ئەتىنى سېغىنىش
(شائىر دوستۇم ئابلەت ئەخمەت خاتىرىسىگە)
ھەسرىتىڭنى بەرمە كېچىگە،
سىردىشايلى كەلگىن قەدىردان.
ئادېرسىڭنى قويما يۈتتۈرۈپ،
ئوۋلىمىسۇن قېنىڭنى توپان.
يېزىپ قويغىن تەرجىمھالىڭنى،
نۇر ئوخچىغان دىللار تەكتىگە.
يۈرىكىدىن بۈيۈك شېئرنىڭ،
ياندىشايلى كەلگىن ئەتىگە.
ئازغۇنلارغا دىل بەرمەيلا قوي،
سىردىشايلى كەلگىن قەدىردان.
بالىلىققا قايتىپ بىر نۆۋەت
چۈشكۈن روھقا كىرگۈزەيلى جان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 17:14