يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 10

ماركوز/ سىمېند: يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن چەكسىز ھوزۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن چەكسىز ھوزۇر

           گارسىيە ماركوز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسى
     
                                                                           
    دارىئو ئار سىمېند (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مۇخبىر دەپ ئېلىنىدۇ):ئۇستاز ماركوز،تارىخىي تېمىدىكى رومانلارغا  نىمىشقا مۇنچە قىزىقىسىز؟
گارسىيە ماركوز(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ماركوس دەپ ئېلىنىدۇ):بۇنى كولومبىيىدىكى رېئاللىقنىڭ ئاجايىپ سېھرىي خارەكتېرى بەلگىلىگەن،مېنىڭ بۇنداق تونۇشقا كېلىشىمدىكى سەۋەب:مەن لېرىك تۇيغۇلار بىلەن رېئاللىقنى بېزەپ كۆرسەتكەن ھەم ئۇنىڭغا ئاجايىپ تۈس بېغىشلىماقچى بولغاندا ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلىدۇ،چۈنكى،تارىخ
ئەسلىدىنلا رېئالىققا قارىغاندا تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە ئىگە.
مۇخبىر:سىز دەۋاتقان تارىخلارنىڭ قانچىلىكى رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ؟قانچىلىكى توقۇلما؟   
ماركوز:پەننىي سىياسىي نۇقتىدىن قارىغاندا،سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز دەرىسلىكلەردىكى تارىخ.كۇلۇمبىيىنىڭ ھازىرقى تارىخىنى غالىبلار يېزىپ چىققان.ئۇلارنىڭ مەقسىتى تارىخنى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى رېئالىقىغا ماسلاشتۇرۇش ئەمەس،بەلكى دۆلىتىمىزنى ئۆزلىرى يېزىپ چىققان تارىخقا ماسلاشتۇرۇش.تالاي يىللاردىن بېرى بۇ دۆلەتكە توغرا بىر ئېنىقلىما بېرىلمەي كەلدى.بىز بولساق باشقىلار بىزگە يېزىپ بەرگەن بويىچە ئىشلەپ ۋە ياشاب كەلدۇق.تارىخشۇناسلار تارىخنى توقۇپ چىقىرىۋاتقان يەردە بىز يازغۇچىلار تارىخ توغۇرلۇق يازساق ئەلۋەتتە بولىدۇ-دە.
مۇخبىر:ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» بىر قېتىم سىزنى زىيارەت قىلغاندا،سىز يېقىندا يازغان رومانىڭىز«مۇھەببەت  ۋە باشقا ئالۋاستىلار ھەققىدە» نى نەسىرگە سۇنغاندا «يۈز يىل غېرىپلىق»نى نەشىرگە تاپشۇرغان چاغدىكىگە ئوخشاش بىر خىل ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانلىقىڭىزنى ئېتراپ قىلغانىدىڭىز،نىمىشقا مۇنچە ئەندىشە قىلىسىز؟
ماركوز:«يۈز يىل غېرىبلىق»نى يېزىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى يېزىشقا ئاساسىم بار ئىدى.مۇنداقچە ئېيتقاندا،بۇرۇنلا كۆڭلۈمدە سان بار ئىدى.چۈنكى،بۇ روماننى بۇرۇنلا يېزىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم.بۇ روماننىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى شائىرانە ئويلىرىمنى، دۆلىتىمىزدىكى رېئاللىققا بولغان قارىشىمنى ئەڭ مۇۋاپىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىمغا،ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋەت ئارلاشمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتەتتى.«مۇھەببەت ۋە باشقا ئالۋاستىلار ھەققىدە»گە كەلسەك،بۇ رومانىم راستتىنلا مېنى ئەندىشىگە سالغان.ئۇنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇنلا ئەمەس،قوليازمامنى دوستلىرىمغا كۆرسىتىۋاتقان چاغدىمۇ شۇنداق بولغان.چۈنكى،دوستلىرىم بۇ رومانىمنى چوقۇم ياقتۇرمايدۇ،ھەتتا ئۆزۈممۇ يېزىپ بولۇپ ياقتۇرماي قېلىشىم مۈمكىن دەپ ئويلايتتىم.قىزىق يېرى،گەرچە مەن يەنە شۇ قاراشتا بولساممۇ،لېكىن ئۇلار ئۇنى ئېلان قىلىڭ دەپ تۇرىۋالدى.ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۇلار توغرا دەپتىكەن. بۇ خىل ئىشلار يازغۇچىلار ئاز كۆرۈلىدۇ.چۈنكى،بىز يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىمىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ياقسىكەن دەپ ئويلايمىز،باشقىلارغا يېقىشنى ئويلاشمايمىز،سىزگە بۇنى قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟ ئۇلار بۇ رومانىم ئېلان قىلىنىشتىن  بۇرۇنلا بۇ توغۇرلۇق بىرمۇنچە ئوبزورلارنى ئېلان قىلىشتى.تەنقىدچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇلار ئەلۋەتتە ئاپتور بولغان مېنىڭ قارىشىمغا قوشۇلمايدۇ،مەن ئۇلارنىڭ ئاساسى بارلىقىغا ئېقرار.
مۇخبىر:رومانىڭىزدىكى ئۆزىڭىزگە ياقمىغان قايسى بۆلىكى ئۇلارنىڭ دەرھال مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى؟
ماركوز:  
بەلكىم بۇ سۇئالىڭىزغا لايىقىدا جاۋاب بېرەلمەسمەن. ئۇنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى ياقتۇرماسلىق ئەمەس، بەلكى ھەممىسىگىلا ئىشەنچىم يوق ئىدى.چۈنكى، بۇ رومان روماندا مەن مىنلاار بىلەن تولۇپ كەتكەن ناتونۇش بىر جايغا كىرىپ قالغاندەك،ناتونۇش دائىرە،ناتونۇش شەكىل،ناتونۇش شېئىرىي ۋەزىنگە تەۋەككۈل قىلغانىدىم.بۇ يولدا نەچچە مىناغا دەسسەپ سالدىم،لېكىن،ئۇلار ماڭا،مۇنداق ئىش يوق، بۇ رومان مۇشۇنداق يېزىلىشى كېرەك ،دىدى .
مۇخبىر: سىز يېزىلىپ بولغان ئەسىرىڭىزنى قايتا كۆرمەسلىك ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ؟
ماركوز: ياق، بىر قېتىم پويىز بىلەن بارسېلونادىن رېنىيۋاغا كېتىۋېتىپ شۇنداق قىلماقچى بولغان.ئۇ چاغدا ئۆزۈم يالغۇز،قېشىمدىكى ئوقۇيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇخلىدىم.ئويغانسام رېنىيۋاغا بېرىشقا يەنە ئۈچ-تۆت سائەت بار ئىكەن.ئۇ چاغدا قولۇمدا مەن ئوقۇمىغان بىر تال «يۈز يىللىق غېرىبلىق»لا قاپتۇ.ئۇنى رېنىيۋادىكى بىر دوستۇمغا ئالغاچ ماڭغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئوقۇشقا باشلىدىم.3-،4-بەتلىرىنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز قەلىمىمنى ئېلىپ كىتابنىڭ ئۆزىگىلا ئۆزگەرتىشكە باشلاپتىمەن.كېيىن مۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ توختىۋالدىم.چۈنكى،يازغۇچىلارغا خاس ئەخلاقلارنىڭ بىرى،ئەسەرنى ئەسەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى.ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايتتى.كىتابنى جەمى قىرىق،ئەللىك بەت ئوقۇدۇم،راستنى ئېيتسام،بەك ئوقۇغۇم بار ئىدى،بىراق،يەنە ئۆزگەرتىۋەتمەي دەپ ئوقۇشتىن توختىۋالدىم.
مۇخبىر:سىزنىڭ دوستلىرىڭىز سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئاۋال ئوقۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر ئىكەن،سىز دوست تاللاشتا نېمىنى ئاساس قىلىسىز؟
ماركوز: توغرىسىنى ئېيتسام،ھايات ئۇلارنى ماڭا تاللاپ بەرگەن.مەن ئۇلار بىلەن ھايات جەريانىدا تونۇشقان،ئۇلارنى دوست تۇتۇشىمدىكى سەۋەب،ئۇلار ئالدى بىلەن ناھايىتى ياخشى بەدىئى ئېستىداتقا ئېگە؛ ئىككىنچىدىن،ئۇلار نەرسىلەرگە ناھايىتى توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ.ئەڭ مۇھىمى،ئۇلار مېنى خاپا بولارمۇ،بولماسمۇ دېمەي،ھەرقانداق قارىشى بولسا ماڭا ئېيتىۋېرىدۇ.ئارۋالو مودسىنىڭ مۇشۇنداق دوستلىرىمنىڭ تۇنجىسى ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلىدۇ.يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمدىن بۆلەك،ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا يەنە ئۆزگىچىلىكلەرمۇ بار.مەن ئۇنىڭغا قوليازمىلىرىمنى ئوقۇتۇپلا قالماي،يەنە بىر كىتاب يېزىۋاتقان چېغىمدا ئۇنى پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى ئىزدىشىپ بېرىشكە چاقىرىمەن.ئۇنىڭغا تېلېفۇن بېرىپ-بىز كۈندە دىگۈدەك تېلېفۇندا سۆزلىشىپ تۇرىمىز-ئۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن ئۇنى-بۇنى سوراپ تۇرىمەن.ئۇنىڭدىن باشقا،مەن يەنە خۇراپىيلىققا ئىشىنىپ ،يېزىۋاتقان ئەسىرىمنى باشقىلاردىن سىر تۇتىمەن.مۇنداق قىلمىسام مېنى پالاكەت باسىدۇ،دەپ قارايمەن.ئەمما،باشقىچە شەكىللەر ئارقىلىق دوستلىرىم،مەسىلەن ئارۋالو مۇدىس بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن.«يۈز يىل غېرىبلىق» نى يېزىۋاتقان مەزگىلىمدە ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەنلىرىمنى ئۇ زوق-شوقى بىلەن باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىپ يۈردى. باشقىلار بۇلارنى ماڭا يەتكۈزىپ تۇردى.بۇ ئارقىلىق،سۆزلەپ بەرگەنلىرىمدە ئۆزۈمگە قايتىش شەكىللەندى.مەن بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلاندىم.ئۇنىڭغا بۇ رومانىمنىڭ تۇنجى ئورگىنالىنى ئوقۇشقا بەرگەنىدىم،ئۇ ماڭا تېلېفۇن بېرىپ ،سىز بەك ھېيلىگەر ئىكەنسىز ،يازغانلىرىڭىز ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىرىڭىزگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەن،مېنى خەقنىڭ ئالدىدا ئالدامچى قىلىپ قويدىڭىز ،دىدى.
مۇخبىر:دوستلىرىڭىز ئەسەرلىرىڭىزنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالىنى كۆرگەندە قانداق پىكىرلەرنى بېرىدۇ؟
ماركوز:بەزىلەر يېزىقچىلىق ماھارىتى نۇقتىسىدىن بەزى ناھايىتى قاتتىق پىكىرلەرنى بېرىدۇ. بۇ،ئەسەر ئۇسلۇبى ھەققىدىكى پىكىرلەر. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بىر-بىرىنىڭكىگە زىت ھەم ناھايىتى ئۆتكۈر. بىراق، ئەڭ مۇھىمى،ئۇلار ماڭا:«ھوي،مۇنۇ يېرىڭىزنى چۈشەنمىدۇق،قۇلقىمىزغا غەلىتە ئاڭلىنىۋاتىدۇ،بىزگە تازا يېقىپ كەتمىدى» دېگەندە دەرھال خاتىرلىۋېلىپ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزىمەن.ئۇلارنىڭ پىكرى ماڭا ھامان ئاساسى باردەك بىلىنىدۇ.
مۇخبىر: ئۇلارنىڭ تەنقىد،تەكلىپ ۋە ئىشارەتلىرىنى دائىم خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلامسىز ياكى بەزىدە ئۇلار بىلەن جاڭجاللىشامسىز؟
ماركوز: جاڭجاللاشمايمەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىمەن.لېكىن،ئاقىۋەتتە ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغاننى قىلىۋېرىمەن.سىزگە دىمەكچى بولغىنىم،مېنىڭ تۇرمۇشۇم بەك ئالدىراش،كۆپىنچە ھالدا ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى توغرا دەپ قارىساممۇ،ئۆزۈم ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئۆزگىرىشنى ئېلىپ بارمايمەن .
مۇخبىر:بىر رومان قانداق يېزىلىدۇ؟
ماركوز:مېنىڭچە،ھەر-بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىش ئۇسۇلۇبى بولىدۇ.مەن ئادەتتە بىرەر ئوبرازغا تايىنىپ رومان يازىمەن.
مۇخبىر:«مۇھەببەت ۋە باشقا ئالۋاستىلار ھەققىدە» ناملىق رومانىڭىزنى 1949-يىلى «كائىنات گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە زىيارەت ئېلىپ بارغان مەزگىلىڭىزدە كاللىڭىزدا قېپقالغان ئوبرازلارغا ئاساسەن يېزىپ چىققانمڭدىڭىز؟
ماركوز:«مۇھەببەت ۋە باشقا ئالۋاستىلارھەققىدە»نى يېزىشتا كاللامدا قېپقالغان تۇنجى ئوبراز،بىر كۈنى بىرىنىڭ بىر قىزنى چېچىدىن سۆرەپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.ئۇ چاغدا ئۆز-ئۆزەمدىن:يەردە سۆرىلىپ كېتىۋاتقان قىزنىڭ قولىدىن نىمە كېلەتتى؟ئۇ نىمىشقا ئۇ قىزنىڭ چېچىدىن سۆرەپ ماڭغاندۇ؟دەپ سورىغانىدىم.شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوبراز دائىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىغان بولدى.مەنمۇ ئۇنى ئېسىمدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتىم.چۈنكى،دائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان ئوبرازلارنى ماڭا پايدىلىق دەپ قارايتتىم.«خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت»نى يېزىۋېتىپمۇ ئۇ قىزنى پات-پات ئەسلەپ تۇردۇم.ئۇ چاغدا ئۇ قىز چوقۇم شېئىرىي تۇيغۇلارغا باي شەھەر كارتاگېنادا ياشىشى كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم.لېكىن،كېيىن «سىرلىق قەسىردىكى گېنرال»نى يېزىۋېتىپ،ئۇنىڭ قانداق شەھەر ئىكەنلىكىنى تەكشۈرىپ باقتىم.نەتىجىدە،ئۇ چاغدا بۇ شەھەردە غالجىرلىق كېسىلى يامراپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندە مۇنداق بىر ئوي تۇغۇلدى:بولىۋار(«سىرلىق قەسىردىكى گېنرال»دىكى باش قەھرىمان شەھەردە يوغان بىر دەرەخكە ئۆلۈك ئىتتىن بىرى ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇچرىتىدۇ.بۇ ئىتنىڭ غالجىر بولۇپ ئۆلگەنلىكىنى ھەم ئۇ ئىت چىشلىۋالغان كىشىلەرنىڭ دەرھال كېلىپ ئۆزلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى.بۇ چاغدا ئۇزۇن چاچلىق ئۇ قىزنى يەنە ئەسلەپ قالدىم.ئەلۋەتتە ئۇنى شۇ غالجىر ئىت  تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىدى. بۇ خىل پەرەز مېنى بولىۋارنىڭ ئولتۇراق جايىغا باشلاپ باردى.ئۇ ماركىز بار دولىسنىڭ قورۇ-جايى ئىدى.شۇڭا،غالجىرلىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇ قىز ماركىزنىڭ قىزى بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم.قەلەم تەۋرەتمەي تۇرۇپ بۇ ۋەقەلىكنى كاللامدا ئوبدان پىشۇردۇم.ئۇ چاغدا بۇنى يازسام كىتاب بېتىدە يۈز بەرگەن يىگىرمە ،يۈز ئەللىك بەت چىقار دەپ مۆلچەرلىدىم.لېكىن،بۇ ئازلىق قىلاتتى.مەن ئاخىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلمەي قالدىم.
مۇخبىر:سىز يېزىشقا ئولتۇرغاندا ھەممە مەسىلىلەر يېشىلىپ،ۋەقەلىكلەرنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانمۇ؟
ماركوز:شۇنداق.ئۇنى ئاۋال بىر ئوقۇۋېتىپ سىلەرگە قايتا سۆزلەپ بەردىم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ ئەمدى تۈزۈتىشكە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.ئەمما،ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى پىششىپ بولغان،ئۆزگەرتىشكە بولمايتتى.
مۇخبىر:كىتابىڭىزدىكى بەزى پېرسۇناژلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.بەزىلىرى ئوقۇرمەنلەرنى بىزار قىلىدۇ.مەسىلەن،مۇناستىرنىڭ ئايال باشلىقى بېر نارد كېيىنكىسىگە تەۋە.كىتابىڭىزدىكى پېرسۇناژلار ئىچىدە قايسىلىرى سىزگە بەكرەك يارايدۇ؟
ماركوز: مېنىڭ ھەممىلا كىتابىمدا ماڭا ئالاھىدە يارايدىغان بىرەر پېرسۇناژ بار.مەن مۇنداق پېرسۇناژلارنى يېزىشقا بار ھېسسىياتىمنى ئاتىۋەتكەن.بۇ كىتابىمدىكى ئافرىنوسىئو دوختۇر،«خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» تىكى خېررىياس.د.ساينىت مارىيا ۋە «يۈز يىل غېرىبلىق»تىكى مېلكىيادېسلار مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ.ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بولۇشنى ئىستىگەن،مەن ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان پېرسۇناژلار.ئەمما،بۇ كىتابىمدىكى ئەھۋال باشقىچە.بۇ كىتابىمدا ھەر بىر پېرسۇناژغا باشقا كىتابىمدىكى پېرسۇناژلارغا قارىغاندا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان.لېكىن،مېنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئاددى ھەم سۆيۈملۈك تۇس.مەن دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئارتۇقچە ئوخشىتىشلارنى قوللانماي،تارىخقا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر خىل ئۇسلۇبنى ئىشلىتىمەن.چۈنكى،ئۇسلۇب تارىخنى ئەمەس،بەلكى ئۇسلۇبنى بەلگىلەيدۇ.
مۇخبىر:كىتابىڭىزدىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىلا ناھايىتى مۇۋاپىق قويۇلغان.سىز ئۇلارنى مەلۇم دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ قويغانمۇ ياكى ھازىرقى زامان ئادەم ئسىملىرىدىن تاللىۋالغانمۇ؟
ماركوز:بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى بىر مۇخبىر مېنىڭدىن،خۇئان لڭرف ئۆز ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارغا قەبرىلەردىن ئىسىم تاللايدىكەن،سىزچۇ؟ دەپ سورىغاندا مەن،ئۆيۈمدە بىر تېلېفۇن نومۇر دەپتىرى بار،ئىسىملارنى شۇنىڭدىن تاللايمەن،دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم.چۈىكى،ھازىرقى تېلېفۇن نومۇر دەوتىرىدىكى ئىسىملار ئۇزاق ئۆتمەيلا قەبرىستانلىقتىكى ئىسىملارغا ئايلىنىدۇ.شۇڭا ھەر ئىككىلىسىلا ئەمەلىيەتتە بىر ئىش.مەن شۇ تېلېفۇن نومۇر دەپتىرىدىن ئىسىم ئىزدەيمەن.ئەمما،شۇ چاغدىكى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ مەن تارىخشۇناسلار قوللىنالمايدىغان،ئەمما يازغۇچىلار قوللانسا بولىدىغان،ۋەقەلىك سادىر بولغان زامان بىلەن ماكاننى كونكرېتلاشتۇرماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ۋاستىنى تاللىۋالدىم.چۈنكى،بىر كىشى ھەرقانداق نەرسىنى ياساپ چىقالىغان يەردە،زاماننىمۇ توقۇپ چىقىرالايدۇ-دە،مەن پەقەت بىر نۇقتىغىلا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن،ئۇ بولسىمۇ سۆزنىڭ بېشى،چۈنكى،سۆز ئەسەرنىڭ ئېغىز تىلى مۇھىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.ئەگەر مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىمەن،ئۇلارنى 18-ئەسىر مۇھىتىغا باشلاپ كىرىمەن دەيدىكەنمەن،سۆز ئىشلىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىم كېرەك.خۇددى جۇغراپىيە،مەدەنىيەت،ياكى ئېتنوگرافىك مۇھىتىغا ئوخشاش،ئەسەردىكى ئېغىز تىلى مۇھىتىمۇ بەك مۇھىم،شۇڭا،بۇ جەھەتتە،بولۇپمۇ پېرسۇناژلارنىڭ .ئەمەلىيەتتە،بۇ تارىىنى 17-ئەسىرگە سۈرسەك كىشىگە تېخىمۇ چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.
مۇخبىر:مۇزىكىنىڭ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە تەسىرى بارمۇ؟
ماركوز:«ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى»نى يېزىۋاتقان چېغىمدا نۇرغۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان،بولۇپمۇ ئېسىل مۇزىكىلارنى.بۇ كىتابىمنى يېزىش ئەڭ تەس كەلگەن.جەمئىي يەتتە يىل ۋاقتىم كەتتى.ئۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە ئو ئىككى قۇر يازالىساملا رازى ئىدىم.ئۇنىڭدىن باشقا،مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمدا بۇ كىتابنىڭ يەنە ئەھنىيىتى بار.ئۇ بولسىمۇ«يۈز يىل غېرىبلىق» تىن چىقىپ كېتىش.«يۈ يىل غېرىبلىق»نى يېزىشقا پۈتۈن يۈرەك قېنىمنى سەرپ قىلىپ بولغانىدىم.ئەمدى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە بەرداشلىق بېرىشىمگە توغرا كېلەتتى،دوستلىرىم بىلەن ئوقۇرمەنلىرىم ماڭا ئەمدى بولدى قىلىڭ،«يۈز يىل غېرىبلىق»تەك  ئەسەر يازالمايسىز،دىدى.شۇنىڭ بىلەن مەن «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى» نى يېزىپ چىقتىم.كىتابنى يېزىۋېتىپ نۇرغۇن مۇزىكا تىڭشىدىم.بۇ كىتابىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى بىلىملىك ئىككى مۇزىكانت ئۆيۈمگە كېلىپ «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى»نىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ بېرا بار توك(ۋېنگىرىيە مۇزىكانتى)نىڭ بىر مۇزىكىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئەينەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.مەن مۇنداق بولارىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدىم.يەنە كېلىپ بۇ كىتابىم ئۇلارنىڭ مۇزىكا نەزەريىلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىدى.لېكىن، كىشى ھەيران قالدۇرىدىغىنى،مەن «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنى»نى يېزىۋاتقاندا راستېنلا بېرا بار توكنىڭ شۇ مۇزىكىسىنى دائىملا ئاڭلاپ تۇراتتىم.
مۇخبىر:«يۈز يىل غېرىبلىق» نى يېزىۋاتقان چېغىڭىزدا كۆپرەك قايسى مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان؟
ماركوز:پەقەت مېكسىكىنىڭ رانچېرا ئاھاڭىدىكى خەلق ناخشىللىرى بىلەن قوڭغۇز مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندىغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىدىم.بۇ ناخشا-مۇزىكىلار شۇ چاغدا راسا ئەۋچ ئالغانىدى.
مۇخبىر:سىز سېلۋا مارىيەنى ئۈزۈم يەۋاتقان مەزگىلىدىلا ئۆلتۈرىۋەتكەن،بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلانمامسىز؟
ماركوز:مەن ئەزەلدىن ئۆز پېرسۇناژلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ باققان ئەمەس،پېرسۇناژلىرىم ئۆزلىرى مېنى تاشلاپ كېتىدۇ.مەن ئامال بار ئۇلارنى ئۆلۈپ كېتىشتىن توسماقچى بولىمەن،لېكىن ئۇنىڭغا ئامال قىلالمايمەن.كىتابىمدىكى پېرسۇناژلىرىم ئۆلۈپ كەتكەندە،خۇددى راست بىر دوستۇمدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالغاندەك بولىمەن.
«يۈز يىل غېرىبلىق»نى يېزىش پىلانىم بويىچە ئۇسسۇرا ئىگوران ئەسلىدە ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان مەزگىلدە ئۆلىشى كېرەك ئىدى.لېكىن،ئۇنىڭ پۈتۈن روماننىڭ ئاساسىي تۈۋرىكى ئىكەنلىكىنى،ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتسەم،رومانىمنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇنداق يازمىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارۋىتىدىن تۇرۇپ يەنە ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.كېيىن قارغۇ بولۇپ قالدى.بۇ چاغدا ۋەقەلىك تۈگەپ رومانغا بۇ پېرسۇناژنىڭ ھاجىتى قالمىدى.شۇڭا،يازغۇچىلار ئۆز پېرسۇناژلىرىنى ئۆلتۈرمەيدۇ،بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ.
مۇخبىر: سىز يېزىقچىلىقنى ھوزۇر ھېس قىلامسىز ياكى بېسىم ھېس قىلامسىز؟
ماركوز:يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن چەكسىز ھوزۇر.يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا يا كېسەل بولمايمەن،يا بىرەر ئاغرىق سەزمەيمەن.ئۇنىڭدىن سىرت دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ،روھىمنى ئۆستۈرىمەن.ئۇيقۇسىزلىق بىلەن روھى چۈشكۈنلۈك ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا يازغان نەرسە ئالدىنقى كۈندىكىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ.شۇڭا،مەن ھەرگىز ھاراقنى كۆپ ئىچمەيمەن ھەم يېزىقچىلىق مەزگىلىمدە(ئادەتتە كۆپۈنچە كېچىلەردە) ھەر خىل يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپ تۇرىمەن.غىزالىنىشقا،بولۇپمۇ ھاراق ئىچكەندە كىملەر بىلەن بىللە بولۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.چۈنكى،كۆڭۈلنىڭ غەش بولۇپ قېلىشى ھاراققا ئەمەس،بەلكى بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن كىشىلەرگە باغلىق.ھەر كۈنى سەھەر ئورنۇمدىن روھلۇق تۇرۇش ئۈچۈن،مەن بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.
مۇخبىر:سىزنىڭ دائىم ئىلھامىڭىز كېلىپ تۇرامدۇ؟
ماركوز:«ئىلھام»بۇ سۆز خانىملارنىڭ ھوي،بۇ يەرگە كېلىپ قاراپ بېقىڭچۇ،بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى سىزنىڭ ئىلھامىڭىزنى قوزغىيالامدىكىن،دىگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش.مېنىڭچە،بۇنداق دىيىش ئادالەتسىزلىك،ھەر قېتىم بىرەر مەنزىرلىك جاي ئۇچرىسا،باشقىلار ماڭا مۇشۇ يەرگە كېلىپ يېزىقچىلىق قىلسىڭىز بولغۇدەك،دەيدۇ.لېكىن،ئۇ يەرگە بېرىشقا توغرا كەلسە،مەن يېزىقچىلىق ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بارىمەن.
مۇخبىر:سىز «مۇھەببەت ۋە باشقا ئالۋاستىلار ھەققىدە»نىڭ ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرگەنلىكىڭىزنى بىزگە سۆزلەپ بەرگەنىدىڭىز.سىزگە نىسبەتەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ ئوخشاشلا سېھرىي كۆچكە ئىگە .ئۇنىڭ شەكلى بىر خىل ئالاھىدە تەرتىپ.
ماركوز:ياق،مۇقەددىمىنىڭ تۇنجى ئابزاسى ھەمدە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك.بۇنى مەن كۆپ قېتىم ئېيتقان.تۇنجى ئابزاسنى يازماق ئەڭ قىيىن.چۈنكى،يازغۇچى ئالدى بىلەن ئۇسلۇب،تىل،رېتىم ھەققىدە باش قاتۇرىشى،ھىچقانداق ئاساسى بولمىغان شارائىتتا كىتابنى مۇشۇ يەردىن باشلىشى كېرەك.شۇڭا،تۇنجى ئابزاس ناھايىتى پىششىق بولمىسا بولمايدۇ.
مۇخبىر:سىز يېزىقچىلىق قىلغاندا قانداق كىتابلارنى كۆرىسىز؟
ماركوز:يېزىۋاتقان ئەسىرىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىلا كۆرىمەن.بۇ تۇرمۇشۇمدىكى زور بىر مەسىلە.كۆرمەكچى بولغان كىتابلىرىم بەك كۆپ،بىراق كۆرۈشكە ۋاقتىم يوق.بەزىدە بىرەر ئېغىز گەپ ئۈچۈنمۇ بىر كىتابنى كۆرۈپ چىقىشىمغا توغرا كېلىدۇ.مەسىلەن،ئىككى يۈز بەتتەك كېلىدىغان «مۇھەببەت ۋە باشقا ئالۋاستىلار ھەققىدە»نى يېزىپ بولغۇچە ئىككى يۈز كىتاب كۆردۈم.ئەسلىدە بۇنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.ماڭا ھاجەتسىز تۇيۇلىدىغان يەنە  بىر ئىشمۇ بار بۇ كىتابنى يېزىشقا تۆت يىل ۋاقتىم كەتتى،لېكىن ئۇنى ئىككى سائەتتىلا ئوقۇپ بولغىلى بولىدۇ.
مۇخبىر:سىز ئىككى كىتابنى تەڭ يېزىپ باققانمۇ؟
ماركوز:بۇ مۈنكىنمۇ.ئۇ خۇددى ھاراق بىلەن كوكا كولانى قوشۇپ ئىچكەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش.
مۇخبىر:مۇھەببەت سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن ئەسەرلىرىڭىزدە كەم بولسا بولمايدىغان تېما ئىكەن.
ماركوز:بارلىق كىشىلەر بىلەن بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىلا شۇنداق.
مۇخبىر:مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئەسەرلىرىڭىزدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلىرىنى ئۆز مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىڭىز دىيىشكە بولىدۇ،شۇنداقمۇ؟
ماركوز:ياق.مېنىڭچە بۇ ھېسسىياتقا بولغان تونۇشۇم.ھېسسىيات كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر خىل مىھىر-مۇھەببەت. ھايۋاناتقا نىسبەتەنمۇ شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ.
مۇخبىر:«ئەسلىمىلەر»ىڭىز، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ بەزى بۆلەكلىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن،سىز باشقا ئەسەر ئېلان قىلامسىز؟
ماركوز:نۇرغۇن ئەسەر ئېلان قىلسام دەپ ئويلايمەن.ھازىر شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى،ئەسەر يازمىسام ياشىيالمايمەن.

    مەنبە: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ئۆلچىمى تەجىربە دەرسلىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات كىتابىنىڭ 4- قىسمىدىن يوللاندى.      
                                    


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-2 23:38  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-22 02:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ئۆزى ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئ‍ولتۇرۇپ يازغان ئ‍ەسەرلا باشقىلارنى ھوزۇرلاندۇرالايدۇ

ۋاقتى: 2015-4-22 08:07:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۈز يىل غېرىپلىقنى ئ‍ۇقۇغان ،بەك ياخشى  ئ‍ەسەر ، بۇ بۈيۈك يازغۇنچىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان  يەنە باشقا  ئ‍ەسەرلىرى بولسا تەۋسىيە قىلارسىز، ئ‍ەجرىڭىزگە رەھمەت ،

ۋاقتى: 2015-4-22 13:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تېخى تۈنۈگۈن ئاخشام بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايۇنىغا جايلاشقان خىلۋەت كوچىدا كىتاب يايمىسى ئاچىدىغان بىرەيلەندىن «يۈز يىل غېرىبلىق» رومانىنىڭ خەنزۇچىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئاپتۇر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن! مۇشۇنداق بىلىم، ئۇچۇر قىممىتى بار ئەھمىيەتلىك تېمىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز!

ۋاقتى: 2015-4-22 13:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت، ساقلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2015-4-22 14:17:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق تىما ئكەن، مەن مۇشۇنداق سۆھبەت خاترلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىمەن. رەھمەت

ۋاقتى: 2015-4-22 19:08:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر،ھارمىغايسىز...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 20:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياقتۇرغىنىڭلارغا ،بەك خوش بولدۇم!

ۋاقتى: 2015-4-23 00:00:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     «يۈز يىل غېرىبلىق» مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ، ئەڭ كۆپ ئوقۇغان كىتابنىڭ بىرسى. ھەربىر ئوقۇسام بىر يېڭى بەھىر ئالىمەن.  ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللاپسىز،  قېرىندىشىم. سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2015-4-23 11:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كاتتا تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.  نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. مۇشۇنداق نادىر سۆھبەتلەرنى ئۇچراتسىڭىز جاپانى بىز ئۈچۈن بولسىمۇ تەرك ئېتىۋېتەرسىز. كۆڭۈل رەھمەتلىرىمىز سىزگە چىن مەنىسى بىلەن يېتىدۇ خىسلەت خېنىم.  سالامەت بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-4-23 12:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-4-22 13:08
تېخى تۈنۈگۈن ئاخشام بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايۇنى ...

يۈز يىل غېرىپلىق دىگەن  كىتابنى بەك ياخشى دەپ ئاڭلىغان، بىراق تاپالمىغان ئىدىم بىراق ئاپتۇر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق   بولدۇم .رەھمەت سىزگە ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش