سۆيۈش
ياسىن مىجىت
قارا قاشىڭ توسار يولۇمنى،
كىرپىكىڭدە قونۇپ ئۆتۈشكە.
قارىچۇقۇڭ قىلىدۇ ھەيۋە،
كۆزلىرىڭگە قېنىپ سۆيۈشكە.
سۇمبۇل چېچىڭ قويماقچى باغلاپ،
چاپچىپ كەلگەن ئىشىق ئوتۇمنى.
قىلىچ كەبى تورىدۇ توسۇپ،
قاڭشىرىڭمۇ سۆيگۈ يولۇمنى .
قاشتېشىدەك سۈزۈك چىشلىرىڭ،
قاراۋۇلكەن ئوتلۇق لىۋىڭگە.
ئاھ يېرىلىپ كېتەرمۇ يۈرەك،
قېنىپ سۆيسەڭ تەشنا لىۋىمگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-20 22:18