ئوسمان ئىسمايىل 1955-يىل8-ئايدا باي ناھىيە ياتۇر يېزىسىدا تۇغۇلغان،1972-يىلى باي ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1980-يىلغىچە ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن، 1980-يىلدىن 2012-يىلغىچە باي ناھىيەلىك تېرەك كۆمۈر كېنىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.ئوسمان ئىسمايىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ‹‹تارىم ئەدەبىياتى››(ھازىرقى ئاقسۇ ئەدەبىياتى)ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹باھار ئارزۇلىرى››ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ ھازىرغا قەدەر ‹‹تارىم››،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››،‹‹مۇزات دولقۇنلىرى ››قاتارلىق گېزىت ژۇرناللاردا 50پارچىگە يېقىن ئەسىرى ئېلان قىلىنغان،2006-يىل12-ئايدا ‹‹رادىئو بىلەن ئۆتكەن ھايات››ناملىق ماقالىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرپىدىن ئىككىنچى دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان ‹‹قەلىبتىن –قەلىبكە يول››ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن،2015-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان.