدەر سەن ساندۇق-ساندۇق ئالتۇنلار ئۈچۈن ياشىدىڭ، ئۆزۈڭنى مال-دۇنياغا تىگىشىۋەتتىڭ، بۈگۈن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشاپ باق! دەپتۇ.
ئالىھان باي: مېنىڭ مال-مۈلكۈم بولمىسا قانداق ياشايمەن، مەن ھېچ ئىشقا يارىمايمەن، دەپتۇ.
ۋەلى: سېنىڭچە مال-مۈلكى بولغان، ئەمما ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان  ئالىھان باي ياخشىمۇ ياكى مال-مۈلكىنى يوقىتىپ قويغان، ئەمما ئۆزى بولۇپ ياشىيالىغان ئالىھان باي ياخشىمۇ؟ جاھان كۆرگەن، ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنى يەپ، ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئەڭ ئېسىل يەرلەرگە بارالىغان پەقەت سەنلا بار، ئەمما، ئۇ سېنى ئۆزۈڭگە ئۇنتۇلدۇردى. پەقەت ئۆزىگە ساھىب بولغانلارلا ئۆزىنى ئۇنۇتمايدۇ. بۇ ئالەمدە خوجايىن بولغانلار ھامان يوقىلىدۇ. مال-دۇنيا ھېچكىمگە باقىۋەندە ئەمەستۇر، دەپتۇ.

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئايىمنىسا سۇلايمان



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 16:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-5 17:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايەتنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن . مەن تولىمۇ چوڭقۇر مەنىۋى زوق ئالدىم .
مېنىڭچە  ئەپەندىمنىڭ «ھەر كىم ئۆزىدە نىمە كام بولسا شۇنى ئالىدۇ» دىگەن لەتىپىسىگە بەكرەك مايىل بولغان ياخشى دەپ قارايمەن . بۇ لەتىپە مۇنداق :
بىر باي بار ئىكەن . ئەپەندىمدىن كۆپرەك دەككىسىنى يىگەنلەردىن ئىكەن . بىر كۈنى بىر ئولتۇرۇشتا يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئەپەندىمنى مات قىلماقچى بۇپتۇ . ۋە ئەپەندىمنى ئالاھىتەن چاقىرىتىپ ئەكەپتۇ . ئەپەندىم سورۇنغا كەلگەندىن كىيىن ، باي :
- ئەپەندىم ، ئەگەر ئالدىڭىزغا ناھايىتى كۆپ بايلىق بىلەن ئەخلاق - پەزىلەت ، ئىنساپ - دىيانەتنى قويسا سىز قايسىسىنى ئالغان بولاتتىڭىز دەپ سوراپتۇ .
ئەپەندىم بۇ سورۇنغا كەلگەندىلا باينىڭ ئۆزىنى كۆپچىللىكنىڭ ئالدىدا ئوسال قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالدىن پەملىگەن ئىكەن . شۇڭا ئەپەندىم دەرھاللا :
- ئەلۋاتتە ئالتۇن - كۈمۈش بايلىقنى ئالغان بولاتتىم ، دەپتۇ .
باي بۇنى ئاڭلاپ كۆپچىللىكە :
- قاراڭلار ، ئەپەندىمنى ئانداق ئاق كۆڭۈل ، مانداق دىيانەتلىك دەۋاتاتتىڭلار . ئۇ ئالتۇن كۈمۈشنى ئالماقچى بولدى . ئەگەر مېنى تاللا دېسە ئەلۋەتتە ئەخلاق - پەزىلەت ، ئىنساپ دىيانەتنى ئالغان بولاتتىم ، ئالتۇن كۈمۈش تېپىلىدۇ ، ئەخلاق - پەزىلەت ، ئىنساپ دىيانەت دىگەنلەر تېپىلمايدۇ ئەمەسمۇ دەپ ئەپەندىمنى مازاق قىلىپ كۈلۈپتۇ .
ئەپەندىم ئالدىرماستىن :
- تەقسىر مەنمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ، مەن باي بولمىغاچقا ئالتۇن كۈمۈشنى تاللىدىم ، سىلىدە ئەخلاق - پەزىلەت ، ئىنساپ - دىيانەت بولمىغاچقا شۇنى تاللىدىلا ، ئەلۋەتتە ، ھەركىم ئۆزىدە نىمە كام بولسا شۇنى ئالىدۇ ئەمەسمۇ ؟ دەپتۇ .

ئىش قىلىپ مۇشۇنداقراق ، مەن ئۆز تىلىمغا ئايلاندۇرۇپ سەل قاملاشتۇرالماي قالدىم .

ۋاقتى: 2015-5-5 17:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ بىر ھېكمەتلىك ھېكايىكەن. ئوقۇپ تەسىرلەندىم.

ۋاقتى: 2015-5-5 21:22:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەربىۋىيلىكى بار ھىكايە ئىكەن، لىكىن ئاپتۇرىنىڭ، ياكى كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلاندىم. بۇ بىر يازغۇچى، شائىرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەستى ئايىمنىسا ھەدە.

سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن يا ئىسمىڭىز يوق، ياكى كېلىش مەنبىيى يوق ھەلەتتە باشقا يەرلەردە تۇرسا كۆڭلىڭىز غەش بولماسمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 21:22  


ۋاقتى: 2015-5-5 22:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئايىمنىسا سىڭلىم : بۇ بىر چوچەك ئوخشىمامدۇ ؟  چۇنكى دەپتۇ، قىپتۇ، ئېتىپتۇ ، قېچىپتۇ

   دىگەندەك سوزلەرنى قوللۇنۇش چوچەكلەردە كوپ ئشلىتىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟

       مەيلى نىمىلا بولمىسۇن مەزمۇنى ياخشى ئەسەر ئىكەن، ئاتايىن تەرجىمە قىلىپ بىزگە

  يەتكۇزگىنىڭىزگە رەھمەت !

ۋاقتى: 2015-6-23 17:37:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىمنىسا تەرجىمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم . سىزنى كىنو تەرجىمىسىدىن ھالقىپ مۇنبەرلەردە كۆرگىنىمدىن خۇش بولدۇم !
يەنىمۇ ئېسىل تەرجىمىلىرىڭىزنى كۈتىمىز !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش