تۇرسۇنجان مەن كىچىكىپرەك دىققەت قىلغان، ئەمما شېئىرلىرىدىن ئىچىمدىن سۆيۈنگەن ياشلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىر ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلاردىن كۆڭلۈم يورىغان ئىدى. قايسىبىر مىسرالارنى بىرگە يازغاندەك ئىچىمنى ئاختۇرغان ئىدىم.
بۇ بىر ئۇزۇن كوچا. بۇ كوچىنىڭ قايسىبىر دوقمۇشلىرىدا يەنە سىز ياڭراتقان «ناخشىلارنى» ئىشىتكىنىمدە مانا بۇ مەن بىلىدىغان كۈلپىتى دېمەكنى ئىستەيمەن ۋە چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
پاكىز نىيەت ۋە پاكىز ئىقباللار نىسىپ بولسۇن!
|