يىراقتىكى مەنزىرە
ئا.كىرىي (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
قىز باغچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ يېنىغا بىر يىگىت كەلدى.
ـ خەيرلىك كەچ! تونۇشۇپ قالساق قانداق؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،-دېدى يىگىت،-ئەگەر ئازراقلا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىڭىز، مەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سىزنىڭ قەيەردە ئولتۇرىدىغانلىقىڭىزنى سورىغان بولاتتىم. ئۆيىڭىزنىڭ ئادرېسىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇشقا رازى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرەتتىم. بۇ تەلىپىمنى ئېغىر ئالمايدىغانسىز؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،-دېدى يىگىت،-ئەكسىچە بولغاندا، مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ، سىزدىن بىر پىيالە ئۇسسۇزلۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولاتتىم. ئەلۋەتتە، سىز ئۇنى رەت قىلىشىڭىز مۇمكى،- سىز چاڭقاپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى رەت قىلامسىز؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،- دېدى يىگىت،-ئۇنداق بولمىغاندا، سىز بىر پىيالە بېرەتتىڭىز، ئاندىن مېنى ئاتا-ئانىڭىزغا تونۇشتۇراتتىڭىز. دادىڭىز ئەلۋەتتە خوش بولىدۇ. لېكىن ئاپىڭىز ئەجەبلەنگەن ھالدا: «ئۇ تېخى كىچىكلا بالىكەنغۇ، سىلەر بىر ئۆينى ئۆي قىلىپ كېتەرلەرسىلەرمۇ؟» دەيدۇ. راست، بىز بىر ئۆينى ئۆي قىلىپ كېتەرلەرمىزمۇ؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،-دېدى يىگىت،-ئۇنداق بولمىغاندا، سىز ئامالسىز ماڭا تېگىشكە قوشۇلىسىز. توي قىلغاندىن كېيىن باشتا بىر قىز، كېيىن بىر ئوغۇل تۇغىسىز. سىز بالىنى ياخشى كۆرەمسىز؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،-دېدى يىگىت،-بىزنىڭ بارلىق ۋاقتىمىز بالىغا كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كىچىك چاغلىرى بىزنىڭ ياش ۋاقتىمىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈشنى خالايسىز، لېكىن بالا بۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ. مەن كوللېكتىپ ياتاققا كۆچۈپ كېتىمەن، سىزچۇ، بالىلارنى يېتىلەپ ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە كېتىسىز. ئاندىن سوتقا سىز مەسئۇلىيەتنى ماڭا ئارتىپ قويىسىز. سىز مەندىن ئاجرىشىپ كېتەرسىزمۇ؟
قىز ئۈندىمىدى.
-سۈكۈت قىلىپ توغرا قىلدىڭىز،-دېدى يىگىت،-سىز ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان، ئالدىن كۆرەر قىز. سوتقا بارساق ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن بولۇپ قالىمىز. بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇڭا يەنىلا چىرايلىق ئايرىلىپ كەتكىنىمىز تۈزۈك! مېنىڭ ئسمىم تولىك، سىزنىڭچۇ؟
-ئېرىنا،-دېدى قىز كۈلۈمسىرەپ ۋە يىگىتكە قولىنى ئۇزاتتى...
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1992-يىلى 6-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-22 23:27
|