يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 5

ئەخمەتجان خۇما: مۇۋەششەھلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
               دوستلۇق يۈرەكتە ئاقىدۇ سۇدەك

                           ( مۇۋەھشەھلەر )

                           ئەخمەتجان خۇما

                          مېھنىتىڭدىن خۇش ھىد تارىلار

            
ئاق ساقىلىڭ ئاپئاق كۆڭلۈڭدەك يارىشىملىق سىياق بېرىپتۇ،
مېھنەت بىلەن ئاقارغان چېچىڭ قاردەك ئاپپاق لىباس كىيىپتۇ.
  باھادىردەك ئەزىمەت ئىدىڭ، نى قىسمەتكە بويۇن ئەگمىگەن،
قېرىلىققا يوقمىدۇ ئامال قامىتىڭنى يادەك ئېگىپتۇ.               
لايقىپ ئاققان قىزىلدەك گويا ئەزىم دەريا ئىدىڭ ئەسلىدە،
دولقۇنلىرىڭ نەلەرگە كەتتى، پۇت-قولۇڭدىن ماغدۇر كېتىپتۇ.
ئاتا ئىدىڭ، پاسىبان ئىدىڭ قەلەم تۇتقان ھەر بىر بوغۇنغا،
مېھرىڭ ئەگىز بولۇپ باھاردەك، ھەر يۈرەككە بالدەك ئېقىپتۇ.
ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگىچە مېھنەت-ئەجر قالمىغان يەردە،
     شۇڭا ئەجرىڭ چېچەكلەپ ئەنە قىزىلگۈلدەك خۇش ھىد چېچىپتۇ.
ھالال تەرىڭ شاھىدى بولۇپ تۇرار ئەنە «تۆشۈك مۇنچاق»ىڭ،
«ئادىراسمان چېچەكلىگەندە» دىللار سۆيۈم بىلەن بېقىپتۇ.
مۇرادى بار، ئارمانلىرى بار بۇ جاھاندا ھەر بىر كىشىنىڭ،
سەن ئىرادە قىلغان ھەر قەدەم ئەل قەلبىگە ياغدەك يېقىپتۇ.
ئىزدىنىشىڭ بۇنىڭ مىسالى، جاسارىتىڭ بولۇر تىمسالى،
تەپەككۇرىڭ شۇنچە كەڭ، چەكسىز ھەيھات ئاڭا جاھان پېتىپتۇ.
دۇنيا دىگەن ئۆتكۈنچى، ئىنسان ئۆتۈپ كېتەر يولۇچى گويا
ئىجاد، مېھنەت قاراڭغۇلۇقنىڭ قورغىنىنى ھەردەم چېقىپتۇ.
   ئىجادىڭدىن چاقتىڭ نى قورغان، سەكسەن ياشقا كىرگىنىڭدىمۇ،
ئېھتىرامدا دولقۇنلۇق تۈمەن، ئېقىنىغا سېنى قېتىپتۇ.


               ئىزىڭ قالدى

         
  مۇناجات پەسلىگە يەتتىڭ قەلب قەسرىڭدە كۈي كۈيلەپ،
  ئىلىم دەرياسىدا ئاقتىڭ چېكىپ ئەپغانۇ تۈن-تۈنلەپ.
  رىزالىق بەرگىنى ئەلنىڭ ھايات كۆركىڭدىكى گۈلدۇر،
  زىيارەت ئەيلىگەي بۇلبۇل ئۇرۇپ خەندانە ئۈن-ئۈنلەپ.
  ئاۋامنىڭ دىلكىشى بولدۇڭ، تىنىمسىز ئوتىدا كۆيدۈڭ،
  ھىدايەت چاچتى نۇر چېھرىڭ ئارا ھەر تاڭدا كۈن-كۈنلەپ.
  ئىماندىن كۆكلىدىڭ، كۆركەم باراقسان بىر چىنار بولدۇڭ
  دۇرى-مارجان قېزىپ كەلدىڭ، قەدەمدە بەلكى يۈز-يۈزلەپ.
  كۈلەر ھەر دىل زوقى بىرلە مېۋەڭنىڭ زەۋقىدىن قەھ-قەھ،
  ئەنە مەسۇملىرىڭ كەلدى بېغىڭغا ئەمدى تۈركۈملەپ.
  رىيازەتلىك ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى ياشلىق-باھار پەسلىڭ،
  ئىمارەتلەر قۇرۇپ كەلدىڭ، ئۆمۈر قەسرىڭنى زىننەتلەپ.
  رىيادىن سەن يىراق بولغاچ، زىيادىن چاچقىنىڭ زەردۇر،
  ئىزىڭ قالدى، سۆزۈڭ قالدى بوغۇنلار ئالغۇسىدۇر نەپ.


       يىگىتلىك دەملىرىڭ كەتتى
      


سۇنمايدىغان شەمشاتتەك ياشاپ كەلدىڭ مەردانە،
ئاۋام ئۈچۈن بىر ئۆمۈر بولۇپ كەلدىڭ پەرۋانە.
يوپۇرغىدا تۇغۇلۇپ، يوپۇرغىدا چوڭ بولۇپ
ئىجاد-مېھنەت بابىدا سۈرۈپ كەلدىڭ دەۋرانە.
تېپىپ نۇسرەت-كامالەت، يېڭىپ مۈشكۈل داۋامەت،
ساما سېلىپ شادىمان كۈلۈپ كەلدىڭ ھەر يانە.
ئاشىقانە بەدەللەر تۆلەپ كەلدىڭ قەلەمگە،
دەۋىتىدە ئىشقنىڭ بولۇپ كەلدىڭ سەرسانە.
ئىزىڭ قالدى ھاياتتا ئارمانىڭ يوق بىر ئۆمۈر،
قىممىتىنى بىلگۈدەك سۈزۈپ كەلدىڭ دۇردانە.


               ساۋاقداش

         
قۇيە دوستۇم شارابىڭنى، ئىچەي دەيمەن، ئىچەي دەيمەن،
ئەھدە ئەيلەپ جاھاندىن بىر كېچەي دەيمەن، كېچەي دەيمەن.
ياشاپ كەلدىڭ نەزىم بىرلە ھاياتىڭغا بېرىپ مەنا،
يەنە دوستلۇق بېغىڭغا بىر كېتەي دەيمەن، كېتەي دەيمەن.
ئۇيۇپ قالغان قەلبلەردە ساۋاقداشلىق ئاداشلىقنى،
مۇھەببەتتە ساڭا ئىزھار ئېتەي دەيمەن، ئېتەي دەيمەن.

              ئەھدىم
      

          ئەزەلدىن دوست ئىدۇق ئەسلى مۇھەببەتلىك، مۇھەببەتلىك
    مېنىڭ ئەھدىمنى بىلمەيسەن قىيامەتلىك، قىيامەتلىك.
ئەقىدە رىشتىمىز بىردۇر، قەلەمگە ئاشىنا بولدۇق،
تاراتقاي نۇر-زىيا ئەلگە ھارارەتلىك، ھارارەتلىك.
جاھاندا مىڭ كىشى بولسا كۆڭۈلدە بىر كىشى باردۇر،
  ئاسانمۇ سەنچە دوست تۇتماق سالاپەتلىك، سالاپەتلىك.
نىھايەت ئۆتتى كۆپ يىللار ھايات كەچكۈزدە ئاقماقتا،
يېتىپ قەدرىگە ئۆتكەيمىز باراۋەتلىك، باراۋەتلىك.
ئۈنەر ھەتتا ئۇرۇق پەرۋىش قىلىپ بەرسە بولۇق مايسا،
سالامەت بول، ياشا ھەردەم پاراغەتلىك، پاراغەتلىك.
ئۈمۈدۈم، ياز تەپەككۇردىن ياساپ ئۆركەشلىگەن دولقۇن،
پۈتۈپ چىققىن ئېسىل كۈيلەر كارامەتلىك، كارامەتلىك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 15:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-24 18:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىزىنى بويلاپ يازغان روبائىيلىرىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىلا...... « ساۋاقداش» دېگەن شېئىر شۇنداق يېقىشلىق چىقىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلتاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 18:37  


ۋاقتى: 2015-4-24 22:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئاكامغا سالام

ۋاقتى: 2015-4-25 10:17:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئارۇزدا بوشمۇ نېمە؟ مىسرالار چىگىت چېقىپلا تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-4-26 20:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان تۇيغۇلىرىڭىز مەڭگۈ  يېڭى پېتى تۇرغاي.......!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-27 12:19:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابابەكرى، تاماشا كۆرمەي قايسى مىسرالاردا ۋەزىن چېقىپتۇ، كۆرسەتمەمسىلە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش