يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 3

ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمىسى:رابىندىرانات تاگورنىڭ«كېچىك»ناملىق نەسىرلەر توپلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                رابىندىرانات تاگورنىڭ«كېچىك»ناملىق نەسىرلەر توپلىمى
                                                                         1
مەن سەپەرگە ئاتلانغان ئاشۇ كۈنى،قۇياش بۇلۇتنىڭ كۆكسىنى يېرىپ ئۆزىنى كۆرسەتتى،ئاسمان گويا تەڭرىنىڭ تەئەججۈپلەنگەنلىكىنى دورىغاندەك زېمىنگە تىكىلدى.قەلبىم نىدانىڭ قاياقتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي ھەسرەت بىلەن تولدى.
مەيىن شامال،ئارقامدا قالغان دۇنيىنىڭ پىچىرلىشىنى ئەكەلدىڭمۇ؟ئۇ يەردىكى كۆز ياش بىلەن تولغان ناۋالار،پارلاپ تۇرغان قۇياشنىڭ سۈكۈتلىرى ئىچىدە غايىب بولغانىدى.
ياكى مەيىن شامال،يىراق ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ تىنىقىنى ئەكەلدىڭمۇ؟دېڭىز-ئوكيان مەۋھۇم چىمەن بىلەن تولغان يازنىڭ قوينىدا ئاپتاپتا قاقلانماقتا ئىدى.
                                                                      2
ئۇلار بازار تۈگەپ،ئەتراپنى تۇمان باسقاندا،ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
مەن يولنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ،سېنى ئەكېتىپ بارغان قولۋاققا تىكىلەتتىم.
قولۋاق،سۇ يۈزىدىكى قاراڭغۇلۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى،ئولتۇرۇۋاتقان كۈن نۇرى،يەلكەنلەر ئۈستىدە جىمىرلىدى.
سۈكۈتكە چۆمگەن بىر سايىنىڭ ئۆرە تۇرۇپ،باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،بىردىنلا سېنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ قالدىم.
كۈيلىرىمنى تاشلىدىم-دە،مېنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قوي دەپ ساڭا ئىلتىجا قىلدىم.
                                                                       3
شامال بىلەن تەڭلا،ناخشامنىڭ يەلكىنىنى يايدىم،رولچىغا رولنى قولۇڭغا ئال دەپ بۇرۇدۇم.
چۈنكى مېنىڭ كېمەم ئەركىنلىككە ئالدىرايتتى،شامال بىلەن سۇنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ،ئۇسسۇلغا چۈشمەكچى بولاتتى.
كۈندۈز تاماملاندى،كۆز باغلىنىدىغان چاغ بولدى.بىزمۇ ئارقانلارنى بوشىتىپ ياكۇرنى كۆتۈردۇق،يۇلتۇز يورۇقىدا يولغا چىقىپ كەتتۇق.
ئايرىلىش ئالدىدا،شامالنىڭ تەۋرىنىشى لەرزان ئاھاڭلارغا ئايلىنىپ قالدى.
مەن رولچىغا رولنى باشقۇرۇشنى تاپىلىدىم.
                                                                       4
مېنى ئىلكىڭگە ئالغىن ئىگەم،بىردەملىك بولسىمۇ شۇنداق قىلغىن.
سەن بىلەن بىرگە بولالماي،يېتىم بالىدەك تەنھا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنى ئېسىمدىن كۆتۈرگىن.
بۇ قىسقا دەملەرنى تىزىڭنىڭ ئۈستىگە يايغىن،ئۇنى نۇر-زىيالىرىڭ بىلەن قۇچاقلىغىن.
مەن بىر زامانلاردا،مېنى مەھلىيا قىلغان،لېكىن مېنى ھېچقانداق جايغا ئاپىرالمىغان سادالارغا ئەگىشىپ جاھان كەزگەنىدىم.
ئەمدى مېنى ئاراملىق ئىچىگە ئولتۇرغۇز،ئۆزۈمنىڭ غوۋغاسىز روھىم ئىچىدە،سېنىڭ سۆزلىرىڭگە جىمجىت قۇلاق سالاي.
كۆڭلۈمدىكى قاپقاراڭغۇ سىرلىرىمدىن يۈزۈڭنى ئۆرۈمە،ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇر،ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ ئوتلىرىڭ تۈپەيلى چاراقلاپ نۇر چاچقۇدەك دەرىجىدە كۆيدۈرگىن.
                                                                     5  
يىراقتىكى قارا بوراننىڭ چارلىغۇچىلىرى كۆكنىڭ قەھرىگە تۇماندىن چېدىر تىكتى،كۈن نۇرى ھالىدىن كەتتى،ئورمان زۇۋانسىز سايىلەر بىلەن پۈركەندى،كۆز ياشلار ھاۋانى نەملەشتۈردى.
غەمكىن كۆڭلۈمنىڭ تىنىچلىقى،مۇزىكانتنىڭ قولىدىكى چىلتارنىڭ كۈي-ناۋالارنى باشلاشتىن بۇرۇنقى خىيالچان تىنىچلىقىغا ئوخشىشىپ قالدى.
سېنىڭ ھاياتىم ئىچىگە كىرىپ كېلىشىڭ،ئالەمچە قايغۇ-ھەسرەتتىن بىشارەت بەرسىمۇ،ئىچكى دۇنيايىم يەنىلا تىمتاس ئىدى.
                                                                           6
خويمۇ قىلدىڭ ئامرىقىم،ھەسرەت ئوتۇڭنى ماڭا تاشلاپ بېرىپ خويمۇ قىلدىڭ.
چۈنكى بىر تال كۈجىمەن،پەقەت كۆيگەن چاغدىلا ئەتراپقا خۇش پۇراق بېرەلەيمەن،ئەگەر مېنى چىراغ دېسە،پەقەت ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىنلا قارىغۇلۇقتىن قۇتۇلالايمەن.
سەزگۈسىنى يوقاتقان يۈرىكىمنىڭ قاششاقلىقى سېنىڭ سۆيگۈ چاقمىقىڭنىڭ زەربىسىگە مۇھتاج،دۇنيايىمنى چۈمكىۋالغان قاراڭغۇلۇق،گۈلدۈرمامىلىرىڭنىڭ نەزەرىگە يولۇققان چاغدىلا يالقۇنلىنىپ يانالايدۇ.
7     
ئاھ،رەببىم!سەن مېنى ئۆزۈمنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئىچىدىن،ھاياتىمنىڭ خارابىيلىقى ۋە قالايمىقانچىلىقى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغىن.
چۈنكى كېچە زۇلمەتتە،تاۋاپچىلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇق،ئەقىل-پاراسىتىمۇ يوقالغان.
سەن قولۇمنى تۇتۇپ،مېنى ئۈمىدسىزلىك قوينىدىن قۇتۇلدۇرغىن.
يالقۇنىڭ بىلەن نۇرسىز قايغۇ چىراغلىرىمنى پەپىلىگىن.
ئۆزۈمنىڭ سەۋەنلىكلىرىمنى ھېسابلاپ ھەممىنىڭ ئارقىسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشۈمگە يول قويمىغىن.
چوڭ يول مېنىڭ باسقان ھەربىر قەدىمىمدە ھۇجرام توغرىسىدا غەزەل توۋلايدىغان بولسۇن.
چۈنكى كېچە زۇلمەتتە، تاۋاپچىلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇق،ئەقىل-پاراسىتى يوقالغان.
قولۇمدىن تۇتساڭچۇ،رەببىم!
8
قولۇمدىكى چىراغ،يىراقتىكى چوڭ يولدا تۇرغان ـــــ  قاراڭغۇلۇق بىلەن دۈشمەنلەشمەكتە.
چىغىر يولنىڭ ئۇ تەرىپى ئەكسىچە مەن ئۈچۈن بىر ۋەھىمە،چېچەكلىگەن گۈل-گىياھلارمۇ ئاچچىقى كەلگەن بەتبەشرە ئىبلىسقا ئوخشاش كۆز ئالايتماقتا.ئۆزۈمنىڭ ئاياغ ئاۋازلىرىم دېمى بوغۇلغان،گۇمانخور ئەكس سادا ئىچىدە يېنىمغا قايتماقتا.
شۇڭلاشقا،يىراق بىلەن يېقىن سۆيۈشكەندە،ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ئىشقىي-مۇھەببەت ئىچىدە گىرەلەشكەندە،سېنىڭ سۈبھىدىكى چىرايىڭغا تېۋىنىمەن.
9
سەن مېنى قۇتۇلدۇرغاندا،ئالىمىڭدە ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان قەدەملىرىم يەڭگىللىك ھېس قىلىدۇ.يۈرىكىمنىڭ چاڭلىرى يۇيۇلغاندا،ئۇ قۇياشىڭنىڭ نۇرىنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىدۇ.
ھاياتىمنىڭ گۈزەل گۈل بولۇپ ئېچىلمىغان غۇنچىلىرى،ئالەمنىڭ قەلبىدە نىدا قىلىدۇ.
روھىمدىن زۇلمەت كېپىنى ئېلىنغاندا،ئۇ ساڭا ئاتىغان تەبەسسۇملارغا كۈي-ناۋالارنى تەقدىم قىلىدۇ.
10
سەن مۇھەببىتىڭنى ماڭا بەردىڭ ھەمدە سوۋغاتلىرىڭ بىلەن دۇنيايىمنى تولدۇردۇڭ.
سوۋغاتلىرىڭ ماڭا تۇيدۇرمايلا خۇددى ئۆتكۈنچى يامغۇرغا ئوخشاش يېنىمدا پەيدا بولدى.چۈنكى يۈرىكىم قايغۇ-ئەلەمدىن ئويغانمىغانىدى،كېچىمۇ قاراڭغۇ ئىدى.
مەن گەرچە چۈش ئۆڭكۈرىدە ئېزىپ قالغان بولساممۇ،ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خۇشاللىق تۈپەيلى توختىماي ھاياجانلىناتتىم.
كۆڭلۈم ئۇلۇغ ئالىمىڭدىكى گۆھەرلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۈبھى بىلەن تەڭ ئويغانغان چاغدا،مەندىن چاققان بىر مۇھەببەت گۈلى قوبۇل قىلىدىغانلىقىڭ ماڭا ئايان ئىدى.
رابىندىرانات تاگورنىڭ«كېچىك»تىن پارچىلار( 16-11)
11
كۆزۈم يولۇڭغا تەلمۈرۈپ ئۇيقۇدىن بىدار ئىدى،سېنى كۆرەلمىگەن تەقدىردىمۇ،مۇنداق تەلمۈرۈش يەنىلا تاتلىق ئىدى.
يۈرىكىم يامغۇر سۈيىنىڭ كۆلەڭگىسىدە،مۇھەببىتىڭگە ئىنتىزار بولماقتا.مۇھەببىتىڭگە نائىل بولالمىغان تەقدىردىمۇ،بۇ خىل ئىنتىزارلىق يەنىلا شېرىن ئىدى.
ئۇلار مېنى تاشلىۋېتىپ،ئوخشاش بولمىغان يوللار بىلەن كېتىپ قالدى.ئۆزۈم تەنھا قالغان تەقدىردىمۇ،سېنىڭ ئاياغ ئاۋازلىرىڭنى ئاڭلاش يەنىلا تاتلىق ئىدى.
زېمىن خىيالچان يۈزلىرىگە كۈزدىن تۇمان توقۇماقتا،بۇ مەنزىرە قەلبىمنىڭ تەشنالىقىنى ئويغاتتى،تەشنالىق مۇرادىغا يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، تەشنالىقنىڭ ئازابىنى تارتىش يەنىلا شېرىن ئىدى.
12
ئەقىدەڭدىن تەۋرەنمە قەلبىم،ھامان تاڭ ئاتىدۇ.تۇپراققا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئۈمۈد ئۇرۇقى چوقۇم بىخ سۈرىدۇ،غەپلەت ئۇيقۇسى ئېچىلىۋاتقان چېچەك كەبى،ئۆزىنىڭ كۆكسى-قارنىنى چوقۇم قۇياشقا ئېچىپ بېرىدۇ.جىمجىتلىقمۇ ئۆز ئاۋازىغا ئېرىشىدۇ.
كۈندۈز يىغلاپ قالدى،ئۇ چاغدا زىممەڭدىكى يۇك سوۋغا-سالامغا ئايلىنىدۇ،تارىتقان ئازاپىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭنى يورۇتىدۇ.
13
توي مۇراسىمى قاش قارايغان چاغدا ئۆتكۈزۈلدى،بۇ قۇشلار ئۆز ناخشىسىنى تاماملىغان،شامال ھاردۇق ئېلىش ئۈچۈن سۇ ئۈستىگە قونغان،غەرىپكە قىيسايغان قۇياش نۇرى،يېڭى كېلىننىڭ ئۆيىگە پايانداز سالغان،چىراغمۇ تاڭ ئاقۇچە يېنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان چاغ ئىدى.
ئۈن-تىۋىشسىز گۇگۇم كەينىدىن،كۆرگىلى بولمايدىغان بىرى كېلىۋاتاتتى،يۈرۈكۈم بولسا جالاقلاپ تىتىرايتتى،ھەممە غەزەللەر پىنھانلىق ئېچىگە قايىتتى،چۈنكى قاش قارايغان مەزگىلدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىۋاتاتتى.
14
شاۋقۇن-سۈرەنلەر چارچىدى،كائىنات دېڭىزنىڭ پىچىرلاشلىرى بىلەن لىق تولدى.
كۈندۈزى تىنىم تاپمىغان ئارزۇ ئىستەكلەر،ھاردۇق ئېلىش ئۈچۈن چىراغ ئەتراپىغا ئوۋلاشتى.
سۆيگۈ-تاماشىلىرى تىنچىپ،ئېتىقاتقا ئايلاندى،ھاياتى كۈچكە ئىگە ئېقىن سۇ،چوڭقۇرلۇققا يۈزلەندى،شەكلەن ئالەممۇ ئۆز ئۇۋۇسىغا قايىتتى،ئۇ گۈزەللىكتە بارچە شەكىللەردىن ھالقىپ كەتكەنىدى.
15
بۇ ئۇيقۇلۇق زىمىندا، تىنىچ يېشىل ياپراقلار ئارا مۈگىدەۋاتقان تىنىق ھاۋادا، ئۆزى يالغۇز ئويغاق ياتقان كىم ئۇ؟
قۇشلارنىڭ تىپتىنىچ ئۇۋىسىدا،گۈللەرنىڭ سىرلىق قەلىپ قەسىرىدە،يىگانە ئۇخلىماي تۇرغان كىم ئۇ؟
ئۇ قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلۇق تىترەشلىرىدە،ھاياتلىقىمنىڭ ئازاپلىق ئوپقانىدا،يىگانە ئۇخلىماي تۇرغان كىم ئۇ؟
16
تاڭ سەھەردىلا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناخشا ئېيتتىڭ،ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن خاپا بولدۇم،لېكىن كەتكەنلىكىڭگە دىققەت قىلماپتىمەن.
چۈش ۋاقتىدا ئۇسۇلۇق سوراپ يەنە كەلدىڭ،سېنى ئەيىپلەپ كەتكۈزىۋەتتىم.
گۇگۇم ۋاختىدا لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان مەشئەلنى كۆتۈرۈپ كەلدىڭ،كۆزۈمگە ۋەھىمە كەبى كۆرۈندۈڭ دە،ئىشىكىمنى تاقىدىم.
يېرىم كېچە بولدى،چىراغ يوق غېرىب كولبامدا،يالغۇز ئولتۇردۇم،ئۆزۈم ھەيدىۋەتكەن،ئۆزۈم ھاقارەت قىلغان كىشىمنى قايتىپ كەل دەپ نىدا قىلماقتىمەن.
رابىندىرانات تاگورنىڭ«كېچىك»تىن پارچىلار( 21-17)
17
جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋالغىن.
ئۇنى ئوڭ ئالىقنىڭغا قويۇپ،كۆزۈڭگە يېقىن ئەكەلگىن.
ئۇنى يورۇققا قارىتىپ كۆتۈرگىن،ئۇنى ئۆلۈم سايىسگە يوشۇرۇپ قويغىن.
ئۇنى چاراقلاپ يېنىۋاتقان يۇلتۇزلۇق كېچىنىڭ ساندۇقىغا ئامانەت قويىغن ،ئۇ تاڭ سەھەردە ،ئشەنچ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلزار ئىچىدىن ئۆزىنى تېپىۋالسۇن.
18  
مۇھەببىتىمنىڭ ۋايىغا يەتكەن شېرىن دەملىرى قولدىن كەتسمۇ ،ھاياتىم بەربات بولغانغا تەڭ ئەمەس .
گۈللەر تاڭ سەھەردە غازاڭ بولسىمۇ ،ئېقىن سۇلار باياۋاندا يولدىن ئازسىمۇ ،ئۇلار تۈگشىپ كەتمەيدۇ. قاششاقلىق يۈكىنى ئارتىۋېلىپ،باشقىلارنىڭ  ئارقىسدا قالغانلارمۇ،پۈتۈنلەي يەكسان بولۇپ كەتمەيدۇ.
خىيالىم تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ ،كۈي-ناۋالىرىم چىلتارىڭنىڭ تارىغا يۆلەنگەن تۇرۇقلۇق،ئۇنى تېخىچە چالمىغان بولساڭمۇ،بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
19
سەن باھارنىڭ ئەركە پەيتىدە ،گۈل-چېچەك ۋە نەي ئاۋازى بىلەن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىڭ.
سەن سۆيگۈ تالىنى ئىرغاڭلىتىپ،كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلدىڭ ،قەلبىمنىڭ تەۋرىنشىدىن دولقۇن ياسدىڭ.
سەن مەندىن بىرلىكتە مېڭىپ ،ھايات تېپىشماقلىرى ئىچىگە كىرىشنى تەلەپ قىلدىڭ.بىراق مەن ماي ئېيىدىكى يېشىل ياپراقلارنىڭ شلدىرلشى ئىچىدە قاتتىق ئۇيقۇغا چۆمگەنىدىم.ئويغانغىنىمدا ،ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ،توزىغان غازاڭلار شامالدا تىترەشمەكتە ئىدى.مەن شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئىچىدىن ،يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قەدەم ئاۋازىڭنى ۋە نىدالىرىڭنى ئاڭلىدىم.سەن مەندىن بىرلىكتە مېڭىپ،ئۆلۈمنىڭ تېپشماقلىرى ئىچىگە كىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدىڭ.
مەن يېنىڭغا بېرىپ،قولۇمنى ئالىقىنىڭغا قويدۇم،كۆزۈڭدە ئوت يېنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم،يامغۇر سۈيى چېچىڭنى بويلاپ ئېقىپ چۈشمەكتە ئىدى.
20
كۆكنىڭ يۈزى يامغۇر يېغىۋېرىپ خىرەلەشتى.
غەزەپلەنگەن چاقماقلار بۇلۇتلارنىڭ جۇل-جۇل پەردىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،ئالىيىشقا باشلىدى.ئورمانلار گويا قەپەستىكى شىر كەبى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھۈرپەيدى.
بوران ئەدەپ كەتكەن بۇنداق كۈنلەردە،ھۇزۇرۇڭدىن ئەمىنلىك تېپىۋېلىشىمنى ئىرادە قىلغايسەن.
قايغۇ بۇلۇتى بىلەن قاپلانغان ئاسمان،تەنھالاقىمنى توسىۋالدى،سېنىڭ ماڭا غەمگۈزار بولۇۋاتقان كۆڭلۈڭنىڭ مەناسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
21
ئاشۇ كېچە بورانلىق يامغۇر ئىشىكىمنى ئېچىۋەتكەندە،سېنىڭ خارابىيلىقتىن ئۆتۈپ،ئۆيۈم تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن،بۇنىڭغا چىراغنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقى،ئۆيۈمنىڭ سىياھتەك قاپقاراڭغۇ ئىكەنلىكى سەۋەب بولدى.
مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈڭ ساقلا دەپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلدىم.چاڭ-توزانغا مىلىنىپ قىمىرلاۋاتقان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇزۇن كۈتتۈم،بىراق بورانلىق يامغۇرنىڭ سېنىڭ بايرىقىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن.
سۈبھى ۋاقتىدا،سېنىڭ ئۆيىمىزنى چۈمكەپ تۇرغان بوشلۇق ئاستىدا يەككە-يېگانە ئۆرە تۇرغانلىقىڭنى كۆردۈم.
22
يېتىپ كەلگىنى ئاپەت ئىلاھى شىۋامۇ- قانداق؟
چۈنكى چۇقان-سۈرەنلىك كۆز ياش دېڭىزى،ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ دولقۇنىدا ئېگىز-پەس بولۇشقا باشلىدى.
چاقماق قامچىسى قىزغۇچ بۇلۇتلارنى ساۋىداپ،بوران ئىچىدە ئەسەبىيلەرچە چاپچىماقتا،ئەسەبىيلىك ئىلاھنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش كۈلكىسى،پۈتۈن ئاسماننى زىلزىلگە كەلتۈردى.
ھايات ئەزرائىلنىڭ تاجىنى كىيىپ،جەڭ ھارۋىسىدىن ئورۇن ئالدى.
بىساتىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قوي.
تاپقانلىرىڭنى مەيدەڭگە تېڭىپ تۇرۇۋالما،پۇشايمان قىلما،ئۇنىڭ ئاياغلىرىغا باش قوي،چېچىڭ تۇپراققا تەگكۈچە تەزىم قىل.
مۇشۇنداق چاغدا، يولۇڭغا راۋان بول.
چۈنكى چىراغمۇ ئۆچۈپ قالدى.ئۆيمۇ مۇساپىرخانىغا ئايلاندى،شىددەتلىك بوران ئۈشقىرتىپ دەرۋازاڭدىن ئۆتكەندە،تاملار تىتىرەپ كەتتى.قارىساڭ كۆزۈڭ يەتمەيدىغان بىر دىياردىن سېنى چاقىرغان ئاۋازلار ئاڭلانماقتا.
قورقۇپ يۈزۈڭنى ئېتىۋالما،كۆز ياشنىڭ ھاجىتى يوق؛دەرۋازاڭدىكى زەنجىرمۇ ئاللىقاچان ئۈزۈلدى.
سەپەرگە چىقىپ كەتكىنىڭ ياخشى،خوشاللىق ۋە خاپىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە قاراپ سەپەر قىل.
پۇتلىرىڭ ئۈمۈدسىزلىك ئۇسسۇلىغا دەسسىسۇن.      
«جاندىن كەچكەندە جانانغا يەتكىلى بولىدۇ»دېگەن ناخشىنى تولا.
ئاھ كېلىنچەك،تەقدىرىڭگە تەن بەر!قىزىل شايى توننى كىيىپ،زۇلمەتتىن ئۆتۈپ،يىگىتىڭ كۆتۈرگەن مەشئەلگە ئەگىشىپ ماڭغىن.
23
سېنى زەخىمناك قىلىش ئۈچۇن كەلگىنىمدە،يېنىڭدىلا تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن.
مەن سەن بىلەن ئېلىشىپ يېڭىلگەندىلا،سېنىڭ ئۆز ئىگەم ئىكەنلىكىڭنى ئېتىراپ قىلدىم.
مەن سېنى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلىغاندا،ساڭا بولغان قەرزگە چىدىيالمايلا شۇنداق قىلغانىدىم.
مەن سېنىڭ دولقۇنۇڭغا مەغرۇرانە قارىشىلىق بىلدۈرگەندە،سېنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدىرىتىڭنى كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم.
مەن ئۆيۈمدىكى چىراغنى جاھىللىق بىلەن ئۆچۈرۈۋەتتىم،ھالبۇكى سېنىڭ ئاسمىنىڭدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلار،مېنى ھەيران قالدۇردى.
24
سەن مېنىڭ ھوزۇرۇمغا ھەسرەت بولۇپ كەلدىڭمۇ؟ئۇنداقتا مەن ساڭا تېخىمۇ يېقىن تۇراي.
سەن يۇزۇڭگە قاراڭغۇدىمۇ چۈمپەردە تارتىۋالىسەن،ئۇنداقتا مەن سېنى چوقۇم كۆرۈشۈم كېرەك.
سېنىڭ جېنىمنى ئالغىدەك تەگكەن بىر مۇشتۇڭ،ھاياتىمنى يالقۇندەك سەكىرىتىۋەتتى.
كۆزۈمدىن ئېقىپ چىققان ياش،ساڭا باش ئۇرۇپ،ئايىغىڭنى چۆرىدەپ ئاقسۇن.
كۆكرىكىمدىكى ھەسرەتلەرنى:«سەم يەنىلا ماڭا مەنسۇپ»دېگۈزگىن.
25
مەن سەندىن قېچىش ئۈچۈن،ئۆزۈمنى يوشۇرۇپ قويدۇم.لېكىن ئاقىۋەت قولۇڭغا چۈشتۈم،قورقۇپ تۈگۈلەمدىمەن-يوق؟مېنى ئۇرۇپ باققىن!
مۇنداق ئويۇننى ئەبەدلىك يىغىشتۇرايلى.
ئەگەر مېنى ئۇتۇپ چىقساڭ،بارلىقىمنى ئېلىۋال.
مەن يول بويىدىكى ساتمىلاردا،ھەشەمەتلىك زاللاردا كۈلۈپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىپ باققانىدىم،بۈگۈن ھاياتىم ئىچىگە قەدەم قويغانىكەنسەن،يۈرۈكىمنى ئېزەلەمسەن-يوق،مېنى يىغلىتىپ باققىن.
26
مۇھەببىتىڭ بىىلەن ئويغانغان چېغىمدا،ئارامبەخىش تۈنلىرىم تاماملاندى.
بالقىپ چىققان قۇياشتەك،ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق سىناق تېشى بىلەن ۋۇجۇدۇمنى سىناپ باقتى،مەن ئۇنىڭ نۇسىرىتىنىڭ مۇشەققەتلىك يوللىرىدا پىرقىراشقا باشلىدىم.
مەن ئۆلۈمنىڭ ھەيۋىسىنى قۇبۇل قىلىپ،مەسخىرىلىك كۈلكە ۋە تەھدىتلەر مەركىزىدە تۇرۇپ،سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىمەن.
مەن پەرزەنتلىرىڭىڭگەبولغان ھاقارەتكە،ئېچىلىپ قالغان كۆكسىمنى تىك تۇتۇپ تاقابىل تۇرىمەن،بىر چەتتە تەنھا،ياردەمچىسىز تۇرغان سەن بىلەن بىرگە تۇرۇشقا تەۋەككۇل قىلىمەن.
27
مەن يازدىكى ماغدۇرسىز،قاغجىراپ ھاياتلىقتىن ئەسەر قالمىغان بىر پارچە يەرمەن ،
مەن سېنىڭ ئۆتكۈنچە يامغۇرۇڭنىڭ كېچىدە يېغىشىغا ئىنتىزارمەن.شۇ چاغدا مەن مەيدەمنى ئېچىپ،ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىۋالىمەن.
مەن ناخشا ۋە گۈللۈرۇم بىلەن ساڭا مىننەتدارلىق بىكدۈرسەم دەيمەن.لېكىن مېنىڭ خەزىنەم قۇرۇق،پەقەت كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن كېلىۋاتقان خۇرسىنىشلارلا بار،ئۇ قۇرۇق-قاقشال گۈل-گىياھلار ئۈستىدىن كۆتۈرۈلمەكتە.
لېكىن مەن سېنىڭ تاڭ سەھەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن،شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە،بايلىقىڭ ۋە سەلتەنەتلىرىڭ دەقىقىلىرىمدە مەۋج ئۇرىدۇ.
28
ياز بۇلۇتىدەك قېشىمغا كېلىپ،كۆكلەردىن كۆكلەرگە يامغۇرلىرىڭنى سەپكىن.
تاغلاردەك ھال رەڭ سەلتەنەتلىك غۇۋا كۆلەڭگەڭ بىلەن ھارغىن ئورمانلارنى بالدۇرراق گۈللەشكە دەۋەت قىلغىن،سەيياھلارنىڭ تاغ جىلغىلىرىغا بولغان ئىزدىنىش قىزغىنلىقنى ئويغاتقىن.
ياز بۇلۇتىدەك قېشىمغا كېلىپ،پىنھان ھاياتنىڭ گۈزەك ئىستىقبالى،زۇمرەتتەك خۇشاللىقى بىلەن قەلبىمنى ھاياجانلاندۇرغىن.
29
كېچىنىڭ گىرۋىكى كۈندۈزگە تۇتاشقان قايدا،يورۇقلۇق زۇلمەتنى چۆچۈتۈپ،ئۇنى تاڭ سەھەر بولۇشقا جۆنەۋاتقان جايدا،دولقۇنلار سۆيگۈسىنى ئۇ قىرغاقتىن بۇ قىرغاققا يوللىغان جايدا،مەن سېنى ئۇچراتتىم.
ئاشۇ بىلىپ بولماس زەڭگەر قەلبتىن،ئالتۇن رەڭلىك بىر سادا يېتىپ كەلدى،كۆز يېشىمنىڭ گۇگۇمى ئىچىدىن ھۆسن-جامالىڭغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىكىلدىم.بىراق سېنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىمگە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.
30
ئەگەر مۇھەببىتىڭگە نائىل بولمىغان بولسام،يۈرىكىم سۈبھى بىلەن تەڭ نېمىشقا پارە-پارە بولدى،نېمىشقا ناخشا ئېيتتىم،نېمىشقا جەنۇب شامىلى بۇ پىچىرلاشلارنى ئەمدىلا كۆكىرىشكە باشلىغان ياپراقلارغا چاچتى؟
ئەگەر مۇھەببىتىڭ مېنى ئۆزىدىن مۇستەسنا قىلمىغان بولسا،يېرىم كېچىنىڭ ئۈمىد ئىزتىراپى ئىچىدە يۇلتۇزلارنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلىگىنى نېمىسىئ
مېنىڭ بۇ دېۋەڭ يۈرىكىم ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى نېمىشقىمۇ يەڭگىللىك بىلەن چەك-چېكى يوق دېڭىز-ئوكيانلارغا غەرق قىلىۋەتكەندۇر؟   
31  
ئىقتىدارىمنىڭ بىر بۆلىكى مۇشۇ دۇنيادا،قالغانلىرى چۈشۈمدە.
   ھە دېسىلا پەپىلەشلىرىمدىن قاچىسەن،ئۇنداقتا نېمىشقا چىرىغىڭنى يوشۇرۇپ سىرلىق رەۋىشتە،ئۈن-تىۋىشسىز ھالدا چۈشلىرىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېلىسەن.
مەن زۇلمەت قوينىدىكى تەئەججۇپ ۋە شادلىقىمنىڭ،غايىب دۇنياىدىكى پىچىرلاشلىرىنىڭ،يوچۇن ساھىلىدىكى تىنىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن سېنى چۈشىنىۋاتىمەن.
قەلبىمدە توساتتىن يۈز ئاچقان خوشاللىق،ھەسرەت-ئەلەمنىڭ كۆز يېشىغا ئايلانغاندا،مەن سېنى بىلىپ يەتتىم.
32
ئامرىقىم مەن سېنىڭ ھامان بىر كۈنى كۆڭلۈمنى ئۇتىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.
سەن چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار قۇچىقىدىن،مېنىڭ چۈشلىرىمگە كۆزۈڭنى ئۈزمەي قاراپ تۇرىسەن.
مۇڭلىنىپ خىيال دەرياسىغا چۆمگىنىمدە،سۈزۈك ياشلىرىم كۆزلۈرۈمنى خىرەلەشتۈرگەندە،ئۆز سىرلىرىڭنى ئاينىڭ نۇرىغا يۆگەپ قېشىمغا ئەۋەتتىڭ.
سېنىڭ تويغا بولغان ئىنتىزارلىقىڭ-تىتىرەڭگۈ ياپراقلار ئىچىدە ھاياجانلىنىۋاتقان،قۇياش نۇرلىرى يالتىراپ تۇرغان ئاسماندا؛چوپان بالىنىڭ نەي ساداسى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان دەملەردە؛سۈكۈناتتىن ئۆرتىنىۋاتقان يۈرەكلەردە،يامغۇر سۇيىدە دۇغلىنىپ قالغان گۇگۇم ئىچىدە.
33
كىمدۇر بىرى مۇھەببەتنىڭ بىرتال گۈلىنى تۇيدۇرمايلا ئالقىنىمغا قويۇپ قويدى.
كىمدۇر بىرى قەلبىمنى ئوغۇرلاپ،ئۇنى ئاسمانغا سورۇۋەتتى.
مەن ئۇ كىشىنى ئاللىقاچان تاپقانلىقىمنى ياكى ئۇنى ھېلىمۇ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن؛بۇنىڭ بىر خىل بەخىت ئازابى ياكى ھەسرەت ئاغرىقى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن!
34
يامغۇر ئۆزىنى ئاسماننىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە چېچىپ يۈرمەكتە.
يەسىمەن گۈلى ئاي دالادىكى نەمخۇش شامالدا،ئۆز ھىدىدىن شادلىنىپ كۈلمەكتە.
قاراڭغۇ كېچىنىڭ كۆكسىدە يوشۇرۇن بىر خۇشاللىق،ئۇ-يۇلتۇزلار ئۆزىنى يوشۇرىدىغان،يۈزىگە نېپىز پەردە تارتىدىغان سامانىڭ خۇشاللىقى،ئۇ قۇشلارنىڭ چۇر-چۇر ناۋالىرىنى يىغىدىغان تۈن نىسپىدىكى ئورماننىڭ خۇشاللىقى.
شۇلار بىلەن يۈرىكىمنى ئاۋۇندۇرۇپ،كۈندۈزلىرىمنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈشۈم ئۈچۈن،ئۇنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ئەكېتىشىمگە ئىجازەت بەرگىن.
35
كۈندۈزلۈك سەپەردە ئۆزۈمنى بىخەتەر ھېس قىلىمەن،يوللىرىڭدىكى كۆركەم مەنزىرىلەرگىمۇ دىققەت قىلمايمەن،ئالدىمدىلا پەيدا بولۇپ قالغىنىڭ ئۈچۈن،سۈرئىتىمدىن پەخىرلىنىمەن،بىراق ئۆزۈڭنىڭ نۇرى ئۆزۈڭگە پەردە بولۇپ،بىر-بىرىمىزنى كۆرۈشتۈرمەيدۇ.
ئەمدىلىكتە بولسا قاراڭغۇ كېچە،شۇنداقتىمۇ ھەربىر قەدىمىمدىن سېنىڭ يولۇڭنى ھېس قىلالايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە،گۈللەرنىڭ مەززىلىك ھىدى بىلەن لىق تولغان جىمجىتلىق گوياكى ئانىنىڭ چىراغ ئۆچكەندىن كېيىن ئۆز بالىسىغا پىچىرلاۋاتقىنىدەك تۇيۇلىدۇ.
قوللۇرىڭنى مەھكەم قىسىمەن؛سەن بىلەن بولغان ئۇچۇرىشىش،مېنىڭ تەنھالىقىمدا،ماڭا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ.
36
مەن قاراڭغۇلۇقتا يەلكەن يېيىپ،ھاياتلىقنىڭ بەزمىسىگە يېتىپ كەلدىم،تاڭ سەھەرنىڭ ئالتۇن رومكىسى ماڭا ئۆزىنى تاڭ نۇرى بىلەن تولدۇردى.
شادلىقىمدىن ئاۋازىمنى قويۇۋەتتىم،ماڭا كىمنىڭ مەي قۇيغانلىقىنى بىلمىدىم،ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇدۇم.
چۈش نىسپى ئىدى،ئايىغىمدىكى تۇپراق ۋە بېشىمدىكى قۇياش،بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.تەشنالىققا چىدىيالماي،قۇدۇق بويىغا باردىم،كىمدۇر بىرى ماڭا تۇتقان سۇنى ئىچىۋەتتىم.
ياقۇت لەۋلەردەك شېرىن قەدەھنى ياخشى كۆرىمەن.لېكىن قەدەھ تۇتقان قولنى كۆرەلمەي قالدىم،ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئەستىن چىقىرىپتىمەن.  
ھارغىن گۇگۇمدا ئۆيۈمگە قايىتتىم.
يول باشلىغۇچىم،چىراغ تۇتۇپ مېنى چاقىردى.
مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىدىم.بىراق مەن ئۇنىڭدىكى چىراغ نۇرىنىڭ جىمجىتلىقنى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنىلا كۆرەلىدىم،ئۇنىڭدىكى تەبەسسۇمنىڭ قاراڭغۇ كېچىدە تەرەپ-تەرەپكە يامراپ ئېقىۋاتقانلىقىنىلا ھېس قىلدىم.
37
ئەمدى مېنى تاشلاپ كەتمە،ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشتى.
دالالارنى كېسىپ ئۆتكەن يول،جىمجىت ۋە قاراڭغۇ،بەك قالايمىقان،كىشى ئاسانلا ئېزىپ قالىدۇ.
ھارغىن زېمىن،ھاسسىسى يوق ئەما ئادەمدەك قىمىرلىماي ياتىدۇ.
مەن سېنى بەكمۇ ئۇزۇن كۈتتۈم،سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ چىرىغىمنى يېقىشىڭنى،گۈللۈرۈمنى ئۈزۈشىڭنى كۈتتۈم.
مەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ كەلگىلى نېكەم،سۇغا ئۆزۈمنى ئېتىپ،ھاياتىمدىن ئەبەدىلئەبەد جۇدالاشسام-ھە!
38
سۈبىھى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن،مۇھەببىتىڭگە نائىل بولىدىغانلىقىمنى بىلمىگەنىدىم.
خەۋىرىڭ گىرىمسەن ئۇيقۇمنى ئارىلاپ،ئاستا-ئاستا قۇلىقىمغا يەتتى،مەن تەئەججۇپ ۋە خوشاللىق ئىلكىدە ياشقا تولغان كۆزلىرىمنى ئېچىپ،ئەتىراپىمغا قارىدىم.
كەڭ ئاسمان ماڭا دېيىلمەكچى بولغان پىچىر-پىچىر سۆزلەر بىلەن تولۇپ كەتكەندەك ئىدى.تۆت ئەتراپىم بولسا كۈي-ناۋالار قۇچىقىدا قالغانىدى.
كۆڭلۈم ئۇچىسىغا شەبنەم ئارتقان گۈل كەبى سەجدىگە يۈزلەندى،ھاياتىم كەلكۈننىڭ پايانسىزلىققا قاراپ مەۋج ئۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
39
بىرەر مېھماننىڭ ھۇجىرامغا كەلمىگىنىگە ئۇزان بولدى.دەرۋازام قۇلۇپلاغلىق،دېرىزەم يېپىقلىق پېتى تۇرىۋەردى؛كېچىلىرىمنىڭ زېرىكىشلىك ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى.
ئويغانغان چېغىمدا،قاراڭغۇ كېچىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم.ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ چىقىپلا،دەرۋازىدىكى تاقاقنىڭ سۇنغانلىقىنى كۆردۈم،سېنىڭ شامىلىڭ ۋە نۇرۇڭ،ئېچىلغان دەرۋازىدىن كىرىپ،ئەلەملىرىمنى لەپىلدەتمەكتە ئىدى.
مەن ئۆز ئۆيۈمنىڭ مەھبۇسى بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە،دەرۋازام قۇلۇپلاقلىق تۇردى؛بىراق كۆڭلۈم قېچىپ كېتىشنى ۋە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.
مانا ئەمدى ئۇلۇغ ئېچىلغان دەرۋازام ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ،سېنىڭ كېلىشىڭگە ئىنتىزار بولماقتىمەن.
سەن مېنى ئۆز ئەركىنلىكىمگە ئەسىر قىلىپ قويدۇق.
40
يۈرىكىم،زېرىكىشلىك ئۇزۇن تۈنلەردىكى چىراغنى ئۆچۈرىۋەتكىن،سۈبھى خۇددى دەرۋازىمىزغا يېقىنلاپ كەلدى بولغاي،سېنى دەرۋازىنى ئېچىشقا چاقىرىۋاتىدۇ.
يۈرىكىم،زېرىكىشلىك ھاياتىڭدىكى شائىرانە سازىڭنى ئەمدى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قوي،سېنى ئۈن- تىۋىشسىز سىرىتقا چىققىن دەپ بىر سادا كېلىۋاتىدۇ،چۈنكى تاڭ-سەھەر سەن يازغان ناخشىلارنى توۋلىماقتا.
41
بۈگۈن ئەتىگەندە،ئەڭ بۇرۇن ئېچىلغان گۈللەرنى ماڭا سوۋغا قىلىپ ئەۋەتىپسەن،ئۇنىڭغا قوشۇپ،ئۆزۈڭنىڭ نۇرىدىن تەۋەللۇت بولغان يەڭگىل كۈي-ناۋالىرىڭنىمۇ بىرگە يوللاپسەن.
مەن بىر ھەسەل ھەرىسى بولۇپ،سېنىڭ زەر رەڭ سەھىرىڭنىڭ كۆكسىدە ئېغىناپ ئوينىۋىدىم،قاناتلىرىم شۇ سەھەرنىڭ گۈل شىرنىلىرىگە مىلىنىپ،چاراقلاپ نۇر چاچتى.
مەن سېنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى ناخشا-سادالىرىڭ قوينىدىن ئۆز ئورنۇمنى تېپىۋىدىم،تاڭ سەھەر ئۆز ئۈستىدىن تۇمانلارنى يوقاتقانغا ئوخشاش،مەنمۇ بۇ بىر مەيدان ئويۇن-تاماشا ئىچىدە ئۆزۈمنى كىشەنلەرنىڭ ئاسارىتىدىن خالاس قىلدىم.
42
مېنى مەيلىمگە قويۇپ بەرگىن.پايانسىز دالادىكى قۇشلارغا ئوخشاش ئەركىن يۈرۈشۈمگە ئىجازەت قىل،كۆرۈنمەس چىغىر يولدىكى سەيياھتەك ئازادە يۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىل.
مېنى مەيلىمگە قويۇپ بەرگىن،شارقىراپ قۇيۇلغان يامغۇردەك،تۇتام-تۇتام قارا چاچلارنى يەلپۈتۈپ،نامەلۇم ئاخىرقى ئۆتەڭگە تەلپۇنگەن بوراندەك ئەركىمنى تاپاي.
مېنى مەيلىمگە قويۇپ بەرگىن،ئورمان يانغىنلىرىدەك،قاقاقلاپ كۈلگەن پېتى قاراڭغۇلۇققا ھۇجۇم قىلىۋاتقان گۈلدۈرمامىدەك ئەركىن بولۇشۇمغا رۇخسەت قىل.
43
سەن مېنى چاقىرغاندا،قاشا تېمىمنىڭ كۆلەڭگىسىدە شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدىم،شۇڭا سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىدىم بولغاي،كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرىۋىدىڭ،يىغلامسىرىغان ھالدا ئويغۇنۇپ كەتتىم.
ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ،لالە رەڭ قۇياشنىڭ نەيزە بويى ئۆرلىگەنلىكىنى كۆردۈم.دولقۇنلار دېڭىزنىڭ ھۈركىرەشلىرىنى يەتكۈزمەكتە ئىدى.سەپەرگە تەييارلانغان كېمەم،سەكىرەۋاتقان سۇ يۈزىدە ئىككى يېقىغا تەۋرىنىپ يۈرۈپ كەتتى.
44
قاراڭغۇ تۈن كىشەنلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى،خىيالى چۈشلەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى تەبىرىكلىگەن!سېنىڭ ئالىمىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلىدى،تاڭ سەھەردىكى غۇنچىلار چىراي ئاچتى،ئەي غەپلەت ئۇيقىسىدىكى ئىنسان كۆزۈڭنى ئاچقىن!
يورۇقلۇقنىڭ سالامى مەشرىقتىن مەغرىبكە يەتتى،بۇزۇلغان تۈرمە تاملىرىدا زەپەر مارشى ياڭرىدى.
45
مۇشۇ تاپتا مەن سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى زەر رەڭلىك گىلەم ئۈستىدە بىر چىرايلىق ئولتۇرغىنىڭنى كۆرگەندەك بولدۇم.
جىلۋىگەر قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرى شاھانە تاجىڭنىڭ ئۈستىدە نۇر چاچاتتى،يۇلتۇزلار ئېتىكىڭگە باش قويغانىدى،كىشىلەر ساڭا تەزىم قىلىپ قايتىپ كېتىشتى،ھالبۇكى شائىر بىر چەتتە ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى.
46
مېھمانلىرىم كۈز كۈنلىرىنىڭ تاڭ پەيتىدە دەرۋازامغا يېتىپ كەلدى.
كۈيلە يۈرىكۈم،قارىشى ئېلىش ناۋالىرىنى كۈيلىگىن!ناخشىىلىرىڭ قۇياش نۇرى چاقناپ تۇرغان زەڭگەر ئاسماننىڭ ناخشىسى بولسۇن،شەبنەم تامچىلىرى بىلەن نەمدەلگەن ھاۋا ناخشىسى بولسۇن،ئالتۇن رەڭلىك باشاقلارنىڭ مول ھوسۇل ناخشىسى بولسۇن،شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۇلىرىنىڭ شادلىق ناخشىسى بولسۇن.
ناۋادا بۇ ئىشلار قولۇڭدىن كەلمىسە،ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈنۈڭنى چىقارماي بىر پەس جىم تۇر ۋە ئۇنىڭ چىرايىغا نەزەر سال.ئاندىن ھۇجراڭدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگەشكىن-دە،گەپ-سۆز قىلماي يىراق بىر جايغا كەت.
47
مەن چوڭ يولنىڭ دەرەخلەر سايە تاشلىغان بىر تەرىپىدە تۇرۇپ،كۈن نۇرىنىڭ قوشنا باغدىكى ئويۇن-تاماشىسىغا تەلمۈرۈپ قالدىم.
مەن ئۆزۈمنىڭ نامراتلىقىمنى سېزىپ،ئاچلىققا چىدىغان ھالدا،بۇ ئۆيدىن-ئۇ ئۆيگە ماڭدىم.
ئۇلار ئۆزىنىڭ باياشات روزىغارىدىن ھېچبىر ئىككىلەنمەي قانچە كۆپ خەير-سادىغا بەرسە،قولۇمدىكى تىلەمچىلىك تاۋىقىممۇ مېنى ئۆزىگە شۇنچە تەلپۈندۈرىدۇ.
بىر كۈنى سەھەردە،ھۇجىرامنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز ئېچىلدى،ئۇيقۇمدىن ئويغىنىشىمغىلا،مەندىن خەيىر-سادىغا بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭ.
مەن ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئىشكاپىمنىڭ قاپقىقىنى چېقىۋەتتىم ۋە شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ،ياقامنى تۇتۇپ قالدىم.
48
ئۇ ھاياتنىڭ بەزمىسىدە،دائىم دېگۈدەك تىلەمچى كەبى دەرۋازا سىرتىدا سېنى ساقلايتتى. مانا بۈگۈن سەن ئۇنى قۇچىقىڭغا ئالدىڭ-دە،ئۇنىڭ بېشىغا ئۆلۈم تاجىنى بەخشەندە قىلدىڭ.
سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈستىگە قويۇپ،ئۇنى سوغوققانلىق بىلەن سۆيۈپ قويدۇڭ ۋە ھاياتنىڭ تىنچىسىز تەشنالىقىنى پەسكويغا چۈشۈردۈڭ.
سەن ئۇنى بارلىق شاھ-ۋەزىرلەر بىلەن بىر قىلىپ يۇغۇرۇۋەتتىڭ،ئۇنى ئەقىل-پاراسەتنىڭ قەدىمىي دۇنياسى بىلەن بىرلەشتۈردۈڭ.
49
مەن پانى دۇنيانىڭ مۇساپىسىدە كۆڭلۈمنى يوقىتىپ قويدۇم،ئەمدى قارىسام ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇپتۇ.
مەن خوشاللىق ئىزدەپ يۈرۈپ،ھەسرەت-ئەلەم يىغدىم،ھالبۇكى سېنىڭ ماڭا بەرگەن ھەسرەت-ئەلەملىرىڭ مېنىڭ ھاتاتىمدا خوشاللىق بولۇپ قالدى.
مېنىڭ ھەر خىل ئىستەكلىرىم پارە-پارە بولدى،ھالبۇكى سەن ئۇنى يىغىۋىلىپ،ئۇنى ئۆز مۇھەببىتىڭ بىلەن مارجانغا ئوخشاش تىزىپ چىقتىڭ.
مەن بۇ دەرۋازىدىن-ئۇ دەرۋازىغا قاتراپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە،ھەر بىر قەدىمىم مېنى سېنىڭ دەرگاھىڭغا يېتەكلەپ تۇردى.
50
مەن چوڭ يولدىكى چېغىمدا،ئادەملەر بىلەن بىرگە ئىدىم.يولنىڭ تۈگۈنىگە يەتكىنىمدە،ئۆزۈمنىڭ سەن بىلەن بىرلىكتە تۇرغانلىقىمنى بىلىپ قالدىم.
مەن كۈنلىرىمنىڭ قانداق چاغدا گۇڭگالىق بىلەن گۇگۇم ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىمنى،ھەمراھلىرىمنىڭمۇ مەندىن يىراق كەتكەنلىكىنى تۇيماي قاپتۇمەن.
مەن دەرۋازاڭنىڭ قاچان ئېچىلغانلىقىنى سەزمىدىم،مەن ئۇ يەردە تۇرۇپ،قەلبىمدىكى خۇش ناۋالرارنى تىڭشاپ ھەيران بولدۇم.
چۈشەك راسلانغان،چىراغ يېقىلغان،ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا،كۆزۈمدە يەنىلا ياش داغلىرى بولارمۇ؟
51
ئۇلار كېلە-كەلمەيلا قىيا-چىيا قىلىشىپ،مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى،دەل شۇ تاپتا ئۇلار سېنى توسۇۋالغاچقا،مەن سېنى كۆرەلمەي قالدىم.
مەن پەيتى كەلگەندە قولۇمدىكى سوۋغىنى ساڭا بېرىمەنغۇ دەپ ئويلىدىم.مانا كۈندۈز كۈنىمۇ تۈگىدى،ئۇلار ئۆزىگە تېگىشلىك نەرسىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى،ئۆزۈم يالغۇز قالدىم.
شۇ چاغدا مەن سېنىڭ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغانلىقىڭنى كۆردۈم،لېكىن قولۇمدا ساڭا بەرگىدەك سوۋغا يوقلىقىنى بىلىپ،ساڭا بىر جۈپ قولۇمنىلا سۇندۇم.
52
ماڭا بەرگەنلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولسىمۇ،مەن سەندىن يەنە ئازراق بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم.
مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم،سېنىڭ قولۇڭدىن بىر يۇتۇم سۇ ئىچىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى باھار ئۈچۈن ئىدى.مېنى دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ بارارمۇ دەپ ئەمەس،بەلكى مېنى ياراتقان ئىگەمنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىلەپ كىرەرمۇ دەپ كەلگەنىدىم.مەن مۇھەببەتنىڭ سوۋغىسى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئامرىقىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كەلگەنىدىم.
53
مەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشۇمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مۇھەببىتىڭگە نائىل بولۇش غەرىزىدە سېنىڭ قېشىڭغا كەلدىم.
قاراشلىرىڭنى مېنىڭ كۆزۈمدە بىردەم توختاتقىن.مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئۆزۈڭنىڭ يولداشلارچە كاپالىتىڭنى ھەدىيە قىلغىن،دوستۇم!
قەلبىمنى تولدۇرغان كۈي-ناۋالىرىڭ،مېنىڭ بوران ئۇچۇپ تۇرغان چۆللەردىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە ھەمدەم بولسۇن!
مۇھەببەتلىك قۇياش نۇرۇڭ،خىيالىم چوققىلىرىنى سۆيگەي،ھاياتىمنىڭ باشاقلىرى پىشىپ-يېتىلگەن جىلغىلاردا تۇرۇپ قالغاي.
54
ئالدىمغا كەلگىن،نىگاھىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىمنى يالقۇنغا ئايلاندۇرسۇن.
يۇلتۇزلار ئارىسىدىن ئورۇن ئال،مەن سەجدە قىلغان ئوتنى تېپىشىمغا ياردەم بەر،ئۇ يۇلتۇزلار نۇرى ئىچىدە لاۋۇلدىسۇن.
زېمىن دۇنيانىڭ داغدام يولىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.سەن ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ بەرگەن يېشىل لىباسى ئۈستىگە كەلگىن،تەبرىك-تەشەككۈرلىرىمنىڭ ئوت-چۆپ ۋە يايلاقتىكى يۇمران گۈل-گىياھلارنىڭ ئارىسىغا چېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلاي.
زېرىكىشلىك ئاخشاملىرىم ئىچىگە كەلگىن،يۈرىكىم يېتىمسىرىغان ھالدا ساڭا ئىنتىزار،ئۇنىڭ تەنھا رومكىسىنى تولدۇرغىن،مەن مۇھەببىتىڭنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاي.
55
مۇھەببىتىڭ مېنىڭ ئاۋازىمدا مەۋج ئۇرسۇن،سۈكۈناتىمدا ئارام ئالسۇن.
مۇھەببىتىڭ قەلبىمدىن ئۆتۈپ،پۈتۈن ھەرىكىتىمگە سىڭىپ كەتسۇن.
مۇھەببىتىڭ ئۇيقۇم قاراڭغۇلىقىدا يۇلتۇز نۇرىدەك پارلىسۇن،ئويغانغىنىمدا ماڭا تاڭ يورۇقىدىن دېرەك بەرسۇن.
مۇھەببىتىڭ ئۈمىدىمنىڭ يالقۇنىدا لاۋۇلداپ يانسۇن،مەندىكى بارلىق سۆيگۈ ئېقىملىرىدا ئۆركەشلىسۇن.
مەن ئۆز ھاياتىمدا گوياكى بەرباپ مۇزىكىدىن ئايرىلمىغاندەك،سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن ئايرىلماي ياشاي،بۇ
56
ئاھ شاھىم،سەن ئكز شەۋكىتىڭ ئىچىگە ئۆزۈڭنى يوشۇرۇۋالدىڭ.
قۇم بىلەن شەبنەم مەغرۇرلانغان ھالدا ئۆز سۆلىتىنى سەن بىلەن سېلىشتۇرماقتا،ئىنسانلار ساڭا مەنسۇپ ھەممە نەرسىنى ئۇياتماستىن ئۆزىمىزنىڭ دەپ يۈرمەكتە،ئەلۋەتتە،بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئىللىتىڭ ئەمەس.
سەن گەپ-سۆز قىلماي بىر چەتتە تۇرۇپ،بىزگە ئورۇن بىكارلاپ بېرىۋاتىسەن؟شۇڭا مۇھەببەت ئۆزىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ سېنى ئىزدىمەكتە،رازىمەنلىك بىلەن ساڭا ئىقتىدا قىلماقتا.
57
بەزمە زالىدىن ئۆيۈمگە قايتقىنىمدا،يېرىم كېچىنىڭ گۈزەللىكى قېنىمدىكى ئۇسۇللارنى تىنچىتتى.
يۈرىكىم دەرھال پەسكويغا چۈشتى،ئۇ خۇددى چىرىغى ئۆچۈرۈلگەن،ئادەمسىز تىياتىرخانىغا ئوخشىشىپ قالدى.ئۇ كېچە زۇلمىتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدا توختىتىدى،مەن ئىككىمىزنىڭ ھېچبىر ھېيىقماي تەڭرى قەسىرىنىڭ خىلۋەت ھويلىسىدا ئويناۋاتقانلىقىمىزنى بايقاپ قالدىم.
58
تۈنۈگۈن كېچە،بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمنى يادىمغا كەلتۈرۈپ خىيالغا چۆمۈلگىنىمدە،سېنىڭ بىر چاغلاردا ماڭا دېگەن گەپلىرىڭ ئېسىمگە كەچتى:
«ياشلىق باھارىڭنىڭ غەم-ئەندىشىسىز مېنۇتلىرىدا،ھوجراڭنىڭ ھەممە ئىشىكلىرى دائىم ئوچۇق تۇرسۇن.»
«چاڭ-توزان،گۇمانخورلۇق،قالايمىقانچىلىق ھەمدە مۇزىكا بىلەن بىرگە تۆرەلگەن بۇ دۇنيا،ئەگەر خۇشال بولىدىغانلا بولسا،بۇ ئىشىكلەردىن ئىختىيارى كىرىپ-چىقسۇن.»
«مەن تاپشۇرۇقلىرىڭغا قارىماي،ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي،ئەسەبىيلەشكەن ئادەملەرگە ئەگەشكەن ھالدا،سېنىڭ يېنىڭغا كۈندە دېگۈدەك كېلىپ تۇراي.»
«ناۋادا ئۆزۈڭنى پەم بىلەن يوشۇرۇۋالساڭ،چىغىر يوللارنى ۋە ئىشىك-دەرۋازاڭنى ئېتىۋالساڭ،ھۇجراڭغا كىرىدىغان يوچۇقنى قانداق تاپاي.»
59
بىرەرىنى شاللىۋېتىپ،ساڭا ئورۇن بىكار قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.ساڭا جاي تەييارلاشنى خالىسام،باشقىلارنىمۇ نەزەردىن سارقىت قىلمايمەن.پەقەت پانىي ئالەمنىڭ شاھلىرى پەيدا بولغاندىلا،قورۇقچىلار ئادەملەرنى تەرەپ-تەرەپكە قوغلېۋىتىدۇ.بىراق شاھىم،سەن كەلگەن چاغ بولسا،پۈتۈن خەلقى ئالەم كەينىڭدىن ئەگىشىدۇ.
60
ئۇ تاڭ ناخشىسىنى ياڭرىتىپ ئىشىكىمنى چەككەندە،كۈن چىققانلىقىنىڭ سالامىنى بىرلىكتە ئەكەلدى.
بىز كالا پادىلىرىنى دالاغا ھەيدىۋەتتۇق-دە،ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇپ نەي چېلىشقا باشلىدۇق.
بىز ئۇنى بوزەك قىلدۇق،لېكىن ئۇنى ھەر قېتىمدا بازاردىكى ئادەملەر توپى ئىچىدىن ئىزدەپ تاپتۇق.
بىز كۈندۈزنىڭ ئالدىراش پەيتىدە،ئۇنىڭ يول بويىدىكى چىملىقتا بەخىرامان ئولتۇرغانلىقىنى تۇيۇقسىزلا كۆرۈپ قالدۇق.
ئۇ ناغرىسىنى ئۇرۇۋىدى،بىز ئالغا ئىلگىرلىدۇق.ئۇ ناخشا توۋلىۋىدى،پۇت-قولىمىز ئويناپ كەتتى.
بىز ئۆزىمىزنىڭ شادلىق ۋە قايغۇلىرىمىزنى دو چىقىپ،بۇ قىمارنى ئاخىرغىچە ئويناپ تۈگەتمەكچى بولدۇق.
ئۇ كېمىمىزدە رول باشقۇردى.بىز خەتەرلىك دولقۇنلار ئۈستىدە،ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە داۋالغۇدۇق،بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن چىرىغىمىزنى ياندۇردۇق،ھاياتىمىز ئاخىرلاشقاندا،ئۇنى كۈتتۇق.
61
ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ،ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىنىمدا،ئۇ بارلىق ئىشچىلار بىلەن بىرگە ئىشتا ئىدى.
ئۇنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغىنىمدا،ئۇ شاھماتقا تۇتۇش قىلغانىدى.
ئۇ چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ قەيەرگىچە ماڭسا،شۇ يەرگىچە ئەگەشتىم،قەدەملىرىم ئۇنىڭ ناغرىسىنىڭ رېتىمى بىلەن بىردەك ئىدى.
بازارغا،ھايات-مامات بازىرىغا،ئادەملەر مىغ-مىغ توپلاشقان جايغا كىردىم،ئۇ ئادەملەر توپى ئىچىدە قىستىىلپ،مۇشۇ قاينامنىڭ مەركىزىدە تۇرغانىدى.
بۇ سەپەردە چاتقاللارغا دەسسەپ،زېرىكىشلىك تاغ-داۋانلاردىن ئۆتسەڭمۇ،باسقان يولۇڭدىن ئىككىلەنمىگىن.چۈنكى،بۇ يولدىكى ھەربىر قەدەم سېنى ئۆزىگە چاقىرىدۇ،چۈنكى بىز بۇ ئاۋازنىڭ سۆيگۈ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
62
تاڭ بىلەن تەڭ بۇتخانىدىكى قوڭغۇراق ساداسى ياڭرىغاندا،ئەر-ئاياللار يېڭىدىن ئۈزۈلگەن گۈللەرنى كۆتۈرۈپ،دەرەخزارلىقتىكى چىغىر يولدىن ئالدىراپ يېتىپ كەلدى.
لېكىن مەن دەرەخ سايىسىدىكى چىملىقتا يېتىپ،ئۇلارنىڭ يېنىمدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىغا پىسەنت قىلمىدىم.
مېنىڭ ئۇلار بىلەن كارىم بولماسلىقىمنىڭ سەۋەبى بار ئىدى،چۈنكى بۇچاغدا مېنىڭ گۈلۈم غۇنچىنىڭ ئىچىدە ئىدى.
كۈندۈز چېكىگە يەتتى،مېنىڭ گۈلۈممۇ ئېچىلدى،شۇ چاغدىلا مەن كەچكى ئىبادىتىمنى باشلىدىم.
63
شاھنىشاھىمنىڭ چوڭ يولى،دەرۋازامنىڭ ئالدىدا جىمجىت سوزۇلۇپ ياتاتتى،بۇ يول مەندە بىر خىل تەلپۈنۈش قوزغايتتى.
چوڭ يول ماڭا ئۆزىنىڭ بېشارەت قولىنى سۇندى؛ئۇنىڭ سۈكۈناتى مېنى ئۆيدىن چىقىشقا چاقىردى؛ئۇ ھەربىر قەدىمىمدە ئۆزىنىڭ تىلسىز ئىلتىجاسى بىلەن ئاياغلىرىمنى سۆيۈپ تۇردى.
چوڭ يول مېنى ئالغا يېتەكلىدى،لېكىن مەن ئۇنىڭ مېنى قانداق بولمىغۇر ئىشلارغا،قانداق تاسادىپىي ئولجىغا ياكى ئويلاپ باقمىغان ئازاب-ئوقۇبەتكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.
چوڭ يولدىكى ئەگرى-توقايلىقنىڭ قەيەردە تۈگەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيتتىم.
لېكىن شاھنىھاھىمنىڭ چوڭ يولى، دەرۋازامنىڭ ئالدىدا جىمجىت سوزۇلۇپ ياتاتتى،بۇ يول مەندە بىر خىل تەلپۈنۈش قوزغايتتى.
64
مەن كۈندۈزنىڭ ئاياغلاشقان چېغىدا،ئۆز شاھىمنىڭ خانىسىغا قاراپ يول ئالدىم،سەيياھلار ئالدىمغا كېلىپ مەندىن:«شاھقا تەقدىم قىلغۇدەك نېمەڭ بار؟»دەپ سوراپ قالدى.
مەن ئۇلارغا قايسى نەرسىنى كۆرسىتىشنى بىلمەي،ھەتتا قانداق جاۋاب بېرىشنىمۇ ئۇقماي جىم تۇردۇم.چۈنكى مەندە پەقەت بىرلا ناخشىدىن بۆلەك ھېچ نەرسە يوق ئىدى.
ئۆيدە قىلغان ھازىرلىقلىرىم خېلى يېتەرلىك بولغانىدى،ئىمتىيازغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان ئادەملەر ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى.
ھالبۇكى مەن شاھىمنىڭ خانىسىگە كەلگەندە،پەقەت ھېلىقى ناخشامنىلا ئۇنىڭغا گۈل تاج قىلىپ سۇنالىدىم.
65
ناخشىلىرىم،باھاردىكى گۈللەرگە ئوخشاش،پەقەت سەندىنلا كېلىدۇ.
لېكىن مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ناخشىسى قىلىپ ساڭا تۇتىمەن.
سەنمۇ ئۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىسەن ھەمدە پەخىرلىنىشىم تۈپەيلى بارلىققا كەلگەن بەختىمدىن خۇشال بولىسەن.
ناۋادا ناخشامنىڭ گۈللىرى نازۇك،سولغۇن بولۇپ،چاڭ-توزانلار ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە،ھەرگىزمۇ ھەسرەت چەكمەيمەن.
چۈنكى سېنىڭ ئالقىنىڭدا يوقىلىش،زىيان ئەمەس.پورەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق گۈل،كۆز يۇمۇپ-ئاچقۇچە تۈگەپ كەتسىمۇ،سېنىڭ گۈل چەمبىرەك ئىچىدە،ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالىدۇ.  
66
ئاھ شاھىم،سىز بىر چاغلاردا مېنى چوڭ يولنىڭ قاسنىقىدا نەي چېلىپ،ئۈن تىنسىز ھالدا ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلارنى،جان پىدالىق بىلەن تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقانلارنى ئارا يولدا ھاردۇق ئالغۇزغىن،ئۇلار ئوردا دەرۋازىسىدىكى پېشايۋان ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئەتراپنى تاماشا قىلىدىغان بولسۇن؛كونا ئىشلار ئىچىدىن مەنا تاپالايدىغان بولسۇن،گۈللەر باراقسان ئېچىلىپ،قۇشلار شادىمان سايراپ يۈرىدۇ دەيدىغان بولسۇن،دەپ بۇيرىغانىدىڭىز.
67
مېنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تۇنجى تۈركۈم ناخشىلىرىم قەلبىم سەتھىدە ئويغانغاندىلا،ئۇلارنى سەھەردە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ قولدىشى دەپ بىلگەنىدىم.
ناخشىلىرىم قانات يېيىپ،قاقاس دەرياغا قاراپ ئۇچقاندا،مەن ئۇلاردا ياز پەسلىنىڭ شىجائىتى بار دەپ قارىغانىدىم.چۈنكى ياز پەسلى تۇيۇقسىز يېتىپ كەلگەن ھەيۋەتلىك گۈلدۈرمامىلارنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ ئاسماندىن چۈشەتتى-دە،ئۇنىڭ ھەممە نېمىسىنى قاھ-قاھ كۈلكە سادالىرى ئىچىدە يوق قىلاتتى.
مەن ناخشىلىرىمنى بورانلىق يامغۇرنىڭ چاقىرقىغا قۇلاق سېلىپ ئالدىراش ئىلگىرلىگەچكە،قۇياش ئولتۇرىدىغان تۇپراقنىڭ سىرتىدا يولدىن ئېزىپ قالدى دەپ ئويلىغانىدىم.
لېكىن گۇگۇمنىڭ سەلتەنەتلىك نۇرى ئىچىدىن زەڭگەر رەڭ دېڭىز ساھىلىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا،ناخشامنىڭ كېمە ئىكەنلىكىنى،مېنى ئېلىپ غالجىرلاشقان دېڭىزدىن ئۆتۈپ،پىرىستانغا كىرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
68
قولۇڭدىكى سازنىڭ تارى قاتارىغا،مېنىڭمۇ بىر تال قوشۇپ قويىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن.
سەن سازىڭنى چەككەندە،مېنىڭ يۈرىكىممۇ ئۆزىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ،ھاياتىم سېنىڭ ناخشاڭ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ.
ساناقسىز يۇلتۇزلىرىڭ قاتارىغا،مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ پانۇشۇمنى ئېسىپ قويۇشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن.
مېنىڭ شانلىق بايرىمىڭنىڭ ئۇسسۇلى ئىچىدە،مېنىڭ يۈرىكىممۇ سوقۇشتىن توختىمايدۇ،ھاياتىم سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ.
69
ناخشىلىرىمنىڭ پاكىز سەھەردەك بىغۇبار ئويغىنىشىغا ئىجازەت بەر،يېشىل ياپراقتىن تامغان تامچىدەك،بۇلۇت قوينىدىكى كۆز چاقنىتىدىغان رەڭدەك،تۈن نىسپىدىكى شىرىلداپ ئېقىۋاتقان سۇدەك كۆز ئېچىشىمغا رۇخسەت قىلغىن.ھالبۇكى سازىمنىڭ تارىلىرى يېڭى،چېلىنغان ئاھاڭلارنىڭ گويا يىراقلارغا نەيزە ئاتقاندەك چىقىشى تۇرغانلا گەپ،يېڭىلىق ئىچىدىن ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىك بىلىنىپ تۇرىدۇ.
سازىمنىڭ تارى شامالنىڭ ئىلاھىي رېتىملىرىنى قولدىن بېرىپ قويار،سامانىڭ روشەنلىكىگە دەخلە يەتكۈزەر،لېكىن ناخشىلىرىمنىڭ مىلودىيىسى ئۆز كۈيلىرىنى پىداكارلىق بىلەن تۆت تەرەپكە تارقىتار.
70
مەن سېنىڭ ھايات سەھنىسىدە نەغمە قىلىپ تۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم؛باھارنىڭ يېشىل ياپرىقى بىردىنلا بىخلاپ چىققاندا،سېنىڭ كۈلكەڭ ماڭا ئېھتىرام بىلدۈرگەنىدى؛مەن تۆت ئەتراپىم ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر بىلەن ئورالغان چىمەنلىكتە يېتىپ،سېنىڭ پىچىر-پىچىرلىرىڭنى ئاڭلىغانىدىم.ئاياللار بولسا سۆيگۈ ناۋالىرىڭنى يەتكۈزگەنىدى.
بالىلار ئۆيۈمگە سەندىن ئۈمۈدلىك خەۋەرلەرنى ئەكەلگەنىدى.
مانا ئەمدى،مەن سەكرات ئىچىدە سېنى ھېس قىلىش ئۈچۈن،قاراڭغۇ كېمىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ناخشىسى قوينىدىن ھاياتنىڭ پۇشايمان جۈملىلىرىنى قايتا تېپىش ئۈچۈن،دېڭىز ساھىكىدە سېنى ساقلايمەن.
71
بالىلىقىم ئېسىمدە،ئۇ چاغلار ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش،خۇددى مېنىڭ بىرگە ئوينايدىغان دوستلىرىمدەك ھەر كۈنى ئەتىگەندىكى تەئەججۈپلىك شادلىقى بىلەن خانەمگە ئېتىلىپ كىرىپ،كارۋىتىم يېنىغا كېلەتتى؛ئۇ چاغلار مۆجىزىگە بولغان ئېتىقات ،مېنىڭ قەلبىمدە گويا ئەركە گۈللەردەك يايراپ،ئۆزىنى كۆرسەتتى،ساددا خوشاللىققا چۆمۈلۈپ،جاھاننىڭ رۇخسارىغا تىكىلەتتىم؛ئۇ چاغلار،ئۇچار قۇش ۋە ھاشاراتلار،ئادەتتىكى ئوت-چۆپلەر،چىمەنزارلار ۋە رەڭدار بۇلۇتلار ئەڭ مۇكەممەل ۋە مۆجىزىدەك قەدىر-قىممەتلىك بىلىنەتتى؛ئۇ چاغلار،كېچىسى شىرىلدىغان يامغۇر ئاۋازى،جەننەت مەنزىرىسىگە ئوخشىشىدىغان خىيالىي چۈشلەرنى ئەكېلەتتى،گۇگۇم پەيتىدىكى ئانىنىڭ ئاۋازى يۇلتۇزلار ھەققىدە تەبىر بېرەتتى.
دەل شۇ دەمدە ئۆلۈمنى ئويلاپ قالاتتىم،لېكىن ئارقىدىنلا پەردىنى تارتىۋىتەتتىم،مۇھاببەتنىڭ يىپيېڭى خوشاللىقى ئىچىدە،يېڭى بىر ئەتىگەن ۋە مېنىڭ ھاياتىم ئالەمگە كۆز ئاچاتتى.
72
ھەي دۇنيا،يۈرىكىم سېنى سۇسقىنا ھېسسىياتى بىلەن مۇنداقلا بىر سۆيۇپ قويغاندا،نۇرلۇق جامالىڭ بىردىنلا خىرەلىشىپ قالدى،شۇنداقتىمۇ ئاسمىنىڭدىكى چىراغ نۇرى بۇ ئۇزۇن كېچىدە تاڭ ئاتقۇچە يېنىپ چىقتى.
يۈرىكىم ناخشىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يېنىڭغا كەلگەندە،سەن بىلەن ئۈنىنى پەس قىلىپ مۇڭداشتى،ئۆزىنىڭ گۈل چەمبىرىكىنى بوينۇڭغا سېلىپ قويدى.
مەن، يۈرىكىم ساڭا تەقدىم قىلغان نەرسىلەرنى،ئۆزۈڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز يۇلتۇزلىرىڭ بىلەن بىرگە قەدىرلەپ ساقلايدىغانلىقىڭنى ياخشى بىلىمەن.
73
ئەتىگەندىن باشلاپلا،سەن مېنى دېرىزە يېنىدىكى ئۆزۈڭ ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇڭ.
مەن بىر چاغلاردا سېنىڭ پەرمانىڭ بىلەن چوڭ يولدا توختىماي يۈگۈرۈۋاتىمەن،كەمسۆز خىزمەتكارىڭ بىلەن سۆزلەشكەنىدىم،سېنىڭ سامادىكى مۇخلىسلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ساڭا مۇناجەت ئوقۇغانىدىم.
مەن بىر چاغلاردا تىمتاس دېڭىزنىڭ پايانى يوق جىمغۇرلۇقىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ يۈرگەنلىكىنى،ئۇنىڭ ئۆز چوڭقۇرلۇقىدىكى مەخپىيەتلىكىنى ئېچىش ئۈچۈن،بوران-چاپقۇنلاردا جان تالاشقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
مەن بىر چاغلاردا،زېمىن ئۈستىدىكى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ھەشىمەتلىك بەزمىلەرنى ۋە مۇشۇ زېمىننىڭ ئېغىر خىياللار كۆلەڭگىسىدە ئۆزىنىڭ بىر كۈنىنى بىر يىلدەك ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
تېرىقچىلىققا ماڭغان كىشىلەر،مېنىڭ سالامىمغا قۇلاق سالغانىدى؛يىغىۋالغان ھوسۇلنى ياكى بوش سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ماڭغانلار مېنىڭ ناخشامنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىدى؛
مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ يوسۇندا ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى تۈگۈنىگە يەتتى،ئەمدى مەن گۇگۇم ئىچىدە تۇرۇپ ئاداققىي ناخشامنى ئېيتماقتىمەن،مەن بىر چاغلاردا سۆيگەن دۇنيا ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتىمەن.
74
ساڭا ناخشىچى بولۇش ۋەزىپىسى زىممەمگە چۈشتى.
مەن بىر چاغلاردىكى ناخشىلىرىمدا،سېنىڭ باھار گۈللىرىڭنى مەدھىيلەپ،سېنىڭ شىلدىرلاۋاتقان يېشىل ياپراقلىرىڭغا رىتىم بەرگەنىدىم.
ھەممە جىمىققان تۈن نىسپىگىچە،تىمتاس بولۇپ قالغان تاڭ سەھىرىگىچە ناىشا ئېيتقانىدىم.
باش يازدىكى يامغۇر سۇلىرىنىڭ شادلىقى،ئاھاڭلىرىمغا سىڭىپ كىرگەنىدى،تۈرلۈك زىرائەتلەرنىڭ دولقۇنلاپ تەۋرىشى ئۇنىڭ قوينىدىن ئورۇن ئالغانىدى.
ئاھ تەڭرىم،يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلىپ ھۇجرامغا كىرگىنىڭدە،ناخشىلىرىمنى توختىتىپ قويمىغىن،ئۇنىڭ سېنى قارشى ئالىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشىغا ئىجازەت قىل.
75
ئاھ، ھاياتىمنىڭ مېھمانلىرى!
سەن تاڭ بىلەن كەلدىڭ،ھالبۇكى ئۇلار كېچىدىلا يېتىپ كەلدى.
سېنىڭ ئىسمىڭنى ماڭا باھارگۈلى ئېيتىپ بەردى،ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسا ئۆتكۈنچى يامغۇر دەپ قويدى.
سەن ھۇجرامغا چىلتار كۆتۈرۈپ كەلدىڭ،ئۇ بولسا چىراغ ياندۇرۇپ كەلدى.سىلەر خۇشلىشىپ قايتقاندىن كېيىن،مەن سىلەر تۇرغان يەردىن ئىلاھنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى بايقاپ قالدىم.
تائەت-ئىبادەتلىرىمنىڭ ئاخىرىقى تۈگۈنىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە،سىلەرگە بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىمنى سىلەرگە ئاتىغان ناماز شام گۈللىرى بىلەن بىرگە قويۇپ كېتەي.   
76
چېھرەڭنى كۆرگەندەك بولۇپ،كېچە زۇلمىتىگە قارىمايلا قېيىقىمنى سۇغا چۈشۈردۈم.
سۈبھى كۈلۈمسىرەپ،غۇنچىلار پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتتى.ناۋادا نۇرلار خىرەلىشىپ،گۈللەر تۆكۈلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ،ئالغا قاراپ ئۈزۈشتىن زىنھار توختاپ قالمايتتىم.
سەن ماڭا ئاۋازىڭنى چىقارمايلا بەلگە بەرگىنىڭدە،پۈتۈن ئالەم شېرىن ئۇيقۇغا چۆمۈپ،قاراڭغۇلۇق شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
قوڭغۇراق ساداسى يېتىپ كەلدى،قېيىقىم ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن لىق تولدى.ناۋادا قوڭغۇراق ساداسى جىمىپ،قېيىقىم قۇرۇقدىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ،ئالغا قاراپ سەپەر قىلىشتىن قەتئىي توختاپ قالمايتتىم.
بەزى قېيىقلار يۈرۈپ كەتتى،بەزىلىرىنىڭ تەييارلىقى تېخى پۈتمىدى،لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قىلىشنى خالىمايتتىم.
يەلكەن شامال بىلەن لىق تولدى،ناۋادا يەلكەن تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىپ،قارشى قىرغاقتىن خەۋەر كەلمىگەن تەقدىردىمۇ،سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيتتىم.
77
ـــ سەيياھ،سەن نەگە بارماقچى؟
ـــ مەن ئىككى يېقى دەرەخلىق چىغىر يولنى بويلاپ،لالە رەڭ تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن دېڭىزغا يۇيۇنغىلى بارىمەن.
ـــ سەيياھ،دېڭىز قاياقتا؟
ــــ ئۇ بۇ دەريا ئېقىمى ئۆز مۇساپىسىنى تاماملىغان،شەپەق تاڭ نۇرىغا ئايلانغان،كۈندۈز گۇگۇمىغا سىڭگەن بىر جايدا.
ـــ سەيياھ،سەن بىلەن بىرگە كەلگەنلەر قانچە كىشى؟
ــــ مەن ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ساناشقا ئامالسىز.
ئۇلار چىراغ نۇرىدا،كېچە-كېچىلەپ يول باستى،قۇرۇقلۇق،سۇلاردىن ئۆتۈپ كەتتى،كۈن بويى ناخشا ئېيتتى.
ــــ سەيياھ،دېڭىز بۇ يەردىن قانچە يىراقلىقتا؟
ــــ دېڭىزنىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى ھەممىمىز سوراۋاتىمىز.
سۆھبىتىمىز ئەمدىلا توختىۋىدى،دېڭىز سۈيى غەزەبلىك نەرە تارتىپ،ئاسمانغا قاراپ ئوخچىدى.ئەھۋالدىن قارىغاندا،ئۇ بىزگە ھەم يېقىن،ھەم يىراق بىلىنىۋاتىدۇ.
ــــ سەيياھ،قۇياش بارغانسېرى قىزىپ كېتىۋاتىدۇ!
ـــ دۇرۇس،سەپىرىمىز ھەم ئۇزۇن،ھەم مۈشكۈل،روھى سۇنغانلار ناخشا ئېيتىڭلار،قورقۇنچاقلارمۇ ناخشا ئېيتىڭلار!
ــــ سەيياھ،ئەگەر قاراڭغۇ كېچە سىلەرنى قوغلاپ يېتىۋالسىچۇ؟
ــــ ئۇنداقتا،يېڭى ئەتىگەن ئۆز ناخشىسى بىلەن شەپەق قوينىدىن كۆرۈنگىچە،دېڭىزنىڭ نىداسى كۆك ئاسماندا جاراڭلىغانچە تۇرغان جايىمىزدىلا يېتىپ ئۇخلايمىز.
78
ئاھ مېنىڭ سەپەرداشلىرىم،مەن سىلەرگە بىر سەيياھ سۈپىتىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
ئاھ تەڭرىم،غەم-قايغۇ،مۇڭلۇق دىلىمنىڭ ئىگىسى،جۇدالىق ۋە ئۆلۈمنىڭ پەرۋەردىگارى،زاۋاللىق ۋە خىرە جىمجىتلىقنىڭ باشپاناھى!مەن ساڭا ۋەيران بولغان روزىغارىمدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
يېڭىدىن كۆز ئاچقان تاڭ سەھەرنىڭ پارلاق نۇرى،مەڭگۈلۈك كۈندۈزنىڭ قۇياشى،مەن ساڭا ئۆلمەس ئارزۇلاردىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
مېنىڭ يېتەكچىم،مەن پۈتمەس-تۈگىمەس سەپەردىكى بىر سەيياھ،مەن ساڭا بىر سەرگەردان سۈپەتتە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!


مەنبە:رابىندىرانات تاگورنىڭ شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1991-يىلى نەشىر قىلىنغان،ئەركىن ئىبراھىم تەرجىمە قىلغان «كېچىك»ناملىق نەسىر توپلىمى



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 10:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە    رابىندىرانات تاگورنىڭ ھەممە كىتابلىرى بار . ئۇنىڭ نەسىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە.توردىن يەنە بىر قېتىم كۆردۇم . رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-4-28 23:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

ۋاقتى: 2015-4-29 09:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەك ئىسىل نەسىرلەر ئىكەن، تىلى نېمە دېگەن گۈزەل، ئەتىگەندە شەربەت ئىچكەندەك ھۇزۇرلاندىم.  تەجىمە قىلغۇچى بىلەن تورغا يوللىغىچىغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت.

باھا سۆز

قېرىغانچە كۆز روشەنلىشىپ كەتكەن ئوىشايدۇ، ئاكا!  ۋاقتى: 2015-4-29 06:09 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش