ياش شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان1981-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزاجاي كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئۆز يېزسىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1997-يىلدىن2000-يىلىغىچە يېڭسار ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2000-يىلىدىن2002-يىلىغىچە قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىدە خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىدا قوش تىل ماتىماتېكا كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان.ياش شائىر ئابدۇرېھىم ئابدۇراخماننىڭ ئەدەبى-ئىجادىيتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپ باشلانغان بولۇپ، قەشقەر گېزتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋەتەن سۆيگۈسى»ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم گېزىت-ژورناللاردا 100پارچىغا يېقىن شېئىر، نەسىر قاتارلىق ئەدەبى-ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.2005-يىلى3-ئايدا ئۆز يۇرتى توپلۇق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان. ھازىر توپلۇق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرىت ئەدەبى-ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان 2015-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەشپى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-9 11:18