مېھرىگۈل ھۈسەيىن 1973-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، 2003-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە شىنجاڭ ئونۋېرىستىتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەرجىماللىق كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسى ۋە قانۇن كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى تۈتتۈرگەن. ھازىر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتىتىدا ئىشلەيدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە «جوڭگۇ مىللەتلىرى»، «تۇرپان» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا «سېغىنىشنىڭ ئۇ تەرىپىدە»، «ئېيتالمىغان بىر ناخشا بار ئىچىمدە» قاتارلىق شىئېرلىرى، «ئەر بىلەن ئاشنىنىڭ پەرقى»، «كىم گۇۋاھ» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قېلىنغان. 2015-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-22 16:44