بىلىمەن يۈرۈكۈڭ ئۇچۇم بولغان قۇش
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن
بىلىمەن يۈرۈكۈڭ ئۇچۇم بولغان قۇش،
ئۇچسىلا تارايدۇ دۇنياغا شۇخلۇق.
بىلىمەن كۆزلىرىڭ <<سۆيگۈ ئەلچىسى>>،
مەن ماڭغان سەپەرگە تۇتىدۇ يوللۇق.
بىلىمەن چاچلىرىڭ قىرىق قاراقچى،
بىغۇبار قەلبىمگە سالىدۇ ئىشىق.
بىلىمەن قېشىڭدا تۈنەيدۇ ھىلال،
دىرىزەم تۈۋىدە چىقىرىپ قېلىق.
بىلىمەن نىگاھىڭ تاڭدىكى قۇياش،
قاراڭمۇ تۇيغۇمغا نۇر بىرەر ئىللىق.
بىلىمەن سۆزلىرىڭ مۇڭلۇق بىر ناخشا،
كۈيلىنەر مۇھەببەت نەچچە مىڭ يىللىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-30 17:38