كۆرۈش: 762|ئىنكاس: 0

ئىلھام مۇھەممەد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
DSCF3363_副本_副.jpg


ئىلھام مۇھەممەد 1967- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975~ 1986- يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  1990- يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1990~ 1992- يىلغىچە تاتراڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1992~ 2001- يىلغىچە چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2001- يىلدىن ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
   2007- يىلدىن باشلاپ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «تارىختىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەدىبلەر»، «ئاچا- سىڭىل بىرونتىلار»، «ئالتۇنتاغ ئوغلى ــ ئەخمەت پاسار ھەققىدە»، «ئىلمىي فانتازىيە رومانچىلىقىنىڭ پېشۋاسى ژيۇل ۋېرن ۋە ئۇنىڭ رومانلىرى»،«مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى»، «ئىجتىھاتلىق ئەجىرنىڭ شېرىن مېۋىسى ــ غالىپ بارات ئەرك ھەققىدە»، «مەدەنىيەت دېڭىزىدىن ‹جاۋاھىر› سۈزگۈچى ــ ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ھەققىدە»،  « مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى»، «ماقال- تەمسىللەرنى توغرا قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلايلى»، «بۇزۇپ قوللىنىلىۋاتقان ماقال- تەمسىللەر» قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى، فولكلور بايلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ سەمەرىسى بولغان «‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› داستانىنىڭ ئىدىيەۋى قىممىتى ۋە تىل گۈزەللىكى»، «قەدىمكى كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاتىدىكى بەزى ئورتاقلىقلار»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ دۇنيادىكى نەشر نۇسخىلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ياغاچتىن ياسالغان تاماق سايمانلىرى ۋە ياغاچ قاچا-قۇچىلار»، «چەرچەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىي قىممىتى» قاتارلىق  ئىلمىيلىكى كۈچلۈك  بىر تۈركۈم ماقالىلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ، مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ گېزىت- ژۇرناللاردا تارىخ- مەدەنىيەت، تىل ، ئەدەبىيات، ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە، تەرجىمىھال ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئائىت 150 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «كروران»، «بىلىم- كۈچ» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا  ئېلان قىلىنغان.
  ئىلھام مۇھەممەدنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى مول، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، 2006- يىلى «ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى»غا، 2008- يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 2015- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-22 19:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش