|
يېقىن
(سۆز ئويۇنى)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئاقىل ئەزەلدىن ھۆرمەتكە يېقىن.
ئىشچانلار ئامەت-بەرىكەتكە يېقىن.
پىتنىخور ئادەم غەيۋەتكە يېقىن.
ھۇرۇن-قاششاقلار مەينەتكە يېقىن.
مەينەتكە بەرھەق تەمرەتكە يېقىن.
تىرىشچان ئادەم ھەرىكەتكە يېقىن.
تەربىيىسىزلەر ئىللەتكە يېقىن.
مەردانە كىشى جۈرئەتكە يېقىن.
ئابرۇيپەرەسلەر شۆھرەتكە يېقىن.
ئۈمۈدسىز كىشى ھەسرەتكە يېقىن.
ياسانچۇق سەتەڭ ئەينەككە يېقىن.
ئويۇنخۇمارلار ئىشرەتكە يېقىن.
جاھىل نادانلار كۈلپەتكە يېقىىن
كەمتەر ئادەملەر سۆھبەتكە يېقىن.
ئىرادىلىكلەر ئەمگەككە يېقىن.
نەپسى يامانلار نەپرەتكە يېقىن.
شاللاق،بۇزۇقلار شەھۋەتكە يېقىن.
داپچىنىڭ كۆڭلى مەشرەپكە يېقىن.
ساخاۋەتچى باي «رەخمەت»كە يېقىن.
چىۋىن مېجەزلەر ئەخلەتكە يېقىن.
مەككار, ساددىغا-ئەخمەققە يېقىن.
دېھقان گۇرجەككە-كەتمەنگە يېقىن.
پاك كادىر دىگەن دەرتمەنگە يېقىن.
ساختا دوست نەپكە،لەغمەنگە يېقىن.
شەكىلۋاز كاززاپ سۆزمەنگە يېقىن.
بېغەرەز خامۇش غەپلەتكە يېقىن.
ھازازۇل خوتۇن تەستەككە يېقىن.
ئۈزىنى بىلگەن ئىززەتكە يېقىن.
***
|
|