كۆرۈش: 327|ئىنكاس: 3

ئەلقۇت:كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى


كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرى –كىلياڭ مەشرىپىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، تارىختىن بۇيان نەغمە بىلەن نەغمە ئارىسىدىكى ھاردۇق چىقىرىش ، ساز تۈزەش پۇرسەتلىرىدە ئوينىلىپ يۇمۇرىستېكىلىقى، ھازىر جاۋابلىقى، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىنىڭ زور بولۇشى ، ئەڭ مۇھىمى ھەر خىل مېجەزدكى ئادەملەر قاتنىشىدىغان مەشرەپتىن ئېبارەت بۇ كوللىكتىپ سورۇندا ئەلنەغمە بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىستېتىك زوقلىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرغانلىقى بىلەن كەڭ مەشرەپ سۆيەر ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. كىلياڭ مەشرىپىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ۋارىسى سايىت موللا داپ، ئىككىنچى ئەۋلاد ۋارىسى ھىزباقى غوجا تەمبۇر، تۆتىنچى ئەۋلاد ۋارىس يۈسۈپ ئاخۇن، بەشىنچى ئەۋلاد ۋارىسى قۇربان ئاخۇن چوڭ باش ۋە ئالتىنچى ئەۋلاد مەشرەپ پېشىۋالىرىنىڭ بىرى، مەشھۇر ناتىق ۋە قىزىقچى مىرامەت توختىلارئىجادىيىتىگە تەئەللۇق بولغان كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرى، بولۇپمۇ قۇربان ئاخۇن چوڭ باش ۋە مىرامەت توختىلارنىڭ دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن بىر مەزگىلگە قەدەم قويغان بولۇپ، قۇربان ئاخۇن چوڭ باش ۋە مىرامەت توختىلار كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان ھەرقانداق قىلىقسىزلىق ۋە يامان ئىش-ھەرىكەتنى،ئۆزلىرىگە تەسىر قىلغان ئىزگۈلۈكلەرنى نەخ مەيداندىلا ھەجىۋىي ياكى ئېجابىي تەربىيە تىپىدىكى قوشاق،  ئويۇنغائايلاندۇرۇپ، سەھنىگە ئېلىپ چىققۇچىلار ئېدى. شۇنداق بولغاچقا كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرى ئەلنەغمىلەر بىلەن بىرلىكتە رايۇن ئاتلاپ، خوشنا يۇرت ۋە يىراق-يىقىنغا كەڭ تارقالغان.
2011-يىلى يىل بېشىدا مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ 100-سانىغا نومۇر تاللاش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ رىجىسسورى خاسىيەت قۇربان كىلياڭغا كەلگەندە <<خېنىكام>> ئويۇنىنى كۆرگەندىن كىيىن، گويا ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىپ، مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئېدى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ پىشقەدەم داڭلىق رىجىسسورى ئۆمەر سايىم بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرپاندىن تېلېۋىزىيە نومۇرى تاللىغان بولۇپ، ئۇ تاللىغان بىر ئويۇن مەيلى شېۋە جەھەتتىن بولمىسۇن ۋە مەيلى ئەكىس ئەتتۈرگەن تۇرمۇش پۇرىقى جەھەتتىن بولمىسۇن، خاسىيەت قۇربانغا تۇرپاننىڭ يەرلىك نومۇرى ئەمەستەكلا تۇيغۇ بەرگەن، خاسىيەت قۇربان نەخ مەيداندا بۇ نومۇرنىڭ تۇرپاننىڭ يەرلىك نومۇرى ئەمەسلىكىنى، جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم يىرىدىن تۇرپانغا كىرىپ، ئۆزلىشىپ قالغان نومۇر ئىكەنلىكىنى ئىيتقاندا ئۆمەر سايىممۇ بۇ قاراشقا قوشۇلغان. ھېلىقى نومۇر دەل كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدىن- <<خېنىكام>> ئېدى.
مويسىپىتلارنىڭ قەيت قىلىشى ۋە ئېگەللەنگەن باشقا مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، پەقەت مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغىچە ئوينىلىپ كەلگەنلىرىنىڭ سانىلا ئەللىك خىلدىن ئاشىدىكەن. لېكىن ھازىر يىگىرمە خىل ئەتراپىدىكى ئويۇن ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى مەشرەپ ئۇستىلىرىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېغىر قىيناقلىرى، <<تۆت كونىنى يوقىتىش>> زەربىسى، دەۋىرگە ماسلىشالماسلىق قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنتۇلۇپ، يوقىلىپ كەتكەن ياكى شاللىنىپ كەتكەن .
تۆۋەندە مەن تارىخنىڭ تۈرلۈك بوران- چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئويۇنلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ، كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .

بىرىنچى،كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىىنىڭ تارىخىي يىلتىزى چوڭقۇر.

خەلق -ئۇ ئالدى بىلەن ھامان مەلۇم زامان ۋە ماكانغا تەئەللۇق بولۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكان ئىستىخىيەلىك ھالدا شۇ خەلق ئىجاد قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىىختىرالىرىدا  ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ، ئاشۇ زامان ۋە ماكان بەخشەندىلىرى ئىجادىيەتلىرىگە ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئۆز تامغىسىنى ئۇرغان بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن بۇنىڭدىن 300يىللار مۇقەددەم قارا قۇرۇم ئېتىگىدە بارلىققا كەلگەن كىلياڭ مەشرىپى ۋە مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ تارىخىي يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ ، ئۆزىگە سىڭدۈرگەن رىئالنى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت ...قاتارلىق فولىكلورلۇق ئامىللىرىدىن مەلۇمات بەرگۈچى ئەينەك بولۇپ، بۇنىڭغا<<قارچۇغا ئويۇنى>>، << خام توقۇش>>،<< دارغا چىقىش>>...قاتارلىق مەشرەپ ئويۇنلىرىنى مىسال قىلىپ، كۆرسىتىش مۈمكىن.
<<قارچۇغا ئويۇنى>>دا- ئەقىل-پاراسەتلىك كىلياڭ خەلقىنىڭ ئەينى زامان ئوۋچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.
ئوۋچىلىق-بىر تەرەپتىن ئادەملەرنىڭ قورقۇمسىز، باتۇر، جاپاغا چىداملىق، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە سەزگۈر بولۇشىنى تەلەپ قىلسا، جۇغراپىيەلىك نوقتىدىن چەكسىز كەتكەن جاڭگاللىق ياكى قاتمۇ-قات تاغلار ئارىسىدا قارچۇغا، بۈركۈت، ئىت، قىسماق، ئوقيا...قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئىشقا ئاشىدىغان بىر خىل جاپا-مۇشەققەتلىك ھەرىكەت جەريانى. بەز ئوۋلار مەخسۇس ئوزۇق-تۈلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا، بەزى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى كۆڭۈل ئېچىش، ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە مەرگەنلىكىنى يېتىلدۈرۈش، سىناش مەقسىتىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.مەيلى نېمىلا بولمىسۇن كىلياڭ مەشرىپىدىكى<<قارچۇغا ئويۇنى>>-كىلياڭلىق ئەجدادلىرىمىز، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەينى دەۋىر ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئادىتىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ئىستېتىك زوققا ئېگە قىلىدۇ.
<<خام توقۇش>>- ئىككى ئادەم ئارقىلىق ئورۇندىلىدىغان بىر خىل ئويۇن تۈرى بولۇپ، بىرى ئۇستا، يەنە بىرى خام توقۇيدىغان دۇكانغا تەقلىد قىلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىككى ئادەم بىر تەرەپتىن قوشاق توقۇغاچ،يەنە بىر تەرەپتىن خام باپنىڭ دۇكان رىمونت قىلغان، موكا ئاتقان، توقۇلغان ىامنى دۇكاندىن چۈشۈرگەن ھەرىكەتلىرىنى ھەم قىزىقارلىق ھەم تەبىئىي بىر خىل يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
<<كاساڭدىن تەڭگە سۈزۈش>>(جازا ئويۇنى)-دائەجدادلىرىمىز تۇرمۇش بويۇمى قىلىپ ئىشلىتىپ،ئاللىقاچان تارىخقا ئايلانغان، ياغاچتىن ياسالغان، خېمىر يۇغۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر تۇرمۇش بويۇمىنى ھازىرقىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تېرىشچان، ھۆنەر-كەسىپلىك خەلق ئىكەنلىكىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇندىن باشقا <<دارغا چىقىش>> ( قەدىمقى كىلياڭلىقلارنىڭ باتۇر ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھىيغا ئېگە تاغ كىشىلىرىگە خاس روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ  )، <<ساتراچ>>، <<بوۋا – چوكان>>(ئەجدادلىرىمىزنىڭ قول ھۆنەرۋەنچىلىك ۋە ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىدۇ) ،<<قەشقەردىن كەلگەن بايىۋەچچە>>(يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدىن مەلۇمات بېرىدۇ)، ، <<مېۋىلەرنىڭ نەزمە بايانى>>(كىلياڭنىڭ يەرلىك شېۋىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە)...قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن .
ئومۇملاشتۇرغاندا،كىلياڭ مەشرىپىدىكى قەدىمىي ئىشلەپچىقىرىش، ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ۋە ھۈنەر – كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئويۇن تۈرلىرى ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ماددىي فولىكلور بايلىقىنىڭ ئىز-نىشانىسى بولۇپ ، ئۇ بىزنى ئەينى دەۋىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

ئىككىنچى،تىياتىرلىق خۇسۇسىيەت  .

ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رېئال زىددىيەت- توقۇنۇشلارنى سەھنىدە پېرسوناژ (سەھنە ئارتىسى ) لارنىڭ كونكرىت ھەرىكەتلىرى ، دىئالوگ، مونولوگلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ۋە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىيات ، گۈزەل سەنئەت ، ناخشا – مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللار مۇناسىپ ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن سەھنە سەنئىتىنىڭ تىياتىر دېيىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ، بۇ نوقتىدىن قارىغاندا بىزنىڭ خەلق مەشرەپلىرىمىزدە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان خېلى زور سالماقتىكى مەشرەپ ئويۇنلىرى ئوبرازىنىڭ بېۋاستىلىقى ، كونكىرتلىقى ، ئونۋېرساللىقى قاتارلىق تەرەپلەردىن تىياتىرلىق خۇسۇسىيەتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇپ،كىلياڭ مەشرىپىدىكى <<ساتراچ>>، <<قونچاق ئۇسسۇلى>>، <<تۆگە ئويۇنى>>، <<بۈرگە سويۇش>>...قاتارلىق كىچىك تىياتىرلار بۇنىڭ ئۈلگىسىدۇر .
<<ساتراچ>>نى مىسالغا ئالساق، ئۇ -بىرخىل مۇزىكىلىق تىياتىر بولۇپ، ناخشا-مۇزىكا بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر نائۇستا ساتىراچنىڭ بىر قېتىملىق چاچ ئېلىش، ساقال ياساش جەريانى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن مەسخىرە قىلىنىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى ھۆنەرلىك بولۇش، ھۆنەرنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىش، خېرىدارنى رازى قىلىشقا ئۈندەش ئاساسى مەقسىتى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
كىلياڭ مەشرىپىدىكى تىياتىرلار گەرچە ھەجىم جەھەتتىن چوڭ بولمىسىمۇ ، ئۆزىگە بەلگىلىك مەزمۇننى سىغدۇرغان  بولۇپ ، سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ، پىرسۇناژلار تىلى ، ئۇسسۇل ، مۇزىكا ، مېمىيكا قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ياخشىلىق ، ئىزگۈلۈكلەرنى مەدھىيەلەپ ، ناچار قىلمىشلارنى سۆكۈش، ئاساسلىقى ئادەملەرنى مەكتەپتە ، مەكتەپتە بولمىغىنىدا مەشرەپتە تەربىيەلىنىپ ، ياخشى  ئادەم بولۇشقا چاقىرىش : بېكىنمىچىلىك ، خوراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ ، يىڭىلىققا ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشكە ئۈندەشتە ئۆز رولىنى ئارتقۇزۇپ ،  تارىختىن بۇيان كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ئۈنسىز تەربىيەگە ئېگە قىلىپ كەلگەن .

ئۈچىنچى،ھەجۋىيلىك، ھازىرجاۋابلىق  .

كىلياڭ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىكىنىڭ بىرى بولغان ھەجىۋىيلىك ۋە ھازىر جاۋابلىق خۇسۇسىيەت ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن كەڭ مەشرەپ ئەھلىگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئونۋېرسال تەربىيەگە ئېگە قىلىدۇ. مەسىلەن: <<ئوسما قويۇش>>ۋە <<خېنىكام>>، <<سوپى ئۇسسۇلى>> ،<< بىيىت ئىيتىشىش>>لارنى مىسالغا ئالساق، <<ئوسما قويۇش>> ئويۇنىدا ئوسما قويغۇچىنىڭ رولىنى ئالغان بىر ئەرنىڭ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان نوغۇچ چوڭلۇقتىكى كالتەكنى كۆتۈرۈۋىلىپ، بىر قىزنىڭ چاچ تاراپ، ئوسما قويغان پۈتۈن ھەرىكەت جەريانىنى تاماششىبىنلارغا ئىنتايىن ھەجىۋىي تۈستە يەتكۈزۈشى ئارقىلىق مۇبالىغىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كەڭ مەشرەپ ئەھلىگە ئىستېتىك زوق بېرىش بىلەن بىرگە، ئەجدادلىرىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ چېچى ۋە قېشىنى پەرۋىش قىلىشتا جىگدە يىلىمى ۋە ئوسمىنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىدىن ئېبارەت ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. << ئوسما قويۇش>> ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەقىل- پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ يېراق تارىخى ئۇيغۇر تېبابەت ئىشلىرىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.   <<خېنىكام>>دا بولسا راسىت بىلەن ساختا، ئاچكۆزلۈك بىلەن شۈكرى قانائەت ئوتتۇرىسىدىكى دېئالىكتىك مۇناسىۋەت سازەندە ۋە رول ئالغۇچىنىڭ دېئالوگ ۋاستىسى ئارقىلىق، تاماششىبىنلارنى ئاچكۆزلۈكتىن، ساختىپەزلىكتىن يېراق تۇرۇشقا ؛ بىر-بىرىگە راستچىل، مىھرىبان بولۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ. << سوپى ئۇسسۇلى>> نىڭ تېكىستى ھەجىۋىي تېكىست بولۇپ، رايۇنىمىزدا ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن سوپىستىك ئىددىيە قامچىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇخىل ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە تارتقان ئازاپ-كۈلپەتلىرى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ سوپى-ئېشانلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەرىكىتى قوشۇلۇپ، ھەجىۋىيلىك خۇسۇسىيىتى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان. << بىيىت ئىيتىشىش>>- بىيىت ئىيتقۇچىلارنىڭ ناتىقلىقى ۋە ھازىر جاۋابلىقىنى سىنايدىغان بىر تۈرلۈك دىئالوگ ئويۇنىدىن ئېبارەت بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ئويۇننىڭ يەنە بىيىت ئىيتىشقا قاتناشقۇچى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زىھنىنى سىناش رولىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك.

تۆتىنچى،دوراش خاراكتىرى كۈچلۈك.

مەلۇم ئادەم ياكى ھايۋانات،ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەركىتىنى دوراش  ئارقىلىق تاماششىبىنلارغا زوق ئاتا قىلىش، روھىيىتىگە تەدرىجى ئىچكىرىلەپ كىرىش ئارقىلىق ، مەلۇم نىشان بويىچە تەلىم-تەربىيە يۈرگۈزۈش بۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ تۈپ نىشانى قىلىنىدۇ. مەسىلەن:<<ئات بىلەن تۆگىنىڭ مىتەۋىسى>>، <<كەپتەر ئويۇنى>> قاتارلىقلارنى مىسالغا ئالساق،<<ئات بىلەن تۆگىنىڭ مىتەۋىسى>>-بىر خىل مەسەل خاراكتىرىنى ئالغان دېئالوگ شەكلىدىكى ئويۇن بولۇپ، بۇ ئويۇندا ئات ۋە تۆگىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئىككى ئادەمنىڭ سەھنىدە ئات بىلەن تۆگىنىڭ ئۆز ئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىش، مەنمەنلىك قىلىشتىن ئېبارەت سۆز-ھەركىتىنى قىزىقارلىق يوسۇندا دورىشى ئارقىلىق مەنمەنلىك تالىشىشتىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئۆتكۈر كىنايىلىك تىللار ئارقىلىق تاماششىبىنلارغا يەتكۈزۈلسە، <<كەپتەر ئويۇنى>>دا كەپتەرنىڭ كىيىمى كىيگۈزۈلگەن ئىككى نەپەر رول ئالغۇچىنىڭ كەپتەرنىڭ جورا ئىزدەش، چاڭگا تىزىش، ئۇۋا قىزىتىش، تۇخۇم بېسىش، باچكا بېقىش، موللاق ئېتىش، قۇيرۇق سىيپاش...قاتارلىق جەريانلىرى ناخشا تېكىستى ۋە رول ئالغۇچىنىڭ دوراش ھەرىكەتلىرى، يەنى رول ئالغۇچى ناخشىدا نېمە مەزمۇن ئوتتۇرىغا قويۇلسا شۇ مەزمۇننى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق قىزىقارلىق بىر خىل تەرىزدە تاماششىبىنلارنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىش ئىستىكى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇلىدۇ.

بەشىنچى،ھەرىكەت بىلەن مۇزىكا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.

كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىگە دىگۈدەك مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر پۈتۈن كوللىكتىپنىڭ قاتنىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇنلارنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىي كۈچلۈك بولۇپ، سەھنىدىكى ئون نەچچە ھەتتا نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. مەسىلەن بىز تۆۋەندە <<كوزىغا كىرىش >>نى مىسال ئۈچۈن كۆرۈپ باقايلى: كوزىغا كىرىش ئويۇنىدا كوزىغا كىرگۈچى سازەندىلەرنىڭ تەڭكىشىگە ئۇسسۇل ئوينىغانچەسەھنىگە چىقىدۇ ھەمدە بېشىدىكى دوپپىسىنى ئېلىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوڭدىسىغا قويغاندىن كىيىن، دوپپىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، سازەندىلەر بىلەن ئۆز ئارا دېئالوگ شەكلىدە (كوزىغا كىرگۈچى: مەن كوزىغا كىرەمىنا-دېسە، سازەندىلەر: قاندىغا قىلىپ، قانداغ ئېتىپ، قانداققىنا كىرەسنا؟ كوزىغا كىرگۈچى جاۋاب تەرىقىسىدە بىر تەرەپتىن مەقسىتىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇقتۇرغاچ يەنە بىر بىر تەرەپتىن:مۇندىغا قىلىپ، مۇنداق ئېتىپ، مۇنداققىنا كىرەمىنا دېگەنچە ناخشا ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ تۇرۇپ)ناخشا تېكىستىدە نېمە مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلسە شۇ خىل مەزمۇندىكى ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا دوپپا ئۈستىگە بىرلا موللاق ئېتىپ ، دوپپىنى كىيىپ، ئورنىدىن تۇرىدۇ . بۇ ئويۇندىكى نۇرغۇن ھەرىكەتلەر بولۇپمۇ دوپپا ئۈستىگە موللاق ئېتىپ، دوپپىنى كىيىپ ئورنىدىن تۇرۇش جەريانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقۇرى بولۇپ، يۈكسەك دەرىجىدىكى ماھارەتتىن باشقا، ئەڭ زور دەرىجىدىكى جىسمانىي كۈچ- قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدۇ.

ئالتىنچى،تەلىم-تەربىيە رولى گەۋدىلىك.

ئۇيغۇر بارلىكى يەردە مەشرەپ بارلىقى ھەممىمىزگە ئايان. مەشرەپ بىزنىڭ كۆڭۈل شادلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى، ئۇنىڭدا بىزنىڭ كۈلكە، خۇشلۇقىمىز مۇجەسسەم . ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل شادلىقىنى مەشرەپ ئارقىلىق ئەلگە نامايەن قىلغان. بىزگە مەلۇم، مەشرەپ سورۇنىدا ساز-مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ناخشا ئىيتىلىپ، ئۇسسۇل ئوينىلىدۇ. قىسما-قىسما لەتىپە-يۇمۇرلار سۆزلىنىپ، كۈلكە- چاقچاقلار پەلەككە ياڭرايدۇ. بىيىت- قوشاقلار ئىيتىلىپ، كۆڭۈل-مۇھەببەتلەر ئىزھار قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ناچار قىلمىش ۋە بولمىغۇر ئادەتلەر ھەجىۋىي قىلىنىپ قامچىلىنىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز مەكتەپ قىس بولغان كونا زامانلاردا << بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر >> دېگەن ھىكمەت ئارقىلىق مەشرەپنىڭ تەلىم-تەربىيە رولىغا ھەقىيقى يۇقۇرى باھا بەرگەن.
دېمەك مەشرەپنىڭ بۇ خىل رولى كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىغىمۇ ئورتاق بولۇپ، كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدىن بىرى بولغان <<دار ئويۇنى>>دىكى دارۋازنىڭ دارغا چىقىش ئالدىدا، يۇرت چوڭلىرى، ئېلىم ئەھلىلىرىدىن تەلىم ئالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ تەلىم- تەربىيە رولىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىزگە يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ. يەنىي:
نەغمىچىلەر «دار ئويۇنى» نىڭ مۇزىكىسىنى باشلايدۇ.بىر يىگىت ئىككى قولىنى كېرىپ تەڭشەك قىلىپ،ئىككى قەدىمىنى مۇزىكا رېتىمىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئالدى-كەينىگە يۆتكەپ،داردا ماڭغاننى دورايدۇ. ئويۇن يېرىملاشقاندا، يىگىت تۇيۇقسىز توختاپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.مۇزىكا توختايدۇ.
يېگىت بېشى : قارىم ، توختاپ قالدىلىغۇ ؟
يىگىت : مەن ئەمدى دارنىڭ ئۈستى تەرپىگە ماڭىمەن غوجام، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر ، مەدەت بىلەن ئەر  دېگەن گەپ بار. مەن سورۇن ئەھلىدىن تەلىم ئالماقچى.
يېگىت بېشى: خوش؟
يىگىت : مېنىڭ ھەزرىتىمدىن سورىۋالىدىغان بىرنەچچە سۇئالىم بار ئىدى.  
يېگىت بېشى (تۆردە ئولتۇرغان ، ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مويسىپىتنىڭ  ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىدۇ) ھەزرىتىم،رۇخسەتمىكىن؟
مويسىپىت : ئىجازەت.
يېگىت بېشى (يىگىتكە) قېنى سورىسىلا.
يىگىت: ھەزرىتىم ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي پەزىلىتى نېمىكىن؟
مويسىپىت : ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنلىققا بەرداشلىق بىرىش،  ۋە ئۆز ئىلىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىق .
يىگىت : ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىكىن؟
مويسىپىت:  ئىلىم-مەرىپەت ، ھالال مېھنەت ، پاك مۇھەببەتتۇر.
يىگىت : ھەزرىتىم ، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسە نېمىدۇر؟
مويسىپىت:غېرىبلىق،جۇدالىق،مۇھتاجلىق دۇنيادا ئەڭ ئېغىر نەرسىلەردۇر.
يىگىت: ئەڭ ئېسىل بايلىق نېمىكىن؟
مويسىپىت : سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق.
يىگىت: ھەشقاللا ھەزرىتىم ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىمى پېقىرغا مەدەت بولدى. يا پىرىم! مۇزىكا چىلىنىدۇ يىگىت «دار»نىڭ ئۈستىگە قاراپ ماڭىدۇ،ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ،داردا ماڭغان خەتەرلىك ھالەتلەرنى دورايدۇ.مۇزىكا توختاپ ، ئويۇن ئاياقلىشىدۇ،يىگىت كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ.
دېمەك، كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدا يۇقۇرىدىكى ئابدۇقادىر داموللا ئۈگۈتلىرىگە ئوخشاش ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلارغا  تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان تەلىم-تەربىيە خاراكتىرىدىكى ئىلمىنىتلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەشرەپنىڭ ئەدەب-ئەخلاق مەكتىپىلىك رولىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرغان.

يەتتىنچى،كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرى چەكلىمىلىككە ئېگە.

كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىدىن باشقا ، ئەينى دەۋىر ئىجتىمائىي رىئاللىقىمۇ تارىختىن بۇيان كۆپ قىسىم ئويۇنلارنى ئەرلەر ئويناپ كەلگەنلىكىنىڭ ئاساسى سەۋەبىدىن ئېبارەت. مەسىلەن: ئەسلىدىن ئاياللار ئويناشقا تېگىشلىك بولغان <<خېنىكام >> ئويۇنىنى ئالساق مەزكۇر ئويۇن بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ دېئالوگى ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئەرنىڭ رولىدا ئوقۇلىدىغان دېئالوگ سازەندىلەر تەرىپىدىن كوللىكتىپ ئوقۇلىدۇ. ئايالنىڭ دېئالوگىنى سەھنىدە ئايالنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان يەنە بىر ئەر ئورۇندايدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسى سەۋەب ئاچكۆزلۈك بىلەن شۈكۈر-قانائەت، ساختا بىلەن راستنىڭ دېئالىكتىك مۇناسىۋىتى تەسۋىرلەنگەن تېكىستكە ماس ھالدا تۈرلۈك ھەجىۋىي ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداش ئاياللارغا نىسبەتەن سەل قولايسىز . ئۇندىن باشقا <<قونچاق ئويۇنى>> دا ئەسلى قونچاقنىڭ رولىنى ئايال ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، قونچاقنى بىر ئەر قۇچاقلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ئويۇن تۈگىگۈچە قۇچاقلاپ ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. قونچاقنىڭ پۇت ھەركىتى ئارقىلىق كالتەك ئوينىتىشى، قونچاق ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇسسۇلچىلارنىڭ قونچاققا تۈرلۈك ھەرىكەتلەر بىلەن چاقچاق قىلىشى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، بۇ رولنى ئاياللارنىڭ ئېلىشىغا دەۋىرنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقى يول قويمايدۇ. <<ئوسما قويۇش>>نى مىسال قىلساق، بۇ ئويۇندا باشتىن ئاخىرى بىر ئايالنىڭ چاچ تاراش ۋە ئوسما قويۇش جەريانلىرى ھېكايە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئويۇننىڭ جېنى بولغان مۇبالىغە ۋە ھەجىۋىينى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر ئويۇنمۇ تارىختىن بۇيان ئىزچىل ئەرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىپ كەلگەن.

سەككىزىنچى،تەبىئەت ۋە ھايۋانلارغا بىر خىل يېقىنلىق ئەكىس ئەتكەن.

كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئالاھىدىكىنىڭ بىرى بولغان يەرلىك تۈس –يەرلىك شېۋە ۋە كىلياڭلىقلار دائىم كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرىدىغان، ئۆزىگە ئەڭ تونۇش بولغان ئوبىكتىپ شەيئىي ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق ئۆز بالاغىتىنى تاپقان. كىلياڭ مەشرىپىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز-ئاتالغۇلار كىلياڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇغداي، قوناق، ئارپا-پۇرچاق، چاي، گۈلە- ياڭاق...دېگەنلەر ئىزچىل كىلياڭدا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان زىرائەت ۋە دەل دەرەخلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن سىرت، قوي- قوتاز، ئات-تۆگە، جەرەن- ئۇلا...قاتارلىق جان-جانۋارلارمۇ كىلياڭلىقلار تۇرمۇشىغا ئەڭ يېقىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىلياڭلىقلار بىلەن بىر تەن، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدىمۇ يۇقارقىدەك رىئاللىق ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ خىل رىئاللىق كىلياڭلىقلارنىڭ ئىكولوگىيە قارىشى ۋە ئىكولوگىيە مەدەنىيلىك قارىشىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر. مەسىلەن: <<جەرەن ئويۇنى>>نى مىسالغا ئالساق، بىر ئىسقىرتىش بىلەن سەھنىگە سەكرەپ چىققان جەرەن سەھنىدە ھىلى سازەندىنىڭ ، ھىلى ئۇسسۇلچىنىڭ قېشىغا ئەركىن ئازادە بېرىپ، ئۇلاردىن بىيىت- قوشاق ئوقۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، جەرەن ئادەملەردىن قىلچە قورقۇش، خاۋاتىرلىنىش ھىس قىلمايدۇ، مەشرەپچىلەرمۇ ئامال بار جەرەننىڭ بىيىت- قوشاق ئاڭلاش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تېرىشىدۇ. ئوقۇلغان بىيىت- قوشاقنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولمىسا جەرەن ئاچچىقلاپ، بىيىت- قوشاق ئوقۇغۇچىنى ئۈسسۈپ، باشقىنى ئىيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوقۇلغان بىيىت- قوشاقنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولسا جەرەن خۇشاللىقتىن سەكرەپ، قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالىدۇ.
دېمەك تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربى، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىلىق بەلباغقا جايلاشقان كىلياڭ خەلقى ئەزەلدىن جەرەن، ئۇلا، قوتاز قاتارلىق تاغ ھايۋانلىرى بىلەن دوستلۇشۇپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ قايغۇ ھەسرەتلىرىگە تەڭ قايغۇرۇشۇپ، كۈلكە- شادلىقلىرىغا ھەمنەپەس بولۇشۇپ، بىر ئىكولوگىيە چەمبىرىكىدە ئورتاق ياشاپ كەلگەن بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى بولغان كىلياڭ مەشرىپى ۋە ئويۇنلىرىدا تەبىئەت ۋە ھايۋانلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئىستىخىيەلىك يىقىنلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

توققۇزىنچى،كوللىكتىۋىزىملىق ۋە ئىجتىمائىي ئېناقلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

كوللىكتىۋىزىملىق- مەشرەپلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك. چۈنكى كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك ھەرىكەت بىلەن مۇزىكىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدىن ئېبارەت بولۇپ، ئويۇندا رول ئالغۇچىدىن باشقا كۆپلىگەن سازەندىلەرنىڭ كوللىكتىپ قاتنىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ . ئويۇن مانا شۇنداق كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىپ، كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى زوقلاندۇرىدۇ. تاماششىبىنلىرى كۆپ بولغان ماناشۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان بىر كوللىكتىپ سورۇندا ئەسلىدىن مۇكەممەل بولغان مەشرەپ ئىنتىزامىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ھىچقانداق مۇقىملىق تەدبىرى بولماي تۇرۇپمۇ، ئۇرۇش-جېدەل، غەلۋە ماجراسىز بىر مەيدان مەشرەپ غەلىبىلىك تامام ئېتىلىدۇ. تاماششىبىنلارنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەن تەبىقە ئايرىماي ئىختىيارى ئۇسسۇلغا چۈشۈشلىرى، بارىكاللا سادالىرى ۋە قىقاس- سۈرەنلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇشقا تېرىشىدۇ.
كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىدىن <<ئەيسا-مۇسا>> قاتارلىقلار كەڭ مەشرەپ ئەھلىگە ئۆز ئارا ئېناق، ئىتتىپاق بولۇپ، يۇرتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش تەربىيەسى بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەيسا-مۇسانىڭ رولىنى ئالغۇچى ئارتىس بىر دانە چاپاننى ئادەم شەكلىدە ياساپ ئۆز بەدىنىگە تېڭىپ، سۇ تالىشىپ ئۆز ئارا ئۇرۇشقان پېتى سەھنىگە چىققاندىن كىيىن تۈرلۈك ھەرىكەت ۋە دىئالوگلارنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئارا ئەپلىشىپ، بۇندىن كىيىن ئۇرۇشماي ئېجىل-ئېناق ئۆتۈش ئېرادىسىگە كېلىدۇ ھەم تاماششىبىنلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئىجتىمائىي ئېناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇرت- ۋەتەننى ئورتاق گۈللەندۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ. <<بۇدىمەت ئويۇنى >> دا ئەقلى كەمتۈك بۇدىمەتكە قارىتا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىسداشلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈش ئارقىلىق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئۆز ئارا يار يۆلەك بولۇش ئارقىلىق، بار-يوقنى تەڭ كۆرۈشتەك مېھىر-مۇھەببەت ھېكايىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. <<چاي تۇتۇش >> ئويۇنىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن چاي بىلەن گېنە- ئاداۋەتنى يۇيۇپ، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىۋىتىشتەك ئىجتىمائىي، تارىخى رىئاللىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ ، بۇ خىلدىكى ئويۇنلار ئارقىلىق بىز ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، يۇرت-ۋەتەننى بىرلىكتە قۇرۇش تەربىيەسىنىڭ بۇندىن 300يىللار ئىلگىرى كىلياڭ مەشرىپىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ باشلانغانلىقىنى، تارىخى يىلتىزىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
ئومۇمەن قىلىپ ئىيتقاندا كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرى كىلياڭ خەلقى، جۈملىدىن ئەقىل پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئەقىل پاراسىتى ۋە ئىجادكارلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، يېقىنقى بىر مەزگىلدە يۇقۇرى دەرىجىلىك كەسپىي تارماقلار، مەشرەپ سۆيەر خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىشى، كىلياڭ مەشرىپى ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىنى قېزىش، رەتلەش، سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتۈۋالدى. ئەمدىكى مەسىلە بىزنىڭ بۇ بېباھا گۆھەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش، ئەجدادلارئالدىدا يۈزىمىز يورۇق، ئەۋلادلار ئالدىدا بېشىمىز ئۈستۈن بولۇشى ئۈچۈن، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى ئۇلىشىمىزنى، كىلياڭ مەشرىپى ئويۇنلىرىغا ئېجادىي ۋارىسلىق قىلىشىمىزنى، ئۇنى قانداق قىلىپ بولمىسۇن خەلق ئۈچۈن، دەۋىرئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزنى، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا، زاماندىن- زامانغا قوغدىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 07:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ماقالىنى بىر ژۇرنالدا ئوقۇغاندەك قىلغاندىم، يەنە ئوقۇدۇم ،ئوبدان ئىزدىنىش بولۇپتۇ، ئوبدان يېزىلىپتۇ ،ھارمىغايسىز قېرىدىشىم.

ۋاقتى: 2015-4-30 13:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ  ئىزدىنشلىرى  ھوسۇللۇق بولغاي

ۋاقتى: 2015-4-30 23:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كىلياڭ مەشرىپى گۇما دىيارىدىكى مېھنەتكەش خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى. كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئويۇنلىرى ھەققىدىكى بۇ ماقالىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىزدىنىپسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر. ماقالىنىڭ ژورنالدا ئېلان قىلىنغان مەنبەسىنى بىر ئەسكەرتىۋەتكەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاركەن ئەسلىدە. تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي. يوللاپ تۇرارسىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش