گۈلباھار مۇھەممەد 1978-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى مېيى كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى شىنجاڭ بانكا مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ، مېيى باشلانغۇچ مەكتىۋىگە ئىشقا چۈشكەن. 2005-يىلى 3-ئايدا ئاتۇش شەھەر ئازاق ئوتتۇرا مەكتىۋىگە يۆتكەلگەن، ھازىرغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 2002-يىلى «ئاسىيا كىندىكى»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جەننەت قەيەردە، دوزاخچۇ؟»ناملىق ماقالىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «تارىم»،«دۇنيا ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«ئەدەبىي تەرجىمىلەر»،«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا «روھىمنى چوغلىدى تاڭدىكى چولپان»،«خىيال تېۋىشلىرى»،«ساراڭ يوق شەھەر»، «سىماگۇاڭنىڭ ئىدىش چېقىشى» قاتارلىق 250پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،نەسىر، ھەر خىل ژانېردىكى تەرجىمە ئەسىرى ئىلان قىلىنغان. 2014-يىلى 12-ئايدا «ئېلىكتىرون ئىلمى»ناملىق تەرجىمە كىتاۋى نەشىر قىلىنغان.
ئۇ ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 18:24