«كىتاپ بىلىم بۇلىقى ،كىتاپ ئەقىل چىرىقى»
ھەسەنجان ئىبىراھىم شېرىپ
2015- يىلى مېنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلىم ، ئەزىز قېرىنداشلار ئۆزلۈك ۋە كىلمىلىكىمىزنى
تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ، ئىلىم- مەرىپەت بىلەن قۇراللىنىپ قەددىمىزنى تېخىمۇ رۇسلاش
ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيلى ، ھېچبولمىغاندا 23- ئاپرىل 20 –قېتىمىلىق دۇنيا كىتاپ ئوقۇش
كۈنىدە كىتاپ ئوقۇپ ، بۇ بىر كۈننى بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزەيلى ، ئەجداتلارنىڭ
ئىزلىرى تېخىمۇ نۇرلانسۇن ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قەلبىدە مەرىپەت ئۇرۇقى بىخلانسۇن ،
كىتاپ ئوقۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەت سانسىزلىغان قەلىبلەرگە بىلىم ئىشقىنى سالسۇن ،
مەرىپەت مەشئىلى ياقسۇن !
كىتاپ ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ،تۇرمۇش تەجىرىبىللىرىنىڭ قامۇسى ،كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن يۇرۇقلۇققا باشلايدىغان مەشئەل .
كىتاپ ئۇقۇش ياخشى ئادەت. كىتاپ ئوقۇمىغان كىشى خۇددى روھسىز مۇردىغا ئوخشايدۇ ، كىتاپ – ژورنال ، گېزىت كۆرمەيدىغان كىشىنىڭ كۆڭلى قاراڭغۇ ، ئوي- پىكىرى چولتا ، كىشلىك تۇرمۇش قارشى ۋە دۇنيا قارشى مۇجمەل كېلىدۇ . كىتاپ ئوقۇمىغان كىشىنىڭ يولى تار ، كىتاپ ئوقۇمايدىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسى خار بولىدۇ . كىتاپ بىزگە قانداق ئادەم بۇلۇشنى، قانداق ياشاشنى ئۈگىتىىدۇ .
بىزدە:« كىتاپ ئوقۇغان كىشى ، كۆككە تاقىشار بېشى »؛«بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى»؛ «بىلىمك كىشى ئۇزار، بىلىمسىز كىشى تۇزار» ؛« بىلىم ئالمىغان ياش ، تام تۈۋىدىكى تاش» دەيدىغان ھېكمەتلەر بار. دېمىسىمۇ كىتاپ ئۇقۇغان ،بىلىم ئالغان كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ ،ئۇقۇمۇشلۇق كېلىدۇ . كىتاپ ئادەمنىڭ دىلىنى ئاقارتىدۇ ، مەدەنىيلىككە يىتەكلەيدۇ.شۇڭا ھەمممىمىز پۇرسەت بولسا كىتاپ ئوقۇپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزايلى؛ ئۆي بىزىگەندە ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن كىتاپ جاھازىسى ياسىتىشنى ، كىتاپ سېتىۋىلىپ تىزىپ قۇيۇشنى ، پات -پات ئۇقۇپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايلى . مىللەتنىڭ كىلەچىكى، ئانايۇرتىمىزنىڭ گۈلللەپ ياشنىشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى ئۈچۈن بۇ يىلنى ئۆزىمىزنىڭ كىتاپ ئۇقۇش يىلى قىلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشايلى!ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم : كىتاپخانىغا بۇرۇلسىڭىز ھاياتىڭىزدا بۇرۇلۇش بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-22 18:47