يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 3

ئابلىز ئۆمەر ھاجى:ئۇنتۇلماس تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى - «سالام، 3 – باتال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇنتۇلماس تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى - «سالام، 3 – باتاليون»
ئابلىز ئۆمەر ھاجى

يېقىندا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر تارىخىي ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر خۇسۇسىدىكى بىر قاتار پاكىتلىق يازمىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ «سالام، 3 – باتالىيون» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى، بۇ كىتاب « كونا ئەينەك»، « تارىخنىڭ 2 – يۈزى»، «تارىخ دەرسلىكى»، « قەھرىمانلار شەجەرىسى» دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ «كونا ئەينەك» تىن تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزىنى، ھۆرلۈك ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلغان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۈرەش ئىزلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى «تارىخ دەرسلىكى»، «قەھرىمانلار شەجەرىسى» دەپ تەرىپلىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولساممۇ، كىتاب ھەققىدە ئازراق گەپ قىلغۇم كەلدى.
ئابلىمىت ئابدۇللا ئۆزگىچە قەلەمكەشلىك يولى تۇتقان، يازمىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان، تارىخنىڭ تېرەن قاتلاملىرىنى ئۆز ئايىقى، ئۆز قەلىمى بىلەن قېزىشتا ئۆزىنى ئۇنۇتقان ئىجتىھاتلىق تارىخى ۋەقەلەر يازغۇچىسى. تارىخى ۋەقەلەر ئىچىدە تارىخى شەخىسلەر، قەھرىمانلار بولغان بولىدۇ، ئابلىمىت ئابدۇللا ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش، قېزىش، يېزىش ئارقىلىق «سالام،3-باتالىيۇن» ناملىق بۇ قىممەتلىك خاتىرىلەر جەملەنگەن بۇ كىتابنى بىزگە تەقدىم ئەتتى، مەن بۇ كىتابنى 1949-يىلنىڭ ئالدى- كەينىدىكى مۇرەككەپ تارىخىمىزنىڭ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ يارقىن «كونا ئەينىكى»، تارىخنىڭ ئىككىنچى يۈزى، ئوقۇشقا، ئەتىۋارلاپ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان، مەنىۋى قىممىتى جەھەتتە نۇرغۇن قىسمەتلەرگە شاھىت بولغان، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز سىر- ھېكمەتلەرگە تولغان سۈكۈتچان تەڭرى تاغلىرىغا تەققاسلىساقمۇ  بولىدىغان «كەچمىش خاتىرسى» بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. بىر كىتابنى بەھەيۋەت ئانا تېغىمىزغا تەققەسلاش ئەلۋەتتە مۇبالىغە. تەڭرىتاغ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋاقتى ئۆتمەيدىغان مۆجىزە، ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز، ئانىمىز، مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈگىمىز. گەپ ئىچىدە گەپ بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» رومانى ۋە ئايشەم ئەخمەتنىڭ «ئۆچمەس ئىزلار» رومانى بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ناملىق ئىككى قىسىمىلىق رومانى ۋە مۇئەييەن تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بار «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار مۇجەسسىمى بىلەن، شۇنىڭدەك زۇردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» تىرولوگىيەسى بىلەن ئۇچراشتۇق. بۇلاردىن كېيىن يەنە سوپاخۇن سۇۋۇروپنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمە كىتابى نەشىر قىلىنىپ ئۇدا بەش قېتىم بېسىلدى. مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ قەلەم خاھىشىنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىغا بېغىشلانغان تارىخ، تەزكىرە قازغۇچىسى ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ «سالام، 3-باتالىيۇن» ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋاتىمىز. بۇلاردىن باشقا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنقىلاپ - كۈرەش تارىخى يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق«كونا ئەينەك»لىك خاراكتېرى بار. بىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخىمىز تولىمۇ مۇرەككەپ، بۇ خۇسۇستا يېزىلغان تارىخى ئەسەرلەر رېئال تارىخنى خېلى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن تارىخنىڭ تارازىسىدا توختىدى. يازما تارىخ -  روھىيەت تارىخىنىڭ يەنە بىر يۈزى، تارىخ ئۆلمەيدۇ- ئۆز شاھىتلىرى بىلەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەنىۋى مىراس تەرىقىسدە ساقلىندۇ، يادلىنىدۇ. تارىخ ئۆچمەيدۇ - رەڭگى ئۆڭسىمۇ ئەسلى رەڭگى بويىچە روھىيەت سەھنىلىرىدە جۇلالىنىدۇ.
1981- يىلى بولسا كېرەك، ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ماتېرىيال توپلىغىلى قاراتالغا بېرىپ داموللا ھەمدۇللانىڭ (داڭلىق مۇقام پېشۋاسى سەئىدۇللا ھەمدۇللانىڭ ئاكىسى) ئۆيىدە نەچچە سائەت ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكى يادىمدا. بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز بولغاچقا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ  قانداق سالاھىيەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى، نېمە مەقسەتتە قاراتالغا كېلىپ ماتېرىيال توپلاۋاتقانلىقىنى ئۇقمايتتۇق. بىلىدىغىنىمىز تولىمۇ ئاز-يۈزە ئىدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر دېگەن بۇ ئىسىم بىزگە تونۇش ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ «قاشتېشىغا مەدھىيە» «باشئەگىم» قاتارلىق نەسرىي شېئىرلىرى تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدە بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەندە ئەدەبىيات، جۈملىدىن يېزىقچىلىققا ھېچقانداق قىزىقىش- ھەۋەس يوق ئىدى. 1985-يىلى ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن بۇ ساھەگە كىرىپ قالدىم. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە، يەنى 1991-يىلى 7-ئايدا «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قومۇلدا يېزىقچىلىق كۇرسى ئاچتى. زوردۇن سابىر، تۇرسۇنئاي ھۆسەيىن، ئازاد سۇلتانلار كۇرستا دەرىس سۆزلىدى. زوردۇن سابىرنىڭ شۇ چاغدىكى لېكسىيە ئارىلىقىدا دېگەن مۇنۇ گېپىنى ئۇنۇتمايمەن: ھازىر «ئاتا» ناملىق روماننى يېزىۋاتىمەن. بۇنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن بالىلارغا بېغىشلانغان بىر رومان يېزىش ئويۇم بار. شۇنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قىسىملىق رومان يېزىش پىلانىم بار، شۇ روماننى پۈتكۈزۈۋالسام ئىككىنچىلەپ قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن.
دەرۋەقە، بۇ زاتى مۇبارەك «ئانا يۇرت» تىرولوگىيەسىنى قولدىن چىقىرىپ نەشىردىن چىققانلىقىنى كۆرەلمەيلا ئۆزى شۇ چاغدا دېگەندەك ئىككىنچىلەپ قولىغا قەلەم ئالمىدى. دېمەك، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن پال چىقىپ كەتكەندەك ئىش بولدى.
2000-يىلى 4-ئاي كۈنلەردە «تەقدىرداش» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا كۈرەش قەھرىمانى سوپاخۇن سۇۋرۇپنىڭ سۈرىتىنى بېسىش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق، ئۇ بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى بىزگە بەردى، ئۇ پاراڭ ئارىلىقىدا ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خاتىرە يېزىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇ خاتىرىلەرنى رەتلەپ ئۆزىنىڭ ھايات ئەسلىمىسىنى تەييارلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. يەنە تېخى ئاقسۇ ئۇرۇشىدىكى باتۇرلۇقى، قارام - قورقۇمسىزلىقىنىمۇ ھېكايە تەرىقىسىدە سۆزلەپ بەردى. كېيىن ئابلىز ئورخۇن قاتارلىق مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلارنىڭ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىشى نەتىجىسىدە بوۋاينىڭ ئەسلىمىسى «مەن كەچكەن كېچىكلەر» نەشردىن چىقتى، كىتاب نامىنى ئابلىز ئورخۇن قويغان ھەم كىتابنىڭ سۈپەتلىك چىقىشى ۋە تەھرىرلىك ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز يەنە سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ ئەسلىمىلىرى خۇسۇسىدا تەييارلانغان «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، يەنە غەيرەت ئەيسا نەشرگە تەييارلىغان «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» قاتارلىق كىتابلارغا مۇشەرەپ بولدۇق، يۇقىرىقى ئەسەر ۋە كىتابلاردىن بىر ئەسىرلىك تارىخىمىزنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
تارىخ چاقى  2015- يىلىغا كەلگەندە ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ «سالام، 3-باتالىيۇن» ناملىق كىتابىغا ئۇلاشتۇق. بۇ كىتاب ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ۋە شەخىسلەرنى چۈشىنىشىمىزگە يەنە بىر ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى. يېقىنقى 100 يىللىق تارىخىمىزنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ مۇرەككەپلىكنى يۇقىرىقى كىتابلاردىن چۈشەندۇق. بۇ 100 يىلدا ئۇيغۇر تارىخىلا ئەمەس، جۇڭگو تارىخى، دۇنيا تارىخىمۇ ئەڭ مۇرەككەپ بولغان. 1912- يىلدىكى تۆمۈر خەلىپە ئىنقىلابى، 1914- يىلىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى، 1918- يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، 1921-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىڭ پارتىيەسى، 1931- يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلانى، 1945 - يىلىدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى، 1949 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلار، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر مۇشۇ يۈز يىلدا يۈز بەردى. «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت»، «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»، «مەن كەچكەن كېچىكلەر»، «تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا» قاتارلىق كىتابلار يېرىم ئەسىرلىك تارىخىمىزنىڭ كونا، ئەمما مەڭگۈ غۇۋالىشىپ قالمايدىغان تارىخى ئەينەكلىرىدۇر.
«سالام، 3- باتالىيون» نى مۇشۇ كىتابلار قاتارىدا ساناشقا تامامەن ھەقلىقمىز. بۇ كىتابنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بىر قاتار خاسلىقلىرى بار، بۇ خاسلىقلارنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1) چىنلىق. چىنلىق تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ جان تومۇرى. ئابلىمىت ئابدۇللا كىتابتىكى ماقالىلارنىڭ چىنلىقىغا سادىق بولۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. چىن ھەم 1- قول ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇش، ھەتتا بىرەر يىلنامىنى ئېنىق ھەم توغرا ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان، نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىغان، يەنە تارىخىي ۋەقەلەردىكى يىلنامىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ توغرىلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا ۋەقەلەر، تارىخىي شەخسلەر چىن. ئاپتور كىتابتىكى ۋەقە ھەم شەىسلەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە نۇرغۇن ۋاقتى، زېھنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلغان.
2) ئىنچىكىلىك. ئاپتور ھەر ۋەقە تەپسىلاتى، ھەر بىر شەخسكە ئىنچىكىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق مۇئامىلە قىلغان، بۇ نۇقتىنى يىلنامىلەردىكى ئىنچىكىلىك ۋە توغرىلىقتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي ۋەقەلەردىكى شاھىدلار ۋە مەلۇمات بەرگۈچىلەرنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقىتلىرى تولۇق ئەسكەرتىلگەن، ھەتتا تارىخىي سۈرەتلەردىكى شەخسلەرنى تونۇپ ئىسىم – شەرىپىنى ئېيتىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى يېزىپ قويۇشمۇ  نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان. بۇ نۇقتىنى كىتابنىڭ209 -، 264 – ۋە 265 – بەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
3) كىتابنىڭ قۇرۇلمىسى. كىتابنىڭ باش قىسمىغا زاھىر ساۋدانوپ بىلەن ئابدۇرېھىم غوجامنىيازنىڭ بېغىشلىمىسى، ئۇنىڭ كەينىگە نەشرىيات ئىلاۋىسى ۋە ئاپتور سۆزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىتاب مەزمۇنى ئىككى بۆلۈم بويىچە تەرتىپلىك، چۈشىنىشلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 3 – باتالىيوننىڭ قومۇلدىكى ئىش – پائالىيەتلىرى، 9 – روتىنىڭ تۇرپاندىكى ئىش – پائالىيەتلىرى تارىخىي چىنلىق ۋە يىلنامە تەرتىپى بويىچە ئىدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، قومۇل ۋە تۇرپاندىكى كوماندىرلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىمۇ (ئارخىپى) بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان، «جەڭگاھ خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، كۈرەش قەھرىمانى ئەھمەد تۇردىيوپنىڭ 2001 – يىلى 8 – ئايدا قومۇلغا كەلگەنلىكى، بۇ جەرياندا قومۇللۇقلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىقى، ئۈرۈمچىگە چىقىپ سوپاخۇن سۇۋۇروپنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغانلىقى، كۈرەش قەھرىمانلىرىنىڭ قۇچاغلىشىپ كۆرۈشۈپ ياشلىق دەۋرلىرىنى ئەسلەشكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئوچىرېك شەكلىدە تونۇشتۇرۇلغان.
4) تارىخىي سۈرەتلەر ۋە كوماندىرلارنىڭ سۈرەتلىرى كىتابتىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. 2007 – بەتتىن 2014 – بەتكىچە ئەھمەتدجان قاسىمى، سېيىت قۇربان، 3 – باتالىيون 8 – روتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، سوپاخۇن سۇۋۇروپ، ئەھمەت تۇردىيوپ، تۇر پالۋان قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم ھايات كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى، شۇنداقلا ھەر بىر كوماندىرنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.
5) كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. كىتاب مۇقاۋىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە ئوخشايدۇ، كىتابنىڭ ئالدى – كەينىدىكى مۇقاۋا سۈرەتلىرىدىمۇ تارىخىي چىنلىق، تارىخىي مەنزىرە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، بۇ سۈرەتلەر كىتابنىڭ جەلپارلىقىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ رەڭگىمۇ ئۆزگىچە تەڭشەلگەن بولۇپ، مۇقاۋا سۈرەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدىن ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىي مەنزىرىسىنى غۇۋا بولسىمۇ ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ كىتابتىن دەسلەپكى قەدەمدە ئالغان تەسىراتلىرىم مۇشۇنچىلىك. ئومۇمەن، بۇ كىتاب مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تارىخىي پاكىتلىرىنىڭ چىنلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ زەنجىرسىمان بولغانلىقى، تارىخىي ئۇچۇر مىقدارىنىڭ كۆپلىكى قاتارلىق بىر قاتار خاسلىقلىرى بىلەن 1949 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى تېخىچە يورۇتۇپ بېرىلمىگەن قىسمەن تارىخىي ئەھۋاللارنى ۋە شەخسلەرنىڭ ھايات مەشغۇلاتلىرىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا ئىجتىھاتلىق ئىزدەنگۈچى ئابلىمىت ئابدۇللانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەلەم مەشغۇلاتىغا راۋانلىق، ئائىلىسىگە ئامانلىق تىلەيمەن.

2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 23 - كۈنى   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-27 18:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 22:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدىن تارىخى ئىشلارغا قىزىقاتتىم، دادام ئۆتمۈشلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسە ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتىم. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ تارىخ دەرىسلىرىنى شۇنچىلىك بېرىلىپ ئۆگىنەتتىم. ئەمدىلىكتە تارىخى رومان، ھىكايە، پوۋسىتلارنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن.
ئابلا ئاكام يۇقۇردا تونۇشتۇرغان كىتابتىكى بايانلارنى ئوقۇپ، بۇ كىتابقا قىزىقىپ قالدىم.  ناھىيگە كىرگەن ۋاقتىمدا، كىتابخانىغا كىرىپ بۇ كىتابتىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقىش ئىستىكى قوزغالدى.
ئابلا ئاكامغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-4-28 22:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ئۆمەرھاجىنىڭ ئەجرىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت، بۇ ھەقىقەتەن ساقلاش قىممىتى بار ئەسەر ئىكەن

ۋاقتى: 2015-4-28 23:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلېز  ئۆمەر ھاجىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەخمەت،بەك ئەستايىلدىل باھا بېرىپسىز بۇ كىتاپقا،قەلىمىڭىز ھارمىسۇن قېرىندىشىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش