بېيجىڭ رەسەتخانىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈش
ئادىل تۇنىياز
مىنىڭ كۆزلىرىم قارا يۇلتۇز،
تۈن ئاسمىنىغا باقسام ئەگەردە.
مىنىڭ جىسمىم بىر ئاسمان جىسمى،
لەيلەپ يۈرەر مۇشۇ شەھەردە.
ئۇشبۇ مىنۇتلارنىڭ ئالدىدا،
قىزىل قۇشلار ئۇچقانتى لەپ-لەپ.
قاراڭغۇ دەرەخلەردىن دالدىدا،
ئاۋام ئاتايتتى كۈن پاتتى دەپ.
بىر توپ پەرشتە ئۈستەل كەينىدە،
يۈرەر ئىدى ھاۋادا ئۇچۇپ.
ئاستېرنوم كۈزىتەر تېلىسكۇپتا،
يۇلتۇزلارنى كۆرۈش ئۈچۈن.
路过北京天文台
假若遥望夜空
我的眼睛是黑色的星星
我的躯体是一颗天体
仍旧飘落在这座城市
就在此刻之前
阴森后面
一群群红鸟落地失踪
普通人看就说太阳下山
一群天使在桌子的上空
一位天文学家对着望远镜看星星
如果没有眼睛望远镜无用
天文学家会失业若没有天体和天空
قەشقەر ئانارى
تارىخنىڭ كىرىش ئىشىكىدىكى،
بىر كىشى رەببىگە ئۆي سالماقتا.
ئۆزىنىڭ بولسا ئۆيى يوق تېخى.
ۋاقىتنىڭ ئايلانمىسىدا،
كۈن پېتىشقا قاراپ بىر ئايال،
قىزىل يىپتا ئاسماننى يامار.
مەن ئاڭلايمەن ئەزان ئۈنىنى،
مەزىن بىزنى شامغا چاقىرار.
كوناشەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن،
خۇدانىڭ ئاشىقى بولغان بىر ئادەم،
يەتتىنچى ئاسمانغا تاشلىدى قەدەم.
ئۇندا قۇياش پارتىلايتتى.
قەشقەرنىڭ ئانارىدەك قىپقىزىل پېتى.
خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: مۇختار قۇربان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-21 23:25