(39-سان)
تۇرسۇن قۇربان كۈلپىتىنىڭ تەرجىمھالى
تۇرسۇن قۇربان كۈلپىتى 1986 – يىل 6 – فېۋرال چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزا دۆڭمەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ناھىيەسىدە تاماملاپ، 2006 – يىل سېنتەبىردىن 2011 – يىلى ئىيۇنغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ھازىر شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىىياتىدا مۇھەررىرلىك قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيتى 2001 – يىلى باشلانغان، دەسلەپتە روزى سايىت، مۇھەممەدجان راشىدىن… قاتارلىق ئاممىباب ئۇسلۇبتىكى ئۇستاز شائىرلارنى ئۈلگە قىلىپ قەلەم تەۋرەتكەن بولسا، كېيىنچە دوستلىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭىچە شېئىرىيەت ۋەكىللىرىدىن بولغان ئەخمەتجان ئوسمان، ئادىل تۇنىياز، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، قەيسەر تۇرسۇن، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى… قاتارلىق ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپلەپ ئۇچراشقان ھەمدە ئىپادىلەش شەكلىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئىستۇدېنت»، «كارخانىچى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»… قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا شېئىر، ماقالە، شېئىرىي تەرجىمە، ئەدەبىي ئوبزور… قاتارلىق ھەرخىل ژانېردىكى 90 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. 2014 – يىل ئاۋغۇستتا چەرچەن ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە «ئىشىكنى چەكمىگىن ئېزىپ كېتىمەن» ناملىق شېئىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2014 – يىل ئۆكتەبىردە شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كارامەت بالا مامىڭجيا» ناملىق تەرجىمە بالىلار رومانى نەشر قىلىنغان. ئۇ ھازىر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
كۈلپىتىنىڭ دىل بايانى: شېئىرىيەت كوچىسىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈپسۈزۈك دەرياغا ئوخشىتىمەن، بۇ دەريا ئۆتمۈشتىن ئېقىپ كېىلىپ كەلگۈسىگە كېتىدۇ. «شائىر» ئاتالغان ھەربىرىمىز بۇ دەريانىڭ ئەتراپىدا پىرقىراپ يۈرىمىز ھەم ئۇنىڭدىن ئاز – تولا گۆھەر سۈزىۋېلىشقا تىرىشىمىز. كۆپ قىسىملار گۆھەرلىرىنىڭ باھاسىنى بىچارىلىك بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تارازىسى ئارقىلىق ئۆلچەشكە تىرىشىدۇ، ماڭا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ يازمىلىرىمغا قانداق باھا بېرىشى مۇھىم ئەمەس. مەن پەقەت ئىچكى تۇيغۇمنى ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان شەكىلدە، ئۆزۈم رازى بولغۇدەك، بىر قىسىم پەرھىزلىرىمنى بۇزمىغان ھالەتتە ئىپادىلىيەلىسەملا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. مەن شائىر ئەمەس، يازغانلىرىمنىمۇ شېئىر دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت قەلبىمنىڭ دىيالوگلىرىنى خاتىرىلىگۈچى، يازغانلىرىم دىيالوگ خاتىرىلىرى. ئىنسان ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ، ياشىغان ئىكەن چوقۇم ئازراق ئىز قالدۇرۇپ كېتىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ سۇغا چۈشكەن چالمىدىن نېمە پەرىقى!؟ تارىختا كاتتا سەلتەنەت ئىگىلىرى ئۆتتى، ئەمما ئۇلار زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلدى، پەقەت قەلەم ئارقىلىق قەغەزگە پۈتۈلگەن نادىر يازمىلارلا ئاپتورنى مەڭگۈلۈك قىلدى… «ياشىغانلىقىمنىڭ يادىكارى بولۇپ قالسۇن» دەپ «خاتىرە»لىرىمنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن، يازغانلىرىم ئارقىلىق كاتتا «شېئىرىيەت ئىمپېرىيەسى» قۇرالمىساممۇ، كىچىكىنە «نەزم خاندانلىقى» ھېچبولمىغاندا «خاتىرە باغچىسى» قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمەن…
خىيال كېچىسى
مېنىڭدىن باشلانغان يۇشۇرۇن بىر يول،
سېنىڭدە چېچەكلەپ كۆپىيەر چەكسىز.
يېتەلمەي چېكىگە كۈندە كېچىسى
قانايمەن قىرىق مىڭ، بىراق سەن غەمسىز…
قانايمەن قىرىق، مىڭ بىراق سەن غەمسىز،
كۆڭۈلنىڭ پەريادى يېتەر پەلەككە.
سۇ بولۇپ ئاقارمەن، گۈر – گۈر كۆيەرمەن،
تاڭغىچە تولغىنىپ ئۆتەر ھەر كېچە.
گۇگۇمدا كۆكلەيدۇ، تاڭدا توزۇيدۇ،
خەنجەرگە تۆش ئېچىپ يەنە شۇ خىيال.
ماڭغانچە كۆپىيىپ بارار يېڭى يول،
سەن سىياق پاتار ئاھ جانغا مىڭ سوئال…
بىردەم ئۇخلا
(قىسمەتلىرىمگە)
بىردەم ئۇخلا،
ھايات دوقاللىرىدا مېنى قاقشاتما.
كەلگەن جانمەن، يەنە كېتىمەن،
بىلى سۇنماس تاغلارغا مېنى ئوخشاتما.
يارالمىشىمدا باردۇر سىر ــ ھېكمەت،
كېلەچىكىم ماڭا قاراڭغۇ.
يازىمەن دەپ ئاۋارە بولما،
بىر بەندىمەن ھەسرىتى كۆپ، ئۆزى ياداڭغۇ.
مەن بۇ دۇنياغا كۈلگىلى كەلگەن،
قارا قىشتا ئاپتاپ ھۇزۇرىنى سۈرگىلى كەلگەن.
توسىمىغىن، ئەركىمگە قوي،
مەن مۇھەببەت پەيزىنى سۈرگىلى كەلگەن.
توختىماس بۇلاقلاردا مېنىڭ ئاھىم بار،
غۇر ــ غۇر شاماللار كۈلپىتىمگە يار.
سەن باسقان يول مېنىڭ يوللىرىم،
ئۇخلا، بىردەم تەشۋىشلەرگە قىلمىغىن دۇچار.
كۆزلەر دىۋانە
لەۋلىرىم چاكۇ چاك، چۆللەر بىپايان،
قەلبىمدە مىڭ بىر ئوت چېچىشىدۇ قان.
ئۈستىمدە جېنىمدەك يەلپۈنەر جەندە،
سۆڭىكىم ھاسىدۇر، تاپان تىتىلغان.
قىزىلگۈل بىر قولدا، يەنە سۇنۇق جام،
يەلكەمدە بىر خۇرجۇن يىرتىلغان تامام.
ئىزىمدىن توزىغان توپىلار چاڭقاق،
كۆزلەر ئۇ دىۋانە، كۆڭۈل بىئارام.
ئالدىمدا يېيىلار جۇنۇن ۋادىسى،
كۆكسىمدە كۆڭۈلنىڭ تەسلىمنامىسى.
باغرىمدا ئېچىرقاش، بەھرىڭگە ماڭدىم،
ئايىما سۈيىڭنى كۆزنىڭ قارىسى.
سۈرەت بىلەن سۆزلىشىش
سۈكۈت ئىچرە كۆز تىكىسەن كۆزۈمگە ئۈنسىز،
يۈرىكىمنى سىيلاپ ئۆتەر مۇڭلۇق بىر سوئال.
دېيەلمىگەن قاي سۆزلىرىڭ بار ئىدى دىلبەر
سېنى مۇنچە غەمگە سېلىپ قىلغۇدەك مالال.
قارچۇقۇڭدا قېتىپ قالغان مىسكىن تەبەسسۇم،
كىرپىكىڭدە سانسىز كېيىك بوزلاپ ياتىدۇ.
نېمانچىلا تۈرۈلگەندۇ سېنىڭ قاشلىرىڭ،
دىلخانەمگە يىرتىق خىيال مىخ بوپ پاتىدۇ.
قاڭشىرىڭدا قارا سايە ياماشقان ئىزلار،
لەۋلىرىڭدە ئۆلگەن گۈلنىڭ قىپقىزىل قېنى.
چاچلىرىڭنى ھەسرەت ھەريان تاراپ تۇرۇپتۇ،
كۈلپەت بىرلە كۆيۈپ ئۆلسۇن دېدىڭمۇ مېنى؟!
كۆزۈڭگە چۆكۈش
نەقەدەر چېكى يوق ئۇزاق كېچە بۇ،
چۆككەنچە چۆل بولار ئىچىمدىكى كۆل.
يارىدار كۈيلەر لىق تىمتاس كوچىدا،
قاتىللىق قىلىشار بىر توپ قىزىلگۈل.
دېڭىزدەك سوزۇلغان ئاپئاق بۇلۇتلار،
تارىتار جاھانغا ئوتلۇق رىۋايەت.
تەبەسسۇم تۆككەندە كەپسىز شاماللار،
يۈرەكنى تىترىتىپ ئۆتەر بىر دەھشەت…
ئىچكىرلەپ چۆككەنچە چىگىلدىم قات – قات،
ئوت كەتكەن قەلبىمدە تۈمەنمىڭ قىقاس.
لەنەتلەر بولسۇن ئاھ ئىككى كۆزۈمگە،
كۆزۈڭگە ئاققانچە ئېقىپ توختىماس.
چاچلار بالاسى
تورۇستىن تۇيغۇمغا ئاقىسەن جىمجىت،
چېھرىڭدە جان ئالار ھېلىقى كۈلكەڭ.
بويسۇنماس چاچلىرىڭ چۈشەر مەڭزىمگە،
ئىچىمدە ھاياجان ئۆرلەپ ئۇرار لەڭ.
تىنىقلار تىنىققا قالار مىنگىشىپ،
قانماستىن قاترايدۇ چېچىڭدا قولۇم.
توساتتىن يامغۇرغا ئايلىنىپ گۈزەل،
چېچىڭغا قانغۇدەك كېلەر چىلاشقۇم…
چېچىڭغا چىلىشىپ يېرىلدىم چاك – چاك،
مەن تامان يۈگۈرۈپ كەلدى باياۋان.
چېچىڭدىن لېۋىڭگە ئاقتىم قىيان بوپ،
كېچىنىڭ باغرىدا چىلىق – چىلىق قان.
ئۆتمۈشتىن كېچىش
غەم بىلەن سارغايغان غېرىب غازاڭلار،
بۇقۇلداپ يىغلايدۇ گۈزەل باھارغا.
يامغۇرلۇق كېچىلەر يېقىپ يۈزىنى،
تۆكۈلەر ئەسلىمە تولغان يوللارغا.
قېنىمدا كۆكلىگەن گۈللەر قۇرىغان،
بىز كەچكەن كېچىكلەر ياتار ۋەيرانە.
مەن كەبى مىسكىندۇر مۇڭلۇق ئورۇندۇق،
سىرداشقان سۆگەتلەر يەنە يىگانە.
بىر زامان قاينىغان باغچىلار بىھۇش،
گۈلزاردا قاغىلار قاقىلداپ قالدى.
ۋاپاسىز دۇنيادىن كەچكىنە كۆڭلۈم،
سۆيگۈگە تەلمۈرۈپ كۆزلىرىم تالدى.
خىيالغا يۈرۈش
ئىسمىڭدىن باشلانغان ئېزىتقۇ خىيال،
كۆزۈڭگە كەلگەندە پەۋەس ئۇلغىيار.
ئوتقاشتەك قىپقىزىل، ئويماقتەك گۈزەل
لېۋىڭدە كۆيۈك تەن قىلدەك تولغىنار.
كۆڭۈلگە كۆنمىگەن قىسمەت مىسالى
قاپقارا چېچىڭدا چاڭقار ھاياجان.
ئاۋازىڭ سەلكىنى سىلكىگەندە دىل،
چېكى يوق چۆل ئارا چايقىلىدۇ جان.
بىلىڭگە چىرماشقان بىلەكلەردە ئوت…
ھەر ئالغان قەدەمدە يىرتىلار ئاسمان…
دەرىخا، داۋاملىق قىلسام تەسەۋۋۇر
كۆرۈنمەس كۈلكەڭدە بولارمەن گۈلخان.
ئىشىكنى چەكمىگىن، ئېزىپ كېتىمەن
يولىمىز بەك يىراق، ئارىمىز يېقىن،
بۇ يولدا ياتقىنى بىر ئېغىزلا سۆز.
دېمەيمەن… دېمەيسەن…
تەشۋىش… ھاياجان…
قورقۇنچ، تەلمۈرۈش ئارا قارا كۆز…
زارىققان خىيالىم ساڭا ئۈنلەيدۇ،
مەي بولغان جاراھەت سۆزۈڭگە خۇمار.
بىلىڭگە باغلىنار خىيالەن قولۇم،
ئۆتۈنەي باغرىڭنى ئاچقىنە ئەي يار…
سۆي، لەۋلەر قانىسۇن، ئۇنتۇپ كېتەيلى
سۈيى يوق جەزىرە ــ قاقشال جاھاننى.
سۆي كۆڭۈل كۈلگىدەك، دوغا تىكەيلى
ئوت كەتكەن بۇ جاننى، ئوتسىز جاناننى…
ياق… خاتا سۆزلىدىم، سۆيۈلسەم بولماس،
ھەم سۆيۈپ قالساممۇ بولمايدۇ سېنى.
سەن ماڭا، مەن ساڭا تەۋە ئەمەس بىز،
چېكىلسە بولماس ئاھ كۆڭۈل قورغىنى…
سۈكۈت ــ ئۇ بىر گۈلدۇر، بىزلەردۇر بەرگى،
سۈكۈتنى بۇزساقلا توزۇيمىز جەزمەن…
ئىشىكنى چەكمىگىن… ئازما… ئېزىقماي…
سۆزلىسەڭ سۆزىڭدە سۇنۇپ كېتىمەن.
سېنى كۈيلەيمەن
ئازسا ئازسۇن چۆلدە ئاۋازىم،
شاماللارغا سېنى سۆزلەيمەن.
تامسا تامسۇن بەرگىڭگە جېنىم،
بۇلبۇلىڭمەن، سېنى كۈيلەيمەن.
دەريالارغا يىغلىسۇن تاغلار،
مەيلى يىرتسۇن باغرىنى بۇلۇت،
خەنجەر ئۇرسۇن ئۆزىگە باغلار،
لەنەت ئېيتسۇن ئۈستىمدىن ئەل - يۇرت،
پەرۋايىم نە... سېنى كۈيلەيمەن.
كىم بىلىپتۇ كىمنىڭ دەردىنى،
كىم قىلىپتۇ سۆيگۈ قەدرىنى،
كىم سۆيۈپتۇ سېنىڭدەك مېنى،
كۆپلەر كۆيگەن، ئېھ ئەمدى قېنى؟…
سېنى كۈيلەيمەن، سېنى كۈيلەيمەن.
كەچمىشلەرگە تولغان شەھەرلەر،
رىۋايەتكە ئايلانغان سەھرا،
پۇلغا غەرىق توپ - توپ قەلەندەر،
بىر ئۆيدىكى ناتۇنۇش ھەمراھ،
«سۆيۈش» نېمە سەندىن ئۆگەنسۇن،
يەتتە ئىقلىم ھۆرلىرى ھەتتا…
كۆڭلى ئاپپاق، ئەي كۆزى قارا،
سېنى كۈيلەيمەن، سېنى كۈيلەيمەن.
ئال دۇنيا، بارىڭنى ئالىقىنىمدىن ئال
مۇھەببەت ھەققىدە ماڭا سۆزلىمە
ئەي كۆرەڭ ئادەملەر، كۆڭلۈم پەرىشان.
تۇرمۇشنىڭ تەشۋىشى توزۇتتى كۆپنى،
نەقەدەر بىقوۋۇل بەزىدە ئىنسان.
مەسخىرلىك كۈلمىگىن كېتىمەن دۇنيا،
باغرىمغا دەسسىسەڭ دەسسەۋەر يوللار.
پىچاقتەك پېتىۋەر مەيلى مۇھتاجلىق،
سىقىۋەر گېلىمدىن قاتمۇ - قات قوللار…
«روھى باي ــ باي بولۇر» دېيىشتى، بىراق
كىم كۆردى يۈرەكتە قالغان يارىنى!؟
ئال ھايات، بارىڭنى ئالىقىنىمدىن ئال،
قەددىمنى پۈكەرگە قالسۇن قالغىنى!
تۇيغۇغا ئالدىنىش
پىچىرلاپ سۆزلەيمەن ساڭا سىرىمنى،
كۆزلىرىم كۆزىڭگە باغلىنىپ قاتقان.
چېچىڭدا چاپىمەن ئېقىندەك شىر-شىر،
چاڭقىغان لەۋلەردە لىغىرلايدۇ قان.
قاقشالدەك قولۇمدا قولۇڭنى دىلبەر،
تويماستىن سىيلايمەن تەكرار ئېھ تەكرار.
بېلىڭگە چىرمىشىپ كەتتىم بوغۇلۇپ…
سوغۇق تام تىنىدە بارماق بوقۇلدار.
ئالدانغان تۇيغۇمدا چېقىلدىم چۇل-چۇل،
قاغجىراق چۆللەردە چىڭقالغان ھەسرەت.
يارىدار باغرىمدا يىغلايدۇ بۇلبۇل،
بۇلبۇلنىڭ باغرىدا ئېيتقۇسىز كۈلپەت.
كەل كېچەم…
مەن يەنە ئۆزۈمگە يېقىۋالدىم ئوت،
كەل كېچەم يارامغا ياغدۇر مېھرىڭنى.
كۈندۈزلەر ئاشىققا ئارام بېرەلمەس،
لېۋىڭدە سۇ بولۇپ ئۇنتاي بارچىنى.
ھەسرەتكە لىق تولغان كۆڭلۈم دىۋانە،
كەل كېچەم،ئەڭ گۈزەل خىياللارنى بەر.
كۆپ زامان چۆللەرنى كېزىپ چارچىدىم،
باغ بولغىن،يۇلتۇزدەك ياسانسۇن گۈللەر.
مۇھەببەت مەناسى ئېرىشىشلىمۇ!؟
ئال قولغا قەدەھنى كۈلۈپ ئېچەيلى.
باغرىڭغا باش قويۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم،
كەل كېچەم ئەتىگە بىرگە كېتەيلى…
چېچىڭنىڭ قاپقارا ئورمانلىقىدا
يىگانە بىر قۇشسەن قەلبىمگە قونغان،
مېھرىڭدىن تارايدۇ سۆيگۈ دېگەن خەت.
كۆزۈڭنىڭ قارىسى قاق قىلار جاننى،
ئۇنىڭ بىر ئىسمىدۇر چۈنكى مۇھەببەت.
لېۋىڭنىڭ پايانى ماڭا قاراڭغۇ،
چۆللەردەك سوزۇلسام بىھۇشمەن بىھۇش.
قۇرۇلغان قىلتاقتۇر ئىككى زىنىقىڭ،
ئىچىڭگە ئىچكىرلەپ قىيىن قۇتۇلۇش.
چېچىڭنىڭ قاپقارا ئورمىنىدا مەن،
كەپىسى چۇۋۇلغان يارىدار كېيىك.
يا بۇلاق بېشىغا يۈرگەن يولۇچى،
ئارىسى يېقىن، ئېھ يوللىرى ئىتىك…
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-14 19:46