كۆرۈش: 1192|ئىنكاس: 1

ئۈمىدجان قادىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈمىدجان قادىرىنىڭ تەرجىمىھالى

ئۈمىدجان.jpg

     شائىر ئۈمىدجان قادىرى 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزا چاسكام كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلدىن 1991-يىلغىچە سانجۇ يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1991-يىل 9-ئايدىن 1995-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 10-ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان.1997-يىل 3-ئايدىن ھازىرغىچە گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.
       ئۈمىدجان قادىرىنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1994-يىلى«خوتەن گېزىتى»گە بېسىلغان «مىللىتىمگە»نامىلىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورناللاردا ھازىرغىچە 250 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە داستانلىرى ئېلان قىلىنغان. «خوتەندە راۋان يوللار»، «يورۇڭقاش شادلىقى» قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا  بىر قىسىم شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. تۆتىنچى قىتىملىق«تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» رىغبەتلەندۈرۈش شەرەپنامىسىگە ۋە 2003-يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا تىمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا «سېنى چىللاپ ئۈنلەيدۇ دەمدەر» نامىلىق بىر گۇرۇپپا شېئىرلىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
     ئۈمىدجان قادىرى 1995-يىلى 6-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.
2015-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-25 01:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-25 10:31:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمۈدجان قادىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىگە ھالاللىق، ئىجادىيىتىگە چىن شەرەپ ۋە بەرىكەتلەر يار بولغاي!  
  ئىلگىرى بارماق ۋەزىنلىك شىئېرلىرىنى ئوقۇۋىتىپ ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىم، ھالا بۈگۈنكى كۈندە غەزەللىرىدىن قانماي زوق ئىلىۋاتىمەن، تىزرەك بىرەر پارچە شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرسا بولاتتى، ئاكامنىڭكىتى دەپ ساقلاپ ئوقۇيىتتۇق:)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش