كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 1

م.قادىر: «رومال» بىلەن «پۈركەنجى»نىڭ تارىخىي پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


م.قادىر


يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدا ئەرەپلەرنى دوراپ «پۈركەنجى» ئارتىش خېلى ئەۋجىرەپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرى، ھەتتا يەسلىلەردىكى كىچىككىنە قىزلىرىمىزمۇ بېشىنى «پۈركەنجى» بىلەن ئوراپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىپ دەرس ئاڭلاشتا قىينىلىۋاتىدۇ؛ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ سۆزلەشتە قىينىلىۋېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار «پۈركەنجى» ئارتىشنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل قۇلايسىزلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشتا قارا-قويۇق قوبۇل قىلماسلىق، پايدىلىق ۋە جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز، ئەرەپ قىز-ئاياللىرىنىڭ «پۈركەنجى» ئارتىشى بىلەن ئۇيغۇر قىز-ئايللىرىنىڭ «رومال» ۋە «باشياغلىق» ئارتىشىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى پەرقلەندۈرۈپ قوللىنىشىمىزنىڭ دەۋرنىڭ نەقەززاسى ۋە خاسلىقى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ رومال سېلىش مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك خاس مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق سېلىش مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى، ئەرەپ ئاياللىرىنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى بېشىغا «پۈركەنجى» ئارتىش تارىخىدىن تولىمۇ مۇقەددەم بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىۋى ۋە تاڭ سولالىسىدىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدا بېشىغا ئىنتايىن يارىشىملىق «ياغلىق» ۋە «رومال» ئارتىش مەدەنىيىتى بولغان. مەسىلەن، تاڭ دەۋرىدىكى شائىر بەي جۇيى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بېشىغا «رومال» سېلىپ ساز چالغاندىكى گۈزەل قىياپىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:
ئاستىلاپ چەكمەكنى بىردىن يۆتكىسەڭ تىز پەدىگە،
دەسلىۋى «ئەتلەس»تە باشلاپ قىل تامام «رومال» بىلەن.
تاڭ دەۋرىدە «يېشىل رومال»- ئۇسۇللۇق چوڭ نەغمە بولۇپ، ئۇنى تاڭ شائىرلىرى «يېشىل رومال» دەپ ئاتاشقان. خې چاۋ ئۆزىنىڭ «مەيخانىدىكى خۇ قىزىغا بېغىشلاپ» دېگەن شېئىردا «يېشىل رومال» موزىكىسىنىڭ ئەل ئىچىدىكى زوقى تەسىرىنى ئىپادىلەپ شۇنداق يازىدۇكى:
باش باھار مەيخانىسىدا ئولتۇرار ئۇيغۇر قىزى،
قولىدا پەيتارى چالغۇ تۈن ئارا جاڭ-جاڭ چېكىپ.
بۇندا مېھمانلار زېرىكمەس، تارقىماس ھەر چاغدىمۇ،
تۇرغىنىدا ياپ-«يېشىل رومال» كۈيىنى ئىشتىشىپ.
تاڭ دەۋرىدىكى شائىر شۇي نىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەتلەش رومال ۋە ئەتلەس كۆينەك كېيىپ، ئەتلەس كۆينىكىنىڭ بېلىگە ئاق يۇڭلىق بەلۋاغ چىگىپ ئۇسۇل ئوينايدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:
ئۇچۇرۇپ مامۇق كەمەرنى ياڭرىسا لەرزان سادا،
تاشلىغان يەڭگىل قەدەمنى ئەۋرىشىم «ئەتلەس» كېلۇر.

ئەرەپ ئاياللىرىنىڭ بېشىغا «پۈركەنجى» ئارتىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا «ياغلىق» ۋە «رومال» ئارتىش تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەدەنىيەت بولۇپ، ئەرەپ زىمىنى ئاساسەن قوياش تىك چۈشىدىغان ئىسسىق بەلۋاغ رايونىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئەرەپ ئەرلىرى ۋە ئەرەپ ئاياللىرى بېشىغا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئوخشاشلا بېشىغا بىرنەچچە قات رەخت ئوراپ «پۈركەنجى» ئارتىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەرەپ قىز-ئاياللىرىنىڭ «پۈركەنجى» سېلىش مەدەنىيىتى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار بېشىغا ياغلىق سېلىشنى «پۈركەنجى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە «قۇرئان»نىڭ سۆرە «ئەھزاب» 59-ئايىتىدە  «ئىي پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمۈنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى (ئۇلار) پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلۇدۇ-دە باشقىلار ئۇلارغا چېقىلالمايدۇ.» دېيىلگەن. ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئىنتايىن قالاق ۋە مەدەنىيەتسىز بولۇپ، ئۇلار قىز-ئاياللارنى ناھايىتى خارلايتتى ۋە پەس كۆرەتتى. ھەتتا قىزلارنى تىرىك كۆمىۋىتەتتى. ئاياللارنى ھايۋان ئورنىدا كۆرۈپ ئۇلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلاتتى... ئەرەپلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھۆر ئاياللارنىڭ ئىلگىرىكىدەك دەپسەندە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ پەيغەمبەرنىڭ ئايال-قىزلىرى، مۆئمۈنلەرنىڭ ئايال-قىزلىرى «پۈركەنجى» ئارتىپ باشقا ئاياللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ يۈرۈشى «قۇرئان»دا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
«قۇرئان»دىكى «پۈركەنجى» ھەققىدىكى باياندىن ۋە ئەرەپ زىمىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكىدىن، ئەرەپ قىز-ئاياللىرىنىڭ «پۈركەنجى» ئارتىشىنى ئۈچ سەۋەپتىن بولغان دىيىشكە بولىدۇ؛ بىرىنچى سەۋەبى، ھۆر ئاياللارنى باشقا ئاياللاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈش مەقسىدىدە «پۈركەنجى» ئارتىش. ئىككىنچى سەۋەبى، ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئىسلام دىنىنى تۈنجى قېتىم قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ ئاسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان باشقا ئاياللاردىن پەرقلىق كېيىنىش ئەھۋالى ئەكىس ئەتكەن. ئۈچىنچى سەۋەبى، ئىسسق ئۆتۈشتىن ساقلىنىش خاراكتىرلىك ئەرەپ ئەر-ئاياللىرىنىڭ ئورتاق ھالدا «پۈركەنجى» ئارتىشى.
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا  ئەرەپ ئاياللىرىغا ئوخشاش «پۈركەنجى» ئارتىش ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئەرەپلەردىكى «پۈركەنجى» ئارتىش- قارا ۋە ئاق رەڭدىكى رەختنى بېشىغا ۋە بەدىنىگە قاتمۇ-قات ئورىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قىش پەسلىدە ئىسسىقنى قوبۇل قىلىش مەقسىدىدە قارا رەڭلىك رەختنى «پۈركەنجى» قىلىپ ئارتىيدۇ. ياز پەسلىدە ئسسىقنى توسۇپ قېلىش مەقسىدىدە ئاق رەڭلىك رەختنى «پۈركەنجى» قىلىپ ئارتىيدۇ.
تاڭ دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ «رومال» ۋە «باشياغلىق» ھەققىدىكى شېئىرلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى «رومال» ۋە «باشياغلىق» ئارتىشنى مۇنداق بەش سەۋەپتىن ئىجات قىلغان بولىشى مۇمكىن؛ بىرىنچى سەۋەپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپكى يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى ياراتقان خەلق بولغاچقا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يايلاق مەدەنىيىتىدىكى كۆچمەلىك تۇرمۇشىدا ناچار جۇدۇن-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى شارائىتىدا «بوستان سېكىلەك»لىرى ۋە «ئۆرۈم چاچ»لىرى بۇزۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئات مىنىپ، ئات چاپتۇرغاچقا چېچىنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  بېشىنى رەخت بىلەن ئورىۋېلىشتىن شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچى سەۋەپ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەتلەس توقۇغۇچى ئاساسىي ئەمگەك كۈچى بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرى توقۇغان رەڭدار گۈزەل ئەتلەس نۇسخلىرىدا كۆينەك تىكىپ، شۇ ئەتلەس كۆينەككە پەرلەشكەن ۋە ماسلاشقان  ئەڭ دەسلەپكى «ئەتلەس رومال» (ئۇچۇرۇپ مامۇق كەمەرنى ياڭرىسا لەرزان سادا، تاشلىغان يەڭگىل قەدەمنى ئەۋرىشىم «ئەتلەس» كېلۇر.)نى ئىختىرا قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى سەۋەپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى سەنئەت ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا «رومال» ۋە «باشياغلىق» ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان سەنئەت بويۇمىغا ئايلانغان. بۇنداق بولىشىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ چىرايلىق يۈزىنى ئايغا ئوخشاتساق، «رومال» خۇددى بىر پارچە ئاق بۇلۇتتەك ئەشۇ ئاينى گاھ دالدىغا ئېلىپ، گاھ نامايەن قىلغان. تۆتىنچى سەۋەپ، ئۇيۇر ئاياللىرىنىڭ «رومال» ۋە «باشياغلىق»ى غەربى دىيار (شىنجاڭدىكى تەكلىماكان چۆلى)نىڭ قۇرغاق، قۇم- بورانلىق ھاۋا كېلىماتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىدىدە ئىقتىرا قىلىنغان بولىشى مۇمكىن. بەشىنچى سەۋەپ، ئەرەپ ئاياللىرىنىڭ «پۈركەنجى» ئارتىشى بىلەن ئۇيغۇر قىز -ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشنىڭ قىسمەن ھالدا شەكلەن جەھەتتىن ئوخشاپ قېلىشى، «پۈركەنجى» بىلەن «رومال» ۋە «باشياغلىق»نى پەرقلەندۈرۈشكە ئۇزۇن مۇددەت سەل قارىلىپ، ئىتىقاتتىكى ئىزچىللىق، پەرقلەندۈرۈلمەي رومال سېلىش ئىزچىللىقىنى پەيدا قىلغان بولىشى مۇمكىن.      
ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ تارىختىكى ۋە ھازىرقى «رومال» ۋە «باشياغلىقى» بىلەن ئەرەپ قىز-ئاياللىرىنىڭ «پۈركەنجى»سىنى پەرقلەندۈرۈش ماھىيەتتە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى، شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ ھۆكۈم بويىچە بولغاندا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى «پۈركەنجى» ئارقىلىق ئەرەپ ئاياللىرىنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى «رومال» ۋە «باشياغلىق» ئارقىلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەكمۇ؟  ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى نامايەن قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر بولسا كېرەك!   
    باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرغۇچىلارنى ھەرگىز قوللىماسلىق كېرەك. «قۇرئان»نىڭ مائىدە-سۆرىسى 87-ئايىتىدە: «ئاللاھ چەكتىن ئاشقانلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» دېيىلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ھەدىسلەرنىڭ بىرىدە «ئىلىم ‹چىن›دا بولسىمۇ ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن سۆزنى قىلغانلىقىنى نورغۇنلىغان كىشىلەر بىلىدۇ. «بىلىم ‹چىن›دا بولسىمۇ ئۆگىنىش كېرەك» دېگەننىڭ مەنىسى؛ ئىلغار مەدەنىيەت يات مىللەتلەردىمۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش كېرەك دېگەنلىك.
    دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى يىراق قەدىمكى زامانلاردىمۇ بىر-بىرىنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەنگەنلىكى مەلۇم؛ مەسىلەن، چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە پادىشاھ چىن شىخۇاڭ ئوغۇزچە ياسىنىپ، ئەسكەرلەرنى ئوغۇزچە مەشقلەندۈرۈپ، ئوغۇزچە ھەربى قۇراللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەن... «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى»دا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەنلىكىگە ئائىت مۇنداق پاكىتلار بار؛
تاڭ دەۋرىدىكى شائىر يۈەن جىڭ شۇنداق يازىدۇ:

بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز ئاياللار مەشغۇلى،
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلار سىمان.
سۇمغۇر ئاتەشنىڭ ساداسى مۇڭ بىلەن تولسا ئەگەر،
نەۋ باھار بۇلبۇل كۈيى ياڭرايتتى بىر سالقىن ھامان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ زىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس-بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان.

تاڭ دەۋرىدىكى شائېرە خۇا رۈي (بەرگى خېنىم) شۇنداق يازىدۇ:

شائىمىز چىققاندا چىللە نەزرە-ئايەم قىلغىلى،
بىللە چىقماقچى خېنىملار بەلگىلەندى ئەۋۋەلى.
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
جىلۋە قىلدى شۇ لىباستا تالچىۋىقتەك بەللىرى.

تاڭ دەۋرىدىكى شائىر بەي جۇيى شۇنداق يازىدۇ:

مەللە ساقال چۇڭقۇر كۆز ئىككى ئۇيغۇر سەھنىدە،
داپ قولىدا سۆزلىرى رىۋايەتلەر قەھرىدە.

تاڭ دەۋرىدىكى ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى تۈپەيلىدىن يۇرتى شىنجاڭغا قايتالمىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ھەققىدە شائىر بەي جۇيى مۇنداق دەپ يازىدۇ:

غەربى ياققا قاراشقانچە شىرلار قايرىپ بېشىنى،
نالە-نەرە قىلغىنىدا ھەممە تۆكتى يېشىنى.

ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى مۇئەييەن بىر قەۋمگە، مۇئەييەن بىر مىللەتكە ياكى مۇئەييەن بىر دۆلەتكىلا تەۋە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى يەرشارىدىكى ھەممە مىللەت قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلماي بولمايدۇ. بۇ كەلگۈسى مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ خەلقئارالىق ئاساسىيدۇر.


مەنبە: قىسقىچە ئىزدىنىشىم
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 11:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 13:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار تورىغا جان كىرىپتۇ،بۇنداق تېمىلاردىن ئۈركۈپ يۈرمەسلىك كېرەك،دىندىن خالى تور تۇرمۇشىنى تەشەببۇس قىلىش سېپى ئۆزىدىن ئەخمىقانىلىق،بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىمىز  ئىسلام دىنىنىڭ ھالال -ھارام پىرىنسىپىغا،كىيىم -كېچەك ئادىتىمىزمۇ  دىندا تەۋسىيە قىلىنغان ۋە ئۆرپ -ئادەت پەرھىزلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن يوسۇنىمىزغا ،ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىمىزمۇ بەلگىلىك دىنى پەرھىزلەرگە چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ ئۇنى تەرك ئېتىش ياكى ئۇ ھەقتىكى ھېسسىياتنى چەكلەش بىلەن مەزكۇر تورنى ‹‹ساغلام››تور قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، يۇقۇرىدا م.قادىر  ئۇستاز مۇئەييەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ،پەرھات كازىمغا رەھمەت  بۇ تورنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىنى بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىتتىڭىز!

ئاپتور بۇ يازمىغا ئاياللارنىڭ باشياغلىق ۋە رومال ئورىۋېلىشىنىڭ ئۇلارنى يامان كۆزدىن ساقلاپ شەرمى ھايالىق  يۈرىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بولسا تېخىمۇ تولۇق بولاتتى،ئانىلار ،ئاچا -سىڭىللار رومال ۋە باش ياغلىقنىڭ رولىغا قانداق قارايدىكىن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 17:06  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش