ئەسسالام ئەزىمەتجان، سىزنىڭ كېچىنى «كېچە» دېمەي، مۇنبەرگە يازما يوللىغىنىڭىزنى، شۇنداقلا بۇ يازمىغا سىڭگەن نازۇك ھېسىياتىڭىزنى قەدىرلەشكە تېگىشلىك. بىراق، تۆۋەندىكى قۇرلارنى مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ماسلاشتۇرۇپ تۈزىتىۋېلىشىڭىزنى، ھېچبولمىسا بۇندىن كېيىن مۇشۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:
«
كىپەنلىك ئەتراپىنى ئاياللار تورىۋېلىشقان بولۇپ، ئېچىنىشلىق ئاۋازدا قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەپ ئاستا ئاق رەخىتنى ئاچتىم.» بۇ مۈمكىن ئەمەس. يەنى، «مەن»نىڭ كېپەنلىنىپ بولغان قىزنىڭ مىيىتىنىڭ يۈزىنى ئېچىشى( ھېلىغۇ يات بىر يىگىت ئىكەن، ھەتتا، بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭمۇ مۇنداق تەرەپباللا كېلىپ ئېچىشى) مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزدە ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش(ناۋادا،
زۆرۈر بولۇپ قالسا ئۇنىڭ
يولى باشقا).
كەچۈرۈڭ، شەخسىي ھېسىياتىڭىزغا ئازار بەرگەن بولۇپ قالمىغايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-25 09:34