يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 652|ئىنكاس: 1

پولات غەنىزات غەيۇرانى : سەھنىدە نۇرلانغان ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەھنىدە نۇرلانغان ھايات



پولات غەنىزات غەيۇرانى



     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى ۋە كومىدىيە سەنئىتىنىڭ ئاساسدلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئەل سۆيگەن قىزىقچى، ئارتىس، رېژىسسور، دراماتورگ مەرھۇم ئەمەت ئۆمەر   1916- يىلى قەشقەرنىڭ نەزەرباغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1933- يىلى يەنى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئېچىلغان پەننىي مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇپ، 1936- يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1930- يىلى جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1937- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە تەشكىل قىلغان كۇرۇژۈكنىڭ ئاساسلىق ئارتىسى ۋە مەسئۇللىرىدىن بولۇپ، شۇ يىللاردا ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ماۋدۇن يازغان ۋە ئاتاقلىق كىنو-تىياتىرچولپىنى جاۋدەن قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدە جاھانگىرلىككە قارشى ئۆلكىلىك ئۇيۇشما ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ناھايىتى ئوبدان ئىشلەپ، كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈپ، ئالاھىدە كۆزگە چېلىققان. ئەمەت ئۆمەر ئاكا بۇ كۇرژۇكتا ئېلىمىز خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرۈشىنى ئاساسىي تېما قىلغان  درامىلارنى تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق روللارنى بىۋاستە ئورۇنداپ، كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىغا ئېرىشىپ، ھەرخىل پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتىكى خاسلىقى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان. بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان «ۋۇخەننى قوغداش» ناملىق تىياتىردا   ياپۇن باسقۇنچىلىرىنىڭ بىر ھەربىي ئوفېتسېرىنىڭ سەلبىي ئوبرازىدىكى ياۋۇز قىياپىتىنى ناھايىتى تەبىئىي يارىتىپ، تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇرغان. بۇنىڭ بىلەن  ئەمەت ئۆمەرنى تۇنۇيدىغان ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ئىلغار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەمەت ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ «جاھانگىر ئەپەندى، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟» دەپ كۆرۈشىدىغان بولغان. لېف. تولستوي:«خۇش چاقچاق ئادەمنىڭ بۈگۈنىمۇ، ئەتىسىمۇ خۇشال ئۆتىدۇ» دېگەنىدى. بىر ئۆمۇر ئەلنى كۈلدۈرگەن بۇكومىدىيە ئەرتىسى 1939- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇ ئەللىمىننى تۈگەتكەندىن كېيىن خوتەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، ئۇيەردە سەنئەتنى سۆيىدىغان، سەنئەتنى بىلىدىغان ياشلارنى تەشكىللەپ بىر سەنئەت ئۆمۈكى قۇرۇپ، شۇ زاماننىڭ تەققەززاسى تۈپەيلىدىن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ دەرھال سەھنە ئەسىرى يېزىپ، ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ، بىرقىسىم ئاساسلىق روللارنى ئۆزى ئېلىپ، تاماشىبىنلار ھەيران قالدۇرۇپ تاماشىبىنلارغا دۇنيا ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنى خۇراپىي ئەقىدىلەردىن قۇتۇلۇپ، يېڭى مائارىپقا يۈزلىنىپ، ئىلىم-پەن بىلەن قۇدرەت تېپىپ، خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا، ئېزىلىشكە ۋە بىرقىسىم ھەتتىدىن ئاشقان دىنىي خوراپاتلىققا قارشى تۇرۇشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇس قىلغان. 1941- يىلىغا كەلگەندە گۇما ناھىيەسىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئىلغار زىيالىيلارنىڭ، ئاممىنىڭ تەلىپى بىلەن گۇما ناھىيەلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇيەردىمۇ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەستىن بىر سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھېمايىسىگە  ئېرىشىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىلغار پىكىرلىك زاتلار ۋە سەنئەت سۆيەر ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىئانە توپلاپ ،گۇمىدا تۇنجى بولۇپ كىنو-تىياتىركۇلۇبى سېلىپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مۆجىزىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇنىڭدىن بۇيەردىكى خەلق ھەيران قالغان ھەم قاتتىق شادلانغان. ھەممە ئىشتا دىتى بار، ئىجادچان روھقا ئىگە بۇ زات پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يىراقنى كۆرەرلىك سەزگۈرلۈكى بىلەن دەرھال  ساۋاتسىز ئاممىنى ساۋاتلىق قىلىش ئۈچۈن تۈننى كۈنگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش كۇرسى ئېچىپ، خەلقنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئاممىنىڭ نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بايقاپ، «پارىخور ھاكىم»، «لۇگۇچياۋ ۋەقەسى» قاتارلىق كۆپلىگەن دراما، كومىدېيە، كونسېرت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ، يېڭى مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ بىلدۈرگەن. كەڭ ئاممىنى بىلىم ئېلىشقا، ھۈنەر-كەسىپ ئىگىلەشكە، بولۇپمۇ ئاياللارنى چۈمپەردىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىملىك بولغاندا پەرزەنتلەرنى ئوبدان تەربىلەلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس لىكسىيە سۆزلەپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ساۋاتلىق بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى، كىشىلىك ھاياتىنى ناپۇت قىلىدىغان بىرقىسىم سوپى ئىشانلارغا، داخان، پالچى رەمماللارغا قارىتا بايرىغى روشەن ھالدا ئۆتكۈر ھەجۋى چاقچاقلىرى بىلەن قارشى تۈرۈپ، ئاياللارنى ئائىلە بىكىنمىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ، كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈمەي ئاياللارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان  قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىن كەشتىچىلىك، ماشىنىچىلىق، گىلەم توقۇش قاتارلىق پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە ئەنئەنىۋى ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىپ، تۇرمۇشىنى قامدىسا نېمىشقا بولمايدىكەن دېگەن كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېڭىنى ئويغاتقان، شۇ جەمئىيەتتە خوراپىيلىق تۈپەيلىدىن ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، ئۇلارغا بىلىم، ھۈنەر- كەسىپ ئۆگەتمەيدىغان ناچار قىلىقلارنى سەنە ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ ئامىنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە، تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپلەرنى ئۆگىنىشكە ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقنىڭ قىزغىن ھېمايىسىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئەمەت ئۆمەر ئاكا تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ 1944- يىلى باشلانغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلسا خەلقە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، خوتەن خەلقىنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى يوقۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. بۇ چاغدا خەلق ئويغانغان ياخشى ۋەزىيەتتىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 1946- يىلى كۈزدە ئەمەت ئۆمەر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار ئىنقىلابىي ياشلارنى خوتەن ۋىلايىتىدىن سۈرگۈن قىلىپ باشقا يەرگە پالىۋەتكەن. بۇنىڭلىق بىلەن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى قىلچىمۇ يوقاتمىغان بۇ غەيرەتلىك كومىدىيە ئارتىسى قىلچىمۇ بوشاشماستىن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، 1946- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەرگە كېلىپ، بىرقىسىم ئىلىم سۆيەر، يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئارتىس بولۇپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن سەنئەت ھاياتىنى قايتا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ، ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىژجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس، خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىم قەشقەرگەرگە كېلىپ نۇرغۇن ئىلغار زىيالىيلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شۇۋاقىتتىكى قەشقەر خەلق قۇلۇبىدا لىكسىيە سۆزلەپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ خەلىققە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ساناقلىقلا كۈنى قالغانلىقىنى، ئۆلكە ئازاد بولۇپ، ھەرمىللەت خەلقى بەختىيار ياشايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئاۋامنىڭ ئالقىش-سادالىرى خەلق كۇلۇبىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتكەن. بۇ سادادىن قورقۇپ كەتكەن قەشقەردىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ياۋۇز قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، 1947- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى كېچىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئەمەت ئۆمەر قاتارلىق ئىككى يۈزگە يېقىن ئىلغار يېڭى پىكىرلىك ۋەتەنپەرۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىغان. ئامما قېن-قېنىغا قىزىقچىلىق سىڭىپ كەتكەن ئەمەت ئۆمەر قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق ئىلغا زىيالىيلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى توغرىسدىدىكى ئىرادىسىدىن تېخىمۇ روھلىنىپ، يۇمۇسرتىك كومىدىيىلىرى بىلەن ھەتتا قاراۋۇلدا تۇرىۋاتقان ئەسكەرلەگە چاققچاق قىلىپ، مىلتىقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۈرمىدىكىلەرنى ۋە قاراۋۇلدىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويغان. ئەمەت ئۆمەرنىڭ بۇخىل تەبىئىي تالانتىغا ھەيران قالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەمەت ئۆمەرنى بۇخىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلانماقچى بولۇپ، 1948- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسى ئەمەت ئۆمەرگە  شۇ ۋاقىتتىكى سەنئەت ئۆمىكىگە ئارتىس قىلىپ قۇبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى گەپ-سۆز، ھەرىكەتلىرىنى مەخپىي ھالدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ تۇرۇشقا بەلگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەمەت ئۆمەر سەنئەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئەمەت ئۆمەر ئۆزىگە يېقىنلاشقانلارغا:«مەن ئىشپىيون بولۇپ چىقتىم، ئاۋامنىڭ يۈرۈكىنى تىڭشاپ، تومۇرىنىڭ قانداق سوقىدىغانلىقىنى دەرھال گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ تۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنمەن ماڭا كۈن يوق ئىكەن. شۇڭا ماڭا گەپ-سۆز قىلىشتىن، يېقىنلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دەپ سەنئەت ئۆمىكىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇدداسىنى ئاشكارىلىۋەتكەن. ئەمما بىرقىسىم ئەمەت ئۆمەرنى چۈشىنىدىغان زىيالىيلار:« بۇ ئادەم ئەشۇنداق قىزىقچىلىق قىلمىسا كۈنى ئۆتمەيدىغان ئادەم بۇ» دەپ ئىشەنمىگەن. ئەمەت ئۆمەر باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ساقچىلار:«ئۇلار ساڭا نېمە دېدى» دېگەندە، «ئۇلار ماڭا ئىشەنمىدى» دەپ ساقچىلارنى كۈلدۈرۈۋەتكەن.
   1949-يىلى شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى كەمسىتىدىغان نۇرغۇن قىزىق يۇمۇرلىرى ئەل ئىچىگە كەڭ تارىلىپ، خەلق قىزىقچىسى سۈپىتىدە نامى پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىگە تارقالغان.  1950 - يىلى ئەمەت ئۆمەر شەرەپ بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتا قەشقەردە تۇرۇشلۇق 5- كوروپۇسى13- دېۋىزىيە سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئەمەت ئۆمەر ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندىن سىرت، «تاڭدىن كېيىن» قاتارلىق بىرنەچچە سەھنە ئەسىرىنى يېزىپ ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ، باش رولنى ئۆزى ئېلىپ ئويناپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە قاراتقان. 1953- يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە رەھبەر ۋە رېژىسور بولۇپ ئىشلىگەن. ھەم «باي ۋە مالاي»، «چاۋشەن قىزى» قاتارلىق دىرامىلارغا رېژىسورلۇق قىلىپ ھەم ئۆزى باش رول ئېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئەمەت ئۆمەرنىڭ رول ئېلىشتىكى تەبىئىي تالانتىنى ھەم خەق ئىچىدىكى ئابرويىنى نەزەردە تۇتقان ھۆكۈمەت 1955 - يىلى  تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەمەت ئۆمەرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە  يۆتكەپ،. ئۆمەكنىڭ ئاساسلىق ئارتىسى قىلغاندىن سىرت مەخسۇس رېژىسورلۇققا ئورۇنلاشتۇرغان. كۆپلىگەن دىرامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشىپ، نامى پۈتۈن شىنجاڭغا تارالغان. ئەمما بۇ ياخشى كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىغان. بولۇپمۇ 1958- يىلىدىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدە تۇنجى ئوق ئەمەت ئۆمەرگە تىگىپ، «جاھىل ئوڭچى»، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «ئۆلسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان ئۇنسۇر» دېگەن قالپاقلارنى كىيىپ يېزىغا ھەيدىلىپ، ئېغىر ئەمەكلەرگە سېلىنغان. ئۇيەردىكى ئاۋام بۇ كومىدىيە ئارتىسىنىڭ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، ئىشچان، قىزىقچى ھالىتىنى كۆرۈپ ئەمەت ئۆمەرگە ئامراق بولۇپ قالغان، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتا ئوننى پۈتتۈرگەن يەنە كېلىپ «سېسىق زىيالى» دەپ ئاتالغان ئىلىم سۆيەر ياشلار بۇ كۆمىدىيە ئارتىسىنى ۋاقتى -ۋاقتىدا ئىزدەپ مۇڭدۇشۇپ تۇرغان. بۇ ئىشنى بىرتۈركۈم كىشىلەر ھۆكۈمەتكە چېقىپ قويغاچقا، ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ بېشىغا بىر مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قەغەز موزىنى كىيدۈرۈپ، «ياشلارنى ئەكسىيەتچى سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرغان قارا نىيەت ئۇنسۇرنى يوقىتايلى» دەپ كوچا ئايلاندۇرۇپ سازايى  قىلغان.  ئەتىسى بۇ سازايى قىلىش تېخىمۇ ئەۋجگە چىقىپ ئەمەت ئۆمەرنى«يوقىتايلى» دېسە «يوقىتايلى»دەپ بىركۈن سازايى قىلغان. ئەممە ئەمەت ئۆمەرسازايى قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئىرىنمەستىن ئالتە- يەتتە ياشلىق ئوندەك بالىنى يىغىپ قولىغا ئۈچ-تۆت تالدىن كەمپۈت تۇتقۇزۇپ، ئەمدى تىزىلىپ مېڭىپ «ياشىسۈن ئەمەت ئۆمەر ئاكا»دەپ توۋلىغىنىچە كوچىلاردا ماڭغۇزغان. بۇ ئىشتىن چۆچۈپ كەتكەن يېزا باشلىقى بالىلارنى تارقىتىۋەتكەن. ئەمما بۇ ئىشنى بىرەيلەن يىغىندا پاش قىپتىكەن، بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈلۈپ ساپتۇ، بۇنىڭ بىلەن يىغىن باشقۇرغۇچى دەرھال «ئەمەت ئۆمەرنى يوقۇتايلى» دەپ شوئار توۋلاپتىكەن بىرمۇ كىشى توۋلىماپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەمەت ئۆمەر دەرھال :«مەن تۆۋە قىلدىم، گۇنايىمنى تونىدىم ،شۇڭا، يەنە بىر چوڭ ئەنزىنى پاش قىلىمەن» دەپ ۋاقىراپ پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئىككى  قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋاقىراپ تۇرۇپ:«كۆردۈڭلارمۇ خالايىق، سىنىپى كۈرەش نېمە دېگەن دەھشەت، توۋا قىلدىم، ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق بولىدىكەن. شۇتاپتا ئاراڭلاردا بىر چىلبۈرە ئۆشكە سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ھېچنېمىنى كۆرمىگەن، ھېچنېمىنى دېمىگەن بولۇۋېلىپ ئىچىڭلاردا تۇرىدۇ. بۇ چىلبۆرە تېخى ئاخشام ئۆيدە يۈرۈكىنى قاپتەك، يۈزىنى داپتەك قىلىپ نېمە دېدى دېمەيسىلەر: «سىلى يوقالسىلا بالىلارنى كىم بىلەن باقىمەن؟ دەپ، ھاي دېگىنىمگە پىسەن قىلماي، مەن -جىن شەيتاننى ئۈچ قېتىم «ياشىسۇم ئەمەت ئۆمەر» دەپ توۋلىغانىدى، مانا ئەمدى كۆزۈڭلارنى بوياپ، سىلەر بىلەن تەڭ «يوقالسۇن»دەپ توۋلاۋاتىدۇ. ئۇكىم؟ ئۇ دەل ئاشۇ ئىككى يۈزلىمىچى سىنىپى يات ئۇنسۇر xxxخان!-ئەمەت ئۆمەر  ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى خۇددى سەھنىدە رول ئېلىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئوڭ قولىنى شىلتىپ ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ خوتىنى xxxخاننى كۆرسىتىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ، بۇنىڭدىن قورقۇپكەتكەن بىچارە ئايال ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكەن. يىغىن زالىنى بىردىنلا كۈلكە قاپلاپ، تاماشىبىنلار تولا كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىشقان. دېمەك ، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا، ئون بەشى يۇرۇق دېگەندەك، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن كېيىن 1978- يىلى ئەمەت ئۆمەرنىڭ ھەرخىل قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «نەسىردىن ئەپەندىم » فىلىمىگە مەسلىھەتچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن سەنە ھاياتى يەنە باشلانغان. 1979- يىلى 10- ئايدا بولسا مەملىكەتلىك 4- نۆۋەتلىك ئەدەبىيت-سەنئەتچىلەرقۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، داڭلىپ يازغۇچىلاردىن ماۋدۇن، باجىن قاتالىقلار بىلەن سەھنە ئەسەرلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. ھەم 1980- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3- نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ زور ئىلھام بىلەن ئىجادتىيەتكە كىرىشىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن تەركىب تاپقان «ئەمەت ئۆمەر ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابىنى نەشرگە تاپشۇرغان. بۇكىتاب 1985- يىلى ئاۋغۇستا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ بۇ كىتەبقا كىرگۈزگەن «تاشۋاي»دېگەن تارىخىي ئوچرىكى شۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن تېمىسىغا ئايلانغانان. مانا ئەمدى بۇ ئىسىل زات ئارىمىزدىن كەتكىلى 27 يىل بولۇپتۇ. گەرچە ئۇ ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق روللارنى ئالغان
«توي ئۈستىگە توي»، «غۇنچەم »، «غېرىپ -سەنەم»، «ئارشىن مال -ئالان»، «ئاۋغۇست بورانلىرى»، «گۇلنىسا»، «خېمىتۇرۇش سېلىش كېرەك»، «26- ئاۋغۇست ھارپىسىدا»، «گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق»، «يالقۇنتاغ غەزىبى»، « تامغىنى تارتىۋېلىش» قاتارلىق دىرامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ خەلقىمىزىنى كۈلدۈرۈپ ئۆتكەن بۇ زاتنى خەلقىمىز مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەمەت ئۆمەرنىڭ سەنە ھاياتى بىر ئۆچمەس مەشئەل بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرسى، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ھاردىم -تالدىم دېمەي تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئەجىر قىلدى. ئەلنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ خىل روھ ئۇنىڭ تىياتىر ئارتىسلىقىدا گەۋدىلىنىپلا قالماي، رېژىسسورلۇق بىلەن ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسىدىمۇ نۇرلاندى. سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىخلاسمەنلىكى ۋە پىداكارلىقى يىتىلىۋاقنان ياش ئارتىس، رېژىسورلىرىمىزنىڭ ئۈلگە قىلىپ،سەھنە ئىجادىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بولدى، بۈگۈنكى زامان تىياتىر سەنئىتىمىزنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە ئەمەت ئۆمەر ئاكىنىڭ بىزگە قالدۇرغان مەنىۋى بايلىقى بۇنىڭدىن كېيىن سەھنە ئىجادىيىتىمىزدە بىزگە مەنىۋى ماياك بولالايدۇ.
      2014- يىلى 12- ئاينىڭ 10 -كىنى يېزىلدى،2015- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى قىسقارتىپ تەھرىرلەندى.
           ئادرېسىم: شىنجاڭ گېزىتى 2-ئۇيغۇر تەھرىرگېزىت چىقىرىش بۆلۈمى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-27 12:07  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-27 22:20:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئەمەت ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ھايات كارتىنىسىدىن ،ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان زور تۆھپىللىرىدىن خەۋەردار بولدۇم.ئۇنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشتەك روھى مېنى ئىلھاملاندۇردى.
رەھمات سىزگە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش