يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 5

ھەققانىي: ھۇرۇنلۇق ھاماقەتلىكتۇر («ھ»ھەرىپىدىن سۆز ئويۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۇرۇنلۇق ھاماقەتلىكتۇر
( «ھ » دىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي

ھۇرۇنلار ھەقىقەتەن ھېلىگەر،ھازازۇل، ھۆرمەتسىز،ھىدايەتسىز، ھۇسۇلسىز، ھىممەتسىز، ھارامغا ھېرىسمەن ھارامزەدىلەردۇر.ھاياتلىقتا ھۇرۇنلارنى ھايۋان ھىساپلىساقمۇ ھەق.ھۇرۇن ھاياسىزلار ھېيىت ھارپىسىدا ھاشىم ھاجىم ھەدىھلىگەن ھەددى-ھىساپسىز ھىممەتلەردىن ھەمىشە ھاياجانلىنىدۇ ھېجىيىشىدۇ. ھېلىغۇ ھاشىم ھاجىمكەن ھۇرۇن ھاجەتمەنلەرگە ھېمىشەم ھەسەلدەك ھۇزۇر-ھالاۋەت ھەدىيەلەۋەرسە ھاتەممۇ ھايالشىماي ھالسىرايدۇ،ھۆمۈدەيدۇ. ھۇرۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ھىمايىلەپ، ھېلىگەرلەرگە ھەمدەملىشىپ ھۇسۇلسىزغا ھەمىشە ھەق ھىساپلىسىڭىزمۇ ھىساۋىڭىزغا ھۆمۈيىدۇ، ھىممەتلەردىن ھاياجانلىنىپ ھېجىيىشقان ھەزىلەك،ھاماقەت ھۇرۇنلار ھەجۋىي ھىكايىلەردىكى ھىسسىياتى ھورلۇشۇپ، ھويلىسى ھۆللەشكەن ھالسىز ھاڭۋاقتى، ھازازۇل ھاللىقلاردەك ھاكاۋۇرلۇشۇپ، ھېرىپ ھۇشسىزلانغان ھالسىز ھاڭگىدەك ھىڭگىيىشىدۇ،ھۆپۆپتەك ھۈركىشىدۇ، ھۇقۇشتەك ھۇۋلىشىدۇ، ھاڭگىرتتەك ھاقارەتلىنىدۇ، ھىلىگەرلەر ھېمىشە ھاپپاز- ھۇرۇنلارغا ھامىلىشىدۇ. ھەمكارلىشىدۇ. ھەي ھۆرمەتلىك ھاۋاخان، ھۆسنەرىخان، ھۆرىگۈل،ھۇشۇراخۇن،ھەكىمجان،ھاشىماخۇن، ھامىدىن،ھىسامۇدۇن،ھېنىپەم،ھۆرنىساخان،ھېپىزىخان،ھۈسەيىن،ھاجاخۇن،ھەممە ھەقەمساھىلار..ھۇناقنى ھۇناققا ھىملەيدىغانلار،ھەقىقەتەن ھەممىمىز ھاياتتىن ھۇزۇرلۇنۇشقا ھەقلىقمىز،ھەممىمىز ھەسەل ھەرىسىدەك ھەمدەملىشەيلى، ،ھادىسىدىن ھەزەرلىنەيلى، ھازىرقى ھاياتىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىلىگەرلەشمەيلى،ھىلىگەرلەرچە ھېجىيىشمايلى،ھارامزادەلەشمەيلى، ھۇرۇنلاشمايلى،ھىدايەتتىن ھۇزۇرلىنايلى،ھۇرۇنلارنى،ھاپپازوپلارنى ھىلىگەر ھىساپلايلى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 12:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس چىقىپتۇ،سۆز بايلىقى مول بولمىسا يازغىلى بولماس

ۋاقتى: 2015-4-30 22:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇلۇپ كىتىۋاتقان سۆز سەنئىتىمىزنى تىرىلدۈرۈپلا! ئىجادىيەتلەر بەرىكەت تاپقاي!

ۋاقتى: 2015-5-2 06:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پور كۆتەك، قاقشال دەرەخلەرنى كېلىشتۈرۈپ قامچىلاپسىز، ياشاپ كېتىڭ ئاكا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-4 10:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق ئىش ئەمدى.بۇ تىمام مۇنبەردە نورمال كۆرۈنمەي «تىمىلىرىم»دىگەننى ئاچسام ئەسەر ۋە ئىكاسلار ئاندىن كۆرۈنىۋاتىدۇ.نورمال كۆرۈنىدىغان ئەسەىرلەر تىزىملىكىدە يوق.بىلىدىغانلار بولساڭلا دەپ بەرسەڭلا،بۇ نىمە ئىشتۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-4 10:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارقا بەتكە كىتىپ قالماستىلا نورمال بەتتە كۆرۈنمەي قالدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش