يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2415|ئىنكاس: 2

ق . ت . تەۋەككۈل: مەن ۋە ئولۇمپىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
                                           مەن ۋە ئولۇمپىك

    ئىلاۋە : 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسى ‹‹ بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەخسۇس سەھپىسى تەسىس قىلىپ مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ›› نى ئۇيۇشتۇردى .ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ئۇشبۇ ماقالىنى تەييار قىلدىم .ئەمما مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ئەسەر ۋاقتىدا يىتىپ بارمىغاچقا ، شۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتنىشىش شەرىگە نائىل بۇلالمىغانىدى . مانا ئەمدى تور ئارقىلىق ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم . دوستلارنىڭ سەمىمىي  مۇئامىلىدە بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .
                                                                                        ــ قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
                                                                                   مىلادىيە 2015- يىلى 24- ئاپىرىل


     ‹‹ئافىنا ›› دېگەن ئاتالغۇ مەن ئۈچۈن تۇنۇشلۇق بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى بىلەن تەسەۋۇرۇمدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن . ئىلگىرى تېلۋۇزۇردا  ‹‹ ئولۇمپىك تەنھەرھەت مۇسابىقىسى ››پىرگىرامىلىرى  كۆرسىتىلىۋاتقان مەزگىللەردە كەسىپداش ،ئەل –ئاغىينە ،تۇنۇش – بۈلۈشلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بۇلۇپ قالغاندا ،ئۇلارنىڭ ئولۇمپىك ھەققىدە قىلغان بەس – مۇنازىرلىرى بىزارلىق تۇيغۇمنى شەكىللەندۈرگەن بولسا ،گاھى چاغلاردا ئوغلومنىڭ تەنتەربىيە پېرىگۇرامىلىرىنى ھەدىدىن ئارتۇق بېرىلىپ كۈرۈشلىرى غەزىپىمنى ئۆرلەتكەنىدى . مۇسابىقە مەزگىلىدە ئوغلۇم بىلەن بىر ئىككى رەت ئازارلىشىپ  قالغان چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى . خىيال قىلسام ،ھاياتىمدا خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقىغان بولساممۇ، ئولىمپىك ھەققىدە يېزىلغان بىرەر پارچە كىتابنى كۆرۈپ چىقمىغان ئىكەنمەن ....
       2008 -يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى رادىئودىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ بىر سائەتلىك ئۈنۋېسال خەۋەرلەر پىرىگىرامىسىدا ئاڭلاتقان ‹‹ئولىىمپىك ›› ھەققىدىكى تۇنجى ساۋادقا ئىشتىراك قىلدىم. ئولىمپىك ھەققىدە تۇنجى قېتىم مۇكەممەل بىر ساۋادقا ئىگە بولغانلىقىمدىن بولسا كېرەك ،قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى .‹‹ئافىنا ›› ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلاۋېتىپ ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالدىم .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رادىئو ،تېلۋۇزۇر ،گېزىت – ژورناللاردىن ‹‹ئولۇمپىك ››توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلاپ ،ئىخلس بىلەن ئوقۇدۇم ،كۆردۈم .ئولۇمپىك  ھەققىدىكى ساۋادلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇردۇم .ئارىدىن ئۈچ ئايچە ۋاقىت ئۆتتى . ‹‹ئولۇمپىك ›› ھەققىدىكى ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ چىقىش ئىستىكىم ئېشىپ بارماقتا ئىدى ... خاتىرە بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا كېرىشتىم ...
قالتىس ئىش، قۇلۇمدىكىسى ‹‹ئولىمپىك›› ھەققىدىكى خېلىلا مۇكەممەل پۈتۈك ئىدى .ھاياجىنىمدىن ‹‹ يازالايدىغان بولدۇم ›› دەپ توۋلاپ سالغىنىمنى تۇيىماي قاپتىمەن .
     ــ نىمىنى ، نىمىنى يازالايدىغان بولدۇڭ ، دادا! ــ دەپ سورىدى ئوغلۇم ئەجەپلىنىش ئىلكىدە .
     ــ قارا ؟!
      قولۇمدىكى يازمىلارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم .
      ـــ چۈشەندىم ،ئۆتكەندە ‹‹ئولۇمپىك ھەققىدە ›› بىر نەرسە يازساممىكىن دەۋاتقان ئىدىڭ ،ئاخىرى دەسلەپكى ماتىريالغا ئىگە بوپسەندە ؟!
....
     ‹‹تاما ،تاما كۆل بولار ››دېگەن راست ئىدى .خاتىرەمگە پۈكۈلگەن ھەربىر سۆز – جۈملە قىممەتلىك ئۇچۇردىن دېرەك بېرەتتى .
     قەدىمقى ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ بۆشۈكى ـــ يۇنان (ھازىرقى گىرىتسىيە ) نىڭ مەركىزى ‹‹ ئافىنا ›› نىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەيدانغا كەلگەن مۇقەددەس جاي ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن  300 كىلومېتىر يىراقلىققا  جايلاشقان  ‹‹ئولۇمپىيە ›› نىڭ قەدىمقى ئولۇمپىك تەنھەركەت يىغىنى بارلىققا كەلگەن جاي ئىكەنلىكى؛ گىرىتسىيلىكلەرنىڭ ‹‹ئولۇمپىيە ›› دە ‹‹مىلادىدىن بۇرۇنقى 776 – يىلدىن، مىلادى 394- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا جەمئى 293 نۆۋەت تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى ،1170 –يىل داۋام قىلغان بۇ مۇسابىقىنىڭ  مىلادى 394 –يىلى رىم ئېمپىراتۇرسى تەرىپىدىن توختىتىۋىتىلگەن ①›› لىكى ، شۇنىڭدىن باشلاپ، بىرىنچى  نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولۇمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگىچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ، تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسەبىقىسىنىڭ 1896-يىلى 4-ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە گىرىتسىيەنىڭ پايتەختى ‹‹ئافىنا ›› دا داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ؛‹‹1894-يىلى 6-ئينىڭ 23-كۈنى ئولىمپىك ھەركىتى تارىخىدىكى خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن ،يەنى خەلىقئارا ئولىمپىك كومتېتى رەسمىي قۇرۇلغان كۈن ››  ئىكەنلىكى ؛ ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ 1896-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ‹‹جەمئى 28 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈش شەرىپىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، 6- 12- 13- نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرنڭ   بىرىنچى ۋە  ئىككىنچى  دۇنيا  ئۇرۇشى سەۋەپلىك  ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى ،ئەمەلىي ئۆتكۈزۈلگىنى 25 نۆۋەت ئىكەنلىكى ؛ بۇ 25 نۆۋەت مۇسابىقىنىڭ ئامىركىدا تۆت قېتىم ، فىرانسىيە ،ئەنگىلىيە ،گىرمانىيە ، ئاۋىستىرالىيە ۋە گىرىتسىيەدە ئىككى قېتىمدىن ، شىۋىتسىيە بېلگىيە ،گوللاندىيە ،فىنلاندىيە ،ئىتالىيە ،ياپۇنىيە ،مېكسىكا ،كانادا ،سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى ،كۆرىيە ۋە ئىسپانىيلەردە بىرقېتىمدىن ئۆتكۈزۈلگەن ››لىكى ، دۆلىتىمىزنىڭ 1932-يىلدىكى 10-نۆۋەتلىك ۋە 1952-يىلدىكى 15- نۆۋەتلىك ئولۇمپىك تەنەركەت مۇسابىقىسىگە كىچىك كۆلەمدىكى ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكى ؛ 1984- يىلدىكى 23- نۆۋەتلىك ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسگە  چوڭ كۆلەملىك تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ 2004-يىلغىچە بولغان ئالتە قېتىملىق ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ،ئالتۇن مېدال سانىدا، ئەڭ دەسلەپتىكى 4-لىكتىن 2004 –يىلى ‹‹ ئافىنا ›› دا ئۆتكۈزۈلگەن 28 –نۆۋەتلىك ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئۈتۈشتەك شانلىق نەتىنجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، خەلىقئارا ئولۇمپىك كومتېتىنىڭ بەش ھالقىلىق بايرىقى ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ؛ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ۋە مەشئەل يېقىشنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەركىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ؛مۇسابىقىدىكى  قىزىقارلىق ئىشلار ؛ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە بارلىققا كەلگەن دۇنياۋى تەنھەركەتچىلەر ... قاتارلىق ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە دائىر مەزمۇنلارنى قايتىلاپ ئوقۇپ چىققىنىمدا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا چۈمۈلدى .‹‹ناۋادا ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا ،ئولۇمپىك ھەققىدە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئۈتۈپ كېتەر بولغۇيمىدۇم ››دىگەندەك، ئاچچىق خىياللار ئىلكىدە بۇندىن تۆت يىل بۇرۇنقى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئەسلەپ ئۆتتۈم :
        2004-يىلى ،كەچ كۈز مەزگىلى ئىدى . مەن ئىنىم ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۈچەيلەن خوتەنگە ئىنىمنىڭ ئايالى تەرەپ تۇققانلىرىنى يوقلاشقا باردۇق . قايتىش سەپىرىمىزدە قەشقەرگە چۈشۈپ دوستۇمنى يوقلىغاچ،بىرقانچە كۈن تاماشا قىلىپ قايتماقچى بولدۇق .دوستۇم قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستۇتىدا ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن بىرقانچە يىل ئىلگىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ھەم خېلى ياخشى ئىزدىشىپ ئۈتۈشكەن ئىدۇق .
     قارقاشتىن چۈشكە يېقىن قوزغالغان ئاپتۇبۇس قەشقەر شەھرىگە كەچ سائەت  10:00  لارغا يىتىپ كەلدى  .ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا دوستۇمنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق .ئەسلىدە مەن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ قويغانىدىم . ئۇنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنىغا خېلى ۋاقىت بولغان ئىكەن  .
     ئۆيگە كىرىپ كەلگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئايالى بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى .كەچ بۇلۇپ كەتكىنىگە قارىماي تاماق تەييارلىدى .داستخاننى مول كەلتۈردى . سەپەر ھاردۇقۇم  بىراقلا يەڭگىللىگەندەك  قىلاتتى ...يېرىم سائەتچە ۋاقىتتىن كېيىن ، دوستۇم  :‹‹ ناھايتى مۇھىم ئىشىنىڭ بارلىقى ›› نى ئېيتىپ، ھۇجۇرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .بۇ ھال كۆڭلۈمگە كەلدى .ئەمما ئۇنىڭ ئايالىنىڭ خۇشپىچىم ،ئۇچۇق – يۇرۇقلۇقى بىلەن كەيپىياتىم تېزلا تەڭشەلدى . ئۇنىڭ ئايالى بىلەن يۇرت- مەھەللە تۇغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشتۈق .ۋاقىت يېڭى بىر كۈنگە داڭ ئورغاندىلا ،ئاندىن ئارام ئېلىشنى ئېيتىشىپ ئورنىمىزدىن قوزغالدۇق .
      دوستۇم بىلەن ئىككىمىزگە ،ئۇ نەچچە سائەت ئىلگىرى كىرىپ كەتكەن ھۇجۇرىغا ئۇرۇن راستلانغانىدى . ھۇجۇرىغا كىرىپ كەلگىنىمدە ۋۇجۇدۇمدا ئىغىر خورلىنىش ھىسلىرى ئەكىس –ئەتتى .چۈنكى ئۇنىڭ نەزىردىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىش مەن ئۈچۈن ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتت .ئۇ بار ئىشتىياقى بىلەن 28- نۆۋەتلىك ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۈتپۇل مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى قايسىدۇر ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۋاتاتتى .
      ‹‹ تېلۋۇزۇر مەندىنمۇ مۇھىمكەندە ؟›› دەيتىم ئىچىمدە ... ئۆي ئىچى ئىنتايىن تىنجىق بۇلۇپ ،ئىسىقنىڭ دەردى ئاز كەلگەندەك دوستۇمنىڭ ئىكراندىكى تاماشىبىنلار بىلەن تەڭ قىقاس – چوققان كۆتۈرشى ئارامىمنى جايىغا قويمىغان ئىدى . كۆزۈمنى ھەرقانچە يۇمساممۇ ئۇخلىيالمىدىم . شۇ دەقىقىدە  ئۇنىڭ خىيالىغا ئازراقمۇ كىرىپ –چىقمىسامتىم  كاشكى ؟! قاراشلىرىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىچنىمە ئەمەس ئىدى ... ئورنۇمدىن تۇرۇپ تېلۋۇزۇر ئالدىغا كەلدىم  . ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇپ ، مۇسابىقە كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇم . .. ئۇنىڭ  كىمنىڭلەردۇر ئىسمىنى ئاتاپ ۋاقىراشلىرى ،قايسىدۇر بىر كاماندىغا مەدەت تىلەشلىرى قۇلىقىمغا مۇش بلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى . ئۇ گاھ تېلىققاندەك قاتتىق كۈلسە ،گاھ ئۆز –ئۆزىگە سۆزلەپ، ئىكرانغا قولىنى شىلتىپ كىملەرگىدۇر تەنبىھ بىرەتتى ...
     كۆزۈمنىڭ  قايسى چاغلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىنى بىلمىدىم . ئويغۇنۇپ قارىسام ئۆي ئىچى يۇپيۇرۇق ،ئۆيدە ئۆزەم يالغۇز يېتىپتىمەن . مېھمانخانىغا چىقتىم .ئايالىدىن ئۇنىڭ  سەھەردىلا ئىشقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئوقتۇم .بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى .ئەتىگەنلىك تامىقىمنى يەپ بولغاندىن كىيىن،  بىرئاز ئۇخلاپ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتمدە ،ھۇجۇرغا كىرىپ كەلدىم . كۆزۈم ئۇيقۇغا ئەمدىلا ئىلىنىشى ،دوستۇمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى :
       ـــ قاراڭلار ،بۈگەن يەنە 500 يۈئەن ئۇتىۋالدىم .
       ـــ جەمئى 3000 يۈئەن بولدى ،ــ دىدى ئايال مەمنۇنلۇق تەلەپپۇزىدا ...
      ھىچنىمىنى چۈشەنمەيتىم ، پەقەت، دوستۇمنىڭ :‹‹ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدانلا قالدى ،ناۋادا بۇ ئىككى مەيداندىمۇ توغرا پەرەز قىلالىسام يەنە 1000 يۈئەن ئۈتىمەن ›› دىگىنىدىن ،ئۇنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا باشقىلار بىلەن دو تىككەنلىكىنى پەملىيەلىدىم .
     دوستۇم ھوجۇرىغا ئۇدۇللا كىرىپ كەلدى ــ دە ،ئاددىغىنە سالامدىن كېيىن ،تىلۋۇزۇرنى ئېچىپ كونا پەدىسىگە ئولتۇردى . مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەيتىم ... چۈشتىن كىيىن  ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەمرالىغىدا رەستىلەرنى بىرقۇر ئايلاندۇق ،كەچتە ئىنىم بالىلىرى بىلەن قايتىدىغان بۇلۇپ يولغا چىقتى .ئىنىمنى  يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتتۇق . دوستۇم يەنىلا تېلۋۇزۇر ئالدىدا ئىدى. يولدىن كىرگىچە ئايالىدىن:‹‹ دوستۇمنىڭ خېلى يىللار مابەينىدىكى توپ  ھەۋەسكارى ›› ئىكەنلىكىنى بىلگەچكىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن ئانچە كارىم بۇلۇپ كەتمىدى ،يوقىلاڭ خىياللاردىمۇ بولمىدۇم . بىراق ئۇنىڭ ئىلگىركى خۇشچاقچاق ،ئۇيۇنخۇمارلىقى يەنىلا گۇمانىمنى قوزغاپ ،مەندە بولمىغۇر خىياللارنى شەكىللەندۈرەتتى ... ‹‹ مىنى قارشى ئالمىدى ، زورىغا توپقا قىزىققان ھالەتكە كىرىۋالدى ›› دىگەندەك خىيالنىمۇ قىلدىم ،ھەتتا :‹‹كونىلار بىكارغا ئېيتماپتكەن قەشقەرلىكلەر ھەقىقەتەن بوش ئەمەسكەن ›› دىگەندەك خىياللار بىلەن ئىچىم ئاچچىقمۇ بولدى . ئەتىسى دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ شۇنچە ھۇزۇرخالىق ئېيتىپ ،يەنە بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى كەسكىن  رەت قىلدىم ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندىم ... شۇندىن كېيىن خېلى بىر مەھەللىگىچە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ، دوستۇمدىن رەنجىپ يۈردۇم .كېيىنچە دوستۇمنىڭ ئىلىكتۇرۇنلۇق خەت ساندۇقۇمغا يوللىغان بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . خېتىدە ئۇ : ‹‹ مەن بارغان كۈنلەردە مۇسابىقە كۈرۈش بىلەن مىنى كۈتەلمىگەنلىكى ، يەنە پۇرسەت تېپىپ بارغىنىمدا بارلىق ئاماللار بىلەن ياخشى كۈتۈپ ئورنىنى تولدۇرۋالىدىغانلىقىنى .... توپقا بولغان ھەۋەسنى ھىچقانداق بىر قىزىقىشقا تەڭ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، بۇ خىل ھىسياتنى شۇنداق ھەۋەسكە دۇچار بولغانلاردىن باشقىلار چۈشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقى ››نى  ئېيتىپ ، مىنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ  . دىمىسىمۇ ،‹‹ ئىسنىڭ دەردىنى مۇرا بىلىدۇ  ›› دېگەندەك، دوستۇمغا ئوخشاش تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھىسياتىنى مەن قانداقمۇ چۈشۈنەي ....
     مانا ئەمدى ھىس قىلىۋاتىمەن ،دوستۇمدىن بىھۇدە رەنجىگەنلىكىمدىن خىجىلمەن .
     2001-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلىقئارا ئولۇمپىك كومتېتىنىڭ رەئىسى سامراۋىچ مۇسكۇۋادا پۈتۈن دۇنياغا:‹‹ 2008-يىلى خەلىقئارا ئولۇمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئىرىشكەن شەھەر بېيجىڭ ›› دەپ جاكارلىغاندا پۈتكۈل جۇڭخۇا ئىلى شاتلىققا چۆمگەن ئىدى . 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئافىنادىكى قەدىمقى ئولۇمپىيە خارابىسى ئالدىدا گىرىتسىيەنىڭ ئەڭ ئالى ئايال كاھىنى نافپىلئۇتو 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە ئوت تۇتاشتۇردى .غەلبە ۋە يۇرۇقلۇققا سىمۇۋۇل قىلىنغان مەشئەل گىرىتسىيىدىن بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى . 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەنئەنمىن مەيدانىدا رەئىس خوجىنتاۋ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ :‹‹2008-يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۇچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش باشلاندى ›› دەپ جاكارلىغاندا پۈتكۈل جۇڭخۇا ئىلى بايرام شادلىقىغا چۈمۈلدى .
      ‹‹ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەدەس مەشئىلى پايتەخت بېيجىڭدىن چىقىپ ئالمۇتا ، ئىستانبول ، سانكىت – پىتىربورۇگ ،لوندون ... ناگونۇ ، سىئۇل ،پىيوڭياڭ ، خۇجىمىڭ شەھىرى ...قاتارلىق بەش چوڭ قىتئە 19 شەھەر ۋە جۇڭگونىڭ شاڭگاڭ ،ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى 31 ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە يەتكۈزۈلىش مۇساپىسىنى باشلىۋەتتى . مەشئەل يەتكۈزۈش ئومومىي مۇساپىسى 137 مىڭ كىلومېتىر بۇلۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق مەشئەلچى قاتناشقانىدى .بۇ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى يەتكۈزۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن ،دائىرسى ئەڭ كەڭ ،قاتناشقان ئادەم ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مەشئەلنى كۇچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيتى بۇلۇپ ھىساپلىنىلاتتى .
        بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە 28 چوڭ تۈر  302 كىچىك تۈر ، 303 ئالتۇن مېدال تەسىسى قىلىنغان بۇلۇپ ،ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغان 30 يىللىق تەرەققىيات نەتىنجىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى پۈتكۈل دۇنياغا نامايەن قىلىدىغان ھالقىلىق پەيت ئىدى . بىراق مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ،يەنى دۆلىتىمىزدىكى 1 مىليارت 300 مىليۇندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلىقى ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتىۋاتقان پەيتتە ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى قاتمۇ – قات قىيىنچىلىق ، زور تۇسالغۇغا دۇچ كەلدى :‹ خەلىقئارادىكى بىر ئوچۇم كىشىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى ‹ سىياسى › لەشتۈرۈپ ،ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئۇتىنى بايقۇت قىلىشنى دەۋراڭ قىلدى ››،‹‹دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە ئۆلكىدە ئۇدا بىرقانچە كۈن دەھشەتلىك قار ، قار يامغۇر ، تۆۋەن تېمپۇراتۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق قار ئاپىتى يۈز بېرىپ نەچچە ئون مىليۇن كىشى ئاپەتكە ئۇچىردى ››، ‹‹ شىزاڭ مۇستەقىللىق كۈچلىرى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى ››، ‹‹ 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ سىچىۋەن ۋېنچۈەننى مەركەز قىلغان بىرقانچە ئۆلكىلەردە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ نەچچە يۈز مىڭلىغان ئامما ئاپەتكە ئۇچىردى ›› .
     ئاپەت رەھىمسىز . بىراق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى ،ئۆزئارا ياردەم قىلىش ، ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ رەھىمسىز .ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرىدە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزئارا كۈيىنىش ، ھەمدەمدە بۇلۇش ، ئىتپاقلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەشتەك قەھرىمانلىق جاسارەت مەۋجۇت ،بۇ بىر ھەقىقەت .جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆزىدىكى ئەنە شۇنداق جاسارەتنىڭ بولغانلىقى بىلەن ھەممىگە قادىر ، ھەممىدىن غالىپ كىلىشكە كامىل .
       ئولۇمپىك مەشئەل ئوتىنى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئاسمىنىدا جۇلالاندۇرۇش ئۇنداق ئاسان قولغا  كەلگەن ئەمەس . ئۇ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ، قان تەر بەدىلىنىڭ مەھسۇلى ، بۇنى قۇغداش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ  شۇنداقلا تىنىچلىقنى سۆيگۇچى ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس بۇرچى ، باش تارتماس مەجبۇريىتى .
ھەممىمىز  ئوملۈكتە ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە كۈرەشكە ئاتلانساقلا ھىچقانداق بىر كۈچ بىزنىڭ ئىرادىمىزنى ،ئارزۇيىمىزنى سۇسلاشتۇرالمايدۇ ، ئەبەدىل تۇسالمايدۇ .ئەكسىچە ،جاسارىتىمىز مەڭگۇ ئۇرغۇپ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى دۇنياغا نامايەن قىلالايمىز .
       مەدەنى ، قائىدە – يۇسۇنلۇق بۇلۇپ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش پائالىيتى مەمىلكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوموميۈزلۈك قانات يايدۇرلىۋاتىدۇ .بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەشئىلى ئۆزىنىڭ دوستلۇق ئۇتىنى جۇلالاتماقتا . مەشئەلگە پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئۈمۈد ، ئارزۇسى مۇجەسەملەنگەن . ئۇ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىدىن  قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەپ ،پۈتكۈل ئىقلىمنىڭ تىنىچلىقى ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ،ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ...
      مەن ئولۇمپىكنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئەمدى تۇللۇق چۈشەندىم . مانا مۇشۇ مىنۇتلاردا ئولۇمپىك ھەققىدىكى ساۋادقا تولىمۇ كىچىكىپ ئىگە بولغانلىقىمدىن قاتتىق ئۆكۈنىمەن .ئەنە شۇ ئۆكىنىش ئىلكىدە ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى كۈنىنىڭ پاتراق يىتىپ كىلىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتىمەن .
      ئىشىنىمەنكى 29- نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق نەتىنجىسى بىلەن خاتىرلىنىدۇ ! ئېلىمىز تەنھەركەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىنجە قازىنالىشىدا ئۈمۈد  زور !


ـ    ـــــــــــــــــــــــــ
       پايدىلانما :
1 .        شىنجاڭ گېزىتى( 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ) ،ئومومى 20688-سان ،4-بەت .
2.         يېرىم ئايلىق سۆھبەت .2008-يىللىق 8-سان ، 69-بەت


       2008-يىل 15- ئىيۇن     كۇچا


   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-13 20:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 20:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگىنىڭىز،ئىزدەنگىنىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.ھارمىغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-13 18:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولۇمپىك ھەققىدىكى بىلىمدىن ھەممەيلەننىڭ بەھىر ئېلىشىنى لايىق كۆرىمەن ، چۈنكى ئاشۇ  نۆۋەتلىك ئولۇمپېك مۇسابىقىسى مەندە توپ ( پۇتبول) ھەۋىسىنى پەيدا قىلغان ئىدى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش