كۆرۈش: 2016|ئىنكاس: 1

دىلئاچار: زامان ئاراچلىرىدا ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
زامان ئاراچلىرىدا ئويلىنىش

مۇھەممەدئەلى ئوبۇلتارى دىلئاچار


(بۇغدا ئابدۇللانىڭ «بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىرى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش)


شېئىرغا كىرىش

«بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىردا، ئەڭ ئاۋۋال دىققىتىمىز چۈشىدىغىنى ئۇنىڭ شەكلىدۇر. كۇبلىتلىق شەكىل، ئەركىن قاپىيە تۈرى، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ شەكلىگە يانداشقان قۇرۇلما كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئەمما ئىنچىكە كۆزەتكىنىمىزدە، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنمايدىغان بىر قىسىم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ بايقايمىز. يەنى شەكلى ئەنئەنىۋىي بولسىمۇ، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتكە قارشى ھالدا بوغۇم تەڭ بولماسلىق ھادىسىسى بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدا كەڭ كۆرۈلۈدىغان ھادىسىدۇر. مەن بۇنى بۇغدا ئابدۇللانىڭ پىكىرنىڭ پۈتۈنلىكى ئۈچۈن، سۆزلەرنى كەممۇ ئەمەس، ئارتۇقمۇ ئەمەس ئىشلىتىشىدىن بولغان دەپ پەرەز قىلدىم. بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدا پىكىرنىڭ تولۇقلۇقىغا ھۆرمەت قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىر خىل ئازادە، يېنىك، يېقىشلىق كەيپىيات ئىچىدە پۈتۈپ چىقىدۇ. ئادەم ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە مەلۇم ئويلىنىشقىمۇ تەڭلا ئېرىشىدۇ. شېئىرنى قايتا بىر رەت ئوقۇغىنىمىزدا، ماۋزۇسىنى ئويلايمىز. ماۋزۇنىڭ ئۆزى بىر خىل جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئويلاندۇرۇش مەناسىغا تويۇنغان. شېئىردىكى «بۈگۈن ۋە ئەتە» بىلەن رېئاللىقتىكى «بۈگۈن»، «ئەتە»لەرنىڭ نېمە پەرقى بار، قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇغدا ئابدۇللا بۇ شېئىرى ئارقىلىق قانداق بىر پىكىرنى يورۇتۇپ بەرمەكچى؟ مانا بۇ شېئىرغا كىرىشىمىزدىكى ھالقىلىق سوئال. ئاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغىنىمىز، شېئىر دېگەن نېمە؟ شېئىرنىڭ ئادەمگە نېمە كېرىكى بار؟ بۇ سوئال بولسا بىزنىڭ مەلۇم بىر شېئىردىن ئېرىشمەكچى بولغان «نەرسە» لەرگە يېتىشىمىزدىكى چىقىش نۇقتىسى. شۇنداق ئويىلىساق، شېئىرنى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان چۈشىنىشىدۇ، تەسىراتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېرىشكەن «نەرسە»لىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس.
شېئىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىيلىك سىستېمىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئويلىنىش پەيدا قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم ياخشى شېئىرلارنى ئوقۇغاندا كۆپىنچە ئەقىلىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلانغانغىنىنى، ھېسىياتىنىڭ دولقۇنلاۋاتقىنىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئوقۇرمەنگە ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، شېئىرنى ئوقۇپ زوقلىنىشتىن كېيىنكى تەسىراتتۇر، يەنى پەيدا بولغان ئويلىنىش مەسىلىسىدۇر. ھالبۇكى، بۇلار ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، روھىي دۇنيا پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنى رېئاللىق بىلەن باغلاشمۇ مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى. شېئىر كۈچلۈك ھېسسىي ئىجادىيەت، ئۇ ھامان ئىستىخىيەلىك تاللاش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا دائىم «ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنى» دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. ئەمما شېئىر پۈتكەندە، ئۇ ھېسسىيات باسقۇچىدىن قۇتۇلىدۇ. يەنى ئوقۇرمەنلەر شېئىرنى ئوقۇشتا ھېسسىي ھاياجاندا، ھۇزۇرلىنىش نوقتىسىدىلا توختاپ قالمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر ھەمىشە شېئىردىن مەلۇم بىر «نەرسە» گە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا مۇشۇ مەقسەتنىڭ تۈرتكىسىدە ئادەم ئۆزى بىلەن ئۆزگە، ئۆزى بىلەن ئۆزى، ئۆزى بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى زەنجىرسىمان بوشلۇقتا تۇرۇپ، شېئىرغا قايتا نەزەر سالىدۇ. «1997- يىلى 2- ئاي»[1] دا يېزىلغان «بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق بۇ شېئىرنى تۇنجى قېتىم 2005- يىلى تولۇقسىزدا ئوقۇغانىدىم. ئۇ چاغدا پەقەت نېمىدۇر بىر «نەرسە» نىڭ بەرگەن تەسىرىدىن ھوزۇرلىنىپلا ئۆتۈپ كېتىپتىكەنمەن. 2010- يىلى تولۇقنىڭ دەرسلىكىدە قايتا ئوقۇغۇنىمدا، يەنە باشقىچە تۇيغۇغا ئىگە بولدۇم. شېئىرنى ئەنە شۇ چاغدا يادلىۋالغانىدىم. كېيىن دەرسلىكتە شېئىر «ئۆزلۈك تۇيغۇسى» بىلەن باغلاپ تۇرۇپ سۆزلەندى. شۇ چاغدا گەرچە شېئىردىن ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان «نەرسە»نىڭ غۇۋا سېزىمىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، بىراق يەنىلا بىر خىل ئېنىقسىز ئىدى، ئۇ «نەرسە»نىڭ زادى نېمىلىكىنى ئاڭقىرالمىغانىدىم. ئالىي مەكتەپنى رەسمىي ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغىنىمدىن كېيىن، مەن ئۇنتۇيالمىغان بۇ شېئىرغا قايتا نەزەر سالدىم. ئۇنىڭدا ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان «نەرسە» قانداقتۇر مەلۇم كونكېرتنى نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئۇ روھ، رېئاللىق، ئادەم، جەمئىيەت، ئۆز (مەن)، ئۆزگە (سەن، ئۇ)، ئورۇن، زامان (ۋاقىت)لەر بىلەن باغلىنىپ كەتكەن زەنجىرسىمان «مەجھۇل نەرسە» ئىكەن.  تۆۋەندە «بۈگۈن ۋە ئەتە» دىكى ئۆزۈم ئېرىشكەن بىر قانچە نۇقتا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

زامان قارىشى

بىرىنچى كۇپلېت باشلىنىش بىلەنلا، بىر خىل زامان چۈشەنچىسى ھېس قىلىمىز. بۇ خىل زامان، يەنى ۋاقىت چۈشەنچىسى بىزنى شېئىر توغرىسىدىكى ئويلىرىمىزغا ئۆتۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. بىرىنچى كۇپلېت:

ئاقىللار ئەتىنى ئويلايدۇ بىر- بىر،
بەزىلەر بۈگۈنگە تامامەن ئەسىر.
بەخت ۋە يا ھالاكەت،
ئەتە دېمەك مۇقەررەر تەقدىر[2].

شېئىردىكى ۋاقىت ئۇقۇمى باشقا پەنلەردىكى، يەنى فىزىكىلىق ۋاقىت ئۇقۇمى، بىيولوگىيەلىك ۋاقىت ئۇقۇمى، پىسخىك ۋاقىت ئۇقۇمى قاتارلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ. شېئىردىكى ۋاقىت ئۇقۇمى بىر خىل غايىۋىي، ئىدىيال ۋاقىتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ مەۋجۇدىيىتىمىزدە ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت ئېقىنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شېئىردىكى ۋاقىت «يىل، ئاي، كۈن» بىرلىكلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تەپەككۇردىكى ۋاقىت، زامان قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. شېئىردا ۋاقىت باشقا بىر خىل پەلسەپەۋى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا شائىرنىڭ دەۋاتقان «بۈگۈن» ۋە «ئەتە»سى قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پاتقاندىكى قىسقىغىنا ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شېئىرىي تەپەككۇرنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، «بۈگۈن»نى شېئىردىكى ۋاقىت بۇيىچە چۈشەنسەك، كۆز ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈۋاتقان دەل مۇشۇ قىسقىغىنا بىر لەھزىدىن ئىبارەت بولغان «ھازىر»دىن ئىبارەتتۇر. بىراق بۇ «ھازىر»نىڭ ئۆزىنى كونكرېتنى كۆرسەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئۇ «ھازىر» دېگەن سۆزنى ئېيتىپ بولغۇچە «تۈنۈگۈن» گە ئايلىنىپ قالىدۇ. «ھازىر»نى مەڭگۈ خاتىرىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇ بىر مەۋھۇم قۇرۇلمىدۇر. ھالبۇكى، «ئەتە» بولسا «ھازىر»غا ئايلىنىش ئالدىدىكى قىسقا لەھزەدىن تارتىپ يىراق كەلگۈسىگىچە بولغان جەرياننى كۆرسىتىدۇ. يەنى «ئەتە» تەپەككۇرىمىزدا قۇرۇلۇۋاتقان ئۇزاق بىر جەرياننىڭ تەسەۋۋۇرى بولىدۇ. تەسەۋۋۇر بولسا «ئۆز»ىنى قايتا يارىتىدىغان تەپەككۇر شەكلىدۇر. شائىرنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنى، بىرمۇبىر «تۈنۈگۈن» گە ئايلىنىۋاتقان «بۈگۈن» گىلا «ئەسىر» بولماي، بەلكى «تەقدىر ۋە يا ھالاكەت»نى بەلگۈلىگۈچى «ئەتە» توغرىسىدا ئويلىنىشتۇر. «ئۆز»ىنى يارىتىش تەسەۋۋۇرىغا يۈزلىنىشتۇر. يەنى ئىنسان ئۈچۈن «ئەتە» قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان «مۇقەررەر تەقدىر»دۇر. مەشھۇر شائىر ياڭلىيەن (1955- يىلى شىۋېتسىيەدە تۇغۇلغان، خەنزۇلارنىڭ بۈگۈنكى زامان شائىرى) «تەپەككۇر تاختىسىدىكى سىلجىش» ناملىق سۆھبىتىدە شېئىردىكى ۋاقىت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹ھازىر›نىڭ زادى نېمىلىكىنى بىلمەيمىز؟، شۇنىڭ بىلەن، شېئىردا قايتا- قايتا ‹ھازىر›دىن ئىبارەت بىر تېما كۆرۈلىدۇ، بۇ دەل ‹ھازىر›غا قۇيۇلغان سوئالدۇر. ئەمما‹ھازىر› بىزدىن يىراقتۇر، شۇڭا ‹ھازىر›نى يوقىتىشنى دەيمەن، ‹ھازىر›دىن ئىبارەت ئاشۇ لەھزىگە سىڭىپ كىرىش جەريانىدا، ‹ئەتە›نى چەكسىز مەناغا ئىگە نەرسىگە كېڭەيتكىلى بولىدۇ»[3]. دېمەك، شېئىردىكى ۋاقىت، زامان مەسىلىسىگە شېئىرىي نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىزدەنگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىر خىل ئالاھىدە يوشۇرۇن خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەۋاتقىنى ھېس قىلىمىز. دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەت بىزنىڭ شېئىردىن مەلۇم بىر «نەرسە» گە ئېرىشىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

تەرتىپ ئۇقۇمى

ئىككىنچى كۇبلىتتا ئاۋۋال ئويلايدىغىنىمىز تەقدىر توغرىسىدىكى خىيال. ئەمما شېئىردا تەقدىر بىلەن بىرىكىپ كەتكەن تەرتىپ ئوقۇمى مەۋجۇت. بىز بۇ خىل تەرتىپنى خىلمۇخىل نۇقتىلاردىن كۆزەتكىنىمىزدە، تەرتىپتىن تەرتىپسىزلىككىچە بولغان جەرياندا، ئادەمنىڭ ئۆزىنى بايقاش، ئۆزىنى تونۇش مەقسىتى، تەشەببۇسىنىڭ مۇجەسسەم بولغىنىنىمۇ ھېس قىلىمىز. ئىككىنچى كۇپلېت:

كۈلكە ھېچكىمدىن مىراس قالمىغان،
ھېچكىم يىغىنى سېتىپ ئالمىغان.
ئاۋۇنىڭ كەينىدە ماۋۇ بار،
شۇنداق چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ جاھان[4].

«كۈلكە»، «يىغا»، ئوقۇبەت، بەخت، خۇشاللىق، ئازاپلار ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇرمۇشىمىزغا قارىغىنىمىزدا، ھېچقانداق بىر كەيپىياتنىڭ ھېچكىمگە تەقدىر قىلىنمىغىنىنى بايقايمىز. ھەركىمنىڭ رېئاللىقى مەلۇم بىر ئالمىشىش، ئۆگىرىش رېتىمىدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەم مەڭگۈلۈك ئوقۇبەت ياكى بەخت ئىچىدە ئۆتۈشى ناتايىن. بۇغدا ئابدۇللا بۇ كۇبلىتتا زامان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ چىقىپ، تەقدىر مەسىلىسىنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. شېئىردىكى زامان، ۋاقىت ئۇقۇمى، بولۇپمۇ ئەتىنىڭ تەسەۋۋۇرى بىزنى تەقدىر ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. مانا بۇ شائىرنىڭ ھېسسىيات باسقۇچىدىلا توختاپ قالماي، ئويلىنىشنى، تەپەككۇرنى ئالدىمىزغا قويغىنىدۇر. ھېچكىمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈلۈك پۈتۈلۈپ كەتمەيدۇ، ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى، ئۆزىنىڭ ئەتىسىنى ئۆزى يارىتىدۇ. «جاھاننىڭ چۆرگۈلەپ تۇرۇشى» بىزگە مەلۇم رىتىم، قانۇنىيەت، تەرتىپتىن بېشارەت بېرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ تەقدىر تەرتىپى «ئالەملىك رىتىم» بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز بۇنداق ئالمىشىش، ئۆزگىرىش تىپىدىكى تەرتىپتىن تاشقىرى ياشىيالمايمىز، تەرتىپتىن قۇتۇلالمايمىز. مەشھۇر شائىر چىزىسفوۋ مىفوز (1911~ 2004، پولشالىق شائىر، نەسرچى، ئەدەبىياتشۇناش، شېئىرىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرى مەشھۇر) «شېئىرنىڭ گۇۋاھچىسى» ناملىق كىتابىنىڭ «خارابە ۋە شېئىرىيەت» بابىدا «كىشىلەر ھەمىشە مەلۇم تەرتىپ ئىچىدە ياشايدۇ، بۇنداق تەرتىپ بولمىغان ھالەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس»[5] دەيدۇ. دېمەك، تەرتىپتىن تاشقىرى رېئاللىق يوق. ئەمما شېئىردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەرتىپ ئىچىدىكى تەرتىپسىزلىكمۇ بىزنى ئويغا سالىدۇ. مەلۇم تەرەپتىن تەرتىپسىزلىكمۇ تەرتىپنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر. دەل مۇشۇ تەرتىپتىكى تەرتىپسىزلىك ياكى تەرتىپتىن تەرتىپسىزلىككىچە بولغان جەريان ئادەمنىڭ ئۆزىنى يارىتىشقا پۇرسەت بېرىدۇ. ئادەم ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇپ، بەختكە ئېرىشىدۇ. يىغىدىن كۈلكىگە ئۆتىدۇ. ياكى بۇنىڭ ئەكسىنچە بولىدۇ. يەنى ئالمىشىش تەرتىپىدە تۇرىدۇ. بۇ جەريان ئادەمنىڭ «سەرخۇش ئۆز»ىنى يارىتىش جەريانىدۇر.

ئۆزلۈك ئاتالمىسى

ئۈچىنچى كۇبلىتتا دۇچ كېلىدىغىنىمىز، ۋاقىت ۋە تەرتىپتىن قۇتۇلۇش جەريانى. يەنى «ئۆزلۈك» ئاتالمىسىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى. شېئىرنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېرىشكىنىمىز قاتارلىقلار. ئۈچىنچى كۇپلېت:

ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ ئەتە،
بەلكى ساڭا كەلگەندىن بەتەر.
يالغۇزلۇقتا كۆڭۈل شۇنداق ساپ،
ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى گۈزەل نەقەدەر[6].

ئالمىشىش تىپىدىكى تەرتىپتە ئادەم بەخت بىلەن ئوقۇبەتتىن قايسىنى كۈتۈۋېلىشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. يەنى زاماننى ئالدىنئالا كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. «ئەتە» بىر خىل تاللاشسىز ۋاقىت ئۇقۇمىدۇر. بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تاللاشسىز ۋاقىت ئۇقۇمىغا، تەرتىپتىكى تەرتىپسىزلىككە، مۇمكىنسىز ئالمىشىشقا  نىسبەتەن، «ئۆزلۈك» ئۇقۇمىنى تىلغا ئالىدۇ. ئادەمنىڭ «ئۆزلۈك»ى تەرىپىدىن يارىتىلغان «دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل» بولىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ. ئادەمدە «ئۆزلۈك» تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئۆز ئورنى، ئۆز قىممىتى، ئۆز ماھىيىتى توغرىسىدىكى ئويلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. شېئىردىكى «ئۆزلۈك» ئۇقۇمى بولسا رېئاللىقتىكى سالاھىيەتلەرگە تۇتىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇغدا ئابدۇللانىڭ «ئۆزلۈك» ئاتالمىسى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىكى دەسلەپكى ئويغىنىش باسقۇچىنىڭ بىشارىتىدۇر. چۈنكى «ئۆزلۈك» ئۆزىنى تونۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، يەسەۋى، نەۋايى، مەشرەپ، زەلىلىيلەرنىڭ تېكسىتلىرىدىمۇ «ئۆزلۈك»، «ئۆزلۈكنى تويۇش»، «ئۆزلۈكتىن كېچىش» ئۇقۇملىرى ئۇلارنىڭ شېئىرىيىتىكى مەلۇم پەللىگە ۋەكىللىك قىلغان. بۇغدا ئابدۇللا مۇشۇ ئۇقۇملارنى يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىگە قايتا چاقىردى دېيىشكە بولىدۇ. «ساپ» لىققا، «ساپ» دۇنياغا ئىنتىلىش ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكى بولسا كېرەك. بۇغدا ئابدۇللانىڭ «ساپ»لىق ئۈچۈن «يالغۇزلۇق»نى تىلغا ئېلىشى بىر خىل بېكىنىۋېلىش ئەمەس، بەلكى كىلاسسىك شېئىرىيەتتىكى «زاھىت»لىق ئاتالغۇسىنىڭ، «روھىي دۇنيادىكى يەككە شەخس تۇرمۇشى»نىڭ قايتا ئىزدىنىلىشى، يەنى ئادەمنىڭ «ئۆز»ىنى بىلىشىنىڭ، «ئۆزلۈك»ىنى ئاڭقىرىشنىڭ تەشەببۇسىدۇر. شېئىردىكى زامان  قارىشى، تەرتىپ چۈشەنچىسى، ئۆزلۈك ئاتالمىسى بىزگە شۇنداق بىر «نەرسە» نى ئەسكەرتىدۇ. بۇنى جون لوئىس بورخىس (1889~1986، ئارگېنتىنالىق شائىر، يازغۇچى، تەرجىمان) نىڭ تۆۋەندىكى قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنسەك تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك. جون لوئىس بورخىس «بورخىس سۆھبەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنىڭ «ۋاقىت نېگىزلىك سىر» بابىدا « مەن ۋاقىتنى نېگىزلىك سىر دەپ قارايمەن. باشقا نەرسىلەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن چۈشەنمەك تەس... بوشلۇق مۇھىم ئەمەس. ۋاقىت توغرۇلۇق سۆزلىسام، ئۇنىڭغا قانداق تەبىر بېرىشنى بىلىمەن... ۋاقىت مەسىلىسى ھەقىقىي مەسىلىدۇر. ۋاقىت مەسىلىسى ئۆزلۈك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. چۈنكى ئۆزلۈك زادى نېمە دېيىلگەندە، مەن دەيمەنكى، ئۆزلۈك ئۆتمۈش (تۈنۈگۈن)، ھازىر (بۈگۈن)، يەنە كېلىۋاتقان ۋاقىت (ئەتە) قا نىسبەتەن، كەلگۈسىگە نىسبەتەن، ئالدىن قىياستىن ئىبارەتتۇر»[7] دەيدۇ. دېمەك «بۈگۈن ۋە ئەتە» دىن ئىبارەت ۋاقىت تېمىسى ئىچىدە «ئۆزلۈك» ئاتالمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. «ئۆزلۈك» ئاتالمىسى ۋاقىت ئۇقۇمىغا بېرىلگەن جاۋابتىن ئىبارەتتۇر. مانا مۇشۇ ئۆزلۈكنى تۇيغان كىشى ۋاقىت سىستېمىسى ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى، قىممىتىنى تونۇپ يېتىدۇ.

خۇلاسە

خۇلاسە قىلغاندا، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «بۈگۈن ۋە ئەتە»سىدە شۇنداق نەرسىگە ئېرىشىمىز مۇمكىن. زامان قارىشى، تەرتىپ ئۇقۇمى، ئۆزلۈك ئاتالمىسىنىڭ پۈتۈن شېئىردا، «ئۈچبۇلۇڭ» نى ھاسىل قىلغان ئۈچ چوققا ياكى ئۈچ تەرەپكە ئوخشاش ئۈچ نۇقتىدا چاقناپ تۇرۇشى بىزنى ئادەملىكىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. رېئاللىقتا، ھاياتتا ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز «ئەتە» (تەسەۋۋۇرى) سى بولىدۇ، ھەر بىر كىشى «ئۆز»ىنىڭ ئەتىسىگە يۈزلەنسىلا، رېئاللىق، ياشام، تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈرلۈك، ئازاب، خۇشاللىق، ئوقۇبەت، بەخت مەسىلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ، تەقدىر تەرتىپنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، «ئۆزى»گە توغرا يۈزلىنەلەيدۇ، «ئۆزى»نى قايتا بايقىيالايدۇ، «ئۆز»ىنى قايتا يارىتالايدۇ.

مەنبەلەر:


[1]، [2]، [4]، [6]: بۇغدا ئابدۇللا: «قەدىمىي يارغولدا كەچكۈز»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008- يىلى 7- ئاي نەشرى، 70- بەت.
[3]: ياڭلىيەن: «بىردىبىر ئاناتىل ـــــــــ ياڭلىيەن: شېئىرىي تۇيغۇنىڭ دۇنياۋى دېئالوگى» (خەنزۇچە)، خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2012- يىلى 4- ئاي نەشرى، 204- بەت.
[5]: چىزىسفوۋ مىفوز: «شېئىرنىڭ گۇۋاھچىسى» (خۇاڭ شىيەنرەن تەرجىمىسى)، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، (خەنزۇچە)، 2011- يىلى 11- ئاي نەشرى، 109- بەت.
[7]: جون لوئىس بورخىس: «بورخىس سۆھبەت خاتىرىسى» (شى چۈەن تەرجىمىسى)، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، (خەنزۇچە)، 2014- يىلى 10- ئاي نەشرى، 230- بەت.

( ئاپتور شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 12:30  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
مەستۇرە0 + 10 ئېسىل يېزىلغان ماقالە

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-22 16:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد ئەلىنىڭ بۇ ماقالىسىنىڭ پىكىر يولى ئېنىق ، مۇھاكىمە تۈسى ئىزچىللىققا ئىگە بوپتۇ. شۇنداق شېئىرىيەت توغرىسىدا يېڭىچە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش