كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 5

تۈرگۈن (ت): ئابلەت كامالوف ــــ ئەنلۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭىدىكى تۈرك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەنلۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار
ئابلەت كامالوف [قازاقىستان]

تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن

ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان دەسلەپكى ئون يىلدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۇلارنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيىتىدىكى يورۇق نوقتا بولۇپ قالغان. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى زورىيىپ،زېمىنى كېڭىيىپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىگەنىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقى(تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ) قاتمۇقات كىرىزىسلارغا پېتىپ قالغانىدى. جۈملىدىن ئەنلۇشەن ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى 755-يىلىدىن 763-يىلىغىچە تاڭ سۇلالىسىغا قارشى قوزغىغان توپىلاڭ ئەڭ ئېغىر بولغانىدى. بۇ توپىلاڭنى جۇڭگونىڭ شىمالىدا تۇرۇشلۇق مەشھۇر ھىراۋۇل، تۈرك-سوغدى قان سىستېمىسىدىكى ئەنلۇشەن قوزغىغان ئىدى(ئەنلۇشەن ئەسلىدە بۇخارالىق رۇشەن دېگەن بولۇپ، خەنزۇچە بۇخارا(安国)دېگەن سۆزدىكى ‹安›سۆزى فامىلە قىلىنغان ــــ تەرجىماندىن). بۇ توپىلاڭ بۈيۈك تاڭ ئېمپىرىيەسىنى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغان، ھەتتا ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن تاڭ سۇلالىسى بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغان ۋە توپىلاڭنى باستۇرغان.
ئەنلۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى 756-، 757-، 759- ۋە 762-يىللىرى تاڭ سۇلالىسىغا تۆت قېتىم ياردەم بەرگەن ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىمدا توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلار بۇ توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشتا ئەڭ ئاۋۋال ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا تاڭ ئوردىسى نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى بەرگەن، ئۇرۇش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ئولجا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىمۇ ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پائالىيەتلىرىدە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى تەكىتلىگەن. سىماگۇاڭ 757-يىلى غەربىي پايتەخت چاڭئەن قايتۇرۇۋېلىنىشتىن بۇرۇن، تاڭ سۇزوڭ:« پايتەختنى تېزلىكتە قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن پايتەخت قايتۇرۋېلىنغان كۈنى يەر، ئەسكەرلەر تاڭ سۇلالىسىغا ، ئالتۇن-كۆمۈش، ئوغۇل-قىزلار ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولىدۇ دەپ كېلىشكەن»لىكىنى خاتىرىلگەن[1]. شەرقىي پايتەخت لوياڭ قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىم تۈزۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرنى ئۈچ كۈن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ، لوياڭ ۋە باشقا شەھەر-بازارلارنى، كەنتلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتىشى مەقسەت قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقىلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان مۇددىئاسىمۇ بار ئىدى. كەمىنە ئىلىم ساھەسىدە پەقەت ئىككى شەخسنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم بېرىشىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكىنى بىلىمەن. رۇسىيە تارىخشۇناسى گومىلىيىف[L.W.Gumilev] ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇن چىقىرىشتىكى مەقسىدى تاڭ ئېمپىرىيەسىنىڭ قوشۇنىنى يوقىتىپ ، تاڭ سۇلالىسىنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىغا يول قويۇشقا ماقۇل قىلىش[2] دەپ قارىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «756-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇرلار ۋە تۈبۈتلەر توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم قىلغان، بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىي(تەشەببۇسى) بىردەك بولغان. توپىلاڭنى باستۇرۇشقا قاتناشقاندا شەك-سۈبھىسىزكى تاڭ ئېمپىرىيەسىىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلەيتتى[3]. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش تازا پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قالايمىقانچىلىق دۆلەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا تاشقى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىپ ھاكىمىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تاڭ ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقى تاڭ ھاكىمىيىتىگە بېقىنمايتتى.
ئامېرىكىلىق ئالىم ل.ۋ.موسېس(L.W.Moses) ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىشى ھەققىدە يەنە بىر خىل قىزىقارلىق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇ مۇنداق قارىغان: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخشۇناسلىرى تەسۋىرلىگەندەك، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھامىيسى بولغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن بىرلەشمەي، بەلكى ئاسىي ئاتامان ئەنلۇشەنگە دۈشمەنلىك غەرىزى بىلەن قارىغانلىقىدىن بىرلەشكەن. چۈنكى ئەنلوشەننىڭ ئانىسى تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە ئاشىنا قەبىلىسىدىن كېيىن تۇرىدىغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن يەنى ئاشىد قەبىلىسىدىن ئىدى[4] . ئەمما مېنىڭچە ئەنلوشەننىڭ كېلىپ چىقىشى قانداقلا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاڭ ئېمپىرىيەسىنىڭ قوشۇنىدا يۇقىرى ۋەزىپىگە قويۇلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن  سوغدى-تۈرك ئارىلاشما قېنىدىكىلەر بار ئىدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئەنلۇشەننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان قوشۇخاننىڭ ئاتىسى غەربىي تۈركلەردىن، ئانىسى سوغدى ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىشىدىكى ھەربىي سىياسىي سەۋەب موسېس(L.W.Moses) ئوتتۇرىغا قويغان قاراشقا ماس كەلمەيدۇ. ناۋادا 756-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش تەس ئەمەس. بۇ قېتىمقى ئەسكەر چىقىرىش ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ توپىلاڭچى قوشۇنغا قارشى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي جەھەتتە بىرلىشىشى بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر قىستۇرما دېيىشكە بولىدۇ. خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرىياللاردا دېيىلگەن ئىنتايىن يېتەرسىز مەلۇماتلار ئارقىلىق ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى تەھلىل قىلغاندا، كەمىنە ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەر چىقىرىش ھارپىسىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
ئەنلۇشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى 755-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى فەنياڭدا قوزغالغان ئىدى. ئىشنىڭ دەسلىپىدە ھەممە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نەچچە ئاي ئىچىدىلا، تاڭ ئېمپىرىيەسىنىڭ شەرقىي پايتەختى لوياڭنى ئىگىلىۋالغان. ئەنلوشەن ئۇ يەردە ئۆزىنى ئۇلۇغ يەن پادىشاھى دەپ ئېلان قىلغان[5]. ئۇنىڭدىن كېيىن توپىلاڭچىلار غەلبىسىرى غەربىي پايتەختكە قىستاپ كەلمىگەن. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايتەختنى مۇداپىئە قىلىش سېپى تەشكىللەشكە باشلىغان. كېيىن توپىلاڭچى قوشۇن چاڭئەنگە ئەسكەر چىقارغاندا، تۇڭگۈەندە تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىككى تەرەپ قاتتىق تۇتۇشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاڭ سۇلالىسى خېبېي تەۋەسىدىمۇ قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن، تاڭ سۇلالىسى سانغۇنى گو زىيى بىلەن لى گۇاڭبى ئارقا تەرەپتىن توپىلاڭچىلارغا زەربە بېرىپ بولىڭ (ھازىرقى باۋ دىڭنىڭ شىمالىدا) نى قورشىۋىلىپ قوشۇننى جەنۇبقا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان[6]. ئەمما تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۇجۇمى 756-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ، توپىلاڭچىلار چاڭئەننى ئىشغال قىلىۋالغان. غەربىي پايتەختنىڭ قولدىن كېتىشى بۇندىن بۇرۇن تاڭ سۇلالىسىغا پايدىلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. تاڭ شۈەنزوڭ سىچۈەنگە قېچىپ كېتىپ، توپىلاڭچىلارغا قارشى تۇرۇشنى تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى تەخت ۋارىسى(شاھزادە) لى خېڭغا تاپشۇرغان. لى خېڭ 756-يىلى 7-ئايدا شوفاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لىڭۋۇدا تەختكە ئولتۇرۇپ سەلتەنەت نامىنى سۇزوڭ دەپ ئاتالغان. گوزىيى بىلەن لى گۇاڭبىمۇ خېبېيدىن ئايرىلغان، ئۇ يەرلەر قايتىدىن توپىلاڭچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن: ھۆكۈمەت قوشۇنى شىمالىي جۇڭگودىكى شوفاڭ ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىلىرىنى كونتىرۇل قىلغان، باشقا جايلارنى توپىلاڭچىلار كونتىرۇل قىلغان. تاڭ سۇلالىسىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىمالىي جۇڭگو توپىلاڭچىلارغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم جاي بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ قىسىمى شوفاڭغا توپلانغان ئىدى.
شۇ ئايدا، توپىلاڭچلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى ئاشىنا سۇڭلى دۈشمەن قورۇلىنى تاشلاپ شوفاڭغا قېچىپ كەتكەن[7]. ئاشىنا سۇڭلى تۈرك قەبىلىلىرىگە تەۋە خان جەمەتىنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقىدىن بولۇپ، تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىدىن ئىدى.  8-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقنى تالىشىش جېڭى قىلغاندا، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن قېچىپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان. ئەمما، 744-742-يىلىغىچە، تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈركلەرنىڭ تېزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى چىقمىغان. ئېنقكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەسىرى چەكلىك ئىدى[8]. ئاشىنا سۇڭلى باشقا قەبىلە باشلىقلىرىغا ئوخشاش ئەنلوشەننىڭ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى تۇرىشىنى قوللىغان ھەمدە كۆپ قېتىم چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. توپىلاڭچىلار ئىككى پايتەخت ۋە پۈتكۈل جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايۇنىنى ئىگىلىۋالغان پايدىلىق ۋەزىيەتتە، ئاشىنا سۇڭلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن توپىلاڭچىلارغا ئاسىيلىق قىلىپ تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ[9]. ئۇرۇش مەزگىلىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك سانغۇنلارنىڭ دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش. تاڭ سۇزوڭ ئاشىنا سۇڭلىنىڭ شوفاڭ تەرەپكە كەلگەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئوبدان چۈشەنسە كېرەك، ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتماقچى بولغان. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قىسىم ئادەملەرلا تاڭ سۇلالىسىغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن. ئۇ پادىشاھ بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىپلا قالماستىن، تېخى چوڭ بارگاھقا ھۇجۇم باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشىنا سۇڭلى قوشۇنىنى كېڭەيتىپ يەرلىكتىن كۆپلىگەن خەنزۇ بولمىغان ئادەملەرنى، ئاساسلىقى ئوردۇس ئالتە ئايماقتىكى(ئالتە غۇز ئايمىقىدىكى) سوغدىلارنى قوبۇل قىلغان[10]. تولۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت قوشۇنى تۇرۇشلۇق لىڭۋۇغا 600 چاقىرىم(تەخمىنەن 300 كىلومېتىر) كېلىدىغان يەردىكى باسقاق قوشۇننىڭ شىمالىدا ئاشىنا سۇڭلى ئون مىڭدەك ئادەمنى يىغقان[11]. ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا دۈشمەنلىك قىلىشىغا قاراپ جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى ئۇنىڭ ئەنلوشەنگە ئاسىيلىق قىلىشىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىدى ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ دىققىتىنى ئومۇمىي ھۇجۇمدىن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تەھدىت سېلىۋاتقان ئوردا شەھىرىگە بۇراش ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق تارىخچى جۈبىخۇ سەنشېڭ بۇ قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. شوفاڭ ئايمىقىدىكى توپىلاڭچىلار ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت قوشۇنىغا تەھدىت سالغان. تاڭ سۇزوڭ قاتتىق ئويلىنىپ ئۇلارنى يوقتىشنى قارار  قىلىپ، ھىراۋۇل بۆگۈ خۇەيئېننى ئاشىنا سۇڭلىغا جازا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتكەن. تارىخى ماتېرىياللاردا بۆگۈ خۇەيئېننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاشىنا سۇڭلىنىڭ قارىمىقىدىكى تاڭ سۇلالىسىغا ئاسىيلىق قىلغان «توققۇز ئوغۇز»لارنىڭ(Tokuz-Oghuz)[12]بىرى بولغان توڭرا قەبىلىسىگە زەربە بەرگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. گەرچە توڭرالار مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشىنا سۇڭلىنىڭ قوشۇنى ئاۋۋالقدەكلا كۈچلۈك ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى. تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئاشىنا سۇڭلىنىڭ تەھدىتىنى ۋە تاشقى ياردەمنىڭ مۇھىملىقىنى  ھېس قىلغانىدى. شۇڭا ئەكسچە توڭرالار مەغلۇپ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تاڭ سۇزۇڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بايانچۇرغا ئەسكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسى شاھزادىسى لى چېڭسەي، سانغۇن بۆگۈ خۇەيئېن ۋە شى دىڭفەندىن تەركىپ تاپقان تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلەر ئۆمىكى 756-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئوردۇ بالىققا يېتىپ بارغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسقىچە خاتىرىلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى «يېڭى تاڭنامە: ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، «ئىككى تاڭنامە: گوزىيىنىڭ تەرجىمھالى»ۋە «شى سىمىڭنىڭ تەرجىمھالى» شۇنداقلا يەنە سىما گۇاڭ تۈزگەن يىلنامە خاراكتىرلىك تارىخى ئەسەر «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»دىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى تارىخى ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:
شۇنىڭ بىلەن قاغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ شوفاڭ ھىراۋۇلى گوزىي بىلەن بىرلىكتە توڭرا قەبىلىلىرى ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئۇلارنى سېرىق دەريانىڭ شىمالىدا مەغلۇپ قىلدى، ئاندىن گو زىيى بىلەن قويۇن جىلغىسىدا ئۇچراشتى، قاغان ئۆز قوشۇنىنىڭ قۇدرىتى ۋە ھەيۋىتىگە تايىنىپ، نۆكەرلىرىنى قاتار قىلىپ سەپكە تىزدى ھەمدە گوزىيىنى ئاۋۋال بۆرە باشلىق چوڭ تۇغقا باش ئۇرغۇزدى، ئاندىن ئۆز-ئارا دىدارلاشتى.
«يېڭى تاڭنامە»، 217-جىلىد، 3-بەت.
يى زىچى بەش مىڭ ئەسكەرنى باشلاپ سېرىق دەريادىن ئۆتۈپ، بېيخەينى ئىگىلىدى، يەنە جەنۇبتىكى چاڭجىياڭ،خۈەيخې دەريالىرىنى ئىگىلىمەكچى بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى كۆل قاغان ۋەزىرىنى ئەسكەر چىقىرىپ ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، ئاۋۋال ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكەر فەنياڭدىن شەھەرگە كىردى، يى زىچى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قوشۇننى چېكىندۈرۈپ كەتتى.
«ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»، 219-جىلىد، 7007-7006-بەتلەر.
ئۇيغۇرلار ئىككى مىڭ ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ فەنياڭدىن كىردى، فەنياڭ قەلئەسى ئىككى كۈن ئېتىۋىلىنگەچكە، ئۇيغۇر قوشۇنى تەييۈەنگە يۆتكەلدى، يى زىچى نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ توپىلاڭچىلار قوشۇنىنى قۇتقۇزدى.
«كونا تاڭنامە»200-جىلىد، 7-بەت.
11-ئايدا، قاراقچىلار ئاتامانى ئاشىنا سۇڭلى توڭرا ۋە بۆگۈلەرنىڭ بەش مىڭ كىشلىك چەۋەندازلار قوشۇنىنى باشلاپ، خېچۈدىكى توققۇز مەھكىمە ۋە ئالتە غۇز قوۋمدىن بولۇپ نەچچە تۈمەن كىشنى قايمۇقتۇرۇپ بېرلىكتە توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولدى. گوزىيى ئۇيغۇرلار سەركەردىسى كۆل قاغاننىڭ ياردىمىدە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ نەچچە تۈمەن كىشىنى ئەسىر ئالدى، ئولجا ئېلىنغان مال-چارۋىلارنىڭ ھەددى-ھېسابى بولمىدى، شۇنداق قىلىپ خېچۈ دىيارى تېنچىتىلدى.
«يېڭى تاڭنامە»(«كونا تاڭنامە»بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا خاتالىق بار-تەرجىماندىن)، 120-جىلىد، 2-بەت.
بۇ نەقىللەر ئوخشىمىغان ئىككى خىل ۋەقەنى تەسۋىرلەيدۇ؛ 1. فەنياڭغا خۇپىيانە زەربە بەرگەن ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سەركەردىسى كۆل قاغان رەھبەرلىك قىلغان. 2. تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسى قويۇن جىلغىسىدا ئاشىنا سۇڭلى ئۇرۇش قىلغان جاي خۇاڭخى دەرياسىنىڭ شىمالىدىغا توغرا كېلىدۇ[13]. يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، پەقەت «يېڭى تاڭنامە»دە قاغاننىڭ قوشۇن باشلاپ ئوردۇسقا بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما باشقا تارىخى ماتېرىياللار كۆل قاغاننىڭ ئۇيغۇر قوشۇنىغا باشچىلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خانىدا تورۇ «يېڭى تاڭنامە»دىكى ئۇچۇرلاردا خاتالىق بار، چۈنكى سىماگۇاڭ ئۇيغۇر قاغانىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان، ئەمما ماككىراس(C.Mackerras)بۇنىڭغا توغرا دەپ ئىشەنگەن [14] دەپ قارايدۇ. بۇ بايان چوقۇم توغرا، چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كونكىرت ۋەقە، ئۇيغۇر قاغانى بىلەن تاڭ سۇلالىسى سانغۇنىنىڭ ئۇچرىشىشى تاڭ سۇلالىسى ياتلارنىڭ بۆرە باشلىق تۇغىغا باش قويغانلىقىدەك ئازابلىق سورۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ناۋادا بۇ ئىشلار مەۋجۇت بولمىغان بولسا، جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى ئوردا تارىخنامىلىرىگە  بۇنداق شەرەپسىز  تەپسىلاتلارنى يېزىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇڭا، خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرنىڭ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوردۇستىكى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى قايتا بايان قىلىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ. 756-يىلى 10-ئايدا، ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئوردۇبالىقتا تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. 12-ئايدا چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئوردۇسقا بارغان. ھەربىي يۈرۈش داۋامىدا قاغان داۋاملىق كۆپلىگەن زور ئاتلىق ئەسكەرلەرگە باشچىلىق قىلغان. ئۇ ئۆزى قوشۇن چىقىرىپ مېڭىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئەلچىسى كۆل قاغان 2000 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ خېبىي فەنياڭنىڭ بوش قالغانلىق پۇرستىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلغان، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ سانغۇنى يى زىچى ياردەم تەلەپ قىلىپ، كۆل قاغاننى دەريانىڭ شەرقىدىكى تاڭ سۇلالىسى كونتىرۇللىقىدىكى خېدوڭنىڭ تەييۈەنگە چېكىنشكە مەجبۇر قىلىپ قاغان باشچىلىقىدىكى غول قىسىم بىلەن ئۇچراشتۇرغان، ئارقىدىنلا ئاشىنا سۇڭلىغا جازا يۈرۈش قىلغان.
ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئۇيغۇر قوشۇنىنى ئۆزى باشلاپ كېلىشتەك ئەمەلىيەت بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئۇرۇشقا مۇشۇ بىر قېتىملا قاتناشقان. ئۇنىڭدىكى كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان قوشۇنغا قاغاننىڭ ئوغۇللىرى، ئىنلىرى باشچىلىق قىلغان. 757-يىلى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرىگە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى يابغۇ ئىدىگەن(كېيىن بۆگۈ قاغان دەپ ئاتالغان) باشچىلىق قىلغان.758-يىلى ئۇنىڭ 3- ئوغلى قۇتلۇق چۇر تېگىن(Kutlug Chor Tegin) قوشۇنغا باشچىلىق قىلغان باشچىلىق قىلغان[15]. 762-يىلى بۆگۈ قاغاننىڭ قوشۇن چىقىرىپ جەڭگە قاتناشقانلىق ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ[16]. ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوردۇسقا ئەسكەر چىقىرىشىدىكى ئالامەتلىرىنى ئاشىنا سۇڭلى قوشۇنىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما ئاشىنا سۇڭلى بولسا چوڭ يايلاقتىكى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىگە غايەت زور تەھدىت ئىدى. تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولغان ئاشىنا سۇڭلى ئۇيغۇرلار كونتىرۇللىقىدىكى تۈرك زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى، مانا بۇ ئۇنىڭ توپىلاڭچىلاردىن يۈز ئۆرۈپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلىشى ھەمدە ئوردۇسقا  كۈچ توپلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.شۇ ۋەجىدىن ئۇ يايلاقنىڭ يېڭى خوجايىنى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇتۇشۇپ بېقىشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇڭا بىز ئاشىنا سۇڭلىنىڭ ئۆزىنىڭ قەبىلە تەركىبى بولغان تۈركلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا قالماستىن، يەنە شىمالىي قۇملۇقتا ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقى بىلەن ئاداۋىتى بار توققۇز ئوغۇز(ئۇيغۇر) قەبىلىلىرىگە تايانغانلىقىدەك ئەمەلىيەتكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. توققۇز ئوغۇزلاردا ياغلاقار ئۇرۇقىغا قارشى قەبىلىلەردىن توڭرا، ئايبارىس ۋە بۆگۈ قەبىلىلىرى بار ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار، تۈركلەر ۋە توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىدە ھەقىقەتەن ئىچكى ئۇرۇش خەۋپى بار ئىدى. چۈنكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولغان ئاشىنا سۇڭلىنىڭ پۈتكۈل چوڭ يايلاقنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ئىدى. شۇڭا ئەل ئەتمىش بىلگە قاغانبۇ خەۋپنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە بىر قوشۇن تەشكىللەپ بۇ يوشۇرۇن خەۋپنى يوقىتىپ ئاشىنا سۇڭلىنى تەل-تۆكۈش يوقتىش پۇرسىتىنىڭ ئاخىرى كەلگەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن. ئاشىنا سۇڭلى دەسلەپتە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسىنىڭ توپىلاڭچىلارغا قارشى ھۇجۇمىغا توسقۇنلۇق قىلغاچقا، تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنى تۈپتىن يوقىتىشنى ئويلىغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاشىنا سۇڭلىنى يوقىتىش ئويى ئوخشاش چىققان. كۈچ جەھەتتىكى زور پەرق ئاشىنا سۇڭلى توپىلىڭىنىڭ ناھايىتى تېزلا پىتچىت بولۇشىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
ئاشىنا سۇڭلى قەبىلىسى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قېچىپ كېتەلىگەن. خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى 757-يىلى ھۆكۈمەت قوشۇنى لوياڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئېنىقكى، ئاشىنا سۇڭلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، توپىلاڭچىلار ئىگىلىۋالغان چاڭئەنگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز جەمەتىدىن بولغان  توپىلاڭچىلارنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشى ئاشىنا چېڭچىڭنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكەن. «يېڭى تاڭنامە»دە: ئەن چىڭشۈنىڭ(ئەنلوشەننىڭ ئوغلى، كېيىن قورچاق خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغان ھەمدە 757-يىلى لوياڭدىن قوغلاپ چىقىرىلغان)  ئاشىنا چېڭچىڭنى شىيەنچىڭنىڭ ئايماقدار، ئاشىنا سۇڭلىنى سول تۇرشاۋۇل سانغۇنلۇققا  تەيىنلىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن[17].
ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئاشىنا سۇڭلىغا قارشى تۇرۇپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى»(«مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» ياكى بىلگە قاغان مەڭگ تېشى»)دە ئانچە-مۇنچە تىلغا ئېلىنغان. بۇ مەڭگۈ تاشتا ئاساسلىقى بىلگەن قاغاننىڭ تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان، ئەپسۇسلىنارلىقى،  مەڭگۈ تاشتىكى كېيىنكى يېرىمى ۋە ئەنلوشەن توپىلىڭى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قىسىمى ياخشى ساقلانمىغان. ئەمما ئۇنىڭدىكى يېرىم-يارتا ئىزلاردىن تاۋغاچ خان(«Tabgach Han» تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن ئۇيغۇر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىيالايمىز.مەڭگۈ تاشتىكى كۆپلىگەن يېزىقلارنىڭ كەمتۈكلىك سەۋەبىدىن بىز ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قانداق ئالاقىدە بولغانلىقىنى بىكىتەلمىدۇق، ئەمما قاغان نامىدىن يېزىلغان : «2-ئاينىڭ 6-كۈنى مەن ئۆيگە باردىم»  دېگەن  بىر قانچە قۇر خەت (43-قۇرى)[18] بۇ ئىككى تارىخي ۋەقەدىن بىرنى جەزملەشتۈرۈشىمىزگە ياردىمى تېگىدۇ.  بۇنىڭ بىرى، قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى، يەنى قاغاننىڭ 756-يىلى 10-ئايدا تاڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ، ئىككىنچىسى، قاغاننىڭ ئالدىنقى سەپتىن ئوردۇسقا قايتقانلىقىنى مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان قاغاننىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكى ئالدىنقى خۇلاسىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بەلكى  756-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى[19]  ئاشىنا سۇڭلى بىلەن تۇتۇشقانلىقى دەل بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قاغاننىڭ يۇرتىغا قايتقان ۋاقتى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىككى ئايدىن كېيىن ئەمەس، يەنى كېيىنكى يىلى –توخۇ يىلى باشلانغان(757-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى).
خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى ماتېرىياللاردىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئاشىنا سۇڭلىنىڭ ئۇرۇشلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم بېرىشتىكى ھەربىي، سىياسىي مەقسىدىنى چۈشىنىشىمىزنى ئېھتىماللىق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. خۇددى دەسلەپكى يەنە بىر تۈرك كاتتىباشلىرىدىن ئابۇز يابغۇغا ئوخشاش، 752-753-يىللىرى[20] ئاشىنا سۇڭلى ئۇيغۇرلارغا: «ئېمپىرىيە ھالاك بولۇش مەزگىلىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قاچقان تۈركلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈمىدىدىن يانمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر قاغانىنىڭ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ۋەھىمىدىن قۇتۇلمىقى تەسلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مەيلى تۈركلەر ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن،دەسلەپتە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خانلىقلىرىدىن پاناھلىق سورىغاندا، ئاساسەن ئوخشاش ئەھۋال ساقلانغان. ئەمما كۈچەيگەندىن كېيىن، ئۇلار يايلاققا قايتىپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قايتىدىن قىر-چاپ قىلىشقان. شۇنداق بولغانىكەن ئاشىنا سۇڭلى ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنى تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتقاندا  تاڭ سۇلالىسى چىگرىسى تۈركلەرنىڭ ۋەھىمىسىنى يوقىتالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ھالقىلىق يېرى شۇكى، ئىلگىرى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئورتاق ھەمكارلاشقان تۈرك، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەنلوشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى مەزگىلىدە ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ(ئوغۇزلارنىڭ) كۆپ قىسىمى تاڭ ئېمپىرىيەسىگە قوشۇلۇپ ھۆكۈمەت قوشۇنىغا ئەگىشىپ جەڭ قىلغان(مەسىلەن قەبىلە باشلىقى بۆگۈ خۇەيئېنگە ئوخشاش)،ئەمما توڭرا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئاز بىر قىسىمى دەسلەپ ئەنلوشەننى قوللىغان،بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي توپىلاڭچىلاردىن قېچىپ بەزىلىرى  ئاشىنا سۇڭلىغا تەۋە بولغان، مەغلۇپ بولۇپ شىمالىي يايلاققا چېكىنگىنگەنلىرى بولسا ئۇيغۇرلارغا بويسۇنغان. ئەكسىچە تۈركلەر توپىلاڭچىلارغا چىڭ يېپىشقان، 742-744-يىللىرى، ئۇلار جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئايماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ ئايماقلارغا كىرگۈزۈلگەن تۇتۇق پىرقىلەر ئەنلوشەن توپىلىڭىغا ئەگەشكەن. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئەڭ تەسىرگە ئىگە توپىلاڭچى ئىچىدە ئەنلوشەننىڭ قولچوماقچىسى دەپ ئاتالغان ئاشىنا چېڭچىڭ دېگەن تۈرك كاتتىباش توپىلاڭنى باشتىن-ئاخىرى جاھىللىق بىلەن قوللاپ كەلگەن. ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ھوقۇق كۈرىشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا تۈركلەرنىڭ  جەڭگىۋار قىسىمىنى يوقىتىپ، جەنۇبىي چېگرانىڭ ئامانلىقىنى قوغدىغان. مانا بۇ تۈرك كونا قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالمىغانلىقى ھەمدە ئۆز يۇرتىنى،خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە ھېچقانداق ئىش قىلالمىغانلىقىنىڭ شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تارىخى كىتابلىرىدىن ئىز-دېرەكسىزلا يوقىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنلوشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭى مەزگىلىدە ئۇزۇن يول بېسىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىشىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي مەقسىدى تۈرك خانلىقىنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن ساقلىنىش ئىدى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا بۇ ئۇلارغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىرلىشىپ ئەن لوشەن-شى سىمىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشى تۈرك كۈچلىرىنى يوقاتقانلىق بولۇپمۇ ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە باشتىن-ئاخىرى توپىلاڭچى قوشۇن تەرەپتە تۇرغان ئاشىنا خان جەمەتىنى يوقاتقانلىق ھېسابلىنىدۇ.  
ئىزاھاتلار:
[1] سىماگۇاڭ: «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»، 220-جىلىد، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 1958-يىلى نەشرى، 1034-بەت.
[2] گۇمىلىف(L.N.Gumilew): «قەدىمكى تۈركلەر»(Drevnie Turki)، موسكىۋا، 1967-يىلى نەشرى،395-بەت.
[3] گۇمىلىف(L.N.Gumilew): «قەدىمكى تۈركلەر»(Drevnie Turki)، موسكىۋا، 1967-يىلى نەشرى،394-بەت.
[4] موسېس(L.W.Moses): «تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىچكى ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئولپان تاپشۇرۇش مۇناسىۋەتلىرى»( Tang Tribute Rilations with the Inner Asian Barbaians)، «تاڭ دەۋرى جەمئىيىتىگە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»(Essays on Tang Society)، لېىيدېن، 1976-يىلى، 41-40-بەتلەر.
[5] پۇللىي بىلانك(E.G.Pulleyblank):«ئەن لوشەن توپىلىڭى ۋە كېيىنكى تاڭ جەمئىيىتىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ پەيدا بولۇشى»(The An Lu shan Rebelion and the Origin of Chronic Militarisim in the Late Tang China)، «تاڭ دەۋرى جەمئىيىتىگە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»(Essays on Tang Society)، لېيدېن، 1976-يىلى، 79-بەت.
[6] گوزىي(781-697-يىللىرى ياشىغان) تاڭ سۇلالىىسىنىڭ مەشھۇر گېنراللىرىدىن بىرى، 769-يىلى  باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. بۇ ھەقتە «كونا تاڭنامە»نىڭ 120-جىلىد 1-بېتىدىن 12-بېتىگىچە،«يېڭى تاڭنامە»نىڭ 137-جىلىد 1-بېتىدىن 7-بېتىگىچە بولغان قىسىمىغا قاراڭ، لى گۇاڭبى(764-708) تاڭ دەۋرىدىكى يەنە بىر مەشھۇر گېنرال، بۇ ھەقتە «كونا تاڭنامە»نىڭ 110-جىلىد 1-بېتىدىن 6-بېتىگىچە،«يېڭى تاڭنامە»نىڭ 136-جىلىد 1-بېتىدىن 4-بېتىگىچە بولغان قىسىمىغا قاراڭ. ئۇنىڭدىن باشقا كولىن ماككېراسنىڭ(C.Mackerras)كانبىرادا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خانلىقى»(The Uighur Empire According to the Tang Dynastic Histories: Astudy in Sino-Uighur Relations<840-744>)ناملىق كىتابىغا مۇراجەت قىلىڭ، ئاۋستىرالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1972-يىلى نەشرى، 136-129-بەتلەر.
[7] سىماگۇاڭ: ««ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»نىڭ 1-جىلىدىدا توڭرالار،تۈركلەر ئەنلوشەن بارگاھىدىن قايتقاندا چاڭئەننىڭ فەنجوڭ،جىياماۋدا تۇرۇپ قالغان، ئاشىنا سۇڭلى شىمالغا قېچىپ كەتكەن دەپ خاتىرىلەنگەن. 6968-بەت.
[8] سېن جوڭمىيەن: ««تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى»، 1-جىلىد، بېيجىڭ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى، 1958-يىلى نەشرى، 459-458-بەتلەر.
[9] پۇللىي بىلانك(E.G.Pulleyblank):«ئەن لوشەن توپىلىڭى ۋە كېيىنكى تاڭ جەمئىيىتىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ پەيدا بولۇشى»(The An Lu shan Rebelion and the Origin of Chronic Militarisim in the Late Tang China)، «تاڭ دەۋرى جەمئىيىتىگە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»(Essays on Tang Society)، لېيدېن، 1976-يىلى، 44-بەت.
[10] ئوردۇستىكى سوغدىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى پۇللىي بىلانك(E.G.Pulleyblank)نىڭ «ئىچكى موڭغۇلدىكى سوغدى مەھەلىلىرى»(A Sogdian Colony in Inner Mongolia)دىن كۆرۈڭ، «ئاخبارات»(TP)، 41-جىلىد، 1952-يىلى نەشرى، 356-317-بەتلەر.
[11] سىماگۇاڭ: ««ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»نىڭ 218-جىلىد، 6997-بەت.
[12] توققۇز ئوغۇز مەھەلىلەر ئىتتىپاقى ھەققىدىكى ماقالىنى تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن كۆرۈڭ: پۇللىي بىلانك(E.G.Pulleyblank):«توققۇز ئوغۇز مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە ئوبزور»(Some Remarks on the Toquz-Oghuz Prablem)، «ئورال-ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى»(UAJB)، 28-جىلىد(سان)، 1956-يىلى نەشرى، 39-بەت، خامىلتون(J.R.Hamilton): «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر»(Toquz-Oghuz et On-Uighur)، «ئاسىياشۇناسلىق ژۇرنىلى»(JA)نىڭ 250-جىلىد(سانى)، 1962-يىلى نەشرى، 45-بەت. كەمىنە بۆگۈ خۇەيئېننىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن ئىدىم ، بۇنى تۆۋەندىكى ماقالىدىن كۆرۈڭ: « بۆگۈ خۇەيئېننىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە تەتقىقات»(Biografia Pagu Huai enia Kak istochnik dlia izucheniya Tanskoi Politiki v otnoshenii severnyh varvarov )، «شەرق تارىخى ماتېرىياللىرى ۋە مەسىلىلىرىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»(Pismennyie Pamiatniki problemy kutlury narodov Vostoka)، 1-توم، موسكىۋا، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى، 1989-يىلى نەشرى، 35-31-بەتلەر.
[13] سىماگۇاڭ: ««ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى»نىڭ 219-جىلىد، 7007-بەت؛ «يېڭى تاڭنامە»43-جىلىد 7-بەت.
[14] خانىدا تورۇ(Haneda Toru): «تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»(Todai Kaikostu shi nokenkiu)، «دوكتور خانىدا تورۇنىڭ تارىخشۇناسلىققا دائىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»(Haneda Hakushi shigaku rombunshu)، 1-توم، كيوتو، 1957-يىلى نەشرى، 324-157-بەتلەر. ماككېراس(C.Mackerras): «ئۇيغۇر خانلىقى»، 17-بەت.
[15] ئۇيغۇر شاھزادىسى قۇتلۇق تېگىن 768-يىلى(بۇنىڭدا خاتالىق بار، 758-يىلى بولۇشى كېرەك ــــ تەرجىماندىن) 8-ئايدا 3000 ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ چاڭئەنگە يۈرۈش قىلىپ ئالتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن ئاران قايتالىغان. ئۇلار 759-يىلى 4-ئايدا شىياڭ ئايمىقىدا بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئەسكەرلىرى ياردەمچىسىز قالغاچقا غەلبە قىلالمىغان.
[16] كىلياشتورنىي(S.G.Klyashtorny): «موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن بايقالغان ئۇيغۇر بۆگۈ قاغان ئابىدىسى»(Nadpis Uighurskogo Bogo-Kagana v Severo-Zapadnoi Mongolii)، «مەركىزىي ئاسىيادا يېڭىدىن بايقالغان ۋەسىقىلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»(Tsentralnaya Azia.Novye Pamiatniki I iskusstva)، موسكىۋا، 1987-يىلى نەشرى، 37-19-بەتلەر.
[17] «يېڭى تاڭنامە»225-جىلىد، 6-بەت.
[18] مالوف(S.E.Malov): ««موڭغۇللار ۋە قىرغىزلارنىڭ قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر»(Pamiatniki drevneturkskoi pismennosti Mongolii I Kirgizii)، موسكىۋا-لىنىگراد، 1959-يىلى نەشرى، 753-بەت؛ رامىستېد(G.Ramstedt): «شىمالىي موڭغۇلىيەدىن بايقالغان ئۇيغۇر رونىك يېزىقىدىكى ئىككى ئابىدە»(Zwei Uighursche Runeninschriften in der Nord-Mongolei)، «فىن-ئۇگۇرشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»(JSFUO)، 30-جىلىد 3-سان، 1913-يىل نەشرى، 63-1-بەتلەر.
[19] سىماگۇاڭ قاغان بىلەن گوزىيىنىڭ كۆرۈشكە ۋاقتىنى 756-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى دەپ، تۇڭرالار بىلەن ئۇرۇشقان ۋاقتىنى 756-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى دەپ خاتىرىلىگەن.
[20] يابغۇ قاپىشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈڭ: زېگلىدى(K.Czegledi): «گەردىزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە»( Gardizi on the History of Central Asia 745-780AD)، «شەرقشۇناسلىق ژۇرنىلى»(AOH)، 32-جىلىد(توم)، 1973-يىلى نەشرى، 265-بەت.
بۇ ماقالە دوكتور ياڭ فۇشۆ تەرجىمە قىلغان،گەنسۇ مىللەتلەر نەشرىياتى 2012-يىلى نەشر قىلغان «ئۇيغۇرشۇناسلىققا دائىر تەرجىمە ماقالىلەر توپلىمى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
ئىمىن تاجى تۈرگۈن
ئابلەت كامالوف قازاقىستاندىكى داڭلىق ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسىسى، ئۇ 1961-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1990-يىلى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر خانلىقى(840-744-يىللار)»ناملىق ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن قىسقىچە بايان»، «يايلاقتىكى چارۋىچى ئۇيغۇرلارنىڭ 9-8-ئەسىرلەردىكى ماددىي مەدەنىيىتى»، ««پورباجىن قەلئەسى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى»، «خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئۇيغۇر خانلىقى»، « ‹شىنە-ئۇسۇ ئابىدىسى›دىكى بايانلار»، قاتارلىق ماقالە ۋە ئەسەرلىرى بار، ئۇ ھازىر قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى.
«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 17:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 09:09:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىختىن مەلۇمات بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-6-9 11:13:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابلەت كامالوف قېرىندىشىمىزنىڭ  ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە قۇت بولسۇن...

ۋاقتى: 2015-8-28 13:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇنۇ تارىخچى قېرندىشىمىز ھەم تەرجىمانلار 安禄山نىڭ ئاتى ‹‹ئۆڭلۈك››،‹‹史思明››نىڭ ئاتى ‹‹سۆيگۈن››ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ ياكى قەستەن مۇشۇنداق تەرجىمە قىلدىمۇ؟ كىشىنىڭ ئەقلى يتمەيدۇ جۇمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afandi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-28 13:22  


ۋاقتى: 2015-8-28 14:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاماللار جەمەتىمىزنىڭ يەنە بىر لاياقەتلىك ئەزاسىنى ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن قۇتلۇقلايمەن!

ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىندىئاننا ئۇنۋېرستىتۇتىغا،ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنۋېرستىتۇتىغا تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى بولغان كۈنلىرىدىكى ئىلمىي ھاياتى ئۈستىدە ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2016-4-5 10:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش