يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 497|ئىنكاس: 14

قاباھەتلىك چۇش مكرو فلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاباھەتلىك چۇش
                                         مكرو فلىم
(مامۇتجان تۇر ئەھمىدىنىڭ» مىنى ئويغاتقان قاباھەتلىك چۇش« ناملىق ھىكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ سىناريەلەشتۇرۇلگەن)
سىنارسىت: رەيھانگۇل مۇتەللىپ
قاتناشقۇچىلار:
1.مامۇتجان،،،،،،،،، ئوقوغۇچى(18ياش)
2.مامۇتجاننىڭ دادىسى،،،،،دىھقان(50ياش)
3.مامۇتجاننىڭ سىڭلىسى،،،،،،، ئوقوغۇچى(12ياش)
4.مامۇتجاننىڭ ئانىسى،،،،،،،،، دىھقان (45ياش)
5.شوپور،،،،،،،،، (40ياش)
6.بارات،،،،،، ئاشخانا خوجايىنى(40ياش)
7.ياسىن،،،،، مامۇتجاننىڭ دوستى(18ياش)8.لۇكچەك ئا لۇكچەك ب ۋە باشقىلار
1.يول ئۇستى، كۇندۇز.
ئكراندا بىر يىگىتنىڭ ئەمدىلا مىڭىشقا تەمشىلۋاتققان ئاپتىبۇسقا چىققان كۆرۇنىشى كۆرۇنىدۇ.
2.ئاپتىبۇس ئىچى،كۇندۇز.
يولوچىلار بىلەن تولغان ئاپتبۇستا بايقى يىگىت ئولتۇرغىنىچە خيال سۇرمەكتە.(ياندىن ئاۋاز)چوڭ شەھەرگە بارسام جان باقالارمەنمۇ؟ بوپتۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىر ئامال قىلارمەن، ھەممسى دادامنىڭ كاساپىتى ئۇ ئۇنداق دىمىگەن بولسا ئۆيدىن چىقىپ كەتمەيتتىم.
3.ئەسلىمە
ئۆي ئىچى، كۇندۇز. مامۇتجاننىڭ سىڭلىسى ئۆيگە خۇشال ھالدا كىرىپ كىلىدۇ ۋە سومكىسىدىن ۋاراقچىنى ئلىپ دادىسىغا بىرىدۇ.
دادىسى: (ۋاراقچىنى كۆرۇپ) ۋاھ، بىراقلا ئۇرۇمچىدىكى تولوقسىز مەكتەپكە ئۆتۇپسەن، يارايسەن قىزىىم ، يارايسەن
مامۇتجانسىڭلىسىنى ماختىغىنىغا رەنجىپ) ئۇرۇمچى دىگەن قانچىلىك يەر؟ مەن كەلگۇسىدە ئىچكىرى ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ شۇ يەردە ياشايمەن، بۇنداق قالاق سەھرادا تۇرمايمەن.
مامۇتجاننىڭ دادىسى: نىمە دەۋاتسەن تۇزكور؟ ئويۇن تاماشا دەپ بىزگە زىيان سالغانلىرىڭنى ئازدەپ ئانا يۇرتۇڭغا ھاقارەت قىلۋاتامسەن؟
مامۇتجان: ھاقارەت قىلىپ قىلماي قانچىلىك يەرتى بۇ؟
دادىسى: ھۇ ئىپلاس!(يۇزىگە تەستەك سالىدۇ)
مامۇتجان: ئەمدى بۇنداق ئۆيدە تۇرماي بولدى،ئۆزۇمنى ئۆزۇم باقاي.( ئانىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ توسقىنغا  قارىماي چىقىپ كىتىدۇ)
دادىسى: كۆزۇمدىن يوقال، ئىككىنجى بۇ ئۆيگە كەلمە!(ئەسلىمە تۇگەيدۇ)
4.ئاپتىبۇس ئىچى، كۇندۇز.
مامۇتجان بىشىنى ئورۇندۇققا قويغىنىچە سىرىتنىڭ گۇزەل مەنزىرسىگە قارىماقتا.
5.يولوچىلار بىكىتى ئالدى، كۇندۇز.
مامۇتجان يولوچىلار بىكتىدىن چقىپ چوڭ يولدا ماڭماقتا.كۆككە تاقاشقان ئگىز بىنالارغا، مەركىزى شەھەرنىڭ گۇزەل مەنزىرسىگە تويماي قارىماقتا. گۇزەل باغچىدا ساياھەت قىلماقتا.
6.ئۇرۇمچى، چۇشتىن كىيىن.
مامۇتجان يانچۇقىدىن ئون يۇەن پۇلنى ئالىدۇ(ياندىن ئاۋاز) يىنىمدا ئازراقلا پۇل قاپتۇ، كەچتە نەدە ياتارمەن؟ بۇ يەردە تونۇشلىرىم بولمىسا كىممۇ ياردەم قىلار؟سىڭلىم بۇيەردە ئوقۇسا ئۆيدىكىلەر تىپىۋىلىشى مۇمكىن، توغرا ياسىنغا تىلفۇن قىلاي بىرەر ئامال كۆرسىتىپ قالار.
مامۇتجانيىنىدىن تىلفۇن ئلىپ تلفۇن قىلىدۇ) ئەسالامۇئەلەيكۇم، مەن مامۇتجان، قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش؟
ياسىن: (تىلفىۇندىكى ئاۋاز) ۋەئەلەيكۇم ئەسالام، تىچلىق ئاداش، تىلفۇن قىپقاپسەنغۇ؟
مامۇتجان: مۇنداق گەپ ،مەن ھازىر ئۇرۇمچىدە ئىدىم، ئىچكرگە بىرىپ ئىشلەي دىگەن سىنى ياردەم قىلارمىكىن دەپ تلفۇن قىلىشىمتى.
ياسىن: (تىلفىۇندىكى ئاۋاز)ۋاقتىدا تىلفۇن قىلپسەن، مەن ھازىر لوبەن بىلەن شىنجنغا قايتماقچى بولوپ تۇرۋاتقان بىز ئايرودىرۇمدا، يىنىمىزغا كىلە.
مامۇتجان: ماقۇل، ھازىرلا يولغا چىقاي.
7.ئايرۇدۇرۇم، چۇشتىن كىيىن.
مامۇتجان ياسىن ۋە ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ يىنىغا كىلىدۇ.
بارات: ھە ئۇكام، سەن مامۇتمۇ؟ مىنىڭ ئىسمىم بارات، ئىچكىرگە نىمىگە كىرمەكچى بولوپ قالدىڭ؟
مامۇتجان: ئىچكىردە ئىشلەپ پۇل تاپاي دەپ،،،،
بارات: ياخشى ئويلاپسەن، ئۇنداقتا يۇر بىلەت ئالايلى.

8.ئكراندا ئايروپلاننىڭ ئۇچقان كۆرۇنىشى كۆرۇنىدۇ.
9.ئايرودۇرۇم ئالدى، كەچ.
مامۇتجان خوجايىنى ۋە ياسىن بىلەن ئايرۇدۇرۇمدىن چىقىشىغا قارا رەڭلىك ئالى ماشىنا ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختايدۇۋەماشىنىدىن ئككى يىگىت چۇشۇپ خجايىنى باراتقا ئىشىكنى ئىچىپ بىرىدۇ. ھەممىسى ماشىنىغا چىقىپ يۇرۇپ كىتىدۇ.
10.ئاشخانا ئىچى، كەچ.
بارات ئاشخاندىكى ئىشچى-خزمەتچىلارگە مامۇتجاننى تونۇشتۇرماقتا.
بارات: بۇياقنىڭ ئىسمى مامۇتجان، يات كۆرمەي ھەمدەم بولوڭلار(مامۇتجانغا قاراپ) ئۇكام سىنىڭ ۋەزىپەڭ ياسىن بىلەن بۇ يەرنىڭ ئامانلقىن ى قوغداش، ھازىر ئارام ئلىپ ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۇش.
11.ياتاق، شۇ ۋاقىت.
مامۇتجان بىلەن ياسىن ياتاققا كىرىدۇ.
ياسىن: (كارۋاتنى كۆرسىتىپ) ئارام ئال.
مامۇتجان: بۇ يەردە قىزلارمۇ ئىشلەيدىكەن ھە؟
ياسىن: ھەئە، ئۇلار شىنجىندىكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار، تەتىللەردە، بۇيەردە ئىشلەيدۇ(سىرىتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۇرۇلدۇ ئككىسى دەرىزىدىن پەسكە قارايدۇ)

12.سىرىت، كىچە.
ساقچىلار بىرقانچە جنايەتچىنى يالاپ ئىلىپ ماڭماقتا.
13.مامۇتجان: ئۇلار نىمە جنايەت ئۆتكۇزگەندۇر؟
ياسىن: زەھەر ساتققان ئەتكەسچىلەر ئوخشايدۇ، بۇيەردە پات-پات ئەتكەسچىلەرنى، يانچۇقچى باللارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئىشلار خللا كۆپ
مامۇتجان : بۇ يەردە ئەسكى ئادەملەر كۆپكەندە؟
ياسىن: باراتكامدەك ياخشىلارمۇ كۆپقۇ.
14.مامۇتجان ئامانلىق قوغداش فورمىسىنى كەيگنىچە دىققەت بىلەن تۇرماقتا، ئەتراپقا بىچارلىك بىلەن قارىماقتا.
15.ئاشخانا ئىچى، ئەتگەن.
مامۇتجان ھارغىن قىياپەتتە ئەتراپقا قارىماقتا(ياندىن ئاۋاز) ئاددىي ئىشتەك تۇرغان بىلەن بۇنىڭمۇ جاپاسى باركەن،يۇرتۇمدەك تىنىچ-خاترجەم يەر ئەمەسكەن، بىرەرسىنىڭ سودىسى يۇرۇشىپ كەتسە ئوچۇق ئاشكارا خردار تالىشۋاتقان، ھەي،،،،،،
ياسىن: كەلگىنىڭگىمۇ بىر ئاي بولوپ قالدى، قانداق كۆنەلدىڭمۇ؟
مامۇتجانئىغزىنىڭ ئۇچىدا) ھەئە(ئاشخانا ئالددىغا بىرقانچە قارا ماشىنا توختاپ قارا كىيىم كەيگەن قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر قانچە ئادەم ماشىنىدىن چۇشىدۇ)

16.ئاشخانا ئىچى، شۇۋاقىت.
قارا كىيىملكلەر ئاشخانا زالدىكى ئۇستەلدە ئولتۇرماقتا، بەزلىرى كۇتكۇچى قىزلارغا شەھۋەت نەزرى بىلەن قارىماقتا.كۇتكۇچى قىزلاردىن بىرى تاماق تىزملكىنى مەلۇم بىرگە تەڭلىشىگە ئۇ تاماق تىزىملكىنى ئالغان بولوپ قىزنىڭ قولىنى تۇتىدۇ. قىز قولىنى تارتىۋىلىشىغا تىزىملىك يەرگە چۇشۇپ كىتىدۇ.
لۇكچەك ئا:ئاناڭنى، ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلۋاتامسەن؟(كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى چاقنايدۇ) ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىڭ ئۇچۇن بىزگە ھاراق قۇيۇپ برىسەن.
لۇكچەك ب: توغرا، يەنە تىخى ھاراق ئىچىشىپ بىرىدۇ.
لۇكچەكلەربىر ئىغىزدىن) ھاراق ئىچىشىپ بەرسۇن!
17.ئاشخانا ئىچى، شۇۋاقىت.
باراتمەلۇم ئايرىمخاندىن چىقىپ) نىمە ئىش بولدى؟
ياسىن باراتنىڭ قۇلقغا پىچرلايدۇ)
بارات: بىلدىم، دەرھال ھاراق ئەكىر(لۇكچەكلەرگە قاراپ) بۇلار بىلمەي كۆڭلۇڭلارنى رەنجتىپ قويۇپتۇ، سىلەرنى مھمان قىلاي رەنجمەڭلار
مامۇتجان: رەنجتكىنى ئۇلار تۇرسا
بارات: ئۇلار شىنجىندىكى قارا گورۇھنىڭ لۇكچەكلىرى  قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ چىشغا تەگمە.
18.ئاشخانا ئىچى، شۇۋاقىت.
ئكراندا ئاشخاندىكى ئىشچى-خزمەتچىلەرنىڭ غەزپلىك كۆزلىرى كۆرۇنىدۇ.
بارات: (خۇشامەت بىلەن) ئۇ ھاراق ئىچەلمەيدۇ، مەن سىلەرگە ھاراق ئىچەلەيدىغان چەتئەللىك قىزلاردىن ئەكەلدۇرەي.
لۇكچەك ئا: قۇرۇق گىپىڭنى قوي، ھاراق ئىچىشىپ بىرىدۇ، يەنە بىزگە ئۇسۇل ئويناپمۇ بىرىدۇ( لۇكچەكلەر خرقراپ سەت كۇلشىدۇ)
مامۇتجان: ئەبلەخ، قىزلارنى نىمە كۆرۇشۋاتىسەن؟
لۇكچەك ئا: ئاناڭنى، ماڭا گەپ ياندۇرۋاتامسەن؟( يەنە بىر كۇتكۇچى قىزنى كۆرسىتىپ) ئۇمۇ بۇ قىز بىلەن تەڭ ھاراق ئىچشىپ بىرىدۇ، سەن ئىت ئايغىمنى يالايسەن.
مامۇتجان: ( لۇكچەكنىڭ ياقىسىغا ئىسىلىپ) نىمە دىدىڭ ئپلاس! ( لۇكچەك يىنىدىن تاپانچا چقرپ مامۇتجاننىڭ چىكىسگە تەڭلەيدۇ)
19.ئاشخانا ئىچى، شۇ ۋاقىت.
بارات: گەپ بولسا چىرايلىق دىيىشەيلى، ئاشخانغا ئادەم كىرىشى مۇمكىن.
لۇكچەك ئا: ( سەل قورقۇپ) بولدى ھاراق ئىچمەيمىز، بىراق بۇنى بوش قويۋەتمەيمىز، دەسسەڭلار!
20.ئاشخانا ئىچى،شۇۋاقىت.
لۇكچەكلەر مامۇتجاننى دەسىمەكتە. دوستىنىڭ تاياق يىيىشىگە چىدىمىغان ياسىن دەسەۋاتقانلارنىڭ بىرىنى كالتەك بىلەن ئۇرىدۇ. بۇنى كۆرگەن بىر لۇكچەك يىنىدىن تاپانچا چىقىرپ بىر پاي ئوق بىلەنلا ياسىننى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرۋىتىدۇ.
بارات: ئەمدى چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىلىشايلى!
21.ئاشخانا ئىچى.
ئىشلەمچى باللار قارا گورۇھنىڭ لۇكچەكلىرى بىلەن ئلىشماقتا، ئاشخانا ئىچى قان يۇقى بىلەن تولماقتا. ئىچىنىشلىق ئاۋازلار ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى ئەزمەكتە.»ساقچى كەلدى« دىگەن ئاۋاز بىلەن لۇكچەكلەر قىچىپ كىتىشىدۇ. پۇتۇن بەدىنى قانغا بويالغان مامۇتجان گۇپپىدە يەرگە يىقىلدۇ.
22.ئاشخانا ئىچى، شۇ ۋاقىت.
مامۇتجاننىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۇلمەكتە.(ياندىن ئاۋاز) ئىسىت، نىمىشقىمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىمەن.
بارات: ئۇكام ، ئورنىڭدىن تۇر سىنى دوختۇرخانغا ئاپراي، ئورنىڭدىن تۇر.
23.ئاپتبۇس ئىچى، كۇندۇز.
شوپور: ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، ئۇكام ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ
مامۇتجان: ( كۆزىنى تەستە ئىچىپ ئەتراپقا قاراپ ئۇھسىندۇ)
شوپور:بىكەتكە كەلدۇق، قارا باستىمۇ كۇپكۇندۇزدە جۆيلۇپ يىغلاۋاتىسىز.

24.بىكەت ئالدى، شۇ ۋاقىت.
مامۇتجان خۇشال ھالدا ئەتراپقا قارىماقتا( ياندىن ئاۋاز) شۇكرى، تەلەيلككەنمەن، مەن تىخى ئادەملىرى مىھماندوست ، ئاقكۆڭۇل، بىر-بىرىگە يامانلىق ئويلىمايدىغان ئانا يۇرتۇمدىكەنمەن، ئۇ ناتونوش شەھەردىن بۇ ئەزىزانە يۇرتۇم ئەۋزەلكەن، توغرا ئۆيگە قايتاي.
25. يىزا، ئۆينىڭ ئالدى، كۇندۇز.
مامۇتجان ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغان ئانىسىغا »ئانا« دەپ ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئانا-بالا قۇچاقلىشىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھانگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-20 21:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-21 12:02:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاپانچا؟؟ ھازىر تاپانچىنى ئوچۇق ئاشكارە كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان قارا جەمىيەت ئادەملىرى بارمۇ؟؟ بۇ تەرەپنى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىكمۇ قانداق ؟؟؟؟

ۋاقتى: 2015-4-21 12:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 12:02
تاپانچا؟؟ ھازىر تاپانچىنى ئوچۇق ئاشكارە كۆتۈرۈپ يۈرىد ...


ئەسەرنى  تولۇق چۈشۈنۈپ ئوقۇشمۇ بىر  ماھارەت. تەسۋىرلەنگەن ئەشۇ زامان -ماكاندا تاپانچىنىڭ بولىشى نورمال ئەھۋال.
ئاپتورغا؛
ئىملا ۋە باشقا كىچىك يىتەرسىزلىكلەرنى قويۇپ تۇرلى. ھەر ھالدا تىرىشىپسىز.مەن تېخى سىزنى مىكرو فىلىم ئىشلەپ بىراقلا كىرەمدكىن دەپتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-21 12:30  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-21 14:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-4-21 12:30
ئەسەرنى  تولۇق چۈشۈنۈپ ئوقۇشمۇ بىر  ماھارەت. تەسۋىرلە ...

ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس يىزىپسىز رەھمەت ئاكا، ھازىرچە قەلەم پىشۇرۇپ تۇراري كىيىنچە تەلىيىم بولسا كىنو ئىشلەرمەن ھازىر يىزىش شارائىتىملا بار.

ۋاقتى: 2015-4-21 20:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           رەيھانگۇل سىڭلىم : مەن ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنى چىن يۇرۇكۇمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدن


    موبارەكلەيمەن !

    كىنو ۋە تېلىۋېزىيە تىياتىرى يېزىش، بولۇپمۇ بولەكلەرگە ئايرىش، ۋەقەلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، بايان قىلىش، مونولۇگلارنى جايىدا قوللۇنۇش، زىددىيەتلەرنى ئوتكۇرلەشتۇرۇش، فىلمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇنچىلا ئاسان ئىش ئەمەس،  بۇنىڭ ھەممىسى سىنارىستىن نۇرغۇن بىلىم ،ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ،مەن سىزدەك بىز قىزنىڭ
سىنارىيە يېزىشقا جۇرئەت قىلغانلىقىدن خۇشال بولدۇم، سىز يازغان بۇ سىنارىيىنى ئوقۇپ

كورۇپ سىزدە ئۇمۇت بارلىقىنى ھىس قىلدىم، سىنارىيە ئجادىيتي سىزنىڭ ئوزگىچە ئىجادىيەت يولىڭىز بولسۇن، مەن سىزنى قوللايمەن! خالىسىڭىز پىكىرلىشىپ تۇرساق
بولىدۇ سىڭلىم !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-24 13:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتەرسىزلكلەر بولسا كۆڭۇل ئايىماستىن ئىيتىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-4-24 14:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەيھانگۈل ئۇكام. تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن. توختىماي يېزىپ تۇرۇڭ. ئەمدى سېنارىيە توغرىسىدا سىزگە دەيدىغان ئازراق گېپىم بار.
بىرىنچى: مامۇتجاننىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىش سەۋەبى بەكلا ئاددىي. مېنىڭچە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھېچقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنى : «ئانا يۇرتۇڭغا ھاقارەت كەلتۈردۈڭ،» دەپلا كۆزۈمدىن يوقال دېمەيدۇ. ئەگەر ئۆگەي بولسا مۈمكىن بولارمىدىكىن.
ئىككىنچى: گەرچە مامۇتجاننىڭ چۈشى بولسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئەتراپىڭىزدىكى ئۆزىڭىزگە تونۇش مۇھىتتىكى ئاددىي ۋەقەلەرنى يېزىڭ. زىددىيەت-توقۇنۇشلار بەكلا يۈزەكىي.
ئاخىرىدا سىزگە ئاكىلىق سالاھىيىتىم بىلەن قاتتىقراق قىلىپ ئېيتسام : سىز بىر مەزگىل ياخشى يېزىلغان سېنارىيەلەر توپلاملىرىنى تېپىپ ئوقۇڭ. تۇرمۇش كۈزىتىڭ.
قاتتىق گەپ قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاخچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 14:27  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-24 14:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-4-24 14:21
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەيھانگۈل ئۇكام. تىرىشچانلىقىڭىزغ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسالام، رەھمەت ئاكا. بۇ ھىكايىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يىزىلغان سىناريە ئىدى. مامۇتجاننىڭ ھاقارەت قىلىپ قىلماي قانچىلىك يەرتى بۇ دىگىندە دادىسى ئاچىقىغا پايلىماي ئۇرۇپ سالىدۇ. مامۇتجان ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كىتىمەن دەيدۇ دادىسى يەنىلا سەپرالىق قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتسەڭ كىرگۇچى بولما دەيدۇ .
مەن بۇيەرنى چالا يىزىپ قاپتىمەن.ھىكايدىكى چۇش، ئەمليەتتە رىئاللقتا مەۋجۇت دەپ قاراپ  ھازىر جەميىتىمىزدە مامۇتجاندەك يوقلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ چوڭ شەھەرلەردە يۇردىغانلار خلىلا كۆپيىپ قالدى.شۇلارغا تەربىيە بولوپ قالار دىگەن نىيەتتە تەربىيۋى ئەھمىيتى بار دەپ قاراپ سىناريەلەشتۇرۇپتىكەنمەن.سىز ئىيتقاندەك كۆپرەك ئۇگنەي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھانگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 17:40  


ۋاقتى: 2015-4-30 19:44:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە بەركەت يار بولغاي .

ۋاقتى: 2015-4-30 22:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن! ناھايىتى تىز ئىلگىرلەۋاتىسىز! بۇ مىكرو فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپسىز! سىزگە مۇۋاپىقىيەت ۋە غەيرەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-4-30 22:48:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىلاردىكى ھېكايىلەرنى سىنارىيەلەشتۈرۈپ ماڭسىڭىز ئاخىرىدا ئۆزىڭىز تىما تاللاپ مۇستەقىل يازالايدىغان بولىسىز! ھەتتا چوڭ تىپتىكى كىنوسىنارىيەسى ۋە تېلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ سىنارىيەسىنىمۇ مۇۋاپىقيەتلىك يازالايسىز! مۇبارەكلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-5-1 00:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تىرىشچانلىق روھىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، تېما تاللاشتىمۇ خېلى كۈچەۋاتىسىز، ئۇنداق-مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بارا-بارا ئوڭشاپ كېتەلەيدىغاندەك تۇرىسىز، بوشاشماڭ. يەنە كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئارتۇقچە دەپ قارىماڭ ھەم بېسىممۇ قىلىۋالماڭ. كومۇدىيەلىك تۈسنىڭ قويۇق بولۇشى ئىتوتلارغا قويۇلىدىغان ئورتاق تەلەپ، كومۇدىيە بىلەن تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە كەلسەك بۇرۇنقى ئىتوتلىرىڭىزغا قارىغاندا ئىلگىرلەش كۆپ. ئۆگىنىش بىلەن قوشۇپ داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز  سىزدىن خېلى نەتىجە چىققۇدەك.

ۋاقتى: 2015-5-1 00:02:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ساھەگە شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغانكەنسىز، تەييارلىقىڭىزنىڭ پۇختىلىقىدىن گۇمانلانمايمەن، ھەم ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا ئىشىنىمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-1 12:52:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان قادىر يوللىغان ۋاقتى  2015-4-30 22:46
يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن! ناھايىتى  ...

رەھمەت ئاكا، سىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىز ماڭا مەدەت بولدى .مۇۋەپىقيەت قازنىشتا يەنىلا سىز ۋە سىزگە ئوخشاش يازغۇچى، ئۇستازلارنىڭ تەلىمىگە مۇھتاج بولىمەن، كەمچىلىك بولسا كۆڭۇل ئايىماستىن ئىيتڭ. راس ئاكا، يىقىندىن بىرى ئالدىراشقۇ؟ ئەسەرلىڭىزگە تەشنامەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-1 13:05:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-5-1 00:02
بۇ ساھەگە شۇنچىلىك ئىشتىياق باغلىغانكەنسىز، تەييارلى ...

رەھمەت ئاكا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش