ئاھ ئۇرارمەن
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
ئاھ ئۇرارمەن،ئاھ ئۇرارمەن دىلبىرىم سەندە تۇرۇپ،
ئاھلىرىمدىن قەترە ئوتلام ئىچمىدىڭ،مەندە تۇرۇپ.
ياپيېشىل ھەسرەتلىرىمنىڭ چاچلىرى كەتتى ئۆسۈپ،
ئىختىيار ئەتتىم باياۋانلارنى گۈلشەندە تۇرۇپ.
ئوت قالاۋاتقان ئىچىمدە بەلكى پەرۋانە روھى،
ياكى جانىمدىن پىيادە ئۆتكۈچى،تەندە تۇرۇپ.
ئاچ دېرىزەڭنى قىيا،دەرتمەن كېپىنەك مەن بۈگۈن،
نە ۋاپا پانىيلىقىمدىن،كونا بىر جەندە تۇرۇپ...
كۆزلىرىمدىن ئەكچىگەن نۇرنى قۇياش سەن ئولجا ئال!
يا مالامەت،يا زالالەت،ياكى خۇرسەندە تۇرۇپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-30 08:32