يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 0

‹‹چوغ ئوينىغان قىز››دىكى بەدىئىي ماھارەت ۋە سۆيگۈ ھارارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

‹‹چوغ ئوينىغان قىز ››دىكى بەدىئىي ماھارەت ۋە سۆيگۈ ھارارەت

شائىر ئابابەكرى توختىنىڭ ‹‹چوغ ئوينىغان قىز››ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە

راھمانجان ئىمىر

ئۇيغۇر بۇگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدە  سەمەرىلىك ئەمگەك مېۋىسى ۋە بەددىي ماھارىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى رام قىلىپ، بەلگۈلۈك پەللە يارىتىپ كەلگەن ياش شائىرلىرىمىزئىچىدە ئابابەكرى توختى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆ ئۆزىنىڭ 20نەچچە يىللىق ئەدەبىي  ئىجادىيەت ھاياتىدا تىنىمسىز ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىدە ئۆزىگە خاس ئەندىزە -يول بەرپا قىلالىغان ؛ شۇنداقلا، شۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۇچىلكەرنى غايىۋانە يىتەكلەپ شېئىرىيەت باغچىمىزدا رەڭگارەڭ ،خۇشپۇراقلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇرىۋاتقان  ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى ھسىاپلىنىدۇ.
شائىر ئابابەكرى توختىنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى  مەزمۇن قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭقۇرلىقى، تىلىنىڭ تېرەن،ئەۋرىشىملىكلىكى ،شېئىرىيەت ماھىرلىقىدىكى ئۆزگۈچىلىكلىكى ،شېئىرىي ئوبراز يارىتىشتىكى چېچەنلىكى بىلەن  دېقىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بالىلىق ئەستىلىكلىرى ،ياشلىقنىڭ چوغدەك يېنىپ تۇرغان سۆيگۈ –مۇھەببەت يالقۇنلىرى ،ئۇمۇد-ئارزۇغا تولغان ئاشىق نىدالىرى بىزنى ئىختىيارسىز ئۇيلاندۇرۇپ،شېئىرنىڭ تاتلىق لەززىتىدىن،گۈلدەك ھۇزۇرىدىن قانغۇچە بەھىرلەندۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بىرقىسىم شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتكەن  قايناق سەھرانىڭ،يېزا-قىشلاقلارنىڭ دۆۋە -دۆۋە قۇم - بارخانلىرى ،گۈزەللىك،مىھىر –مۇھەبەبتكە تولغان شەھەرلىرىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرى ،تار كۇچىلىرى سىدام رەسىمدەك كۆز ئالدىمىزدا لېرىك تۇيغۇ بىلەن زاھىر بولىدۇ.  بىر بۆلۇك شېئىرلىرى قەدىمىي يۇرتلارغا،ئۆلمەس تارىخىي شەخسلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ شېئىرلاردىكى كۇچلۇك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ،ئەلنى ،يۇرتنى سۆيۈش ئىستىكى،ئايدەك  ئويغاق پىكىرلەر قەلبىمىزگە قۇياشتەك ئىللىق ھارارەت تۆكۈپ ئۆزىمىزھەققىدە چوڭقۇر ئۇيلىنىشقا دالالەت قىلىدۇ.
بىز پىكىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن –تېخنىكا نەشىرىياتى2013-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان تۈنجى شېئىرلار توپلىمى ‹‹چوغ ئوينىغان قىز››ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتەيلى.شائىرنىڭ بۇ توپلىمىغا ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدىن 124پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ ھەربىر پارچە شېئىرىدائۆزگۇچە مەنا،پىكىر –ئىدىيە يىلتىزلىرى يېيىلىپ ياتىدۇ. بىز يۇقۇرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك شائىرنىڭ مەزكۇر توپلىمىدىكى شېئىرلىرىدا بالىلىق ئەسلىمىلىرى ،تۇرمۇش –ھاياتنىڭ  شېئىرلاشتۇرۇلغان يارقىن كارتىنىلىرى،ھاياتنىڭ پەلسەپىۋىيلىككە تويۇنغان دەقىقىلىق كۆرۈنىشلىرى ، قەلىب بۇشلىقىدا تارتىلغان تەبىئەت سۈرەتلىرى ھەم بالىلىق،ياشلىق يالدامىلىرى بولغان  ئوتلۇق ،لىرىكىلىق تۇيغۇلار ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننى شائىر ۋە شېئىرنىڭ بالاغىتى ،سېھرى كۇچى ھەققىدە ئۇيلاندۇرماي قالمايدۇ.
‹‹چوغ ئوينىغان قىز›› ھەجىم جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ئۆزى سىغدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ مەنا قاتلىمى ،بەخش ئېتىدىغان ئىستىتىك تۇيغۇسى جەھەتتىن تۆت چوڭ قاتلام-بۆلەككە بۆلۇنگەن دېيىشكە بولىدۇ.
1-قاتلام بالىلىق ۋە تەبىئەت ئەستىلەكلىرى ۋە ئۇنىڭدا گەۋدىلەنگەن شائىرنىڭ سېغىنىش روھى
ئىنساننىڭ بالىلىق دەۋرى مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىزدۇر،ئانا تەبىئەتنىڭ رەڭدار گۈزەللىكى چىن تۇيغۇ،ھىسىياتقا باي شائىرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك تېما ھىساپلىنىدۇ. بالىلىقنىڭ ئالتۇن ھەللىك سىماسى ھەر ۋاقىت نۇر چېچىپ شائىر قەلبىگە ئىلھام بەخش تۇيغۇلارنى جەم قىلسا تەبىئەتنىڭ غۇبارسىز ئېتىكى شائىر ئۇچۇن قانچە يازسا تۇگىمەيدىغان ئىلھام بۇلىقىدۇر. شائىر ئابابەكرى توختىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن ئۆزگۇچە قۇرۇلما،تەپەككۇرغا ئىگە شېئىرلىرىدا شېئىرىي  تەسۋىرچىن،بايان ناھاىيىتى تەبىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قۇيۇۇلۇپ ، بىر ساداقەتمەن پەرزەنىتنىڭ ئاتا ئانىغا،ئۆز يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مىھىر-مۇھەببىتى، سېغىنىش تۇيغۇلىرى ،تەبىئەتكە بولغان ھۆرمەت ئىھتىراملىرى نۇردەك چاقناپ ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا ھىسسىي ئۇقۇم تەدرىجى ئىدراكى ئوقۇمغا ئايلىنىپ شېئىرنىڭ جەلپ قىلىش كۇچىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن.ئالايلۇق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹ بالىلىق قەلب››تە مۇنداق مىسرالار بار:

بۆشۈكۈمنى بەر ئانا،
سېغىندىم مەن ئەللەيلىرىڭنى.
ئەللەي،ئاھ،ئەللەي،
تېپىۋالدىڭ سەن ئەمدى كىمنى؟
ئايدىڭ ئايدىڭ ئەمەستۈر،
ئوغۇز سۈتى چېچىلمىسا ئالەمگە.
نان پىشمايدۇ تونۇردا،
ئانام پىشىپ چىقمىسا ھەمدە.
ئانام مىھرى سىڭمىسە ئەگەر
ئېغىزىمغا تېتىمايدۇ نان.
كۈلۈمسىرەش مەن ئۇچۇن گۈناھ،
ئانام رازى بولمىسا ھامان.
بۆشۈكتىن باشلانغان يېقىملىق گۈڭراش،
ئەللەيدىن باشلانغان زىلال سۆيگۈ.
دۇنيا گۈزەل ئەمەستۈر بۇنداق،
ئانام پەپىلەپ تۇرمىسا مېنى.
كەتسەڭمۇ ھەممىنى ئېلىپ سەن ئانا،
ئەپكەتمە مەڭگۈگە ئەللەيلىرىڭنى.

   شائىر بۇ شېئىرىداتىل گۈزەللىكى ئارقىلىق شېئىرىي گۈزەللىكنى يارىتىپ  ئانىنىڭ پەرىشتىدەك ئۇلۇق،ئاش، ناندەك ئەزىز،چۆمۇلىدەك تىرىشچان ،خىزىرسۈپۈت مۆھتىرەم ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ جاپاسىدا ،ئەقىدىسدە ئۆز بەختىنىڭ كۈلىدىغانلىقىنى،ھاياتىنىڭ ھەقىقىي مەنالارغائىگە بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئانىسىغابولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ،سېغىنىشىنى ناھايىتى يارقىن، پاساھەتلىك مىسرالار ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇپ، قەلبىمىزدە ئانالىرىمىز ئوبرازىنى قايتا تىكلەيدۇ.ئۇندىن باشقا‹‹سەھرانىڭ تېرىك ھەيكىلى ئانام››، ‹‹بالىلىقنى سېغىنىش››،‹‹قۇملۇق لېرىكىسى›› ،‹‹تەبىئەت›› قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئانا بىلەن تەبىئەت ئوبرازى تېخىمۇ يۇكسەك دەرىجىدە سۈرەتلەنگەن.
يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى شائىرنىڭ بۇخىل ئىنسانىي پەزىلەتنى نامايان قىلىدىغان شېئىرلىرىدا نوقۇل ئانا ۋە تەبىئەت تەسۋىرى سىزىپ بېرىلگەندەك قىلىنغىنى بىلەن تېگى ماھىيىتىدە يەنە ۋەتەننى ،ئەجدادنى ئۇلۇغلاشتەك ئېسىل روھى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
2-قاتلام مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى چىنلىق ۋە ئۇنىڭدا يۇرۇتۇپ بېرىلگەن ۋاپادارلىق تەنتەنىسى
ئەقىل –ئىدراكى ئۇيغاق ھەرقانداق كىشىنىڭ قەلبىدە  ئىشىق –مۇھەببەت ئوتلىرى كەمىدە بىرەر قېتىم كۆيگەن بولىدۇ. شۇڭا يازغۇچى شائىرلىرمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە مۇھەببەتنى كۈيلەشنى ھېچقاچان توختۇتۇپ قۇيغان ئەمەس.مۇھەببەت بار يەردە گۈزەللىك، ۋاپادارلىق ،ھەسرەت،كۆز يشى بولىدۇ.شائىرلىرمىز ھىسياتقا،ئىلھام بەخش تۇيغۇلارغا باي بولغاچقا ئىنسان قەلبىنىڭ ئۆلمەس مىلۇدىيىەسى ھىساپلانغان سۆيگۈ -مۇھەببەتكە بەكرەك ھېرىسمەن كىلىدۇ.شائىر ئابابەكرى توختىمۇ بۇخىل ھىسيات –تۇيغۇدىن قىلچە مۇستەسنا ئەمەس.ئۇ سۈزۈك قەلبىگە نەقىشلەنگەن سۆيگۈ لېرىكىلىرىنى ئاجايىپ ئۇيناق شېئىرىي تىل،بەددىي ماھارەت بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، قەلبىمىزدە مۇھەببەتنىڭ يارقىن نۇرلىرىنى ئۈزلۈكسىز چاقنىتىدۇ.ئۇنىڭ بۇخىلدىكى شېئىرلىرىدا ئوقۇملاشتۇرۇلغان ئولۇغ ،دەبدەبىلىك سۆز –ئىبارىلەر ،پۇچەك جۇملە،تېخنىكىلاشتۇرۇلغان‹‹تېشى پال-پال ،ئىچى غالغال›› مىسرالار كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمما شائىر ھەممىمىزگە تونۇش بولغان ئاددىي‹‹ شېئىرىي دىتال››لارئارقىلىق ئىنساندىكى مىھىر-مۇھەببەت،سۆيگۈگە بولغان تەبىي ئىنتىلىش-ھەۋەسنى،شۇنداقلا مەشۇقىغا بولغان سېغىنىش،ۋاپادارلىقنى رۇشەن رەۋىشتە ئىپادىلەيدۇ.مەسىلەن  ئۇنىڭ ‹‹ھىجران سونېتلىرى››،‹‹مۇھەببەتسىز ئۆلۈش›› ‹‹ئون سەككىزگە كىرمىگەن كىم بار؟››‹‹تەبەسسۇم››قاتارلىق شېئىرلىرى پىكرىمىزگە دەلىل بولالايدۇ.
‹‹تەبەسسۇم››ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ياش تۆككۇچى قىزغا قىلغان ئىلتىجاسى  مۇنداق:

تارىلاردىن سويۇلۇپ چۈشىدۇ دۇنيا،
ئاھاڭلار كۆكسىدە ئېچىلسا چوغلۇق.
ئەي مېنىڭ ناخشامغا ياش تۆككۈچى قىز،
ساڭا قالدۇرىدىغان ئازاپلىرىم يوق.

مانا بۇ‹‹ تەبەسسۇم››دىكى  بىز ئىزدىگەن ‹‹كۈي››-ۋاپادارلىق.دېمەك بۇ كۈي تولىمۇ سەمىمىي قايناق ھىسيات بىلەن ھەقىقىي ۋاپادار يۇرەكتىن ئېيتىلىپ چىققاچقا قەلبىمىز شېئىرىي گۈزەللىككە پەۋەس تولۇپ كىتىدۇ.مەڭگۈلۈك سۆيۈلۈش ئۇچۇن ياش تۆكۇۋاتقان بىر ناتىۋانغا ھىسداشلىقىمىز قوزغۇلۇش بىلەن بىرىگە دېلىمىزدا  شائىرنىڭ سەمىمىيىتىگە ،تىلىدىكى پاساھىتىگە قايىل بولماي قالمايمىز، ئەلۋەتتە.
3-قاتلام شېئىردا نۇرلاندۇرلغان تارىخ ۋە شائىردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى.
ھەقىقىي ھىسياتقا تويۇنغان،نەزەر دائىرىسى كەڭ،پىكىرى تېرەن ، ۋىجدانى ئويغاق شائىرلار ئۇچۇن ھەممىدىن بەك دىقەت قىلىدىغىنى تارىخ ۋە ئۇنى ياراتقان خەلقتۇر.ياش شائىر ئابابەكرى توختى ئۆز ئىىجادىيىتىدە خەلقنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ كەلدى.خەلق ياختۇرىدىغان،خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرمۇش، ھاياتقا ئۇمۇدۋارلىق نەزىرىدە قاراشقا ئۇندەيدىغان ئېسىل شېئىر-يازمىلىرى بىلەن دىقەت تۆرىمىزدە بولۇپ كەلمەكتە.ئۇ قاندقتۇر چوڭ - چوڭ تارىخ،ۋەقەلەر ئۇستىدە قەلەم تەۋرىتىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەردە ئالاھىدە زور قىززىقىش،ئىنكاس  قوزغىمىغان بولسىمۇ لېكىن مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم سۆيگەن ئەزىمەتلىرىگە ،ئۆتمۇشتىكى زۇلمەتلىك جاھانغا قارشى ئوت ئاچقان باھادىرلىرىغا ھۆرمەت ،سېغىنىش يۈزىسىسىدىن يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دېقەت نەزىرىگە ئېلىنماقتا.شائىرنىڭ ۋەتەننى، ئانا يۇرتنى چەكسىز مىھىر –مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈدىغان ئېسىل روھىنى نامايان قىلماقتا.مەسىلەن:‹‹تاشۋاي››،‹‹ھېيىتگاھ››‹‹تەۋپىق قەبرىسىگە يادنامە››،‹‹ۋەتەن››،‹‹ كۆيۈك شەھەر››‹‹يارغۇل خارابىسى›› قاتارلىق شېئىرلىرىدا تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلار ،قىممەتلىك ئورۇنلار يادلىنىش بىلەن بىرىگە ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت-كۇچلۇك روھ ،ئەجدادلارغا بولغان ئوتلۇق سېغىنىش مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.شائىر‹‹تەۋپىق قەبرىسىگە
يادنامە››دە مۇنداق يازىدۇ:


ئادەمگە ئارتۇقچە بىر ئەسىر ياشاش،
بىر ئەسىرگە تەڭدۇر ئوتتۇز ئالتە ياش.
مۇزلىغان زېمىننى ئىللىتقان نېمە؟
قەۋرىگە كۆمۈلۈپ ياتقان شۇ قۇياش.

    مانا بۇ تەۋپىق ئەپەدىنىڭ ھاياتىغا بېرىلگەن ئەڭ دەنا يەكۈندۇر. شائىرنىڭ چوڭقۇر مەزمۇن، پەلسەپىۋىي ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن  بۇ بىر پۇتۇن شېئىرى گەرچە تۇت مىسرادىن تەركىپ تاپقان بولسېمۇ ئەمما، مەرھۇم تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بىر پۇتۇن ھاياتى قىممىتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇرىكى سۇمۇرۇپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقۇرى ماھارەت بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن نادىر قىسسىسە دېيىشكە بولىدۇ. شائىر ئەڭ ئىخچام ،مېغىزلىق مىسرالار ئارقىلىق ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ بىر كۈن ياشىسىمۇ قۇياشتەك ئەبەدىي نۇر چېچىپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئىلمىي ھەقىقەتنى شائىرانە تۇيغۇ بىلەن دادىل ئىپادىلەپ بەرگەن. دېمەك ئابابەكرى توختى  بۇخىل تارىخىي تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىش ئارقىلىق ياش ئەۋلاتلارغا ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ،ئەجدادلار روھىنى قەدىرلەشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە  ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر،خەلق سۆيەر روھىنى نامايان قىلغان.
4-قاتلام شېئىردا ئاشكارىلانغان ئىللەت ۋە شائىردىكى غەزەپ-نەپرەت
شائىر ئابابەكرى توختى شائىرانە نەزەر بىلەن جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم بولمىغۇر قىلمىشلارنى ناھايىتى ئاددىي كۆرۇنۇشلەر بىلەن شېئىرلىرىغا قىستۇرۇپ ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ،ناچار خاھىشلارنىڭ مىللەتكە ئېىلىپ كىلىدىغان ئېغىر زىيىنىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ،ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇش ئىستىكىنى قۇزغايدۇ.گەرچە شائىر شېئىرلىرى لىرىك تۇيغۇ-ھىسىياتقا لىق تولغان بولسىمۇ ئۇنىڭدا غىل پاللا چاقناپ ئۆتكەن ھايات، تۇرمۇش تەسۋىرلىرى ئىپىك شېئىرلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.شائىرنىڭ ‹‹دېرىزە ئەينىكىدىكى قەشقەر››ناملىق شېئىرىدا جەمئىيىتمىزدىكى ياتلىشىش خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقى،ئەرلىك غۇرۇر،پەزىلەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئوخشاش چىركىن ئىللەتلەر ئوبرازلىق تەپەككۇر ياردىمىدە مۇنداق سۈرەتلىنىدۇ:
كۆكۈش قاناتلىرىنى سۆرەپ،
قوي كۆزلەرنى ساراسىمگە سالدى رۇ چېۋىن.
تاكسىلار غېرىپلىقىنى يۇشۇرىدۇ،
بىنالار ئىگىز ،ئەمما ھەسرەتلىك تىنىدۇ.
ئوسما سېتىپ ئولتۇرغان خاقان
ئۇرخۇن بويلىرىنى سېغىنىدۇ.
ياز مۇراسىمى ئاخىرلاشقان،
جىمجىت ۋە سۈررەڭ ئاسمان.
دېرىزە ئەينىكىدىكى قەشقەر،
كائىناتقا قۇچاق ئاچقان.
بىر ھارۋا ئۆتتى كوچىدىن تەنھا،
ئۇستىگە لىپمۇ لىق سېغىنىش باسقان.
بىز يەردە ياشايمىز،
ئاسماندا قۇشلار.
شەھەردە ياشايمىز،
روھىمىزدا دار.
بۇ ئەمەس سەھەر،
گوگۇمنىڭ قارنىدا قەدىمىي شەھەر.
قىزىل پەردىلەرگە يۆگىشىپ ماڭار،
ئەرلىكىنى ئىسپاتلىيالمايۋاتقان ئەر.

  بىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا شەھەرلەردىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى ياتلىشىش، يىتىمسىراش،ئەسلىنى ئۇنتۇش ھەمدە روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇق قاتارلىق بىرقاتار ئىللەتلەرنى تەپەككۇر كۆزىمزدە يەنە بىرقېتىم كۆرۈپ يتىمىز.ھەممىمىزگە مەلۇم، جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشگە ئەگىشىپ قۇرشاۋ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر تۇركۇم شەھەر كىشىلرىمىزدە ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇش،ئەسلىدىن ياتلىشىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى ئەدەپ كەتمەكتە.شائىر مانا مۇشۇنداق زىل ئىجتىمائىي  ئىللەتنى تۇتۋېلىپ ئۆزىمىزھەققىدە چۇڭقۇر ئويلۇنۇشقا دالالەت قىلىدۇ.
بىز ئابابەكرى توختى شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا ئۇنىڭ شېئىرىيەت تالانتىغا ،تىل ئىشلىتىش،مەنا قاتلىمىنى تېيىز ئىپادىلەش جەھەتتىكى ماھىرلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.ئۇنىڭ ھەربىر شېئىرىدا ئۆزگۇچە بىر دۇنيا-شېئىرىي بالاغەت بىزنى قۇينىغا چاقىرىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇسلۇپ جەھەتتىن ئەنئەنىۋىيلىق بىلەن زامانىۋىيلىققا تەڭ مايىل بولۇپ، شېئىرىي دىتاللاردا تىلىنىڭ چۇشۇنىشلىك، يەڭگىللىكلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئاسان رام قىلىدۇ. لېكىن شېئىرلىرى ئۆزىگە سىغدۇرغان مەنا جەھەتتىن ھەرقانداق كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ.قۇرۇلما جەھەتتىن ئىخچام،لىرىكىلىق،ئاھاڭدار بولۇپ چۇۋۇق جۇملە،مىسرالارنى ئۇچرۇتۇش مۇمكىن ئەمەس.
نۆۋەتتە بىر قىسىم ياشلىرىمىزقەلەمنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەل كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەسەرلەرگە زېھنىنى ئاجراتماي ھە دېسە  غەرىپ ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ  تارىخى، مەدەنىيىتى،پەلسەپە،ئىدىلۇگىيەسى ۋە تۇرمۇش تىندۇرمىلىرىغا تويۇنغان  مۇدۇرنىزىملىق خاھىش ئەكىس ئەتكەن شېئىرلىرىغا قىزىقىپ،شۇلارنىڭ شېئىرلىرىغاتەقلىد قىلىپ شېئىرىيەت بېغىمىزدابىر دۆۋە ‹‹سۆز تېپىشمىقى››نى پەرۋىشلەپ يىتىشتۇرمەكتە. ئەمما خەلقىمىز ئەزەلدىن  بۇخىلدىكى‹‹ ياۋا شېئىرلار››غا قىلچە قىزىققان ئەمەس.چۇنكى بۇخىل ئاتالمىش ‹‹تېشى پال-پال ،ئىچى غالغال ئەسەرلەر›› خەلقىمىزنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بېرىپ بولالمايدۇ. ياش شائىر ئابابەكرى توختى بولسا ياشلىرىمىزدىكى بۇخىل ئېغىشقا قارىتا مەردانىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا يېڭىچە شېئىرىيەتتە،شېئىرىي ئىجادىيەتتە ئۆرنەك يارىتىپ بەرمەكتە. قەدەممۇ قەدەم ئاۋام قەلبىنى مايىل قىلالايدىغان،ئۆز تۇپرىقىدا بىخ سۇرۇپ ياپ يېشىل مەنزىرە يارىتالايدىغان نادىر شېئىرلارنى ئوقۇرمەنەلەرگە سۈنۈپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا گۇڭگا خاراكتىر،بۇرۇختۇرما پىكىر،ئىزلەڭگۈ تۇيغۇلانى ھەرگىز ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەقلى ھۇشى ئويغاق ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تۇيغۇ-ھىسياتلىرىنى سىلكىپ ئۆتىدىغان پىكىر-ئىدىيەلەرگە سوقۇلماي، يۇرەككە قان، ئىشەنچ بەخش ئىتىدىغان تېرەن پىكىرلەرگە ئۇرۇلماي قالمايدۇ.  
بىز ‹‹چوغ ئوينىغان قىز››نىڭ  چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا غەرىق بولغىنىمىزدا ،ئۇنىڭدىكى  ھەربىر شېئىر تاتلىق ،يېقىملىق،ئۆزگۈچە پۇراقلىرى بىلەن روھىمىزنى ،تەپەككۇر-سەزگۈلىرىمىزنى غىدىقلاپ ،شېئىرىي گۈزەللىكتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.مەسلەن:

‹‹يېرىم كېچىدىكى تەنھالىق
سۆڭەكسىز كېچىنىڭ تېنىنى سۆرەپ،
كارۋاتقا يېقىنلاپ كەلدى تەنھالىق.
بىر دەھشەت ئاۋازدىن يېرىلدى تاملار،
كۆكلىدى توپانلار،ئۆرلىدى تېنىق.

كۆيگەندە كۆزنەكتىن خىرە باقار ئاي،
ئۆرتىنەر نۇر ئىچرە يالىڭاچ بىر تەن.
ئەينەكلەر چېقىلغان،ھېجرانكار قىزدۇر،
چېقىلغان ئەينەكلەر ئاخىرقى ۋەتەن.

سېغىنىش شۇ قەدەر ئاددىي بىر ئۇقۇم،
تەنھالىق يۇرەككە قادالغان ئوقيا.
مۇز گۈلى بەرگىدە كۆيىدۇ گۈلخان،
رۇھىمنىڭ قانىتى سۇنغان مىنۇتلار.››
يۇقۇردىكى شېئىردا قويۇق شېئىرىي پۇراق،ئىستىتىك تۇيغۇ-ھىسيات قايناپ تۇرىدۇ.بۇ مىسرالاردىكى تۇيغۇنى باشقا ھېچقانداق سۆز ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شائىرنىڭ باشقا شېئىرلىرىدىمۇ شېئىرىي بالاغەت  چاقناپ  تىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ،شېئىردا تىلنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەش كۈچى ۋە پاساھىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنى،تىل گۈزەللىكى ئارقىلىق،شېئىرىي گۈزەللىكنى يارىتىپ ،شېئىرنىڭ جەلىپ قىلارلىقى ۋە بەدىئىي ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا يەنە ‹‹مۇزگۈلى››،‹‹تەبەسسۇمىڭ سىڭگەن زىناقلار››،‹‹ چۈش دېڭىزى››،‹‹مىليۇن باھار››،‹‹مۇز ئىچىدە چوغ ئۇينىغان قىز››دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەردە، جۈملە،مىسرالاردائوخشىتىش،سۈپەتلەش،مۇبالىغە قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارناھايىتى جايىدا قوللىنىلىپ شېئىرلارنىڭ ھاياتى كۈچى ، بەدىئىي قىممىتى ئاشۇرۇلغان.
‹‹چوغ ئوينىغان قىز›› ئۆز قۇينىغا  بەدئىيي ماھارەتتە  ۋە شېئىرىي بالاغەتتە مىنەۋۋەر شېئىرلارنى سىغدۇرغان بولسېمۇ ئاينىڭ يۈزىدە داغ بولغىنىدەك پىكىرى ئانچە يېڭى ،مەزمۇن چوڭقۇرلىقىغا ئىگە بولمىغان  بەزى ئەسەرلەرنىمۇ سىغدۇرۇپ قالغان.ئالايلۇق ‹‹تورغاي مەھەللىسى›› ناملىق شېئىرقارىماققا ناھايىتى ياخشىدەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىۋاتقىنى مەننىڭ ۋۇجۇدىدىكى پۇچەك شەھۋەت ۋە ئايالنىڭ ناپاك تېنىدىن ئىبارەت رەزىل مۇھىت ئوچۇقتىن ئۇچۇق سۈرەتلەنگەن.شېئىر ئىنسان قەلبىگە گۈزەللىك، پاكلىق،ئادىللىق ئۇرۇقىنى چاچالىسا ئاندىن ھەقىقىي شېئىر ھساپلىنىدۇ.شۇڭا شائىر ئابابەكرى توختىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىدە يېتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ يېتىپ ،كىشى قەلبىگە گۈل چېكەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشىغا تىلەكداشمەن.

  ‹‹ قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-27 04:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش