ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن
ئابدۇسالام توختى تەرجىمىسى
پەقەت ئىلىم بىلەنلا يۈكسەلمەس ئادەم،
ۋەدە، ۋاپا بىلەنمۇ يۈكسەك-پەس ئادەم.
ئەگەردە بىر بولسا سۆزى، ھەركىتى،
ھەممىدىن شۇ يۈكسەك، مۇقەددەس ئادەم.
ئالەم دەپتەر بېشى ئىشقىڭ ئىملاسى،
ياشلىق قەسىدىسىنىڭ جاۋە، زىياسى.
ئەي، سۆيگۈ ئالەمىدىن بىخەۋەر، بىلگىن،
ئىشىق ئەمەسمۇ ئەسلى ھايات مەناسى.
پاك، ئىناق ۋە ئاقىل كىشىگە ئورتاق،
بول، لېكىن نائەھلىدىن قېچىۋەر يىراق.
دانا ساڭا زەھەر تۇتسىمۇ ئىچكىن،
قول سوزما گەر شەربەت بەرسىمۇ ئەخمەق.
ئەي كۆڭۈل، زاماندىن ئېھسان كۈتمىگىن،
ئايلىنار توختىماس دەۋران كۈتمىگىن.
داۋا ئىستەپ، دەردىڭ ئاشار كۈنسىرى،
دەردكە كۆنىۋەر دەرمان كۈتمىگىن.
ياراتتى دۇنياغا مېنى ئاقىۋەت،
ھاياتتىن تاپقىنىم تېڭىرقاش، ھەيرەت.
بۇ يولدىن ئۆتتۈم، بىراق چۈشۈنەلمىدىم،
كەلمەك ۋە كەتمەكتىن نېمىدۇر مەقسەد.
بىر چەتتە قاتتىق نانغا قانائەت،
ئىزدىمىدىم ئۇندىن ئارتۇق ھەشەمەت،
نامراتلىقنىڭ جان-دىلىدىن خېرىداسىمەن،
نامراتلىقتىن ئارتۇق كۆرمىدىم دۆلەت.
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق-1-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 23:24