يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 526|ئىنكاس: 5

سەھەر: سەھەر مەكتۇپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

QQ图片20150424233529.jpg

باھارغا
(نەسىرلەر)

بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر


نۇرغۇن ئادەمنىڭ گۈزەل ۋە كەمتەر تەبىئەت قالدۇرغان ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۆرىنىشى، زوقى ياكى تەبىئەت قوينىدىكى بىرەر ئۆسۈملۈك، ھەم بىرەر نەرسىدىن ئالغان تەسىراتى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. جۈملىدىن مەنمۇ تەبىئەتكە بولغان ھۆرمەت، مىننەتدارلىق، ھىرىسمەنلىك ۋە باھار پەسلىگە بولغان قىزغىنلىقىم تۈپەيلى بۇ ئاددى يازمىلىرىمنى تەبىئەتنى سۆيگەن، ئاسرىغانلارغا تەقدىم ئىتىمەن.

images (1).jpg

بىلەمسەن باھار، سەن يىيىلپ كەلگەن شۇ ئايلاردا قەلبىمنى قىزغىنلىق، ئىللىقلىق قاپلايدۇ. سەن يېتىپ كەلگەن ئايلار ئۆمۇر مەنزىلىمنىڭ گۈلباھارى بولۇپ تۇيۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ساڭا كۆيىمەن، سېنى سۆيىمەن، ساڭا تەلپۈنىمەن. سەن كەلگەن ئايلاردىكى گۈزەللىك، لاتاپەت، نازۇكلۇق، پاكىزلىق ھەم سەبىيلىكتىن روھلىنىمەن، جانلىنىمەن. سەن بىلەن تەڭ بېخ يىرىپ چىققان بىدىنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى ھەم خۇش پۇرىقى ئەسلىمىلىرىمنى خاتىرلىتىپ بالىلىقىمغا قايتۇرىدۇ، يىڭنىسىمان قىياقلارنىڭ نەمخۇش ھېدى پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىغا مېھىر ۋە سۆيگۈ تارىتىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، كىچىك، ئاجىز قۇرۇتلارنىڭ قاتتىق ۋە قىلىن تۇپراق ئارىسىدا ئىرىنمەي ھاياتلىق ئىزدىشى ئىرادەمگە، ئۈمىدىمگە كۈچ بىغىشلاپ، ھاياتقا بولغان ئىشەنچەمنى ئاشۇرىدۇ.
باھار، سېنىڭ قەدەم تىۋىشىڭنى سەزگەن سۆگەتلەر سېرىق پوتلىسى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى گۈزەللىك بىلەن يۆگەپ، ئادەملەرگە ئۈمىد ۋە ھاياتى كۈچ بېغىشلىغاندەك تۇيغۇلاردا بولىمەن. قىزلارنىڭ سۆگەت چىۋىقلىرىدىن ئىشىپ ياسىۋالغان ئۆرۈمە چاچلىرى مېنى غەمسىز، كەپسىز، ئارزۇلۇق بالىلىقىمنىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغان قايناملىرىغا سۈرگۈن قىلىدۇ.
سەن باشلاپ كەلگەن ئىللىقلىقتىن يۇمران يوپۇرماقلار تۈرۈم – تۈرۈم كۆكلەيدۇ، ئاق، ھالرەڭ، قىزىل ۋە بىنەپشە رەڭلىك چېچەكلەر دەستە – دەستە ئىچىلىدۇ، رەڭدار چىچېكلەردىن شىرنە يىغىۋاتقان سېرىق، قارا ۋە قوڭۇر چىكىتلىك ھەرىلەر غوڭۇلداپ ئۇچۇشقىنىچە ئۇۋىلىرى تامان قانات قىقىشىدۇ. مەن بۇ گۈزەللىك ۋە ئىللىقلىقتىن بالىلىقىمدىكى خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلايمەن ھەم ئۇنىڭ بەتلىرىدىن ئانامنىڭ تولىمۇ چىرايلىق، رايىش، مېھرىبان قىز ئىكەنلىكىنى، دادامنىڭ قامەتلىك، بادام دوپپىسى بەك ياراشقان بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر ئەڭگۈشتەر، بىر تىلتۇمار ئىكەنلىكىمنى تاپىمەن.
باھار، سەن باشلاپ كەلگەن ئىللىقلىق نەمخۇش ھەم يۇمشاق تۇپراق قوينىدىكى ماي قوڭغۇزلارنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزىدۇ. كەچ كىرىش بىلەن سېرىق تەنلىك كېلەڭسىز قويغۇزلار غوڭۇلداپ ئاۋاز چىقارغىنىچە پەس ئۇچۇپ كىلىپ ئۇچرىغانلىكى نەرسىگە سوقۇلۇپ مىدىرلىماي يىتىشىدۇ، قوڭغۇزلارنىڭ بۇ تۇرقى ھەم غوڭۇلدىغاق ئاۋازى مېنى بالىلىقتىكى قەغەز خالتىلارغا قوڭغۇز تىرىپ قىزلارنىڭ چىچىغا ياماشتۇرۇپ قويىدىغان كەپسىز، خۇشخۇي ھەم سەبى دوستلىرىمنىڭ يېنىدا ئۆزۈمنى تاپقۇزىدۇ.
بىلەمسەن، سەن ئىلىپ كەلگەن ئىللىقلىقتىن ئۇششىگەن چىمەنلەر ياشىرىدۇ، قاتقان سۇلار ئەركىنلىككە ئىرىشىدۇ، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر ياپراقلارغا چۈمكىلىدۇ، يىشىل رەڭ بىلەن زىننەتلەنگەن تەبىئەتتىن مىھرىبانلىق، سېخىلىق، گۈزەللىك بالقىيدۇ، سەن كۆكلەتكەن گۈللەرنىڭ بىخلىرىدىن چوغدەك، زەفىرەڭدەك، قاردەك، ئالتۇندەك گۈللەر ئىچىىلىپ سۇنغان، خەستە بولغان دىللار ئاراملىققا، بىتاب بولغان تەنلەر ماغدۇرغا ئىرىشىدۇ. مەن سېنىڭ بۇ سېھىر ۋە ھىكمەتلىرىڭ ئارىسىدا خىياللارىمنىڭ چاچلىرىغا ئىسىلىپ يىراق- يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ مەسۇم، پاكىز، ساداقەتمەن، تولىمۇ لەزىز بولغان سۆيگۈ ئالىمىدە بەختنى ھىس قىلىمەن.
ماڭا ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى، گۈزەل تۇيغۇلارنى، ئىنتىلىش ھەم ئارزۇ-ئىستەكلەرنى بەخش ئەتكۈچى باھارىم، كەل سېنى باغرىمغا ئالاي، بىز تۇپراق بىلەن سۇدەك بىر تەن، بىرجان بولايلى...


تەبىئەتكە
images (3).jpg

سالام تەبىئەت، مەن بۇ ئاددى يازمام، پىشمىغان قەلىمىم بىلەن سەن جان كۆيدۈرگەن، سەن ھۆرمەت بۈلدۈرگەن، سەن كۆيۈنگەن، سەن قەدىرلىگەن، سەن نىممەت بەرگەن، مېھنەت بەرگەن، يول بەرگەن ھەم سەن گۈل بەرگەنلەرنىڭ تىلىدىن ساڭا مىننەتدارلىقىمنزنى، ھۆرمىتىمىزنى، سۆيگۈمىزنى سۇنماقتىمەن، قوبۇل قىلارسەنمۇ؟
پەلەككە بوي تارتقان تاغلارنىڭ لېۋى چوغلانغان كەچكى شەپەقتە ھوزۇر سۈرۈۋاتقان بۇ پەيتتە ، مېنىڭ سىر ۋە ھېكمەتلەرگە تولغان باغرىڭنى، گۈزەللىك بىلەن ئورالغان ھۆسنۈڭنى، مېھىر بىلەن تولغان يۈرۈكۈڭنى، بايلىق، ساخاۋەت ھەم كۈچ قۇدرەت بىلەن تولغان جىسمىڭنى خىيال قۇشلىرىم بىلەن سەير ئىتىشىمگە، باغرىڭدا ئەللەيلىنىپ، كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئېيتىشىمغا يول قويارسەنمۇ؟
بىلەمسەن، مەن دېڭىزنى، دېڭىزنىڭ كۆز يەتكۈسىز چوڭلىقىنى، دېڭىز بۇژغۇنلىرىنىڭ كۆپۈكلەشكەن تۇرقىنى، دېڭىز بويلىرىدىكى قۇلۇلە قېپىنىڭ قۇياش نۇرىدا چاقنىشىنى، نەم قۇملارنىڭ تاپانلارنى سۆيگەن ھوزۇرىنى، پاراخوتلارنىڭ گۈدۈك ئاۋازىنى، ساھىلغا باغلانغان قولۋاقلارنىڭ يەڭگىل تەۋرىنىپ شاماللارغا ئۇسۇل ئويناۋاتقان تۇرقىنى كۆرۈپ باقمىغان.
بىلەمسەن، مەن كۆز يەتكۈسىز قاراڭغۇ ھەم قويۇق ئورمانلىرىڭغا، رەڭگا-رەڭ گۈللەر بىلەن تولغان يايلاقلىرىڭغا، جاننى ئالىدىغان چۆل-دەشت ۋە قار-مۇزلاردىن مۇنارلار ھاسىل بولغان گىرۋەكلىرىڭگىمۇ ھەم بېرىپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن سېنىڭ قەلب تىۋىشلىرىڭغا، سۈكۈتۈڭگە، ھۆركىرىشىڭگە، سىلكىنىشىڭگە، كۈلۈمسىرىشىڭگە، ساخاۋىتىڭگە يۈرۈكۈمنى يېقىپ، سەندە ياشاۋاتقان پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا، مەۋجۇداتلارغا مېھىر، ئەقىل، بايلىق، ئىللىقلىق شۇنداقلا ياشاش يولى بېرىپ كىلىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن.
بىلىسەن، مەن ئۆزۈم تۇغۇلغان كېچىك يېزىدىكى ھاۋارايىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشغا، كىچىك دەريانىڭ يامغۇر پەسلىدىكى شاۋقۇن چاچرىتىپ ئېقىشىغا، ئۆيىمىزنىڭ ئۈستىگىلا غۇلاپ چۈشىدىغاندەك كۆرىنىدىغان تاغلارنىڭ بەزى يىللىرى يېشللق بىلەن، بەزى يىللىرى تاقىر ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا، ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشىدىغان بۇغدايلىقلارغا، ھەرخىل مىۋىلەرنىڭ چېچەك پەسلىدىن پىشىپ قىيام بولىدىغان ھالىتىگە، ھەرخىل قۇشلارنىڭ ھەرخىل سايراشلىرىغا، چۈمۈلە تۇخۇمىنىڭ قانچىلىك كۆپ ۋە كېچىك ئىكەنلىكىگە، قىسقىسى سەندىن كۈچ ئىلىۋاتقان، ماغدۇر ئىلىۋاتقان، سەن دەرمان بولۇۋاتقان ھەر بىر نەرسىگە قىزىقىپ ھەم ئۇلارنى كۆرۈپ چوڭ بولغانمەن.
ئاڭلا، ئالدى بىلەن ساڭا بىر ھېكايەمنى سۆزلەپ بېرەي.
بىر يىلى قىش قېلىن قار ياققان كېچىلەرنىڭ بىرىدە سەن ئۇشتۇمتۇت تەۋرەپ كەتتىڭ. ئىسسىق يوتقاندا تاتلىق چۈش كۆرۈۋاتقان مەن بولسام، قاتتىق سىلكىنىشتىن قورقۇپ، قاراڭغۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆمىلىگىنىمچە دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ قاپتىمەن. دادام قولۇمدىن يىتىلەپ ئانام ۋە ئۇكىلىرىمنى سىرتقا ئىلىپ چىقتى. مەن بولسام تېخىچە دادامنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ مەڭدىگەن ھالىتىمدىن ئۆزۈمگە كىلەلمىگەن ئىدىم. دادام مېنى قايتا – قايتا چاقىرىپ ئىسىمگە كەلتۈردى ۋە چىچىمنى، يۈزۈمنى سىلاپ قورقماسلىققا ئۈندىدى. بىز يېرىم سائەتلەرچە سوغۇقتا دۈگدەرىشىپ تۇردۇق. شۇ ئىشتىن كىيىن مەن سېنىڭ سىلكىنىپ كىتىشىڭدىن ئەنسىرەيدىغان ھەم قاتتىق قورقۇنۇچ ھىس قىلىدىغان، ئاخشاملىرى ئەندىشە بىلەن ئۇخلىيالمايدىغان، ساڭا ئۆچلۈك قىلىدىغان، سەندىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالغان بولساممۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى ئەقلىمگە توشۇشۇم بىلەن ساڭا بولغان قورقۇشنىڭ ئورنىنى قىزىقىش، ئۆچمەنلىكنىڭ ئورنىنى كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش ئىگىلىدى ھەم شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ئىنسانلارنىڭ غەمگۇزارى، مېھرىبانى، باشپاناھى بولغان ساڭا مۇھەببىتىم ئۆركەشلىدى. ئەمدى، ساڭا بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈم يۈزىسىدىن سېنىڭ ئۆزۈم ھېس قىلغان جەزبىدارلىقىڭ، خىسلىتىڭ ۋە گۈزەللىكىڭ، ھېكمىتىڭ، سېھرىڭ ئۈستىدە ھېس قىلغانلىرىمنى ئىيتىشىمغا ئىجازەت بەر!
بىلەمسەن، تاغلارغا يىلتىز تارتقان قارغايلىق ئاستىدىن سىرغىپ چىقىپ، مەرۋايىتلاردەك پارقىرىغىنىچە تاشلارغا ئۇرۇلۇپ- ئۇرۇلۇپ چۈشۈۋاتقان بۇلاق سۇيىنىڭ ئاۋازىدا يۈرەكلەرنى ياشارتىپ، دىللارغا ئاراملىق بېرىدىغان كۈيلەرنىڭ مۇڭىنى كىم يوق دەيدۇ؟ ئايدىڭدا كۆللەردەك كۆرۈنگەن دەرەخ ئاستىدېكى كۆلچەكلەردە يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ، پىلتىڭلاپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىلىجانلارنىڭ خۇشاللىقىنى شوخ ھەم كەپسىز بالىلىقىمىزدا كىم يوق دەيدۇ؟ كۈن چۈشمەس ئورمانلار ئارىسىدىكى قەددىنى كىرىپ، سۈر ۋە ھەيۋە بىلەن ئۆزىنى ۋە تارىخىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان تاش قەلئەنىڭ مەغرۇرلىقىدا سېنى قوغداپ، سەن ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەزىمەتلەرنىڭ بوي - بەستىنى كىم يوق دەيدۇ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەللىك بىلەن تولغان كۆز يەتكۈسىز بىپايانلىقتىن تىلىمىز لال بولۇپ، ئەقلىمىز كىسىلگەن گۈزەللىكتە ئاشىلارنىڭ سەۋدايىلىقىنى كىم يوق دەيدۇ؟ سەھەر ئاراچلىرىدىن يېرىلىپ - يېرىپ چىققان قۇياش نۇرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي پارچە – پارچە بولۇپ، سۈرۈلۈپ كىتىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ ساڭا ھەۋەس ۋە ھەسەت بىلەن قارىغانلىقىنى كىم يوق دەيدۇ؟ قىلىچنىڭ بىسىدەك قىياغا قونۇپ ئولتۇرغان مۆتىۋەر بۈركۈتنىڭ سىياقىدا، سېنىڭدىن كۈچ ۋە رىغبەت ئالغان ئەركەكلەرنىڭ غۇرۇرىنى كىم يوق دەيدۇ؟ قىلتىرىق يىرىپ چىققان بولۇق ھەم يېشىللىق بىلەن تويۇنغان بۇغدايزارلىقتا سېنىڭ ھىممەت ۋە ساخاۋىتىڭنى كىم يوق دەيدۇ؟ ، ھەر بىر پارچىسى بىر دەستە گۈلدەك كۆرۈنگەن ئىكىنزارلىقلار، قۇياش نۇرىدا ھەرخىل رەڭلەرنىڭ مۇجەسسىمى بولغان كۆكتاتلىقلار، سارغىيىپ مەي بولغان مىۋىزار باغلاردا سېنىڭ يۈرەك قىنىڭ، ئىنئامىڭ، شاپائىتىڭ، سائادىتىڭنى كىم يوق دەيدۇ؟ قايسى دەرەخنىڭدۇر شىخىغا قونۇپ مۇڭ بىلەن سايراپ دىللارنى شىكەستە قىلغان قۇشنىڭ ئاۋازىدا سېنىڭ ئۈنلىشىڭ ھەم پىچىرلىشىڭنى كىم يوق دەيدۇ؟ ھۆكۈمرانلىقىڭ، سىرلىقلىقىڭغا ۋەكىل بولغان ھەيۋەت تاغلاردا سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭنى كىم يوق دەيدۇ؟
قاپچىغايلاردا بىربىرىدىن ھۆسۈن ۋە لاتاپەت تالىشىپ ئىچىلغان ھەرخىل گۈللەردە بىزنىڭ گۈزەللىكىمىزنى، شايى-ئەتلەسلىرىمىزنى، نەزمە - قوشاقلىرىمىزنى، بەزمە – مەشرەپلىرىمىزنى كىم يوق دەيدۇ؟ كەچكى گۇگۇمدىكى تۇمان ئارلاش ساڭا يېيېيىلىپ كېلىدىغان سېرىقلىقتا دەرت-ھەسرىتىمىزنى، يۇمشاق ھەم ئاپپاق قاناتلىرىنى لىپىلدىتىپ ئۇچۇۋاتقان ئاققۇ توپلىرىدا سەن بىلەن بىزنىڭ ئايرىلالمايدىغان مۇھەببىتىمىزنى كىم يوق دەيدۇ؟ قۇياشنىڭ ئۇپۇققا ياكى دېڭىزغا چۆككىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردە، كەچكى قۇياشنىڭ سارغايغان چىھرى بىلەن ساڭا «خوش» ئىيتىپ ئۇپۇققا قاراپ سۈرۈلىشىدە ئايرىلىش پەيتلىرىدىكى ئىغىر ھېجران ئازابىمىزنى كىم يوق دەيدۇ؟ .
بىلەمسەن ئەي پەرۋىشكارىم بولغان تەبىئەت ئانا،بىزنىڭ كۆڭۈل سىرىمىز، بەخت – تەيىمىز، ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىز، ئەقىل – ئىجتىھاتىمىز شۇنداقلا، ھەممە نەرسىمىز بىلسەك سېنىڭدىن كەلگەن. بىزنىڭ سەندە كۆكلىشىمىزنى، يۈكسىلىشىمىزنى، گۈللىشىمىزنى كىملەر ئۇنداق ئەمەس دېيەلەيدۇ؟


دوستۇمغا

images (4).jpg


سالام ساڭا، مېنىڭ باھار كۆزلۈكۇم!
مەن ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا، ھويلامدىكى كىچىك باغچىدا گۈللىرىم «لىققىدە» ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. بىرى ئاق، بىرى سېرىق ئىككى كېپىنەك سەھەرنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا شوخلۇق بىلەن قوغلىشىپ، گۈللەرنىڭ ئارىسىدا مۆكۈشمەك ئوينايتتى. بىر نەچچە ھەسەل ھەرىسى باراخسان ئۆسكەن يەسىمەن گۈلىگە قونۇپ باقاتتى – يۇ، ئۇزۇن تۇرماستىن سېرىق چېچەكلەردىن ھۇزۇر بىلەن شىرنە ئېلىشقا باشلايتتى. ئاپئاق ئېچىلغان نەچچە تال گۈلسامساق خۇددى ئۆزىنىڭ ئاق ۋە پاكلىقىنى نامايەن قىلماقچى بولغاندەك، مەغرۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ تۇراتتى. يەر ۋە تەشتەكلەردىكى ھەر خىل گۈللەر بەس - بەس بىلەن ئۆزىنى نامايەن قىلىپ، مېنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە، سېنىڭ قىممەتلىك مەكتۇبىڭ قولۇمغا تەگدى. مەن ئازراق تېڭىرقاش، ئەجەبلىنىش ئىلكىدە چوڭ كونۋېرتنىڭ ئىچىدىكى نېمىلەر ئىكەنلىكىگە قىزىقتىم.
بىلەمسەن، خەت - چەك ئارقىلىق سالاملىشىدىغان، ئەھۋاللىشىدىغان، سىردىشىدىغان ئىشلار يوق دېيەرلىك بولۇپ قالغان بۇ كۈنلەردە، ئۇشتۇمتۇت تاپشۇرۇپ ئالغان بىرەر پارچە خەت ئادەمنى قىزىقىش، ئەجەبلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدىكەن.
بىلەمسەن باھار كۆزلۈكۈم، مەن خېتىڭنى قولۇمغا ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ خەتنى يېزىپ كونۋېرتنى يەملىگۈچە بولغان ۋاقتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان، خۇشال بولغان ۋە قايغۇرغان دەملىرىمنى سەن بىلەن ئورتاق بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم. شۇنداق، قۇياشلىق بىر كۈننىڭ ئەتىگىنى قولۇمغا تەككەن خېتىڭنى ئېچىشىمغا كونۋېرتنىڭ ئىچىدىن يۇمران، نازۇك ھەم يەڭگىل بىر نەچچە تال قارلىغاچ پېيى ئۇچۇپ چىقتى. قارىغا مايىل بۇ قېنىق كۈلرەڭ پەيلەرنىڭ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇشى بىلەن تاقىر تاغلارنىڭ ئارىسىدا يېشىل مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرغان يۇرتۇمنى، بالىلىقىمدىكى ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى، تاغ باغرىغا سوزۇلۇپ كەتكەن مەھەللەمنى، دوستلىرىمنى، سېنى، يامغۇر پەسلىدە ھەر كۈنى بىز ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرۈشىدىغان قارلىغاچ توپلىرىنى كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ بىر ئۆتكۈزدۈم.
ئېسىڭدە بارمۇ، بىز شۇ كۆجۈم مەھەللىدە، سۇلار توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق بويىدا، تېرەك، سۆگەت، جىگدە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ، خۇددى يېشىل كارىدۇر شەكىللەندۈرگەن مەھەللە يولىدا قول تۇتۇشۇپ چوڭ بولۇشقان، بالىلىقىمىز، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمىزنىڭ گۈزەل، سەبى ۋە ئۇنتۇلماس چاغلىرىنى بىللە كۈتۈۋېلىپ، ياشلىق دەۋرىگە تەڭ قەدەم باسقان دوستلاردىن ئىدۇق. بەلكىم سەنمۇ شۇ چاغلىرىڭنى، يۇرتۇڭنى، ئاتا - ئاناڭنى، دوستلىرىڭنى ئۇنتۇيالمىغانسەن. بولمىسا ئارىدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە سېنىڭ بۇ قىممەتلىك خېتىڭ قولۇمدا قايتىدىن پەيدا بولمىغان بولاتتى. بەلكىم نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى خېتىمنى قولۇڭغا ئالغان ئۇ كۈننى، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى سەن بىزنى تاشلاپ كەتكەن ھەم شۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇيالماسسەن. شۇنداق، ئۇنتۇيالمىغىنىڭ، ئۇنتۇمىغىنىڭ، ئەسلەپ، سېغىنىپ، ياد ئېتىپ كەلگىنىڭ ئۈچۈن سەندىن قانچىلىك خۇرسەن بولغىنىمنى ساڭا ھەرگىزمۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن.
مېنىڭ باھار كۆزلۈكۈم، مەن ئۇ يۇمشاق ۋە يەڭگىل پەيلەرنى ئالقىنىم بىلەن چىڭ يۇمۇپ تۇتۇپ تۇرغان شۇ پەيتلەردە، قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن شۇ سىماھىڭ، يەنى سېرىق مارجانلاردىن گۈل تىزىلغان بېغىررەڭ دۇخاۋا دوپپا ئاستىدىكى قىرىق ئۆرۈلۈپ بېلىڭگە بوي سوزغان ساغۇچ چاچلىرىڭ، ھىلال ئايدەك ئەگىم قاشلىرىڭ، ئۇزۇن ھەم تال - تال كىرپىكلىرىڭنىڭ قورشاۋىدىكى ھەر بىر كۈلگىنىڭدە دەستە - دەستە باھار تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان چوڭ، ئوتلۇق كۆزلىرىڭ، ئاق ۋە تولۇنئايدەك يۇمۇلاق يۈزۈڭ كۆز ئالدىمدا قايتا زاھىر بولدى.
مەن ئالىقىنىمدىكى قارلىغاچ پەيلىرىنى قۇياش نۇرىغا تۇتۇپ تۇرۇپ سېنى سېغىنىپ باقمىغىلى، ئەسلەپ باقمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم ھەم شۇ دەقىقىلەردە يۈرىكىمگە دوستلۇقنىڭ، سەمىمىيەتنىڭ، ئەسلەشنىڭ، بىز پىلتىڭلاپ ئۈستى - بېشىمىزغا سۇ چاچرىتىپ يۈگۈرۈپ ئوينايدىغان ئىشىك ئالدىمىزدىكى كىچىك ئىرىقلاردىن ئاققان سۇدەك بىر مېھىرنىڭ جىمجىتلىق ئىچىدە يۈرىكىمگە ئىقىپ كىرىشكە باشلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.
مېنىڭ باھار كۆزلۈكۈم، بەلكىم سەنمۇ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشقا، ئاتا-ئاناڭنىڭ، يۇرتداشلىرىڭنىڭ، قېرىنداشلىرىڭنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتقانسەن، بۇ خېتىڭنىڭ ماڭا تەگمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنسەن. خېتىڭنى يېزىپ، پۈتتۈرۈپ بولغىچە ياشلىرىڭ مارجان بولۇپ نەچچە سورۇلغاندۇ،. نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش، قايسى گەپنى دېمەسلىكنى ئويلىغانسەن. نەچچە كېچەڭ ئۇيقۇسىز ئۆتكەندۇ. قەلبىڭ نەچچە قېتىم پۇچۇلانغاندۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، خېتىڭنى يېزىپ پۈتتۈرگىنىڭ، يۈرىكىڭنىڭ تىۋىشىغا قۇلاق سالغىنىڭ، مېنى يەنىلا دوستۇم دەپ بىلگىنىڭ ھەر ئىككىمىزنىڭ قەلبىمىزنى خۇشلۇققا ئىرىشتۈردى.
مەن كىچىك باغچىدىكى تاش ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ، يېنىمغا قويۇلغان تەشتەكتىكى رەيھاننىڭ غولىنى ئىرغاڭلىتىپ قويدۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان خۇشپۇراقلارنىڭ لەززىتى بىلەن خېتىڭنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.
بىلەمسەن، خەت يېزىلغان ناۋاترەڭ قەغەزگە ياشىرىپ تۇرغان بامبۇك شاخلىرى ئارىسىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر توپ قارلىغاچ سۈرىتى تەگلىك قىلىنغان بولۇپ، مەن ھېلىمۇ سېنىڭ ناۋاترەڭنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى، ئىسىمدىشىڭ بولغان قارلىغاچلارنى بولسا تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى قايتا ئەسلىدىم. قەغەزدىن بىرخىل خۇشبۇي ھىدنى سەزدىم. بەلكى بۇ سېنىڭ پۇرىقىڭدۇ؛ بەلكى رىشتىمىزنىڭ قايتىدىن ئۇلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇ.
كۆك سىياھلىق قەلەم بىلەن يازغان خەتلىرىڭنى كۆرگىنىمدە سېنىڭ دېڭىزنى كۆرگۈڭ بارلىقىنى، بىز ئاچچىقى يامان مۇئەللىمىمىزنىڭ دەرسلىرىدە سۆزلەنگەن دېڭىز توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇغاندىن باشلاپ سېنىڭ دېڭىز توغرىسىدا ھەرخىل خىياللىرىڭ، ئارزۇلىرىڭ بار ئىدى. مەن مۇشۇ مىنۇتلاردا سېنىڭ بۇ سۆزلىرىڭنى ئەسلەپ ئۈلگۈردۈم: «دېڭىز ساھىلىدا نەم قۇملارغا دەسسەپ يۈگۈرۈپ ئويناشنى، ئاسماندەك چوڭ كۆرۈنگەن دېڭىزغا كىرىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، لېكىن بىر كۈنلەردە دېڭىزنى كۆرۈش پۇرسىتى بولسا بەلكى دېڭىز بويىغا بېرىشتىن قورقۇپ يىراقتىن قاراپ تۇرارمەن، يېقىن بارسام دولقۇنلار ئېقىتىپ كېتىشتىن قورقۇپ يىقىنلىشالماسلىقىم مۇمكىن» دېگەن ئىدىڭ. ئېيتقىنا، سەن دېڭىز بويىغا بارالىدىڭمۇ، نەم قۇملارغا دەسسەپ باقتىڭمۇ ياكى دېڭىزغا يەم بولۇشتىن قورقۇپ يىراقتىن قاراپ تۇردۇڭمۇ؟
مېنىڭ باھار كۆزلۈكۈم، خەتلىرىڭنىڭ ھېلىھەم شۇنچىلىك رەتلىك، توغرا، چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سېنىڭ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان مىجەزىڭنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، بەلكى تېخىمۇ تاكامۇللاشقان، پىشقان ۋە ئىرادە كەمىرىنى چىڭ باغلىغان بىر ئايال بولۇپ يېتىشىپ چىققانلىقىڭنى چۈشەندىم. خېتىڭنىڭ باش قىسمىدا ئۆزۈڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى، خەتنى قەيەردىن يېزىۋاتقانلىقىڭنى، مېنى ئالتە ئاي بۇرۇن يولدىشىمنى زىيارەت قىلغان بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدىن كۆرگىنىڭنى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بىلەن خىيالى پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ، سېغىنىپ كەلگىنىڭنى، ئاخىرىدا خەت يېزىپ ئۆز ئەھۋالىڭدىن خەۋەر بېرىشنى، مېنىڭمۇ خېتىڭنى تەپسىلى ئوقۇپ جاۋاب يېزىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغىنىڭنى ئوقۇغىنىمدا، نەپىسىم سىقىلىپ بېشىم چىڭقالدى، كۆزۈمگە ياشلىرىمدىن پەردىلەر ھاسىل بولدى. مەن كۆزۈمنى خېتىڭدىن ئېلىپ كۆككە قارىدىم. ئاسمان دېڭىز دولقۇنلىغاندەك، چوڭ –چوڭ بۇلۇت توپلىرى خۇددى پاراخوتلار دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈندى. مەن شۇ پاراخوتلار بىلەن يېنىڭغا بېرىشنى، قۇچىقىمىزنى ئېچىشقىنىمىزچە تازا بىر يىغلىشىۋېلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم. ئارقىدىن بىر توپ كەپتەرلەرنىڭ باش ئۈستۈمدىن پەر قېقىپ ئۇچۇپ ئۆتۈشى بىلەن دىققىتىمنى يىغىپ، ئۈنچىدەك خەتلىرىڭنىڭ دۆۋىسىگە كىردىم.
ئاڭلا جېنىم، ئالدى بىلەن ساڭا سەن يوقاپ كەتكەن شۇ كۈندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرىشنى توغرا تاپتىم. سەنمۇ ئالدى بىلەن ئاتا - ئاناڭنىڭ ئەھۋالىدىن ئىشەنچلىك بىر جاۋاب ئېلىشقا مۇھتاجسەن. ئېسىڭدە باردۇ، بىز تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىنى تۈگىتىپ، ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بەرگەن ئىدۇق. نەتىجىمىزنىڭ تېزراق ئېلان قىلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان شۇ كۈنلەردە، سەن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتىڭ. دەسلەپكى كۈنلەردە ئاناڭ سېنى شەھەرگە كىرىپ كەتتى،- دېدى، بىرەر ھەپتىدىن كېيىن مېنى يېنىغا چاقىرىپ، سېنىڭ يوقاپ كەتكىنىڭنى، نەچچە كۈندىن بېرى ئاكىلىرىڭنىڭ بارمىغان يېرى، كىرمىگەن ئۆڭكۈرى، چىقمىغان دۆڭى قالمىغانلىقىنى، ئەگەر مېنىڭ ئۇنىڭ بارىدىغان يېرىدىن خەۋىرىم بولسا ياكى سېنىڭ ماڭا بىرەر نەرسە دېگەنلىكىنى بىلسەم، دەپ بېرىشىمنى قايتا - قايتا ئۆتۈندى. بۇنى سەن بىلمەيسەن ھەم پەرەزمۇ قىلالمايسەن. مەن شۇ چاغدا بېشىمغا يوغان بىر تاش يېقىلىپ چۈشكەندەك، بىر پارچە ئوت، بىر پارچە گۈلخان پۈتۈن جىسمىمنى كۆيدۈرۋاتقاندەك، تۆمۈردەك قاتتىق ۋە سوغۇق بىر قولنىڭ گېلىمدىن سىقىپ مېنى نەپەس ئالغىلى قويمايۋاتقاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم ۋە ئالدىمدا قان - قان يىغلاۋاتقان ئاناڭنىڭ ئالدىدا كىچىكلەپ خۇددى چىكىتكىلا ئوخشاپ قالدىم. بىلەمسەن، ئەگەر سېنىڭ بىرەر ئاي بۇرۇن ئەمدىلەتىن ئالا بولغان ئۆرۈك غورىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بېغىڭغا كىرگەندە، سەن ماڭا ئەتىرگۈل كەشتىلەنگەن بىر قول ياغلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- قارا، سەھەر، بۇ قول ياغلىق چىرايلىقمىكەن؟ ئىككى ئۇچىغا ئەتىرگۈل كەشتىلىدىم، ئەمدى بۇ ئىككى ئۇچىغا رەڭدار قۇچقاچ كەشتىلەيمەن،- دېگىنىڭدە، مەن:
- ۋۇي خېنىم، كىمگە تىكتىڭ بۇ قولياغلىقنى، ئەجەب سىرلىققۇ سەن، جاۋغايلىرىڭ كۈلكىدىن تارتىشىپ كېتىۋاتىدۇ. سەندە بىرگەپ بارمۇ نېمە،- دېدىم.
- شۇنداق، مەندە بىر گەپ بار، يەنە كېلىپ بەك خۇشاللىق بىر گەپ. ئەگەر ھېچكىمگە دېمىسەڭ ساڭا دەپ بېرىمەن.
مەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم.
- دە ئەمىسە، چاققان دە، مېنى تەقاززا قىلما، ھېچكىمگە دېمەيمەن. ئاغزىمنىڭ چىڭلىقىنى بىلىسەنغۇ،- مەن سەن تەرەپكە تېخىمۇ يېقىن ئولتۇردۇم. سەن پىخىلداپ كۈلگىنىڭچە قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلىدىڭ:
- بىلەمسەن، بۇ قولياغلىقنى كامالغا تىكتىم، شەھەردىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئوغلىغا. ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. ئۆتكەن كۈن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ماڭا بىر قىزىل ھېلىلە ياغلىق ئېلىپ كەپتۇ، بەك چىرايلىق، خۇددى ئوتقاشتەك لاۋۇلداپ تۇرىدۇ دېگىنە. بىر كۈنى ساڭا كۆرسىتىمەن، ساندۇقۇمنىڭ ئاستىغا سېلىپ ساقلىدىم.
بىلەمسەن جېنىم، سەن شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆزلىرىڭدىن دەستە - دەستە خۇشاللىق تۆكۈلدى. مەن سېنىڭ جاۋابىڭدىن، خۇشاللىقىڭدىن ئازراق ئىسەنكىرىگەن بولساممۇ، كۆڭلۈڭنى ئاياپ ئارتۇق سۆزلىمىدىم، پەقەت:
- بولدى قوي، ئۇ قۇچقاچلارنى تىكمە، بىز ئىمتىھان بەردۇق. قارلىغاچ، ئوقۇشقا بارىمىز، كامال سەن ئوقۇپ بولغىچە ساقلامدۇ، -دېدىم.
- ساقلايدۇ، ساقلايمەن دېدى.
- ئۇ دېگەن شەھەرلىك، بۇ تاغتۇراغا كېلىش تەس كېلەرمىكىن، ئاداش.
- مەنمۇ دېدىم ئۇ گەپنى. لېكىن ئۇ: «ۋاقتى كەلگەندە تاغ بولامدۇ، باغ بولامدۇ بېرىۋىرىمىز. ئەمدى مۇھەببەت قۇشلىرى قانات قاقتى، ئۇنى كۈچلۈك بوران - چاپقۇنمۇ، قار - شىۋىرغانمۇ توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى،- سەن شۇلارنى دەپ بەختىيارلىق بىلەن كۈلدۈڭ.
«بولدى، قوي ئۇ كامالنى، نېمانداق قاملاشمىغان بالا ئۇ. چاچلىرى، بۇرۇتى ساپ سېرىق، كۆزلىرى كۆپكۆك، خۇددى پىرازىدەك. ئۇ ساڭا لايىق ئەمەس» دېمەكچى ئىدىم، لېكىن سېنىڭ مۇھەببەتتىن مەست بولغان كۆزۈڭنى كۆرۈپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىكى سۆزۈمنى بوغۇزۇمغا يۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
بىلەمسەن، سەن كامال بىلەن قېچىپ كەتكەن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن ئۆزۈمنى تا ھازىرغا قەدەر ئەيىبلەپ يۈردۈم. سېنى توسمىغىنىمغا، ھېچ بولمىغاندا: «مۇھەببەت ئۈچۈن بۇنچە ئالدىراپ كەتمە» دەپ سېنى نىيىتىڭدىن ياندۇرمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىبلىدىم. سەن بىلمەيسەن، سەن غايىب بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىمىز چىقتى. سەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدىڭ. سەن بىلمەيسەن، جېنىم قارلىغىچىم، بۇ خەۋەردىن داداڭنىڭ بېشىنىڭ كۆككە يەتكىنىنى، ئاناڭنىڭ يېشىنىڭ سەل بولۇپ ئاققىنىنى. دەسلەپتە: «تېپىۋالساق بوينىنى ئۈزۈۋېتىمىز، يۈرىكىنى سۇغۇرۋالىمىز» دەپ غەزەپلەنگەن ئاكىلىرىڭ كېيىنكى يىللاردا: «قارلىغاچنى تاپساق بوينىمىزغا مىندۈرىمىز، جېنىمىز ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بولسۇن» دېيىشتى. سەن بىلمەيسەن قارلىغىچىم، سەن ھەرگىز بىلمەيسەن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ساڭا بولغان مېھرى، سۆيگۈسى، سېغىنچى ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى يەڭگەن ئىدى. ئۆيۈڭلارنىڭ چىرىغى، ئاناڭنىڭ خۇشلۇقى، داداڭنىڭ كۈلكىسى، ئاكىلىرىڭنىڭ گۈلتاجى بولغان سەن _ قارلىغاچ بىر ئۇچۇپ كەتكەنچە ئۇۋاڭنى سېغىنمىغان، قايتىپ كېلىشنى خالىمىغان ئىدىڭ.
مېنى كەچۈر، ئەزىزىم، ئەمدى يازماقچى بولغانلىرىم سېنى يېڭى بىر ئوتلارغا تاشلىشى، يۈرەك باغرىڭنى كاۋاپ قىلىپ چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق باشلاپ كېلىشى مۇمكىن. لېكىن يازماسلىققا ئامالىم يوق. كۆرگەنلىرىمنى، بىلگەنلىرىمنى ساڭا تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈش، سېنى خەۋەردار قىلىشقا ھەقلىقمەن. سەن يۈرىكىڭنىڭ، ئۆزۈڭنىڭ پەقەت كامالغىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىڭدا، يېنىڭدا كامالنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ قىممەتلىك بولغان نۇرغۇن مۇھەببەتنىڭ، ئوتۇڭدا پۇچىلىنىدىغان نۇرغۇن سۆيگۈنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭ. ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئىزا - ئاھانەتلەرگە قالغانلىقىنى، ئاكىلىرڭنىڭ جىمغۇرلىشىپ كەتكىنىنى، داداڭنىڭ خامۇش بولۇپ قالغىنىنى، ئاناڭ كۆز يۇمغان كۈنلەرگە قەدەر ئۇزۇن كېچىلەردە بىر قوشاقنى توختىماي ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغىنىنى، ئاۋازىنىڭ يىراق - يىراقلارغا ئاڭلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىڭ. بەلكى بۇ قۇرلارنى ئوقۇشقا تاقىتىڭ قالمىغاندۇ، يېشىڭ خەتلەر ئۈستىگە چۈشۈپ ھەرپلەرنى ئېقىتىپ كېتەر. لېكىن سەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇشقا ھەقلىقسەن، ھىجران ئوتلىرىنىڭ، پۇشايمان قوقاسلىرىنىڭ سېنى قىينىشىغا ھەقلىقسەن.
مېنىڭ باھار كۆزلۈك قارلىغىچىم، خەتنى يېزىش ماڭىمۇ تەس كېلىۋاتىدۇ. قەلەم تۇتقان قوللىرىم ئۇيۇشتى، قەلبىمنى ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىغۇچى شۇ دەقىقىلىرى مىختەك تىرناقلىرى بىلەن تاتىلاپ يارا قىلدى. چۈنكى مەن سېنىڭ كامالنىڭ كەينىدىن كەتكىنىڭنى بىلگەن بولساممۇ، ئاناڭغا چىش يېرىپ بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدىم. سەن بىلىسەن، ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەر سېنىڭ كامال بىلەن كەتكىنىڭنى بىلسە چوقۇم تاپماي قويمايتتى ھەم شۇ ۋاقىتتىكى ئاچچىقىدا سېنىمۇ، كامالنىمۇ ئامان قويمايتتى. مەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ۋىجدان – غۇرۇرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىڭنى، قېرىنداشلىرىڭنىڭ قولىنىڭ سېنىڭ قېنىڭ بىلەن بويىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدە يېتىشىنى خالىمىدىم. قىسقىسى، سېنى «بىر كۈنلەردە قايتىپ كېلىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلغاندا كېلىدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن خاتالىشىپتىمەن. شۈنچىلىك كۆپ باھار كەلدى، شۈنچىلىك كۆپ ياز، كۈز، قىش كەلدى، توپ - توپ قارلىغاچ توپلىرى كەلدى، ئەمما سەن كەلمىدىڭ.
كەچۈر گۈلۈم، بەلكىم بايامقى سۆزلىرىمدىن ئاناڭ سەن ئۈچۈن ئېيتىدىغان قوشاقنى ئوقۇپ باققۇڭ، بىلىپ باققۇڭ كەلگەندۇ، ئەمدى يازغان بۇ قۇرلىرىمدىن بۇ قوشاقلارنى كۆر، جېنىم.

كۈن بىلەن تەڭ كۈتتۈم سېنى،
ئاي بىلەن تەڭ كۈتتۈم سېنى.
كەلمىدىڭ سەن يىللار ئۆتۈپ،
ھەسرەتلەرگە سېلىپ مېنى.

كەچۈر ئەزىزىم، خېتىم ئۇزىراپ كەتتى، دېلىڭنى ئاغرىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن كەچۈر، پىغانىڭنى تاشتۇرغىنىم، ياشلىرىڭنى ئاقتۇرغىنىم ئۈچۈن كەچۈر.
بىلەمسەن قارلىغىچىم، قىزىڭ ئۈچۈن توختالغان قۇرلىرىڭدا ئۇنىڭ تولىمۇ گۈزەل، نازاكەتلىك قىز بولغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلەپسەن ھەم ئۇنىڭ چىرايى، بوي - بەستىدىن تارتىپ مىجەز خۇلقى، ئولتۇرۇپ - قوپۇشىغىچە تەپسىلى يېزىپسەن. بۇنىڭدىن سېنىڭ ئۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىڭنى، سۆيىنىدىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھەم بەخت ھېس قىلىدىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشى، ئوقۇشى، كەلگۈسى ئۈچۈن پىداكار بولۇۋاتقانلىقىڭنى تۇيدۇم. دېمەك، سەن كامالنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغان، تاشلىۋېتىلگەن، بوۋىقىڭ بىلەن كوچىدا ئىگە –چاقىسىز قالغان شۇ ئۇزۇن يىللاردا ئەقىل - پاراسىتىڭ، ئىززەت - غۇرۇرۇڭ بىلەن ياشاپ، قىزىڭ ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان كەلگۈسىڭنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېتىۋېتىپسەن، ئاپىرىن ساڭا!
بىلەمسەن قارلىغىچىم، سېنىڭ ئېگىز بىنالارنىڭ ئەڭ ئاستى بولغان 16كۇۋادىرات مېتىرلىق يەر ئاستى ئۆيدىن خەت يېزىۋاتقانلىقىڭ، بۇ ئۆينىڭ تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسسىق ھەم دىمىقلىقىغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدىغانلىقى، لېكىن قاراڭغۇ كېچە، بوران - چاپقۇن ھەم يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ يەنىلا بۇ ئۆيگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ساڭا شۇنى دېگۈم كەلدى: «قارلىغىچىم، سەن بىلىسەن، كوچىلاردا سېنىڭچىلىك يەر ئاستى ئۆي بولسىمۇ ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرالماي كوچىدا يېتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس؛ سېنىڭدەك باشقىلارنىڭ تازىلىقىنى قىلىپ بولسىمۇ تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان، شۇنچىلىك خىزمەتنىمۇ تاپالمىغانلار ئاز ئەمەس؛ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ كۆزىگە قونغان چىۋىننى ئۈركۈتۈشكە ماجالى بولمىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، جېنىم».
بىلدىم ئەزىزىم، قەلبىڭدە يۇرتۇڭغا بولغان بىر دەريا ئوتنىڭ، بىر ئېقىن مېھىرنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلدىم؛ مېھىر بۇلاقلىرىڭدىن سىرغىۋاتقان زەم - زەم كەبى سۆيگۈلىرىڭنى بىلدىم. ئەمدى ئېيتقىنچۇ، يەنە نېمىشقا بۇنچە ھەسرەت يۇتۇشقا ھەقلىقمەن دەيسەن؟ ساڭا سۆزلەنگەن سۆزلەرنىڭ يالغان بولغىنى، ۋەدىلەرنىڭ يالغان بولغىنى، قەسەملەرنىڭ يالغان بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ قارا، جېنىم، سۆيگۈ ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقىنى يەنە ئۆزۈڭسەن. يالغانلاردىن ئاغرىنما، يالغان بولغانلىقى ئۈچۈنلا سېنىڭ گۈزەل ھەم چىن سۆيگۈلىرىڭ تاۋلىنىپ چىقتى.
بىلەمسەن ، ئەمدى يىللاردىن ئاغرىنىشقا ھەققىڭ يوق. يىللار سېنى گۆدەكلىكىڭدىن سەمىمىيلىككە، نازۇكلىقىڭدىن بەردەملىككە، تېڭىرقاشلىرىڭدىن كەسكىنلىككە، ئاددى ھېسلىرىڭدىن پىشقان ئەقىل ئىگىسىگە ئىرىشتۈردى. يىللار يەنە شاپتۇل چېچەكلىرىدەك لاتاپىتىڭنى، گۈل بەرگىدەك نازاكىتىڭنى ئىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ساڭا ئىزىڭنى باسىدىغان ئۈمىد ياپرىقىنى سوۋغا قىلدى. ھاياتىڭنى گۈزەل مەنىلەرگە ئىگە قىلىدىغان كەچمىشلەرنى، خەيرلىك كۈنلەرنى، قۇرۇمايدىغان بۇلاقتەك، ئۆچمەيدىغان چىراغتەك ئانا بولۇش شەرىپىنى، ئانىلىق ئىپتىخارنى ئاتا قىلدى.
بىلەمسەن، دۇنيادا نۇرغۇن نەرسىلەر نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئەزەلدىن يىراق بولۇپ كەلگەن. ئەگەر شۇنداق بولمىغاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىسراپ ئەتمىگەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېتىراپ ئەتمىگەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلەپ، سېغىنىپ، كۈتۈپ ئولتۇرمىغان بولاتتۇق. بەلكى بۇمۇ ھاياتنىڭ بىر ھەقىقىتى، ھاياتنىڭ بىر سىنىقى، ھاياتنىڭ بىزگە تاشلىغان تېپىشمىقىدۇ.
جېنىم، سەن ئىشەنگىنكى، سەن ئىشەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋاپاسىز ئەمەس. سەن قول بەرگەن، سەن جان بەرگەن، سەن مېھىر بەرگەن، سەن يول بەرگەن، سەن ۋاقتىڭنى بەرگەن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قەلبىدە سېنىڭ ئورنۇڭ بار.
ئەزىزىم، بۇ قۇرلىرىمنى يېزىۋاتقاندا، بىر سۆزۈڭ ئىسىمدىن كەچتى: «قىزىمنى ماشىنا سوقۇۋەتكەندە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم ھەم نۇرغۇن پۇلغا مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، بۇلاردىن كۆپ مىننەتدار بولدۇم، ھەم كۆپ خىجىل بولدۇم» دەپسەن. مەن ئۇ سۆزلىرىڭنى ئوقۇۋېتىپ ساڭا شۇنداق دېگۈم كەلدى: «خىجىل بولما، ئۆزۈڭنى قەرزدار ھېسابلىما، سەن شۇنداق كۆيۈنۈش، كۆڭۈل بۆلۈشلەرگە لايىقسەن، ئەزىزىم، سەن شۇنداق ھۆرمەتلەرگە ھەم لايىقسەن. چۈنكى سەن ئادەم دېڭىزىنىڭ ئىچىدە، باي بىلەن يوقسۇللۇق پەرقى كۈندىن - كۈنگە چوڭىيىپ كېتىۋاتقان بىر شەھەردە كەلگۈسىنىڭ بىر دوختۇرىنى بارلىققا كەلتۈرۋاتىسەن. ئىشەنگىنكى، قوغلاپ كېتىۋاتقان كېلەچىكىڭدە سەن پەرۋىشلىگەن نوتىدىن چوقۇم تاتلىق مىۋىلەر بارلىققا كېلىدۇ.
مېنىڭ باھار كۆزلۈكۈم، خېتىڭنىڭ مەن توغرىلىق توختالغان بۆلەكلىرىدە مېنى تېلېۋېزوردا بەك چىرايلىق ۋە بەختىيار بىر سۈرەتتە كۆرگىنىڭنى، ئېرىمنىڭ بىز قورقىدىغان، ئالدىدا چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان «ئاچچىقى يامان»نىڭ قانداقلارچە مېنىڭ ئېرىم بولۇپ قالغانلىقىغا ھەيرانلىقتا قېتىپ قالغانلىقىڭنى يېزىپسەن. ئەمدى ساڭا ئۆزۈم ۋە ئائىلەم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمەن.
بىلەمسەن گۈلۈم، بىز تەقدىر توغرىسىدا نۇرغۇن تالاش - تارتىشلارنى قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ ۋاقىتتىكى تالاش - تارتىشلىرىمىز تولىمۇ ئاددى ۋە يۈزەكى ئىكەن. نېمىسىنى دەي، «ئاچچىقى يامان»نىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇ بەك قاتتىق قول، تەلەپچان، رەھىمسىز بىر مۇئەللىم ئىدى. لېكىن كەلگۈسىدە مېنىڭ ئېرىم، ھايات سەپىرىمدىكى ھەمراھىم بولۇپ قېلىشىنى مەنمۇ، سەنمۇ ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق. شۇڭا دەيمەن، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاجايىپ بولىدىكەن دەپ.
بەلكى بۇ قۇرلىرىمنى ئوقۇۋاتقىنىڭدا، «ئاچچىقى يامان»نىڭ ماڭا قانداق لەقەم قويۇپ قويغانلىقى، مېنىڭ بۇ لەقەم سەۋەبلىك قانچىلىك يىغلىغانلىقىم، ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىم ئېسىڭدىن كېچىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەن بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئەسلىمىرىمگە يەنىلا شىرىك بول.
ئۇ كۈنى مەكتەپنىڭ يېرىگە كۆچەت قويۇلىۋاتاتتى، ئوغۇللار يەر كولاپ كۆچەتلەرنى كۆمۈشكە، قىزلار بولسا كۆچەت بىسىلغان يەردىن چوڭ - چوڭ تېرەك كۆچەتلىرىنى ئوغۇللارغا ئەكىلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بىزنىڭ سىنىپقا تاپشۇرۇلغان ئىدى. قىزلار بار كۈچىمىز بىلەن كۆچەت توشۇۋاتاتتۇق. «ئاچچىقى يامان»نىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت ئىككى قولۇمدا بىردىن كۆچەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئالدىغىلا چىقىپ قالغىنىنىمنى بىلىمەن. ئۇ ماڭا قاراپ:
- ھەي، سەن ئىككى تاللا كۆچەت كۆتۈرەلەمسەن، جىقراق كۆتۈرسەڭ بولمامدۇ، ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭ يەر كولاپ ھېرىپ كەتتى، سەنلەر بولساڭ نايناقشىپ تۇرۇشامسەن مۇشۇنداق. كەينىڭگە يان، كۆتۈرەلىشڭچە كۆتۈر، ھۇ توك دەزمىلى،- دېمەسمۇ، بۇ گەپنىڭ سەتلىكىدىن بېشىمدا چاقماق چاقتى. خۇددى گۇناھكارلاردەك بېشىنى ئېگىشىپ كېتىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم پاراقلاپ كۈلۈشتى. سەن بىلىسەن جېنىم، مېنىڭ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن چىرايلىق ئىسمىمنىڭ «توك دەزمىلى» دېگەن بۇ شەرەپلىك نامغا ئورۇن بوشاتقىنىنى. بۇ شەرەپلىك نام ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە مېنى ئازابلىدى، قىينىدى. «ئاچچىقى يامان»غا بولغان غەزەپ - نەپرىتىمنى ئۇلغايتىپ كەلگەن ئىدى. نەدىن بىلەي، ئويلىمىغاندا مەن «ئاچچىقى يامان»نىڭ ئايالى بولۇپ قالدىم. بىلەمسەن، ساڭا دېسەم بۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقى راستىنلا يامان، لېكىن باغرى بەك يۇمشاق ھەم ئاق كۆڭۈل.
بەلكى خېتىمنى ئوقۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقى ھازىرمۇ شۇنداق يامانمۇ دەپ سورىغۇڭ كىلىۋاتقاندۇ، شۇنداق جېنىم، ئۇنىڭ ئاچچىقى ھازىرمۇ شۇنداق يامان. لېكىن ئۇ ئائىلىسىگە شۇنداق مېھرىبان، پەرزەتلىرىگە ھەم ماڭا شۈنچىلىك كۆيۈمچان. سەن تېلېۋېزوردىن ئۇنىڭ مېنى تونۇشتۇرغاندىكى سۆزىدىن بەك تەسىرلەنگەن ھەم ھاياجانلانغانلىقىڭنى دەپسەن. بىلسەڭ ئۇ كۈنى ئۇنىڭ:
- بۇ ھايات سەپىرىمدىكى ھەمراھىم، كەسىپدىشىم ھەم مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال،- دېگىنىدە، مەنمۇ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم. شۇ چاغدا ھۆكىرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى قانداق تۇتقىمنى بىلمەيمەن. سەن بىلمەيسەن، بىز توي قىلغان شۈنچە يىللاردىن بىرى ئۇ مېنى بىرەر قېتىممۇ ياخشى كۆرىدىغىنىنى دەپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ سۆيۈملۈكۈم دەپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئىسىدە تۇتۇپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ بىرەر تال گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىغان، بىرەر قېتىممۇ توي خاتىرە كۈنىمىزنى خاتىرلەپ باقمىغان بۇ «ئاچچىقى يامان»نىڭ ئۇ كۈنى ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن شۇ دەقىقىلەردە ئۇنى قايتىدىن چۈشەنگندەك، ئۇنىڭغا ئورۇنسىز قىيدىغاندەك، ئۇنى ئورۇنسىز ئەيىبلىگەندەك ھېسسىياتلاردا بولغىنىمنى تەن ئالىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ، بالىلارنى تەڭ قاتارغا قىتىشقان شۇ يىللاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمەنكى، ئۇ سەمىمىي، تىرىشچان، ھاياتقا بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمايدىغان، ئاددى - ساددا ھەم غۇرۇرلۇق، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، قىسقىسى، ئادالەتپەرۋەرلىكى، ئادىمىيلىكى ئالدىدا مەن ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تۇرۇپ ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىمنى سۇنۇشقا مەجبۇر.
مېنىڭ باھار كۆزلۈك دوستۇم، تاڭ ئاقىرىۋاتىدۇ، سەھەرنى تۇيغان خورازلار ئۇيقۇدىكىلەرنى چاقىرىشقا باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇپۇق قىزىرىپ بۇژغۇن – بۇژغۇن شەپەق گۈللىرى ئېچىلىدۇ ۋە قۇياش ئىللىق، يورۇق نۇرلىرىنى ھەممىمىزگە سىپىشكە باشلايدۇ.
قەدىرلىك قارلىغىچىم، بۈگۈن بۇ خېتىمنى ساڭا ئەۋەتىمەن ھەم خېتىم بىلەن ساڭا بولغان سۆيگۈم، ھۆرمىتىم، سېغىنچىمنىمۇ ئەۋەتىمەن. شۇنداقلا يەنە بىر پارچە خېتىڭنى تەقەززالىقىم بىلەن كۈتىمەن.
ئامان بول جېنىم، سېنى مۈرىلىرىڭدىن چىڭ قۇچاقلاپ:
سەھەر


كېچىگە
images (6).jpg


بىلەمسەن كېچەم، بۈگۈن ساڭا مۇڭداش بولغان بۇ پەيتىمدە شىۋىرغان ھۆكۈمرانلىقىنى باشلاپ مۇزدەك قامچىسى بىلەن دەرەخ شاخلىرىنى قاراسلىتىپ سۇندۇرۇشقا باشلىدى. سوغۇق ھەم سېنىڭ قاتتىقلىقىڭغا چىدىماي قاراسلاپ سۇنغان شاخلارنىڭ ئاۋازىدىن سۆڭەكلىرىم غاراسلاپ كەتتى، چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق مىڭەمنى تېشىپ چىققاندەك بولدى. سۇنغان شاخلارنىڭ ئاغرىقلىرىدەك بىر ئاغرىق يۈرۈكۈمگە تىگىپ، بۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تىلىم تىتىدى.
بىلەمسەن، سەن بەزى كۆڭۈلسىز پەيتلىرىمنىڭ غەمخانى، خۇشاللىقلىرىمنىڭ ساھىپخانى، ئىزتىراپلىرىمنىڭ ماكانى بولساڭ بەزىدە پەرۋاسىز، بەزىدە تۇيغۇسىز ئىدىڭ.
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، مەن ئۇيقىسىز، سەن غەمسىز، مەن بىناۋا، سەن بىپەرۋا.
بىلەمسەن، مۇشۇ پەيتلىرىمدە سېنىڭدە ئۆتكۈزگەن خۇشاللىقلىرىم بىلەن ساڭا پىنھان بولمىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرىمنى سەن بىلەن بىللە يەنە قايتا ئەسلەشنى خالاپ قالدىم. بەلكىم بىزنىڭ ئەسلەيدىغانلىرىمىز مىڭبىر كېچە قىسسىلىرىدەك ئادەمنى تەقەززالىق ئالىمىگە باشلايدىغان ئەپسانىلەردىن بولمىسىمۇ، لېكىن مەن سېنىڭ قاتقاتلىرىڭدا بەختنىڭ شادىمانلىقىنى ھېس قىلغان، ئازاپ تاغلىرىنىڭ يۈرۈكۈمنى بېسىپ تۇرغان پەيتلىرى ۋە سېنىڭ پىنھانلىقىڭدا سەلكىن شاماللارنىڭ چاچلىرىمنى يەلپۈتۈپ مەڭىزلىرىمدىن سۆيگەن، جىمجىتلىقىڭغا ھەممە نەرسەم سىڭىپ كەتكەن، مۇھەببىتىمنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان، بەختنى تۇيدۇرغان، ئايرىلىشنى بىلدۈرگەن ۋاقىتلارنى ساڭا تۆكۈپ، ساڭا باغلانغان ۋە سەن ھەمنەپەس بولغان ۋاقىتلىرىمنىڭ تەللىسىنى يەنە ساڭا يايغۇم كەلدى.
بىلەمسەن، خىياللىرىم ئەركە كىيىكلەردەك چىپىپ يايلىقىڭدا يايلاۋاتقاندا ئۆز ئىختىيارىمدا بولمىغان ئوي-پىكىر ھەم سۇئال-سوراقلار مېنى ئۆزىگە كۆمۈپ تاشلايدۇ، مەن سېنىڭ جىمجىتلىقىڭ، قاراڭغۇلىقىڭ، ئىغىرلىقىڭ، قاتتىڭلىقىڭ بىلەن بىر جان بولۈپ ساڭا تاشلىنىمەن.
مەن يىشەلمىگەن تۇگۈچلىرىمنى، بىلەلمىگەن ئىشلىرىمنى، يازالمىغان خەتلىرىمنى سەندە ئويلىنىمەن، سەندە پۈتتۈرىمەن. ئىيتالمىغان سۆزلىرىمنى ساڭا دەيمەن، جاۋاپسىز قالغان سۇئاللىرىمنىڭ يەشمىسىنى سەندىن ئىلىپ، يوقالغان ئىزلىرىمنى سەندىن ئىزدەيمەن. ئىزتىراپلىرىمنى، گاڭگىراشلىرىمنى، تەمتىرەشلىرىمنى، ئەنسىرەشلىرىمنى ساڭا يوشۇرىمەن، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمنى، تەڭداشسىز ياشلىقىمنى، پىنھان سىرلىرىمنى، چۈچۈك بالىلىقىمنى سەندىن كۆرىمەن. چۈنكى، ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان خياللىرىم، ھېچكىم دەخلى قىلالمايدىغان ۋاقىتلىرىم، ھېچكىم بىلەلمەيدىغان سىرلىرىم پەقەت سەندىلا قانات قاقىدۇ.
بىلەمسەن، سەن باشلاپ كەلگەن جىمجىتلىق مېنى دۇنيانى سەيلى قىلدۇرىدۇ، سېنىڭ سۈكۈناتىڭ مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، سېنىڭ قاتتىقلىقىڭ مېنى ئويلاندۇرىدۇ، سېنىڭ رەھىمسىزلىكىڭ مېنى تاۋلايدۇ. مەن سېنىڭ سىر ۋە ھېكمەتلىرىڭگە ئەسىرمەن، شەيدامەن.
بىلەمسەن، مەن سەندە ئادەملەر، ئۆسۈملۈكلەر، تەبىئەت، ئاسمان، سۇ، شامال، يۇلتۇز، ئۇچار- قانات، قۇياش، كۈندۈز ۋە سەن... ھەققىدە نۇرغۇن سۇئال ھەم جاۋاپلارنى ئىزدەيمەن شۇنداقلا، ياشاۋاتقان ھەم ياشاپ بولغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى سېنى بىلگۈم، سەن ھەققىدىكى خىياللىرىنى تاپقۇم كېلىدۇ.
بەلكىم ياشاۋاتقان ھەم ياشاپ بولغان نۇرغۇن ئادەملەر سېنى يېقىملىق، خەيرلىك، شىرىن چۈشلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويۇپ يەنە خۇشاللىق، ھارغىنلىق، قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغاندۇ، ياشاۋاتقان ھەم ياشاپ بولغان نۇرغۇن ئادەم سېنى تەلمۈرۈش، قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە تەقەززالىق، تەلپۈنۈش بىلەن كۈتۈۋالغاندۇ. ياشاپ بولغان ھەم ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئادەم سېنى بىزارلىق، ئازاپ-ھەسرەت، سەسكىنىش، ئىلاجىسىزلىق بىلەن كۈتۈۋىلىپ يەنە مەڭگۈ سېنى كۆرۈشنى خالىماسلىق بىلەن ئۇزاتقاندۇ، ياشاۋاتقان ھەم ياشاپ بولغان نۇرغۇن ئادەم سېنىڭ قاراڭغۇلىقىڭ، ئىغىرلىقىڭ، قاتتىقلىقىڭ ئىچىدىن ئويغاقلىققا، سەگەكلىككە، پاكىزلىققا، تەقۋالىققا، بەردەملىككە ئەگەشكەندۇ، ياشاۋاتقان ھەم ياشاپ بولغان نۇرغۇن ئادەم سېنىڭ پىنھانلىڭ، جىمجىتلىقىڭدىن شىرىن چۈش، ھوزۇر-ھالاۋەت، بەخت- سائادەت، خۇش كەيىپلىكتىن ئاجرىشىشنى خالىماي ئۆزىنى ئۇنتۇشنى، يوقۇتۇشنى ئىزدەشكەندۇ، يەنە نۇرغۇن ئادەم سىنىڭدە ئازاپلىرى يەڭگىللىگەندەك، غەملىرى تۈگىگەندەك ھىس قىلىشسا، نۇرغۇن ئادەمنىڭ پەريادلىرى يەنە سېنىڭدە پەلەككە يەتكەندۇ...
بىلەمسەن، بەزى ئادەملەر ئاددى ۋە قىممىتى يوق دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەسلىكىنى، بەزى ئادەملەر، بەزى ئادەملەرنىڭ قەدىرسىز ئەمەسلىكىنى، يوقۇتۇپ قويغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى، قىممىتىنى سېنىڭ تىنچلىقىڭدا، سۈكۈتۈڭدە بىلىپ يەتكەندۇ، ئويلىغاندۇ...
قاتتىقلىقىڭ، قېلىنلىقىڭ، سوغۇقلۇقىڭ بىلەن ھەممىگە ھۆكۈمران بولۇپ تۇرغان كېچەم، ئىيتقىنچۇ، مەندەك ساڭا تاشلانغان، ساڭا يۈزلەنگەن، ساڭا شەيدا بولغان يەنە كىملەر بار، كىملەرنى خۇشال قىلدىڭ، كىملەرگە ئازار بەردىڭ، كىملەرنى ئۈمىدلەندۇرۇپ، كىملەرنى غەمناك قىلدىڭ؟
ئەي كېچەم، بۈگۈن ساڭا مۇڭلىناي، ساڭا قۇچاق ئاچاي، ساڭا تاشلىناي، سەندىن ئۆتۈنەي، مەندەك كۈندۈزى ئۆزىنىڭ بولمىغان بىناۋالارغا قۇچىقىڭنى كەر، ئۇلارنىڭ خىياللىرىنى سۆي، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قوي، خۇشاللىقىغا ئالقىشىڭنى ئايىما. سەندە كارۋان بولغانلارنى يولىدىن ئازدۇرما، ساڭا چۆككەنلەرنى ئۈمىدسىز قالدۇرما، پىغانى بۇژغۇن بولۇپ بېشىدىن تاشقانلارنىڭ قولىدىن تارت، ئازغانلارغا، ئالدانغانلارغا يۇلتۇزلارنى كۆرسەت، سېنىڭ قاتتىقلىقىڭ، ئېغىرلىقىڭ، قاراڭغۇلىقىڭنىڭ ئىچىدىن ساڭا يۆلەنگەنلەرگە نۇر بېغىشلا.



ئاخىرقى مەكتۇپ

images (13).jpg


سالام خاتىرەم، يىللاردىن بىرى ساڭا نۇرغۇن كۆڭۈل ئىزھارلىرىمنى، خۇشاللىقىمنى پىنھانلىقىمنى يوشۇرۇپ سەن بىلەن دىلداش، مۇڭداش، سىرداش بولۇپ كەلدىم. مەخسىتىم، ھاياتىمدىكى گۈزەل مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش، پاك، سەبى، گۈزەل بىر مۇھەببەتنىڭ ئىزنالىرىنى سىزىش ئىدى.
ئەپسۇس، مەن قالدۇرغان ئۇ سۆيگۈ ئىزنالىرى، مۇھەببەت خاتىرىسى، يۈرەك تىۋىشى بولسا ئەمدى مۇھەببەتتىن يېڭىلگۈچىنىڭ ئازابىغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى ساڭا قەلب يارامنى يوشۇرغاندىن كىيىن سېنى شاماللارغا قويۇپ بېرىمەن.
خوش، قەلب تىۋىشلىرىمنىڭ ساھىپخانى بولغان يېشىل تاشلىق خاتىرە دەپتەر، خوش، شاماللار بىلەن ئۇچۇپ كىتىۋاتقان ئاخىرقى مەكتۇپ!

2_244_99b188289327bfe.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-5-3 16:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر تىلى ناھايىتى يەڭگىل چىقىپتۇ، ئەمما ئاز-تولا قىسقارتىش ئېلىپ بېرىش لازىمدەك ھېس قىلدىم.

باھا سۆز

پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز، رەھمەت ئىنىم.  ۋاقتى: 2015-5-7 11:26 AM
ۋاقتى: 2015-5-3 16:53:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىكى گۈزەل خاتىرىلەردىن زوق ئالدىم.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە.  ۋاقتى: 2015-5-7 11:27 AM
مھراي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-5-6 01:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-5-6 03:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنى باشتىن ئاخىر تولۇق ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قارلىغاچنىڭ تەقدىر -قىسمەتلىرىگە ئازاپلاندىم. نەسىر مېنىڭچە شۇ قەدەر تېلى راۋان ،گۈزەل تۇيغۇلاردا ئىپادىلەنگەن..تامامەن نوھسانسىز دېيىشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن ..ئوتتېكىننىڭ دىمەكچى بولغىنى بەلكىم مەن ئويلىغاندەك بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىپ قالدىم..
«دوستۇمغا» دىگەن نەسىر ئەسلىدە بىر ئوبدان  ھېكايىنىڭ خۇرۇچى ئېكەندۇق، شۇ قەدەر ئوقۇشلىقى بار بولغان گۈزەل بىر  ھېكايە بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. كېرەك يوك ، چۈنكى نەسىرمۇ پىروزىنىڭ بىر تۇغقىنى ئەمەسمۇ.. سىزگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم دوستۇم، نەسىر ژانىردا پارلايدىغانلىقىڭىز مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ..سىزگە ئۇتۇقلار ،نەتىجىلەر يار بولسۇن گۈزلىم!!!

باھا سۆز

ئۇتۇق ھەممىمىزگە تەڭ بولسۇن.  ۋاقتى: 2015-5-7 11:31 AM
رەھمەت مۈنەۋۋەر، سەمىمى سۆزلىرىڭىز ماڭا ئۈمىد بېغىشلىدى. تېرىشچانلىق ھەم  ۋاقتى: 2015-5-7 11:31 AM
ۋاقتى: 2015-5-6 10:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     نەسىرلەر كۆڭلۈمنى لال قىلدى. سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

باھا سۆز

رەھمەت سىلىگە، سالامەت بولسىلا.  ۋاقتى: 2015-5-7 11:33 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش