كۆرۈش: 381|ئىنكاس: 2

ئۆمەرجان روزىھېيت: بىزدە قەدىمكى ھاسا مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىزدىكى قەدىمكى ھاسا مەدەنىيىتى
ئۆمەرجان رۇزىھېيت

ھاسا ياشانغانلار يول يۈرگەندە پايدىلىنىدىغان قۇراللارنىڭ بېرى، شۇنداقلا ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ياخشى ھەمراھى. ئادەملەر قېرىلىق يېشىغا يەتكەندە ماغدۇرىدىن قالىدۇ، پۇتى ئېغىرلىشىپ يول ماڭغاندا قىينىلىدۇ. بۇچاغدا ئۇلارنىڭ تايىنىدىغىنى، ئۇلارغا ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ھاسا بولىدۇ. شۇڭا ھاسا ياشانغانلارنىڭ ‹‹ئۈچىنچى پۇتى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونىلىرىمىز كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قىيىنچىلىقنى يىڭىشنىڭ چارىسى پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قارىغۇنى ھاسىدىن ئاجراتماپتۇ›› دېگەن ماقالنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش شەكلى دەل جايىغا چۈشكەن. ئۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن باشلاپ قېرىپ ئاجىزلاشقاندا، ھاسىغا تايىنىپ مېڭىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئۆينىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇپ قەدىرلەپ كەلگەن. ھاسىنى ھەر خىل رەڭلەردە بۇياپ، تۇتقۇسىغا ھەر خىل رەسملەرنى ئويۇپ، ئۇنى ئەتىۋارلىق بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن. ئۇنى ياغاچتىن ياساپ يول مېڭىشقا ئىشلىتىپلا قالماي، ھەرخىل شەكلىدە چىرايلىق ياساپ زىننەت بۇيۇمى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇمى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلغان. ھەتتا ئۇنى قاشتېشىدىن ياساپ مۇراسىمدا ئىشلەتكەن.
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن نۇرغۇن ھاسا بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى غەرب مەدەنىيىتى تۈسىگە ئىگە ھوقۇق ھاسىسى ۋە يىلان باشلىق ھاسا، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قۇش (پاختەك ۋە تۇرۇلغا) باشلىق ھاسا، بۇددا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دەرمە ھاسىسى قاتارلىقلار بار. بۇ ھاسىلارنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئىقتىدارى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ سىرلىق ۋە رومانتىكىلىق تۈسكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تۈسىنى بىرىدۇ.
ھازىرچە ئىگەللەنگەن ماتىرىياللاردىن قارىغاندا، ھاسىنىڭ بارلىققا كىلىش مەنبەسىنى ئىسپاتلاش بىرقەدەر قىيىن. لېكىن تاڭ سۇلالىسى دۋرىدە يېزىلغان ئۇدۇندا دۆلەت قۇرۇلغانلىق توغرىسىدىكى ئەپسانىۋىي تۈس ئارىلىشىپ كەتكەن ‹‹ ئۇدۇننىڭ بۇددىزم تارىخى›› دا ھاسا ھەققىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: ‹‹ئۇدۇن زېمىنى دېڭىز ۋاقتىدا، لوكېسۋارا بۇددا شىمال ئىلاھى ۋايساراۋانا ۋە بېكشۇ سارى بۇددا ئىككىيلەنگە:‹ئالدىمىزدىكى چوڭ كۆل، ئۈچ ئالەملىك بۇددانىڭ باشقا بىر دۇنياسى، كېيىنچە ئۇ يەر نۇرغۇن ئادەم ياشايدىغان تۇرالغۇ جاي بولغۇسى. ھازىر نىلۇپەر ئېچىلغان جاي، كېيىن ئىبادەتخانا بولىدۇ. كېيىن نۇرغۇن بۇدساتۋا پەيدا بولىدۇ. سىلەر بېرىپ كۆلنىڭ سۈيىنى تارتىۋېتىپ، ئۇ يەرنى كېيىنچە ئاھالىلەر ياشايدىغان جايغا ئايلاندۇرۇڭلار› دەپ بۇيرۇپتۇ. يۇقىرى ئاستانىنىڭ شاھى بىلەن سارى بۇددا ئىككىسى شېڭكۇنشەن تېغىغا بېرىپ، تۆمۈر ھاسىنىڭ ئۇچى ۋە نەيزىنىڭ ئۆتكۈر ئۇچى ئارقىلىق چوڭ كۆلنىڭ تېگىنى تېشىپ، كۆلنى قۇرۇغداپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي ئادىمىزات ئىز باسقىدەك جاي بولۇپتۇ...›› ①بۇ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋەقەلىكتىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئۇدۇندا ھاسا بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ‹‹‹يۇسۇننامە›. خانلىق تۈزۈمى››دە: ‹‹50ياشقا كىرگەندە ئۆيدە ھاسا تەييارلاپ قويۇش كېرەك›› دەپ خاتىرىلەنگەن. خەن سۇلالسى ھۆكۈمىتى 80ياشتىن ئاشقانلارغا ھاسا تارقىتىپ بەرگەن. خۇددى ‹‹ ئۇدۇننىڭ بۇددىزم تارىخى›› دا يېزىلغىنىغا ئوخشاش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى،  چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەر ۋە خەن سۇلالسى دەۋرىدىكى تارىخىي ماتىرىياللاردا ھاسا ھەققىدە مەلۇم خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي نەرسە ئاز ئۇچرايدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ‹‹يېغىلىق. ئەمىنىيە›› دەۋرى ۋە خەن، جىن سۇلالىلىرى مەزگىلىدىكى قەبرىلەرنى قازغاندا بۇ يەردىن ھاسا بىر قەدەر كۆپ بايقالغان. مەسىلەن: 1996-يىلى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى چەرچەن ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2500يىل بۇرۇنقى ئۈچ دانە ياغاچ ھاسىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ شەكلى بىر قەدەر سىيدام بولۇپ، ئارىسىدىكى خېلى ياخشى ساقلانغان بىرسىنىڭ ئوزۇنلىقى 91.2 سانتىمېتىر، توملۇقى 1.2 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ھاسا سۈگەت ياغىچىدا ياسالغان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزدىكى ئەڭ قەدىمكى ھاسىلاردىن بېرى ھېسابلىنىدۇ.② تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن شىمالىي سۇلالىلەردىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلگە تەۋە قوش باشلىق ھاسا قىزىۋېلىندى. بۇ ھاسىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلىقى 1.74 مېتىر، پۈتۈن گەۋدىسى قارا بۇيالغان، ئاغزىدا لېنتا چىشلىگەن قۇش ئورنىتىلغان.③ تاڭ دېزۇڭ دەۋرىدە ‹‹ئوردا لاۋازىمەتچىسى جۇرۇيۇ ئۇدۇندىن قاشتېشىدىن ياسالغان مۇراسىم ھاسىسى، ياشما تېشى، ياستۇق، بەلباغ، چاچ قىسقۇچ، پەرداز قۇتىسى، بىلەيزۈك، كىر يۇيۇشتا ئىشلىتىدىغان توقماق، قاشتېشى مارجان قاتارلىق كۆپلىگەن قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملارغا ئىگە بولغان، بۇتاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇندا قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ... ››④دىيىلگەن. بۇنىڭدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇندا ھاسىنىڭ نەقەدەر ئەتىۋارلانغانلىقىنى، شۇڭا ئويمىچىلىق ئۇستىكارلىرى قاشتېشىدىن ھاسا ياساپ، ئۇنى ھەر خىل مۇراسىملاردا ئىشلىتىدىغان كەم بولسا بولمايدىغان زۈرۈر قۇرالغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قۇيۇقلىشىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ  غەربىي يۇرتقا تارقىلىپ كىرگەن. شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان قۇش باشلىق ھاسىلار ‹‹ياشانغانلارغا ھاسا بىرىش›› تۈزۈمىنىڭ بىر مەزگىل غەربىي يۇرتقا تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ھازىرمۇ ھاسا بىزنىڭ ئىستىمالىمىزدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق. ھازىرقى دەۋردە ھاسىلىرىمىزنىڭ تۈرى كۈپىيىپ ياغاچتىن ياسالغىنىمۇ، تۆمۈردىن ياسالغىنىمۇ، ياغاچ، تۆمۈر ئارىلاش ياسالغىنىمۇ، مىستىن ياسالغىنىمۇ، ھەر خىل نەقىشلەر ئويۇلغىنىمۇ، ھەتتا ئالتۇندىن ھەل بىرىلگىنىمۇ مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى. ھاسا پەقەت ئىلگىرىكىدەك ياشانغانلار يول ماڭغاندا تايىنىش رۇلىنىلا ئويناشتىن، ھازىر ھەم ياشانغانلار تايىنىپ ماڭىدىغان، ھەم يولدا ماڭغاچ ئەخلەتلەرنى تىرەلەيدىغان، ھەتتا مېڭىپ ھېرىپ قالغاندا، ئولتۇرۇپ ھاردۇق ئېلىشقا ئورۇندۇق بۇلالايدىغان ۋە باشقا كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ھاسىلار پەيدا بولدى. مويسىپىتلارنىڭ يول مېڭىشقا تېخىمۇ ئەپلىك بولىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكى بىر پۇتلۇق ھاسىدىن باشقا، يەنە تۆت پۇتلۇق ھاسىمۇ بارلىققا كەلدى. شۇڭا ھازىرقى دەۋرىمىزدىمۇ ئاپاق ساقاللىق بوۋىلىرىمىز، ئاپاق چاچلىق مومايلىرىمىز ھاسىنى يېنىدىن ئايرىماي، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن تايانغۇچىسى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. مەيلى ئۆيدە بولسۇن، ياكى سىرتقا چىقسۇن، ھاسا ئۇلارغا ھەمرا بولىۋاتىدۇ.

ئىزاھاتلار:
①،④لى يىنپىڭ تۈزگەن، ئەبەيدۇللا ئاقۇپ تەرجىمە قىلغان: ‹‹بۇددا ئىلى ئۇدۇن››، شىجاڭ خەلق نەشرىياتى،1995-يىل 8-ئاي نەشىرى.16-17- 242-بەتلەر.
②،③لادىشېڭ باش تۈزگۈچى بولغان، ئىسمايىل مەڭلىك قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان:‹‹شىنجاڭ ھەققىدە ھېكايىلەر›› (بىرىنچى قىسىم). شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012-يىل 4-ئاي نەشىرى.406-407-408-بەتلەر.

ئاپتۇر:قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىن
تېلىفۇن : 18911224929، 13319795238
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-5 16:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-5 17:52:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجداد مىراسى-ئۇنتۇلماس تىرىك تارىخ.
ئۆمەرجاننىڭ بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرى يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.مۇبارەك بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-7 08:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەجداد مىراسى-ئۇنتۇلماس تىرىك تارىخ.››

م.توختى سەببەت ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى ماڭا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلھام بولدى. رەھمەت سىزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش