قارغا بېغىشلاپ
مىرئەھمەد مامۇت
كۆزۈم سېنى كۆرۈشتىن قورقىدۇ
چېچىم ساڭا قونۇشتىن .
لېۋىم سېنى سۆيۈشتىن قورقىدۇ
مەڭزىم ساڭا يېپىنىشتىن .
پۇتۇم سېنىڭ مىجىشلىرىڭدە ئېزىلگەن
قولۇم مۇزلاشلىرىڭدا تىترىگەن ...
ئاقلىقىڭدىن گۇمان قىلىمەن
پاكلىقىمغا ئوخشىتىپ سېنى .
دېكابىردا قارايمەن يولۇڭغا
خىيال قىلىپ چۈشلىرىمدەك تۆكۈلىشىڭنى .
سىزىمەن تۇپراقنىڭ مەڭزىگە
چېچەكلىگەن غۇلاچلىرىڭنى .
كېچىلەردىن چىقىمەن ئاستا
سېغىنىپ خۇشبۇي ھىدىڭنى .
2014-يىلى 10-دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-21 22:47