ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر 1975-يىلى ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ ئۈجمە يېزىسى قاشىئېرىق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1992-يىلى ناھىيىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەر سىفەن شۆيۈەنى جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات كەسپىگە ئېمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان.1997-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.2006-يىلى ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن .2008-يىلى 3-ئايدا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكەلگەن.ھازىر مۇشۇ ئىدارىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى«ئەپسۇسلانما چەكمىگىن ئازاپ» 1991-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دا
ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان شىئېر، ھېكايە، ماقالىلىرى 350پارچىدىن ئاشقان. 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئۆچمە سۆيگۈم» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. 2015-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-28 18:39