دادامنىڭ ئۈجمىللىرى پىشتى
قۇچقاچلار ،سۇپسۇپىياڭلار يەپ تويدى.
ئۆرۈكلىرى پىشتى،
قۇچقاچلار ،چاشقانلار يەپ تويدى.
بۇغدايلىرى پىشتى،
ئاپتاپ يەپ تويدى.
دادامنىڭ ئۆمرى پىشتى ،
بىز يەتتە قۇچقاچ يەپ تويمىدۇق.
.........................
دادام...
مۇنەۋۋەر
نىمە دەي،نىمىمۇ يازاي
قەلبىم ھەسرەتتە
قەلىمىم نادامەتتە.
سېغىنىشلىق بىر ئۇدار
چاڭقاپ كەتكەن بىر خىيال
ساقىپ كەتكەن بىر سۈرەت
دادام كۆز يۇمغان دەقىقە
ئېچىنىشلىق مەنزىرە...
2015-4-21
ئۇشبۇ قۇرلارنى ئوقىۋېتىپ رەھمەتلىك دادامنى ئەسلەپ قالدىم.