يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 335|ئىنكاس: 4

قاراتېكىن: كۆزۈڭدە ئۇسسۇدۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆزۈڭدە ئۇسسۇدۇم

نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن

1
چۆللەر قەلبىڭدۇر،قەلبىڭدۇر چۆللەر،
تۇيغۇ تۈگىلىرى ئۆتمەكتە بىر-بىر.
مەخپىيىتىمدۇر قەلبىمدىكى يۈك،
يەڭگىللەي            
كۆز ياش بەرگىن بىر ھىجىر.

ئاڭلىيالمايسەن،پۈتتى ئاۋازىم،
ئىچىمدىكى سېنى چاقىرىپ.
(شامال پۈۋلەيدۇ)
بىر تال سۆڭەك مەن،
ئەسلىمەڭدىكى ياتقان ئاقىرىپ.

يەڭگىل سىلايمەن يوق شەكىلدىكى،
بارماقلىرىمدا سېنى،ئۆزۈمنى.
چوڭقۇر تېنىڭدىن ئۆمىلەپ چىقىپ،
جاراھەت بولۇپ ئاچتىم كۆزۈمنى.


2
چاچلىرىڭدىكى تورغاي ئۇۋىسى،
تەقدىرىم ئوخشاش ياتار چۇۋۇلۇپ.
ئۇچۇرما بولغان ئازابىم بۇزلار،
ئاخىرىقى بىر تال پېيىنى يۇلۇپ.

ئاينى كۆرمۈدۈم (ئاي مەندە بولغاچ)،
چاقنايدۇ قاقشال يۇلتۇز يارىسى.
مىڭبىر كېچىلىك سەپەرگە تولغان،
بىز ئىككىمىزنىڭ يېقىن ئارىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-21 22:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 23:17:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەڭگىل سىلايمەن يوق شەكىلدىكى،
بارماقلىرىمدا سېنى،ئۆزۈمنى.
چوڭقۇر تېنىڭدىن ئۆمىلەپ چىقىپ،
جاراھەت بولۇپ ئاچتىم كۆزۈمنى.

يۇقارقى مىسرالىرىڭىزدىكى بوشلۇقتىن سۆيۈندۈم. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-4-22 00:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامانجان، ئىككىنچى بۆلەكنى چاپلىمايدىغان گەپكەن. ئويلىنىپ بېقىڭ.

ۋاقتى: 2015-4-22 13:32:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەڭگىل،تېتىملىق چىقىپتۇ

ۋاقتى: 2015-4-22 18:38:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىچە ئىزدىنىش،چوڭقۇر پىكىر ئېقىمى مەۋجۈت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش